ئىسلام سوئال جاۋاپ تورىغا ئىئانە چاقىرىقى

ئىسلام سوئال جاۋاپ تورىنىڭ تەرەققىياتى، شۇنداقلا مۇسۇلمانلارنىڭ خىزمىتىنى داۋاملاشتۇرىلىشى ئۈچۈن –ئىسلام سوئال جاۋاپ سەھىپىسىگە ئىئانە قىلىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمىز.

پايپاقنى سېلىۋىتىش بىلەن تاھارەت سۇنامدۇ؟

05-10-2019

سۇئال 26343

ئىنسان تاھارەت ئىلىپ پايپاققا مەسىھ قىلسا، مەسىھ قىلغان مۇددەتتە ناماز ئوقۇشتىن ئىلگىرى پايپاقنى سېلىۋىتىپ ناماز ئوقۇغان بولسا، ئۇ كىشىنىڭ ئوقۇغان نامىزى توغرا بولامدۇ ياكى پايپاقنى سېلىۋىتىش بىلەن تاھارىتى بۇزۇلامدۇ؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھقا خاستۇر. پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئۇنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى ۋە ساھابىلىرىغا ئاللاھ تائالانىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

     ئىلىم ئەھلىلىرىنىڭ توغرا قارىشىدا ئۆتۈك ياكى پايپاقنى تاھارەت ئىلىپ مەسھى قىلىپ بولغاندىن كېيىن سېلىۋەتسە ئۇ كىشىنىڭ تاھارىتى بۇزۇلمايدۇ، ئۇنداق بولىشى: ئۇ كىشى ئۆتۈككە ياكى پايپاققا مەسھى قىلغاندا شەرئى دەلىللەرنىڭ تەقەززاسى بىلەن تاھارەتنى تولۇق ئالغان بولدى، ئەگەر ئۇنى سېلىۋەتسە، شەرئى دەلىلنىڭ تەقەززاسى بىلەن بىكىتىلگەن تاھارەت بۇزۇلمايدۇ پەقەت شۇنىڭغا ئوخشاش شەرئى دەلىللەرنىڭ تەقەززاسى بىلەن بۇزىلىدۇ، مەسھى قىلىپ كەيگەن ئۆتۈك ياكى پايپاقنى سېلىۋەتسە تاھارەت بۇزىلىدۇ دەيدىغانغا ھېچ دەلىل يوق، شۇنىڭغا ئاساسەن ئۇ كىشىنىڭ تاھارىتى بار بولىدۇ. بۇ شەيخۇل ئىسلام ئىبنى تەيمىيە ۋە بىر بۆلۈك ئۆلىمالارنىڭ تاللىشىدۇر. لېكىن شۇنىڭدىن كېيىن ئۆتۈكنى قايتىدىن كەيگەن ۋە تاھارىتى بۇزۇلغان بولسا، ئاندىن تاھارەت ئالغاندا قايتىدىن ئۇنىڭغا مەسھى قىلىش توغرا بولمايدۇ، چۈنكى بۇنىڭغا مەسھى قىلىش ئۈچۈن پۇتىنى يۇيۇپ تولۇق تاھارەت ئالغاندىن كېيىن مەسھى قىلىشى كېرەك بولىدۇ. ئىلىم ئەھلىلىرىنىڭ سۆزلىرىدىن بىلگەنلىرىم شۇنىڭدىن ئىبارەتتۇر.

    ئاللاھ تائالا ھەممىدىن ياخشى بىلگۈچىدۇر.

ئاياغ كىيىمگە مەسھى قىلىش
« ئىسلام سۇئال جاۋاپ تورى » دىن كۆرۈش