ئىسلام سوئال جاۋاپ تورىغا ئىئانە چاقىرىقى

ئىسلام سوئال جاۋاپ تورىنىڭ تەرەققىياتى، شۇنداقلا مۇسۇلمانلارنىڭ خىزمىتىنى داۋاملاشتۇرىلىشى ئۈچۈن –ئىسلام سوئال جاۋاپ سەھىپىسىگە ئىئانە قىلىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمىز.

ئېمىۋاتقان بالىسىدىن ئەنسىرەپ روزا تۇتماسلىق توغرىسىدا

31-07-2012

سۇئال 3711

بىر ئايال رامىزاندا تۇغۇپ، ئېمىۋاتقان بوۋاقتىن ئەنسىرەپ رامىزاندىن كېيىن پەرز روزىنىڭ قازاسىنى قىلماي تۇرۇپ، شۇ ئارىدا يېڭىدىن ھامىلدار بولۇپ، كېلەر يىلى رامىزاندا يەنە بىرنى تۇغقان بولسا، بۇ ئايال رامىزاندا تۇتالمىغان روزىسى ئۈچۈن كاپارەت بەرسە توغرا بولامدۇ؟ بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھقا خاستۇر.

بۇ ئايال گەرچە ئىككىنچى رامىزاندىن كېيىن بولسىمۇ تۇتالمىغان رامىزان روزىسىنىڭ قازاسىنى قىلىشى كېرەك. چۈنكى ئۇ ئايال ئەۋۋەلقى ۋە كېيىنكى رامىزان ئارىسىدائۆزۈرلۈك بولغانلىقى ئۈچۈن رامىزان روزىسىنىڭ قازاسىنى قىلالمىدى. مەزكۇر ئايال بالا ئېمىتىۋاتقانلىقى ئۈچۈن رامىزاننىڭ قازا روزىسىنى قىش كۈنلىرى كۈن ئاتلاپ تۇتسا بەلكىم قېيىن بولماس. ئاللاھ تائالا ئۇنىڭغا رامىزان روزىسىنىڭ قازاسىنى قىلىشى ئۈچۈن كۈچ-قۇۋۋەت بەرسۇن. بىرىنچى رامىزاندىن كېيىن قازاسىنى قىلالمىغان بولسا، ئىككىنچى رامىزاندىن كېيىن قازاسىنى قىلسىمۇ بولىدۇ. شەيخ ئىبنى ئۇسەيمىين پەتىۋالار توپلىمى.

ئۈزۈرلۈك كىشىلەرنىڭ روزىسى
« ئىسلام سۇئال جاۋاپ تورى » دىن كۆرۈش