ئىسلام سوئال جاۋاپ تورىغا ئىئانە چاقىرىقى

ئىسلام سوئال جاۋاپ تورىنىڭ تەرەققىياتى، شۇنداقلا مۇسۇلمانلارنىڭ خىزمىتىنى داۋاملاشتۇرىلىشى ئۈچۈن –ئىسلام سوئال جاۋاپ سەھىپىسىگە ئىئانە قىلىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمىز.

شەئبان ئېيىنىڭ ئاخىرقى كۈنىدە مۇناجات ئوقۇش بىلەن يېمەكلىككە توپلىشىش توغرىسىدا

24-04-2019

سۇئال 7051

بەزى ئائىلىلەر شەبان ئېيىنىڭ ئاخىرقى كېچىسىدە يېمەكلىكلەرنى ھازىر قىلىپ بىر جايغا توپلىشىدۇ، ئۇلارنىڭ ئارىسىدا ياشانغان كىشىلەرمۇ بار، ئۇلار بۇ مۇناسىۋەت بىلەن پەس ئاۋازدا مۇناجاتلارنى ئوقۇيدۇ، بۇ شەكىلدە توپلىشىپ يېمەك يېيىشنىڭ ھۆكمى قانداق بولىدۇ؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھقا خاستۇر. پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئۇنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى ۋە ساھابىلىرىغا ئاللاھ تائالانىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

    بۇ سوئالنى ھۆرمەتلىك ئۇستاز شەيخ مۇھەممەد سالىھ ئۈسەيمىن رەھمەھۇللاھغا سۇنساق، شەيخ جاۋاپ بېرىپ مۇنداق دېگەن: "مېنىڭ قارىشمچە بۇنداق قىلىش بىدئەتكە يېقىن ۋە يولغا قويۇشتن چەكلەش كېرەك بولغان ئىشلارنىڭ جۈملىسىدىندۇر. چۈنكى چەكلىمىگەندە كىشىلەر بۇنى ئادەت قىلىۋالىدۇ، ئەگەر بىرەر قېتىم شۇنداق بولۇپ قالغان بولسا بۇ شۇ ۋاقىتقا توغرا كېلىپ قاپتۇ دېيىش كېرەك ئىدى، ئەمما ھەر يىلدا شۇنداق قىلىش توغرا بولمايدۇ. توغرا بولغىنى بۇنداق شەكىلدە توپلىشىشىنى توغرا بولمايدۇ دەپ قارايمىز.

ئاللاھ تائالا ھەممىدىن ياخشى بىلگۈچىدۇر.

بىدئەتچىلىك
« ئىسلام سۇئال جاۋاپ تورى » دىن كۆرۈش