جۈمە 19 رامىزان 1445 - 29 مارت 2024
Uygur

تەبىئىي مۆجىزىلەر ھەققىدە

102056

تارقاتقان ۋاقىت : 22-08-2010

كۆرگۈچىلەر : 6543

سۇئال

ھازىرقى كۈنلەردە ئېنتېرنېت بېكەتلىرىدە سەھرالاردىن فۇنتاننىڭ ئېتىلىپ چىققانلىقى، ئاللاھ ئىسمىنىڭ ئۆچكىنىڭ تېرىسىگە يېزىلىپ قالغانلىقى، بۇلۇتنىڭ ئاللاھئىسمىنى سىزغان شەكىلدە كۆرۈنگەنلىكى، بىر قىزنىڭ ھايۋانغا ئۆزگىرىپ قالغانلىقى قاتارلىق ھەر خىل تەبىئەت مۆجىزىلىرى دەپ ئاتالغان ئالامەتلەر تارقىتىلماقتا. بۇلارنىڭ ھۆكمى نېمە؟

جاۋاپنىڭ تىكىستى

ئاللاھنىڭ تەبىئەتتىكى مۆجىزىلىرى كۆپتۇر. ھەر بىر نەرسە ئاللاھنىڭ كاتتىلىقىنى نامايان قىلىپ تۇرماقتا ۋە ئاللاھنىڭ بىرلىكىنى لىسانى ھالى بىلەن سۆزلىمەكتە. ھا، مىم. (بۇ) كىتاب غالىب، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچى اللە تەرىپىدىن نازىل قىلىنغاندۇر. ئاسمانلاردا ۋە زېمىندا مۆمىنلەر ئۈچۈن (اللەنىڭ قۇدرىتىنى كۆرسىتىدىغان) ھەقىقەتەن نۇرغۇن دەلىللەر بار. سىلەرنىڭ يارىتىلىشىڭلاردا ۋە (اللە زېمىندا) تارقىتىۋەتكەن جانىۋارلاردا (اللەنىڭ قۇدرىتىگە) جەزمەن ئىشىنىدىغان قەۋم ئۈچۈن نۇرغۇن دەلىللەر بار. كېچە بىلەن كۈندۈزنىڭ نۆۋەتلىشىپ تۇرۇشىدا، اللەنىڭ بۇلۇتتىن (كۆكتىن) يامغۇر ياغدۇرۇپ ئۇنىڭ بىلەن رىزىقلەندۈرۈپ ئۆلگەن زېمىننى تىرىلدۈرۈشىدە ۋە شاماللارنىڭ يۈزلىنىشىنى ئۆزگەرتىپ تۇرۇشىدا، چۈشىنىدىغان قەۋم ئۈچۈن (اللەنىڭ بىرلىكىنى كۆرسىتىدىغان) نۇرغۇن دەلىللەر بار. ئەنە شۇلار اللەنىڭ ئايەتلىرىدۇر. (ئى مۇھەممەد!) ئۇنى ساڭا ھەقلىق بىلەن تىلاۋەت قىلىپ بېرىمىز. ئۇلار (يەنى مەككە كۇففارلىرى) اللەنى ۋە ئۇنىڭ ئايەتلىرىنى قويۇپ قايسى سۆزگە ئىشىنىدۇ؟(جاسىيە سۈرىسى-6-1ئايەتلەر).
قۇرئاننىڭ كۆپلىگەن ئايەتلىرىدە كىشىلەرنى تەپەككۇر قىلىش ۋە ئەقىل ئىشلىتىشكە چاقىرغان نىدالار ئىنتايىن كۆپ كەلگەن. بۇ ئاللاھنىڭ بارلىقى ۋە بىرلىكىگە بولغان ئىماننى كۈچەيتىش ئۈچۈن ئىدى. ئاسمان، زېمىن، تاغ، كۈن، ئاي، ھايۋانلار، يامغۇر ۋە باشقىلارنىڭ ھەممىسىنى ئىنسانلار كۆزلىرى بىلەن كۆرۈپ تۇرىدۇ. ھەر ئىنسان بۇلارنىڭ ياراتقان ئاللاھنىڭ ئۇلۇغلىقىغا، كامالىتىگە دالالەت قىلىدىغانلىقىنى ئىدراك قىلىدۇ. گەرچە بەزى مۆجىزىلەرنى، ھەقىقەتلەرنى ۋە سىر - ئەسرارلارنى بىلىش ئالىملارغا خاس بولسىمۇ، ئاۋام خەلققە نىسبەتەنمۇ مەلۇم مەسىلىلەردۇر. ھەركىم ئۆزىنىڭ قۇدرىتىگە لايىق ئىدراك قىلالايدۇ.
ئەمدى ھازىر ئېنتېر تورلىرىدا تەبىئەت مۆجىزىلىرى نامى بىلەن تارقىلىۋاتقانلارغا كەلسەك، ئاللاھ تائالا ھەممىگە قادىر بولغاچقا دۇنيادا ھەرخىل مۆجىزىلەر ئاشكارا بولۇپ تۇرىدۇ. ئاللاھنىڭ ئىسمى ئۆچكىنىڭ تېرىسىگە يېزىلىپ قالغانلىقىمۇ ئاللاھنىڭ قۇدرىتى بىلەن ئەمەلگە ئاشقان ئىش. سۈرىتى ھايۋانغا ئۆزگىرىپ قېلىشمۇ بولىدىغان ئىش. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىر كۈنى: بۇ ئۇممەتتە ئاي تۇتۇلۇش، سۈرىتى مۇددەل بولۇش ۋە تۆھمەت قىلىش بولىدۇدېگەندە، بىرئادەم، يارەسۇلەللاھ! بۇ قاچان بولىدۇ؟ دەپ سورىغاندا، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: ھاراقكەشلىك، پىتنە - پاسات ۋە سازەندىلىك ئەۋج ئالغاندادەپ جاۋاب بەرگەن. ئاللاھنىڭ قۇدرىتى ھەممىگە يېتىدىغانلىقى بىر ھەقىقەتتۇر. شۇنداقتىمۇ ھازىرقى تور بېكەتلىرىدە تارقىلىۋاتقان مۆجىزە دەپ ئىلان قىلىنىۋاتقان نەرسىلەرگە كۆپ ئىشىنىپ كېتىشكە بولمايدۇ. تارقالغان بۇ خەۋەرلەرنىڭ كۆپلىرى كىشىلەر ئىشەنچلىك يەردىن ئالماستىن سورۇنلاردا ئاڭلىغانلىرىدىن سۆزلىگەنلىرىدۇر. مۇسۇلمان ئادەم ئۆزىنىڭ دىنىنىڭ ھەقلىقىنى ئىسپاتلاش ئۈچۈن مۇشۇنداق نەرسىلەرگە مۇھتاجمۇ؟ يارىتىلىش ۋە كائىنات دەلىللىرى ساماندەك تۇرغان يەردە مۇسۇلمانلار بۇ راست يالغىنى بىلىنمىگەن خەۋەرلەرنى تارقىتىش ئارقىلىق دىنىنى ئىسپاتلاشقا ھاجەت بولۇپ قالدىمۇ؟ ياق. مۇنداق خەۋەرلەرگە قىلىدىغان مۇئامىلىمىز، تەستىقمۇ قىلماسلىق ئىنكارمۇ قىلماسلىقتۇر. بۇ ئەڭ ياخشى يولدۇر. بىزدە ئۇنىڭ راست ياكى يالغانلىقى ئۈچۈن كەسكىن دەلىل بولمىغان ئىكەن، بىز ئۇلارنى ئىنكارمۇ قىلمايمىز ۋە تەستىق قىلىپ ئىشىنىپمۇ كەتمەيمىز.
بەزى كىشىلەر بۇنداق خەۋەرلەرنى ۋە ئاجايىپ مۆجىزە دېيىلگەن سۈرەتلەرنى كۆتۈرۈپ يۈرۈپ، ھەتتا يانفونلىرىدا كۆتۈرۈپ يۈرۈپ ھاياجانلىنىدۇ. ئاللاھنىڭ قۇدرىتىگە بولغان ئىمانى كۈچەيگەندەك بولىدۇ. ئەمما ئاز ۋاقىتتىن كېيىن بۇ سۈرەتلەر ۋە مۆجىزىلىك خەۋەرلەرنىڭ يالغانلىقى ئاشكارا بولغىنىدا ئۇنىڭغا بىر چۈشكۈنلەك يېتىدۇ ياكى باشقىلار تەرىپىدىن مەسخىرە قىلىنىدۇ. ھەر قانداق ئاجايىپ ئىشلارنى مۆجىزە ياكى دىنىمىزنىڭ راستلىقىنى ئىسپاتلاش ئۈچۈن يۈز بەرگەن ئالامەت دەپ تېز ھۆكۈم قىلىۋېتىشتىن ساقلىنىش كېرەك. ئەگەر كېيىن ئۇنىڭ باشقىلار تەرىپىدىن ئويدۇرۇپ چىقىرىلغان ياسالما مۆجىزە ئىكەنلىكى ئىسپاتلانسا بىزنىڭ ھالىمىز يامان بولىدۇ. مەسخىرىگە قالىمىز.
دىنىمىزنىڭ ھەقلىقىنى، ئاللاھنىڭ قۇدرىتىنىڭ كاتتىلىقىنى ئىسپاتلىشىمىز ئۈچۈن كائىناتتا ھېسابسىز ئالامەتلەر، مۆجىزىلەر ۋە دەلىللار تۇرغان يەردە، بۇنداق راست يالغانلىقى بىلىنمىگەن نەرسىلەر بىلەن ئۆزىمىزنى ۋە باشقىلارنى قايىل قىلىشقا مۇھتاج ئەمەسمىز!.
مەلۇم بىر شەھەردە بىر دەرەخكە ئاللاھنىڭ ئىسمى يېزىلىپ قالغانلىقى سەۋەبلىك كىشىلەر بۇ دەرەخنى ئۇلۇغلاپ سۆيىدىغان ۋە شاپائەت تىلەپ تېلىكىنى سورايدىغان بولغان. كېيىن ئۇنى بىرىنىڭ دەرەخكە ئويۇپ چىقىپ دەرەختە شۇنداق يېزىلغان دەپ دەۋا قىلغانلىقى ئاشكارا بولغان. مۇسۇلمان كىشى بۇنىڭغا ئوخشاش ئىنسانلارنىڭ ئىزىپ كىتىشىگە سەۋەپچى بولۇپ قالىدىغان سۆز -چۆچەكلەردىن يىراق تۇرىشى ئىنتايىن زۆرۈر. ئاللاھدىن دىنىمىزدا ساغلام چۈشەنچىگە مۇيەسسەر قىلىشىنى تىلەيمىز.ئاللاھ ھەممىدىن ياخشى بىلگۇچى زاتتۇر.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى