جۈمە 19 رامىزان 1445 - 29 مارت 2024
Uygur

كېچىك بالىغا رۇقىيە ئوقۇشنىڭ توغرا يولى

سۇئال

مېنىڭ بىر ياشقا كېرىپ ئاشقان كىچىك قىزىم بار، مەن ھەر كۈنى ئەتتىگەنىلىك-كەچلىك زىكىرلەرنى ئوقۇپ بولغاندا ئۇنىڭغا سۈپلەپ قويىمەن، بۇ توغرىمۇ؟ كىچىك بالىغا رۇقىيە ئوقۇشنىڭ توغرا يولى قايسى؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارىم بولغان ئاللاھقا خاستۇر. پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئۇنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى ۋە ساھابىلىرىغا ئاللاھ تائالانىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

    كىچىك بالىنى كۆز تېگىش ۋە باشقا ئشلاردىن ساقلاش ۋە مۇھاپىزەت قىلىش ئۈچۈن رۇقىيە ئوقۇشنىڭ توغرا يولى پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام نەۋرىسى ھەسەن بىلەن ھۈسەينگە قىلغان ئىشىدۇر. ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ھەسەن بىلەن ھۈسەينگە كۆز دۇئاسى ئوقۇپ، سىلەرنىڭ بوۋاڭلارمۇ ئىسمائىل بىلەن ئىسھاققا كۆز دۇئاسى ئوقۇيتتى: ئاللاھنڭ مۇكەممەل كەلمىسى (قۇرئان) بىلەن بارلىق شەيتانلاردىن جىنلاردىن-چايانلاردىن ۋە ھەسەتخورلارنڭ كۆزىدىن كېلىدىغان تۈرلۈك ئاپەتلەردىن پاناھ تىلەيمەن» دەيتتى. [بۇخارى رىۋايىتى 3371-ھەدىس].

    كىچىك بالىلارغا رۇقىيە ئوقۇغاندا قۇل ئەئۇزۇ بىرەببىل پەلەق ۋە قۇلئەئۇزۇ بىرەببىن ناسنى ئوقۇش ياخشى بولىدۇ، ئوقۇش جەريانىدا ياكى ئىككى ئالقىنىغا ئوقۇپ ئالقىنىغا سۈپلەپ قولى يەتكەن جايغىچە بالىنىڭ بەدىنىنى سىلاش كېرەك ياكى سۇغا ئوقۇپ سىلاش ياكى يۇيۇش كېرەك. پەيغەمبەرئەلەيھىسسالاممۇ قۇل ئەئۇزۇ بىرەببىل پەلەق ۋە قۇلئەئۇزۇ بىرەببىن ناسنى ئوقۇش بىلەن ئۆزىگە ۋە باشقىلارغا شۇنداق قىلاتتى.

    ئەبۇ سەئىد ئەلخۇدرى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام قۇل ئەئۇزۇ بىرەببىل پەلەق ۋە قۇلئەئۇزۇ بىرەببىن ناس سۈرىسى نازىل بولغانغا قەدەر جىنلاردىن ۋە ئىنسانلارنىڭ كۆز تېگىشىدىن پاناھلىق تىلەش دۇئاسى ئوقۇيتتى، بۇ ئىككى سۈرە نازىل بولغاندىن كېيىن بۇنى ئوقۇدى، باشقا دۇئالارنى ئوقۇمىدى. [تىرمىزىرى رىۋايىتى 2058-ھەدىس. شەيخ ئەلبانى سەھىھ دەپ تىرمىزىنىڭ سەھىھ ھەدىسلەر توپلىمىدا كەلتۈرگەن].

   ئۇخلاشتىن بۇرۇن قۇل ئەئۇزۇ بىرەببىل پەلەق ۋە قۇلئەئۇزۇ بىرەببىن ناسنى ئوقۇپ سۈپلەش بولسا پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ كۆرسەتمىسىدىن ئېلىنغان، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بۇ ئىككى سۈرىنى ئوقۇپ ئىككى ئالقىنىغا سۈپلەپ مۇبارەك بەدىنىنى ئىككى قولى بىلەن سىلايتتى. كېسەل بولۇپ قالغاندا ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا شۇنداق قىلاتتى، بۇنىڭدىن كىچىك بالىغا بۇ ئىككى سۈرىنى ئانىسى ئوقۇپ سۈپلەپ بەدىنىنى سىلاپ قويسا توغرا بولىدۇ.

    ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا مۇنداق دەيدۇ: «پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئۇخلاش ئالدىدا قۇل ھۇۋاللاھۇئەھەد، قۇل ئەئۇزۇ بىرەببىل پەلەق ۋە قۇلئەئۇزۇ بىرەببىن ناسنى ئوقۇپ ئىككى ئالقىنىغا سۈپلەپ ئىككى قولى بىلەن يۈزىنى ۋە بەدىنىنىڭ ئالدى تەرىپىنى قولى يەتكەن جايغىچە سىلايتتى. ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام كېسەل بولۇپ قالغاندا، مېنى بۇيرىدى مەن شۇنداق قىلدىم، دەيدۇ. [بۇخارى رىۋايىتى 5748-ھەدىس].

    ئەمما ئەتتىگەنلىك ۋە كەچلىك زىكىر بىلەن رۇقىيە ئوقۇپ قويۇش توغرىسىدا بىرەر دەلىلنى بىلمەيمەن، سىز بۇ ئىشىڭىزنى داۋاملاشتۇرماي، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامدىن بايان قىلىنغان رۇقىيە ئوقۇش ئۇسۇلىنى قوللانسڭىز ياخشى بولىدۇ. يولنىڭ ياخشىسى پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ كۆرسەتمىسىدۇر.

    ئاللاھ ھەممىدىن ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى