جۈمە 10 شەۋۋال 1445 - 19 ئاپرىل 2024
Uygur

خىرىستىئانلارنىڭ بايراملىرىنى تەبرىكلەشنىڭ ھۆكمى توغرىسىدا

سۇئال

خىرىستىئانلارنىڭ بايراملىرىنى تەبرىكلەشنىڭ ھۆكمى قانداق بولىدۇ؟، ئۇلارغا: "ھەر يىلى ياخشى بولۇڭلار" دېگەندەك سۆزلەرنى قىلساق، بۇنىڭدىن بولغان مەقسەت ئۇلارنىڭ شېرىك -كۇپىرغا تولغان بايراملىرىنى تەبرىكلەش ئەمەس بەلكى سىلەرنىڭ ياخشى ئىنسانلاردىن بولىشىڭلارنى، بىزگە دىنى تەرەپتىن ۋە باشقا تەرەپتىن ئەزىيەت يەتكۈزمەسلىكىڭلارنى ئۈمىد قىلىمىز دېگەن نىيەت بىلەن  مەزكۇر سۆزلەرنى قىلىش توغرىمۇ؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمىز.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھقا خاستۇر. پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئۇنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى ۋە ساھابىلىرىغا ئاللاھ تائالانىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

خىرىستىئانلارنىڭ دىنى بايرام-مۇراسىملىرىنى تەبرىكلەش چەكلەنگەن ئىشلاردىن بولۇپ، بۇ گەرچە چىن قەلبىدىن ياقتۇرمىسىمۇ، سىرتقى كۆرۈنۈشىدىن ئۇلارنىڭ بايرىمىدىن خۇرسەن بولغانلىقىنى بىلدۈرۈش، ئۇلارنىڭ قىلمىشىغا ماسلىشىپ ياغلىمىچىلىق قىلىشتىن باشقا نەرسە ئەمەس.

قايسى تۈر ۋە شەكىللەردە بولسۇن ئۇلارغا ئورتاقلىشىش، ماسلىشىشنىڭ چەكلەنگەنلىكى توغرىسىدا دەلىللەر بايان قىلىنغان، مەيلى ئۇلارغا ھەدىيە-سوۋغا تەقدىم قىلىنسۇن، ئاغزاكى تەبرىكلىسۇن، شۇ كۈنى دەم ئىلىش قىلسۇن، يېمەكلىك تەييارلىسۇن، ئۆزىنىڭ بايرام ۋاقىتلىرىدەك كۆڭۈل ئېچىش سورۇنلىرىغا بارسۇن، كۆڭلىدە ئۇلارغا مۇخالىپەتچىلىك قىلىشنى مەقسەت قىلىپ، ئەمەلىيتى بۇنىڭ ئەكسىچە بولسا، نىيىتىنىڭ توغرىلىقى بىلەن بۇنداق قىلىش توغرا بولىدۇ دەپ قارالمايدۇ، ئەمەلىي ھەرىكەتكە ئاساسەن بۇنىڭغا ھارام دېگەن سۆزنىڭ ئۆزى كۇپايە قىلىدۇ.

كۆپچىلىك كىشىلەرنىڭ بۇ ئىشلارغا سەل قارايدىغانلىقى ھەممەيلەنگە مەلۇملۇق، گەرچە ئۇلار بايرامدا خىرىستىئانلارغا ئورتاقلىشىشنىمەقسەت قىلمىسىمۇ، پەقەت ياغلىمىچىلىق قىلىش ياكى ئۇلاردىن خىجىل بولۇش تۇيغۇسى ئۇلارنىڭ شۇنداق قىلىشىغا تۈرتكە بولىدۇ، لېكىن باتىل ئىشلارغا ياغلىمىچىلىق قىلىش توغرا بولمايدۇ بەلكى چەكلەنگەن ئىشقا رەددىيە بېرىش ۋە ئۇنى ئۆزگەرتىش ئۈچۈن تىرىشچانلىق قىلىش زۆرۈر بولىدۇ.

شەيخۇل ئىسلام ئىبنى تەيمىيە رەھىمەھۇللاھ ئۆزىنىڭ "پەتىۋالار مەجمۇئەسى" 2- توم 488-بەتتە مۇنداق دەيدۇ: "مۇسۇلمانلارنىڭ خىرىستىئانلارغا خاس بولغان دىنى بايراملاردا ئۇلارغا ئوخشىۋېلىشى توغرا بولمايدۇ، يېمەك-ئىچمەكتە بولسۇن ياكى كىيىم-كېچەك جەھەتتە بولسۇن، يۇيۇنۇش، شام يۇرۇتۇش، تۇرمۇش ئادىتىنى ياكى نورمال ئىبادەتلىرىنى ئۆزگەرتىش قاتارلىق ئىشلاردا شۇنداقلا ئۇلارنىڭ بايرام كۈنىلىرىگە توغرىلاپ توي مۇراسىمى ئۆتكۈزۈش، بىر-بىرىگە سوۋغا تەقدىم قىلىش، ئۇلارنىڭ بايراملىرىغا ياردىمى بولىدىغان نەرسىلەرنى سىتىش-سىتىۋىلىش، شۇ كۈن مۇناسىۋىتى بىلەن بالىلارنى چىرايلىق كىيىندۈرۈپ ئوينۇتۇش قاتارلىق ئىشلارنىڭ ھەممىسى چەكلىنىدۇ.

ئومۇمەن مۇسۇلمانلار ئۇلارنىڭ بايرام كۈنىدە ئۇلارنىڭ دىنى شۇئارلىرىغا ئالاقىدار بولغان ئىشلاردىن ساقلىنىشى كېرەك. ئۇلارنىڭ بايرام كۈنى مۇسۇلمانلارنىڭ نەزىرىدە ئادەتتىكى كۈنلەرگە ئوخشاش بولۇشى، ئۇلارنىڭ بايراملىرىغا ئالاقىدار بولغان بىرەر ئىشقا مۇناسىۋەتلىك بولماسلىقى كېرەك، ئەگەر مەقسەتسىز شۇنىڭغا توغرا كېلىپ قالسا بۇنى ئىلگىركى ۋە كىيىنكى بىر قىسىم ئالىملار ياقتۇرمىغان، ئەمما ئۇلارنىڭ بايرام كۈنىگە توغىرلاپ مەقسەتلىك قىلغان بولسا، بۇنىڭ چەكلىنىدىغانلىقىدا ئالىملار ئارىسىدا ھېچ ئىختىلاپ يوق، بەلكى بەزى ئالىملار كاپىرلارنىڭ بايرام-مۇراسىملىرىنى كاتتىلاشقا ئالاقىدار ئىشلارنى سادىر قىلغانلارنى كاپىر بولىدۇ دەپ قارىغان. يەنە بەزى ئالىملار ئۇلارنىڭ بايرام كۈنى مۇناسىۋىتى بىلەن قوي ئۆلتۈرگەن كىشى توڭگۇز ئۆلتۈرگەنگە ئوخشاش بولىدۇ دەپ قارىغان.

ئابدۇللاھ ئىبنى ئەمرۇ ئىبنى ئاس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: "ئەجەملەرنىڭ يۇرتىدا ئورۇنلىشىپ، ئۇلارنىڭ نۇرۇز پائالىيتى ۋە باشقا بايراملىرىغا ئىشتىراك قىلىپ، ئاخىرىقى ھاياتىغىچە ئۇلارغا ئوخشاش ياشىغان بولسا، ئۇ كىشى قىيامەت كۈنىدە شۇلار بىلەن بىرگە تۇرغۇزىلىدۇ".

مۆمىنلەرنىڭ ئەمىرى ئۆمەر ئىبنى خەتتاب رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ، باشقا ساھابىلار ۋە مۇسۇلمان ئۆلىمالىرىئۇلارغا مۇسۇلمانلار رايۇنىدا دىنى بايراملىرىنى ئاشكارا قىلماسلىق ئۇنى پەقەت ئۆزلىرىنىڭ تۇرالغۇ جايلىرىدا يوشۇرۇن قىلىش شەرتى بىلەن رۇخسەت قىلغان.

سەلەپ ئالىملىرىنىڭ كۆپچىلىكى ئاللاھ تائالانىڭ: وَالَّذِينَ لَا يَشْهَدُونَ الزُّورَ تەرجمىسى: ئۇلار (يەنى ئاللاھنى ياخشى كۆرىدىغان بەندىلەر) يالغان گۇۋاھلىق بەرمەيدۇ دېگەن ئايىتى توغرىسىدا مۇنداق دەيدۇ: يەنى ئۇلار كاپىرلارنىڭ دىنى بايراملىرىغا قاتناشمايدۇ. ھېچ ئىش قىلماستىن ئۇلارنىڭ بايراملىرىغا ھازىر بولغانلارنىڭ ئەھۋالى بۇنداق تۇرسا، ئۇلارنىڭ بايراملىرىغا خاس بولغان ئىشلارنى قىلغانلارنىڭ ئەھۋالى قانداق بولىدۇ؟، بۇ توغرىدا پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە مۇنداق دېيىلگەن: «بىزدىن يات بىر قوۋمگە ئوخشاپ قالغان كىشى ئاشۇلاردىن ھېسابلىنىدۇ» يەنە بىر لەپزىدە: «بىزدىن يات قەۋىمگە ئوخشاپ قالغان كىشىلەر بىزدىن ئەمەس،» دېيىلگەن. [سەھىھ ھەدىس].

بۇ ئادەتتىكى ئىشلاردا ئۇلارغا ئوخشاپ قالغانلارنىڭ ئەھۋالى بولۇپ، بۇنىڭدىن يۇقىرى ئىشلاردا كاپىرلارغا ئوخشاپ قالغانلارنىڭ ھالى قانداق بولىدۇ؟. كۆپچىلىك ئۆلىمالار كاپىرلارنىڭ (يەنى ئەھلى كىتابلارنىڭ) بايرام مۇناسىۋىتى ۋە چۇقۇنغۇچىلىرىغا يېقىنلىشىش ئۈچۈن بوغۇزلىغان ماللارنىڭ گۆشىنى يېيىشنى مەكرۇھ دەپ قارىدى- يەنى ھارامغا يېقىن ياكى ھالالغا يېقىن- بۇنى ئاللاھنىڭ غەيرىنىڭ نامى زىكىر قىلىنىپ ئۆلتۈرۈلگەن ياكى بۇتلارغا ئاتاپ ئۆلتۈرۈلگەن ماللارنىڭ قاتارىغا كىرگۈزدى. شۇنىڭدەك مۇسۇلماننىڭ ئۇلارنىڭ بايراملىرىغا ياردىمى بولىدىغان ھەدىيە-سوۋغا ياكى باشقا نەرسىلەرنى سېتىشمۇ چەكلىنىدۇ. ئۆلىمالار مۇنداق دەيدۇ: "مۇسۇلمانلار ئۈچۈن خىرىستىئانلارنىڭ بايرىمىغا پايدىسى بولىدىغان نەرسىلەرنى يەنى گۆش، قان، كىيىم-كېچەك قاتارلىق نەرسىلەرنى سېتىش ياكى ئۇلاغ قاتارلىق نەرسىلەرنى ئارىيەت بېرىش ۋە ئۇلارنىڭ دىنى بايرىمىغا كېرەكلىك بولىدىغان نەرسىلەر بىلەن ياردەم بېرىشى توغرا بولمايدۇ، چۈنكى ئۇنداق قىلىش ئۇلارنىڭ شېرىك ئەقىدىسىنى ئۇلۇغلاش، كۇپۇر قاراشلىرىغا ياردەم بېرىشتىن ئىبارەت بولۇپ، مۇسۇلمانلارنىڭ مەسئۇللىرى ئۇلارنى ئۇنداق ئىشلاردىن چەكلىشى كېرەك. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: وَتَعَاوَنُوا عَلَى الْبِرِّ وَالتَّقْوَىٰوَلَا تَعَاوَنُوا عَلَى الْإِثْمِ وَالْعُدْوَانِ تەرجىمىسى: ياخشى ئىشقا ۋە تەقۋادارلىققا ياردەملىشىڭلار، گۇناھقا ۋە زۇلۇمغا ياردەملەشمەڭلار [سۈرە مائىدە 3-ئايەت].

مۇسۇلمانلار ئۈچۈن ئۇلارنىڭ ھاراق ئىچىشىگە ھاراق قۇيۇپ بېرىش ۋە ياكى شۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك ئىشلار بىلەن ياردەم بېرىشى توغرا بولمايدىغان تۇرسا، ئۇلارنىڭ كۇپرى شۇئارىغا ياردەم بەرگەنلەرنىڭ ئەھۋالى قانداق بولىدۇ؟ ئۇلارغا ياردەم بېرىش توغرا بولمايدىغان تۇرسا، ئۇ ئىشنى قىلغانلارنىڭ ئەھۋالى قانداق بولىدۇ؟.

تور بېتىمىزدە مۇشۇ ماۋزۇنى چۈشەندۈرىدىغان نۇرغۇن جاۋاپلارنى نەشرى قىلدۇق، بۇنىڭ چەكلەنگەن ۋە ھارام قىلىنغانلىقى توغرىسىدىكى سەۋەپلەرنى ئوچۇق بايان قىلىپ بەردۇق. بۇ ھەقتە تېخىمۇ تەپسىلى مەلۇمات ئۈچۈن سىلەرنىڭ 90222- 50074- نومۇرلۇق سوئاللارنىڭ جاۋابلىرىغا مۇراجىئەت قىلىشىڭلارنى تەۋسىيە قىلىمىز.

ئاللاھ تائالا ھەممىدىن ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى