جۈمە 10 شەۋۋال 1445 - 19 ئاپرىل 2024
Uygur

تەۋھىد كەلىمىسىنى يەتمىش مىڭ قېتىم زىكىر قىلىش

107450

تارقاتقان ۋاقىت : 23-08-2010

كۆرگۈچىلەر : 5552

سۇئال

سوئال: لائىلاھە ئىللەللاھۇ مۇھەممەدۇن رەسۇلۇللاھدېگەن تەۋھىد كەلىمىسىنى 70 مىڭ قېتىم ئوقۇسا پۈتۈن گۇناھلىرى مەغپىرەت قىلىنامدۇ؟

جاۋاپنىڭ تىكىستى

جاۋاب:
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ھەدىسلىرىدە،لائىلاھە ئىللەللاھۇ مۇھەممەدۇن رەسۇلۇللاھدېگەن تەۋھىد كەلىمىسىنى 70 مىڭ قېتىم ئوقۇسا پۈتۈن گۇناھلىرى مەغپىرەت قىلىنىدۇ دەپ كەلمىگەن. شۇڭا بۇ سۆزنى دىنغا ياكى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا مەنسۇپ قىلىشقا بولمايدۇ. بۇ سۆز ھەدىستە ئەمەس، بەلكى ئىبنى ئەرەبىي دېگەن ئازغۇن كىشىنىڭ سۆزلىرىدە تېپىلىدۇ. ئۇ ھېكمەتلەردېگەن كىتابىدا:« سېنىڭ،لائىلاھە ئىللەللاھۇ مۇھەممەدۇن رەسۇلۇللاھدېگەن تەۋھىد كەلىمىسىنى 70 مىڭ قېتىم ئوقۇشۇڭنى شۇنىڭ بىلەن ئۆزۈڭنى دۇزاخ ئوتىدىن ئازات قىلىشىڭنى تەۋسىيە قىلىمەن. بۇ ھەقتە ھەدىسمۇ كەلگەن.» دېگەن.
بىز بۇ تەۋھىد كەلىمىسىنىڭ ئۇلۇغلىقىغا ۋە پەزىلىتىگە ئىنكار قىلماقچى ئەمەسمىز. بۇ كەلىمە قىيامەت كۈنىدە دۇزاخ قۇتۇلۇشنىڭ ۋە ياخشىلىق تارازىدا ئەمەللەرنىڭ ئېغىر كىشىلىشىنىڭ ۋاسىتىسىدۇر. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام:« كىمكى ،لائىلاھە ئىللەللاھۇ مۇھەممەدۇن رەسۇلۇللاھدېگەن تەۋھىد كەلىمىسىنى چىن دىلىدىن بېرىلىپ ئوقۇيدىكەن، ئاللاھ دۇزاخ ئوتىنى ئۇنىڭغا ھارام قىلىدۇ» دېگەن.(بۇخارىي ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان ھەدىس).
بىزنىڭ ئىنكار قىلىدىغىنىمىز بۇ تەۋھىد كەلىمىسىنى مۇشۇ مەخسۇس سانغا بەلگىلىۋېلىش، بۇ سۆزنى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا مەنسۇپ قىلىشتۇر. شەيخ ئىبنى تەيمىيە « لائىلاھە ئىللەللاھۇ مۇھەممەدۇن رەسۇلۇللاھدېگەن تەۋھىد كەلىمىسىنى 70مىڭ قېتىم ئوقۇپ ئۇنى مېيتقا ئاتىسا، شۇ مېيت دۇزاختىن ئازات بولىدۇ»دېگەن سۆز ھەدىسمۇ ياكى ئەمەسمۇ؟ شۇنداق ئوقۇپ مېيتقا ئاتىسا ساۋاب بولامدۇ؟ دېگەن سوئالغا مۇنداق دەپ جاۋاب بەرگەن:« بۇ ھەدىس ئەمەس. تەۋھىد كەلىمىسىنى 70 مىڭ قېتىم ياكى ئۇنىڭدىن كۆپ ياكى ئاز قېتىم ئوقۇپ مېيتقا ئاتىسا ئەلۋەتتە ئۇنىڭغا پايدىسى بولىدۇ. ئاللاھ ھەممىدىن ياخشى بىلگۇچىدۇر.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى