جۈمە 21 جىمادۇل ئەۋۋەل 1446 - 22 نويابىر 2024
Uygur

بىدئەت ۋە شىرىكنىڭ تەپسىلاتى

سۇئال

شىرىك ۋە بىدئەت ئىشلارنى سادىر قىلغۇچىلارنى مۇسۇلمان دىيىشىمىزگە بولامدۇ ؟

جاۋاپنىڭ تىكىستى

مەدھىيە ئاللاھقا بولسۇن .
بۇ سۇئال ئىككى مەسىلىگە تاقىلىدۇ :
(1) بىدئەت . (2) شىرىك .
بىرىنچى مەسىلە : بىدئەت .
بۇ مەسىلە ئۈچ تىمىغا بۆلىنىدۇ :
1) بىدئەتنىڭ ئىنىقلىمىسى . 2) ئۇنىڭ تۈرلىرى . 3) بىدئەتنى قىلغۇچىنىڭ ھۆكمى - كاپىر بولامدۇ-يوق ؟
بىرىنچى تىما : بىدئەتنىڭ ئىنىقلىمىسى
پېشىۋا مۇھەممەد بىن ئۇسەيمىين مۇنداق دىگەن : " بىدئەتنىڭ شەرىئەتتىكى ئىنىقلىمىسى : ئاللاھ بەلگىلىمىگەن نەرسە بىلەن ئاللاھقا ئىبادەت قىلىش " ، ئەگەر خالىساڭ مۇنداق دىگىن : " پەيغەمبەر ، ياكى ئۇنىڭ توغرىغا يىتەكلەنگەن خەلىپىلىرى قىلمىغان نەرسە بىلەن ئاللاھقا ئىبادەت قىلىش . "
بىرىنچى چۈشەندۈرۈش ئاللاھنىڭ مۇنۇ سۆزىدىن ئىلىنغان : ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﺍﻟﻠﻪ ﺭﯗﺧﺴﻪﺕ ﻗﯩﻠﻤﯩﻐﺎﻥ ﻧﻪﺭﺳﯩﻠﻪﺭﻧﻰ ﺩﯨﻦ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺑﯧﻜﻪﺗﻜﻪﻥ ﻣﻪﺑﯘﺩﻟﯩﺮﻯ ﺑﺎﺭﻣﯘ؟
ئىككىنچى چۈشەندۈرۈش پەيغەمبەرنىڭ مۇنۇ سۆزىدىن ئىلىنغان : " سىلەر مىنىڭ يولۇم(سۈننىتىم) ۋە مىنىڭدىن كىيىن كىلىدىغان توغرىغا يىتەكلەنگەن خەلىپىلەرنىڭ يولىغا يىپىشىڭلار . ئۇنى چىڭ تۇتۇڭلار ھەمدە ئۇنى ئىزىق چىشىڭلار بىلەن چىشلەڭلار ، ھەمدە يىڭىدىن پەيدا قىلىنغان ئىشلاردىن ھوشيار بولۇڭلار . "
شۇڭا ئاللاھ بەلگىلىمىگەن نەرسە بىلەن ، ياكى پەيغەمبەر ، ۋە ئۇنىڭ توغرىغا يىتەكلەنگەن خەلىپىلىرى قىلمىغان نەرسە بىلەن ئاللاھقا ئىبادەت قىلغۇچى ھەرقانداق كىشى - بىدئەتچىدۇر ، مەيلى ئۇ ئىبادەت قىلىش ئاللاھنىڭ ئىسىم-سۈپەتلىرى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولسۇن ياكى ئۇنىڭ ئەھكاملىرى ۋە قانۇنلىرى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولسۇن .
ئادەت ۋە قائىدە-يۇسۇنغا ئەگىشىپ كىلىدىغان ئادەتتىكى ئىشلار كەلسەك ،گەرچە بۇلار لۇغەتتە بىدئەت(يىڭىلىق) دەپ ئاتالسىمۇ ، دىندا بىدئەت( يىڭىلىق) دەپ ئاتالمايدۇ . بىراق بۇلار دىندا بىدئەت بولمايدۇ ھەمدە ئۇلار پەيغەمبەر ئاگاھلاندۇرغان نەرسە ئەمەس .
ھەمدە دىندا مەڭگۈ ياخشى بىدئەت تىپىلمايدۇ . " [ ئىبنۇ ئۇسەيمىين فەتىۋالار توپلىمى ، 2 . ج ، 291. ب ]
ئىككىنچى تىما : بىدئەتنىڭ تۈرلىرى .
بىدئەت ئىككى تۈرگە بۆلىنىدۇ :
بىرىنچى : كاپىر قىلىدىغان بىدئەت . ئىككىنچى : كاپىر قىلمايدىغان بىدئەت .
ئەگەر سىز : كاپىر قىلىدىغان بىدئەت ۋە كاپىر قىلمايدىغان بىدئەتنىڭ ئىنىقلىمىسى نىمە ؟ دىسىڭىز .
جاۋاپ : پېشىۋا ھافىز ھەكەمىي مۇنداق دىگەن: " كىشىنى كاپىر قىلىدىغان بىدئەت بولسا پەرىزلىكى ھەممىگە مەلۇم بولغان ، ئالىملارنىڭ ئورتاق قارىشى بار ھەمدە ھىچقانداق مۇسۇلماننىڭ بىلمەسلىككە ھىچ بانا تاپالمايدىغان بىر مەسىلىنى ئىنكار قىلىشتۇر ، مەسىلەن ، پەرىز قىلىنغان بىر نەرسىنى ئىنكار قىلىش ، ۋاجىپ بىر نەرسىنى ۋاجىپ ئەمەس قىلىش ، ياكى ھارام بىر نەرسىنى ھالال قىلىش ، ھالال بىر نەرسىنى ھارام قىلىش ؛ ياكى ئاللاھ ، ئۇنىڭ ئەلچىسى ۋە كىتابى ھەققىدە ئۇلار ئۇنىڭدىن يىراق بولغان نەرسىگە، مەيلى ئىنكار قىلىش ياكى ئىتراپ قىلىش بىلەن بولسۇن ئىشىنىش ، چۈنكى ئۇ ، كىتاپنى ۋە ئاللاھ ئەلچىسى بىلەن ئەۋەتكەن نەرسىنى يالغانغا چىقىرىشتۇر .
جۇھەمىييەلەرنىڭ بىدئېتىگە ئوخشاش ئەزىز ۋە ئۇلۇغ ئاللاھنىڭ سۈپەتلىرىنى ئىنكار قىلىش ، قۇرئاننى ، ياكى ئاللاھنىڭ قايسى بىر سۈپەتلىرىنى مەخلۇق(يارىتىلغان ) دىيىش ؛ قەدەرىييەلەرنىڭ بىدئېتىگە ئوخشاش ئاللاھنىڭ بىلىمىنى ۋە ئىش-ھەركەتلىرىنى ئىنكار قىلىش ، ۋە ياكى ئۇلۇغ ئاللاھنى مەخلۇقاتلىرىغا ئوخشىتىدىغان مۇجەسسىمەلەرنىڭ بىدئېتى .. . ۋە باشقا بىدئەتلەرگە ئوخشاش .
ئىككىنچى تۈرى : كاپىر قىلمايدىغان بىدئەتلەر ، ئۇنىڭ ئىنىقلىمىسى : كىتاب ھەمدە ئاللاھ ئەلچىلىرى بىلەن ئەۋەتكەن نەرسىدىن مەلۇم نەرسىنى يالغانغا چىقىرىشنى ئۆز ئىچىگە ئالمىغان بىدئەت .
مەرۋانىييەلەرنىڭ بىدئېتىگە ئوخشاش ( ئۇلار نى ئۇلۇغ ساھابىلەر ئاشكارا ئەيىپلىگەن ھەمدە ئۇلارنى ئىتراپ قىلمىغان ، ھەمدە ئۇلارنى كاپىر دەپ ھۆكۈم قىلمىغان ياكى ئۇ سەۋەپلىك ئۇلارغا بەيئەت قىلىشنى رەت قىلمىغان ) ، ئۇلارنىڭ بەزى نامازلارنى ئاخىرقى ۋاقتىغا سۈرىشى ، ھىيىتتا خۇتبىنى نامازدىن بۇرۇن قىلىشى ، جۈمە خۇتبىسى ۋە باشقىلىرىدا ئولتۇرۇپ قىلىشى . " [ مەئارىجۇل قۇبۇل ( 2503-504 ) . ]
ئۈچىنچى مەسىلە : بىدئەت سادىر قىلغۇچىنىڭ ھۆكمى ؟ كاپىر بولامدۇ -يوق ؟
جاۋاپ :
ئەگەر ئۇ كاپىر قىلىدىغان بىدئەت بولسا ، ئۇنى قىلغۇچى مۇنۇ ئىككى ئەھۋالدىن خالى ئەمەس :
بىرىنچى : ئۇنىڭ مەقسىتى دىننىڭ ئۇللىرىنى يىقىتىش ۋە مۇسۇلمانلاردا شەك پەيدا قىلىش ئىكەنلىكى مەلۇم بولسا ، بۇنداق ئادەم ئەلۋەتتە كاپىر ؛ ئەمەلىيەتتە ، ئۇ ئىسلامغا يات كىشى ھەمدە دىن دۈشمەنلىرىنىڭ بىرىدۇر .
ئىككىنچى : ئۇنىڭغا ئالدانغان ۋە قايمۇقتۇرۇلغان بولسا ، ئۇنىڭغا دەلىل تۇرغۇزۇلغاندىن كىيىن كاپىرلىقىغا ھۆكۈم قىلىنىدۇ .
ئەگەر ئۇ كاپىر قىلمايدىغان بىدئەت بولسا ، ئۇنداقتا ئۇ كاپىر بولمايدۇ ، بەلكى ئۇ مۇسۇلمانلىقىدا تۇرىۋىرىدۇ ، لىكىن ئۇ چوڭ قەبىھ ئىشنى قىلغۇچىدۇر .
ئەگەر سىز : بىدئەتچىلەر بىلەن قانداق مۇئامىلىدە بولىمىز ؟ دىسىڭىز .
جاۋاپ :
پېشىۋا مۇھەممەد بىن ئۇسەيمىين ، ئاللاھ ئۇنىڭغا رەھىم-شەپقەت قىلسۇن ، مۇنداق دىگەن : " ھەر ئىككىلىسىگە قارىتا ، بىز بۇ ئۆزلىرىنى مۇسۇلمان دەپ دەۋا قىلغۇچى بىراق كاپىر قىلىدىغان ياكى ئۇنىڭدىن تۆۋەن بىدئەتلەرنى قىلغۇچى كىشىلەرنى ، ئۇلارغا دۈشمەنلىك قىلماستىن ياكى ئۇلارنىڭ قىلىۋاتقانلىرىنى سۆكمەستىن ئۇلارنى ھەقىقەتكە چاقىرىشىمىز كىرەك . لىكىن ئۇلارنىڭ ھەقىقەتنى قوبۇل قىلىشتىن ئۆزىنى چوڭ تۇتقانلىقىنى بىلسەك ، ئاللاھ دەيدۇ : ﻣﯘﺷﺮﯨﻜﻼﺭﻧﯩﯔ ﺧﯘﺩﺍﻧﻰ ﻗﻮﻳﯘﭖ ﺋﯩﺒﺎﺩﻩﺕ ﻗﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺑﯘﺗﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺗﯩﻠﻠﯩﻤﺎﯕﻼﺭ، (ﺋﯘﻧﺪﺍﻕ ﻗﯩﻠﺴﺎﯕﻼﺭ) ﺋﯘﻻﺭ ﺑﯩﻠﻤﯩﮕﻪﻧﻠﯩﻜﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﻫﻪﺩﺩﯨﺪﯨﻦ ﺋﯧﺸﯩﭗ ﺍﻟﻠﻪ ﻧﻰ ﺗﯩﻠﻼﻳﺪﯗ. [ ئەنئام( چاھارپايلار) : 108 ] . . . ئەگەر بىز ئۇلارنىڭ جاھىل ۋە ھاكاۋۇرلىقىنى بايقىساق ، ئۇنداقتا بىز ئۇلارنىڭ ناتوغرىسىنى كۆرسىتىپ قويىمىز ، چۈنكى ئۇلارنىڭ ناتوغرىسىنى كۆرسىتىپ قويۇش بىزگە ۋاجىپ بولىدۇ .
ئۇلار بىلەن مۇناسىۋەتنى ئۈزۈشكە كەلسەك ، ئۇ بىدئەتكە باغلىق . ئەگەر ئۇ كاپىر قىلىدىغان بىدئەت بولسا ، ئۇنداقتا ئۇنىڭدىن مۇناسىۋەتنى ئۈزۈش ۋاجىپ ، ئەگەر ئۇنىڭدىن تۆۋەن بىدئەت بولسا ، بىز بۇ ھەقتە تەپسىلىي توختىلىمىز ، ئەگەر ئۇ كىشىدىن مۇناسىۋەتنى ئۈزۈش بىلەن بىرەر نەتىجە بولىدىغان بولسا ئۇنى قىلىمىز ، ئەگەر ئۇنىڭدا بىرەر نەتىجە بولمىسا ، ياكى ئۇ ئۇنىڭ گۇناھ قىلىشى ۋە ھەددىدىن ئېشىشىنى ئاشۇرۋەتسە ئۇنى قىلىشتىن ساقلىنىمىز ؛ چۈنكى پايدىسى يوق ، نەتىجىگە ئىرىشكىلى بولمايدىغان نەرسىنى تاشلاشنىڭ ئۆزى پايدا ۋە نەتىجە ، ۋە يەنە ئاساسى پىرىنسىپ بولسا مۇئىمىنگە نىسبەتەن ئۇنىڭدىن مۇناسىۋەتنى ئۈزۈش ھارام ؛ چۈنكى پەيغەمبەر مۇنداق دىگەن : بىر كىشىنىڭ قېرىندىشىنى ئۈچ كۈندىن ئوشۇق تاشلىۋىتىشى ( گەپ قىلماسلىقى) ھالال ئەمەس . [ ئىبنۇ ئۇسەيمىين فەتىۋالار توپلىمى 2.ج ، 293. ب دىن ئىلىندى . ]
ئىككىنچى تىما : شىرىك ، ئۇنىڭ تۈرلىرى ، ۋە ھەر بىر تۈرىنىڭ ئىنىقلىمىسى .
پېشىۋا مۇھەممەد بىن ئۇسەيمىين مۇنداق دىگەن :
" شىرىك ئىككى تۈرلۈك : 1) دىندىن چىقىرۋىتىدىغان چوڭ شىرىك . 2) ئۇنىڭدىن تۆۋەن تۇرىدىغان شىرىك .
بىرىنچى تۈر : چوڭ شىرىك ، ئۇ بولسا " شەرىئەتنى بىكىتكۈچى شۇنداق دەپ سۈپەتلىگەن شىرىكنىڭ بارلىق تۈرى بولۇپ ئۇ كىشىنى دىندىن چىقىرۋىتىدىغان نەرسىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ . " مەسىلەن ، ئاللاھقا قىلىنىشقا تىگىشلىك ئىبادەتنىڭ قايسى بىر تۈرىنى ئاللاھتىن بۆلەك بىرسىگە بىغىشلاش ، يەنى ، ئاللاھتىن بۆلەك بىرسىگە ناماز قىلىش ، ئاللاھتىن بۆلەك بىرسىگە روزا تۇتۇش ياكى ئاللاھتىن بۆلەك بىرسىگە قۇربانلىق بىرىش . ۋە شۇنىڭدەك ئاللاھتىن بۆلەك بىرسىدىن تىلەش (دۇئا قىلىش) مۇ چوڭ شىرىكنىڭ بىر تۈرى ، مەسىلەن ، قەبرىدىكى ئۆلۈكتىن تىلەش ياكى يىنىدا يوق(غائىپتىكى) كىشىدىن پەقەت ئاللاھتىن باشقىسى قىلالمايدىغان ئىشتىن قۇتقۇزىشىنى تىلەپ دۇئا قىلىش .
ئىككىنچى تۈرى : كىچىك شىرىك ، ئۇ بولسا : شەرىئەت شىرىك دەپ نام بەرگەن ، لىكىن دىندىن چىقارمايدىغان سۆز ياكى ھەركەت جەھەتتىكى ئىش-ئەمەللەردۇر ، مەسىلەن ، ئاللاھتىن باشقىسى بىلەن قەسەم قىلىش ، پەيغەمبەر مۇنداق دىگەن : ئاللاھتىن باشقىسى بىلەن قەسەم قىلغۇچى كاپىر بولىدۇ ياكى مۇشرىك بولىدۇ .
ئاللاھتىن بۆلەك بىرسى بىلەن قەسەم قىلغۇچى ، شۇ ئاللاھتىن بۆلەك بىرسىنى ئاللاھقا ئوخشاش ئۇلۇغلۇققا ئىگە دەپ ئىتىقات قىلمىسا ، ئۇنداقتا ئۇ كىچىك شىرىكنى سادىر قىلغۇچى مۇشرىك بولىدۇ ، قەسەم قىلىنغۇچى مەيلى كىشىلەر تەرىپىدىن ئۇلۇغلانسۇن ياكى ئۇلۇغلانمىسۇن . شۇڭا پەيغەمبەر(ئاللاھنىڭ تەرىپلىشى ۋە ئامانلىق ئۇنىڭغا بولسۇن) بىلەن ، ياكى رەئىس ، پرېزدېنت بىلەن ، ياكى كەئېبە بىلەن ، ياكى جەبرائىل بىلەن قەسەم قىلىشقا بولمايدۇ ، چۈنكى بۇ شىرىك ، لىكىن كىشىنى دىندىن چىقىرۋەتمەيدىغان كىچىك شىرىك .
كىچىك شىرىكنىڭ تۈرلىرىدىن بىرى -رىيا قىلىش( كۆز-كۆز قىلىش ) . رىيا قىلىش : بىر ئىشنى ئاللاھ ئۈچۈن ئەمەس ، كىشىلەرنىڭ ئۇنى كۆرىشى ئۈچۈن قىلىش .
رىيا ئىبادەتلەرنى بىكار قىلىۋىتىشى جەھەتتە ئىككى قىسىمغا بۆلىنىدۇ :
بىرىنچى : ئىبادەتنىڭ ئەسلى مەنبىيىدە بولۇش ، يەنى ئىبادەتنى پەقەت كۆز-كۆز قىلىش ئۈچۈنلا قىلىدۇ ، بۇ ھالەتتە ئۇنىڭ بۇ ئىشى ئىناۋەتسىز ۋە رەت قىلىنىدۇ ؛ چۈنكى ئەبۇ ھۇرەيرىدىن مەرفۇئې ھەدىيس( يەنى، بىۋاستە پەيغەمبەردىن نەقىل قىلىنغان ھەدىيس) نەقىل قىلىندىكى ، ئۇلۇغ ئاللاھ مۇنداق دىگەن : مەن شىرىكلەرنىڭ ئىچىدە شىرىكتىن ئەڭ بىھاجەتتۇرمەن ، شۇڭا كىمكى بىر ئىشنى قىلىپ ئۇنىڭغا مىنىڭدىن بۆلەك بىرسىنى ماڭا شىرىك قىلسا ، مەن ئۇنى ۋەماڭا شىرىك قىلغان نەرسىسىنى تاشلىۋىتىمەن . [ مۇسلىم نەقىل قىلغان ، 2985 ]
ئىككىنچى : رىيا قىلىش ئىبەدەت قىلىش جەريانىدا كىيىن يۈز بەرسە ، يەنى ، ئىبادەت ئەسلىدە ئاللاھ ئۈچۈن بولۇپ ، ئاندىن رىيا قىلىش ئۇنىڭغا كىرىۋالغان بولىدۇ . بۇ ئىككى تۈرلۈك بولىدۇ :
بىرىنچى : ئۇنىڭغا قارشىلىق قىلىش ، بۇ ئۇ كىشىگە زىيان يەتكۈزمەيدۇ .
مەسىلەن : بىر كىشى بىر رەكەت ناماز ئوقۇدى ، ئاندىن ئىككىنچى رەكەتتە بىر قىسىم كىشىلەر كەلدى ، شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئىچىدە رۇكۇ ياكى سەجدىنى ئۇزۇنراق قىلىشنى ، ياكى يىغلىغان بولۇۋىلىش قاتارلىقلارنى ئويلايدۇ . ئەگەر ئۇ ئۇنىڭغا قارشىلىق قىلسا ، ئۇنىڭ ئۇنىڭغا زىيىنى بولمايدۇ ، چۈنكى ئۇ بۇ ئويغا قارشى كۈرەش قىلىۋاتىدۇ . بىراق ئۇ شۇ ئويغا ئەگەشسە ، ئۇنداقتا رىيا قىلىشتىن ھاسىل بولغان ھەرقانداق ئىش-ئەمەل بىكار، باتىل . مەسىلەن ، ئەگەر ئۇ ئۆرە تۇرۇشىنى ياكى سەجدىسىنى ئۇزۇن قىلسا ، ياكى ئۆزىنى يىغلاتسا ، بۇ ئىشلارنىڭ ھەممىسى بىكار بولۇپ كىتىدۇ . بىراق بۇ بىكار بولۇش پۈتكۈل ئىبادەتكە كىڭىيىپ بارامدۇ-يوق ؟
بىز دەيمىزكى ، بۇ ئىككى خىل ئەھۋالدىن خالى ئەمەس :
بىرى ، ئىبادىتىنىڭ ئاخىرى بىشى بىلەن (ئارلىقىدا ئزۈلۈپ قالماستىن) ئۇلانغان بولىدۇ ، بۇ ھالدا ئىبادەتنىڭ ئاخىرى بىكار بولۇش بىلەن ئىبادەتنىڭ ھەممىسى بىكار بولىدۇ .
مەسىلەن : ناماز ، نامازنىڭ ئالدىنقى قىسمى بىكار بولۇنمىغان ئەھۋالدا ، ئۇنىڭ ئاخىرقى قىسمى بىكار بولمايدۇ ، شۇڭا پۈتكۈل ناماز بىكار بولىدۇ .
يەنە بىرى ، ئەگەر ئىبادەتنىڭ بىشى ئۇنىڭ ئاخىرىدىن ئايرىم بولسا ، ئۇنداقتا ئالدىنقى قىسمى ساق بولىدۇ ، كىيىنكى قىسمى بولسا بىكار بولىدۇ . رىيا قىلىشتىن بۇرۇن قىلىنغىنى ساق بولىدۇ ، ئۇنىڭدىن كىيىن قىلىنغىنى بولسا بىكار بولىدۇ .
ئۇنىڭ بىر مىسالى بولسا : بىر كىشىدە 100 رىيال بار ، ھەمدە ئۇ ئۇنىڭ 50 نى ساغلام نىيەت بىلەن ئاللاھ ئۈچۈن سەدىقە قىلىدۇ ، ئاندىن 50 نى كۆز-كۆز قىلىش مەقسىتىدە سەدىقە قىلىدۇ . ئالدىنقى 50ى قوبۇل بولىدۇ ، كىيىنكى 50ى بولسا قوبۇل بولمايدۇ . چۈنكى كىيىنكىسى ئالدىنقىسىدىن ئايرىم قىلىنغان . "
[ ئىبنۇ ئۇسەيمىيننىڭ رىسالىلەر ۋە فەتىۋالار توپلىمى ، تەۋھىيد كىتابىنىڭ شەرھىسى پايدىلىق سۆز ( 1-ج، 114- ب ) بىرىنچى نەشىرى. ]

پېشىۋا مۇھەممەد سالىھ مۇنەججىد
 

مەنبە: شەيخ مۇھەممەد سالىھ ئەلمۇنەججىد