بارلىق گۈزەل مەدھىيلەر ئالەملەرنىڭ رەببى بولغان ئاللاھقا خاستۇر، پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا، ساھابىلىرىغا ۋە قىيامەتكىچە ئۇلارغا ئەگەشكەن كىشىلەرگە ئاللاھنىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.
نامازغا كېيىن كەلگۈچى نامىزىنى تولۇقلاش ئۈچۈن تۇرغاندا، ئۆزىگە توساق پەيدا قىلىش ۋە نامازدىن يانغانلارنىڭ ئۆتۈۋېلىشىگە يوچۇق چىقىرىپ بېرىش ئۈچۈن تۇرغان ئورنىدىن يۆتكىلىشى كېرەك بولمايدۇ، بۇ توغرىدا دەلىل بايان قىلىنمىغان.
شەيخ ئىبنى ئۇسەيمىن رەھىمەھۇللاھدىن: بەزى ۋاقىتتا بىر رەكەت ياكى ئىككى رەكەتكە ئۈلگۈرەلمىگەن كىشى ئىمام سالام بەرگەن ۋاقىتتا، توساقنى ئۆزىدىن ئىككى-ئۈچ قەدەم يىراقتا تاپىدۇ، بۇ كىشىگە توساققا يېقىن كېلىپ نامىزىنى ئادا قىلسا توغرا بولامدۇ؟ دەپ سورالغاندا، شەيخ مۇنداق جاۋاپ بەرگەن: "مېنىڭ ساھابىلارنىڭ ناماز قىلغان ئەھۋالىنى بىلىشىمچە، نامازغا كېچىكىپ كەلگەن كىشىگە توساق كېرەك بولمايدۇ، نامىزىنى تۇرغان ھالىتىدە ئادا قىلىدۇ". ["ئۇچرىشىش ئېشىكى ئوچۇق" 232/30.]
شەكسىزكى توساق دېگەن ئىنساننىڭ ئۆزىنىڭ نامىزىغا ئالاقىدار بولىدۇ، بۇ باشقىلارنىڭ ئۆتىشىگە ئاسانلىق يارىتىپ بەرگەندىن ياخشىدۇر.
نامازغا كېيىن كەلگۈچى كېچىككەن نامىزىنى تولۇقلاش ئۈچۈن تۇرغاندا، بۇ يالغۇز ناماز ئادا قىلغۇچىنىڭ ھۆكمىدە بولىدۇ، ئالدىدىن ئۆتكۈچىلەرنى قولى بىلەن توسىدۇ، ھېچ كىشىنىڭ ئۇنىڭ ئالدىدىن ئۆتىشى توغرا بولمايدۇ، سېرتقا چىقماقچى بولغانلار بىر ئاز ساقلىشى كېرەك، ياكى ناماز ئادا قىلىۋاتقانلارغا ئەزىيەت يەتكۈزمەستىن ۋە ئۇلارنىڭ ئالدىدىن ئۆتمەستىن باشقا چېقىش يولى ئىزدىشى لازىم.
ھەممىدىن توغرىنى ئاللاھ تائالا ياخشى بىلگۈچىدۇر.