پەيشەنبە 9 شەۋۋال 1445 - 18 ئاپرىل 2024
Uygur

ئەر-ئايال ئىككىلىسى نىكاھ قىلغاندا ناماز ئوقۇمايدىغان بولسا، كىيىن ئۇلارغا نىكاھنى يېڭىلاش زۆرۈر بولامدۇ؟

118752

تارقاتقان ۋاقىت : 29-03-2020

كۆرگۈچىلەر : 6217

سۇئال

نىكاھ ئەھدىسى قىلىنغاندا، نىكاھ قىلغۇچى، نىكاھلانغۇچى ئەر-ئايال ۋە ئايالنىڭ دادىسى شۇنداقلا ئىككى گۇۋاھچى ھەممەيلەن ناماز ئوقۇمايدىكەن. ئۇنىڭدىن سىرت نىكاھ قىلغۇچى كىشى ئەرەب تىلىنىڭ غەيرىدە بولسىمۇ نىكاھ توغرا شەكىلدە قىلمىغان، بۇ شەكىلدە قىلىنغان نىكاھنىڭ ھۆكمى قانداق؟. بۇ شەرىئەتتە ئېتىبارغا ئىلىنىدىغان ئەر-ئاياللىق ھېسابلىنامدۇ؟، ئۇلار نامازنى تەرك قىلغانلىقىغا تەۋبە قىلىپ، قايتىدىن ناماز ئوقۇسا، يېڭىدىن نىكاھ قىلىشى لازىم بولامدۇ ياكى ئەسلىدىكى نىكاھ كۈچكە ئىگە بولامدۇ؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل مەدھىيىلەر ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھ تائالاغا خاستۇر.

نامازنى تەرك قىلغۇچى، نامازنىڭ پەرز ئىكەنلىكىنى ئىنكار قىلىپ قەستەن تەرك قىلىدىكەن، بۇ بارلىق ئالىملارنىڭ بىرلىككە كەلگەن كۆزقارىشىدا كاپىر ھېسابلىنىدۇ. ئەمما ھورۇنلۇق، سۇسلۇق قىلىش سەۋەبلىك تەرك قىلىدىكەن، بەزى ئالىملارنىڭ توغرا قارىشىدا بۇمۇ كاپىر ھېسابلىنىدۇ. بۇ مەسىلە (5208) ۋە (2182) نومۇرلۇق سوئاللارنىڭ جاۋابىدا تەپسىلى بايان قىلىنغان.

ئەر-ئايال ئىككىلىسى نىكاھ قىلىنغاندا ناماز ئوقۇمايدىغان بولۇپ، كىيىن تەۋبە قىلىپ ناماز ئوقۇسا، ئۇلارنىڭ ئەسلىدىكى نىكاھىكۈچكە ئىگە قىلىنىدۇ. چۈنكى پەيغەمبەرئەلەيھىسسالاممۇ كاپىرلار ئىسلامغا كىرگەندىن كىيىن ئەسلىدىكى نىكاھى بويىچە قويۇپ قويغان، ئۇلارنى مۇسۇلمان بولغاندىن كىيىن يېڭىدىننىكاھ قىلدۇرۇشقا بۇيرۇمىغان، شۇنىڭدەك ساھابىلاردىنمۇ مۇرتەت بولۇپ كەتكەنلەرنى كېيىن ئىسلام دىنىغا قايتقاندىن كىيىن نىكاھنى يېڭىلاشقا بۇيرۇمىغان.

ئىبنى قۇدامە رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "كاپىرلانىڭ ئۆز ئېتىقادى بويۇنچە قىلىنغان نىكاھى توغرا بولۇپ، ئۇلار مۇسۇلمان بولغاندىن كىيىن، نىكاھنى قايتا يېڭىلاشقا بۇيرۇلمىغان. ئۇلارنىڭ نىكاھ قىلىش قائىدىسىتۈزۈلۈش ۋە سۈپەت جەھەتتە مۇسۇلمانلارنىڭ نىكاھ قىلىش قائىدىسىدىن پەرقلىق بولغان تەقدىردىمۇ،مۇسۇلمانلاردازۆرۈر بولغانگۇۋاھچىلىق، ۋەلى بولۇش، ئالدىم-تەگدىم دېگەندەك شەرتلەرنىڭ بولىشى كېرەك ئەمەس. شۇنداقلا بۇ توغرىدا مۇسۇلمانلار ئارىسىدا ھېچ ئىختىلاپ يوق.

ئىبنى ئابدۇلبەر رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: ئەر-ئايال ئىككەيلەن بىرلا ۋاقىتتا مۇسۇلمان بولغان بولسا، ئۇلارنىڭ ئوتتۇرىسىدا ئېمىلداشلىق ياكى نىكاھلىنىشنى چەكلەپ قويىدىغانتۇغقانچىلىق مۇناسىۋەتلا بولمىسا، ئۇلارنىڭ ئەسلى نىكاھىنىڭ كۈچكە ئىگە بولىدىغانلىقىغا بارلىق ئالىملار بىرلىككە كەلگەن.پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ دەۋرىدىمۇ نۇرغۇن كىشىلەر مۇسۇلمان بولغان، ئۇلارنىڭ ئاياللىرىمۇبىرۋاقىتتا مۇسۇلمان بولغان، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئۇلارنى ئەسلى نىكاھى بويىچە قالدۇرغان، ئۇلاردىن نىكاھنىڭ شەرتى ۋە كەيپىياتى توغرىسىدا سۇئال سورىمىغان. بۇ ھەممىگە مەلۇملۇق زۆرۈر بولغان ۋە ئىشەنچىلىك بىر ئىلىمدۇر. [ئەلمۇغنى 10- توم 5-بەت].

ئىبنى ئابدۇل بەر"مەتالىب ئۇلىننۇھا" ناملىق ئەسەر 5-توم 13-بەتتە مۇنداق دەيدۇ: "دىققەت!، دىندىن يېنىۋالغان مۇرتەت ئەر، مۇرتەت ياكى كاپىر ئايال بىلەن توي قىلغان بولسا، ياكى مۇرتەت ئايال، كاپىر ئەر بىلەن توي قىلغان بولسا، ئاندىن ئۇ ئىككىسى بىرلىكتە مۇسۇلمان بولغان بولسا، شۇنىڭدەك ئۇرۇش قىلىۋاتقان كاپىر توغرا بولمىغان شەكىلدە نىكاھلانغان بولسا، ئەگەر ئۇلارمۇسۇلمان بولسا بىز ئۇلارنىڭ ئەسلى نىكاھىنى ئېتىبارغا ئالىمىز، قايتىدىن نىكاھ قىلىشنى تەلەپ قىلمايمىز.پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ۋە خەلىپىلەرنىڭ دەۋرىدە، ئىسلام دىنىدىن يېنىۋېلىپ مۇرتەت بولۇپ كەتكەن نۇرغۇن كىشىلەر تەۋبە قىلىپ دىنغا قايتتى، ئۇلارنىڭ ھېچقايسىسى نىكاھنى يېڭىلاشقا بۇيرۇلمىدى، بىز بۇ مەسىلىنى بۇنىڭغا قىياس قىلساق بولىدۇ. [بۇ سۆزنى شەيخۇل ئىسلام ئىبنى تەيمىيە دېگەن].

سەئۇدى ئەرەبىستان ئىلمى تەتقىقات دىنى پەتىۋا تەشۋىقات كومىتېتى ئەزالىرىدىن تۆۋەندىكى سۇئال سورالغان: مەن توي قىلغان ۋاقىتلىرىمدا بەزى ناماز ئوقۇيتتىم بەزى ۋاقىتتا ناماز ئوقۇمايتتىم، ئاللاھقا ھەمدىلەر بولسۇن! مەن ھازىر نامازنى تەرك قىلمايمەن، ھەج قىلدىم، ئاللاھقا سىغىنىپ تەۋبە قىلدىم، لېكىن مېنىڭ ناماز ئوقۇمايدىغان ۋاقتىمدا قىلىنغان نىكاھ ئەھدىسى قانداق بولىدۇ؟ توغرىمۇ ياكى توغرا ئەمەسمۇ؟ ئەگەر توغرا بولمىسا قانداق قىلىمەن، چۈنكى مېنىڭ بۇ ئايالىمدىن بەش پەرزەنتىم بار، بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن؟.

ئۇلار بۇ سوئالغا مۇنداقجاۋاپ بەرگەن: نىكاھ قىلىنغاندا ئايالىڭىزمۇ سىزگە ئوخشاش ناماز ئوقۇمايدىغان ياكى بەزى ئوقۇپ، بەزى ئوقۇمايدىغان بولغان بولسا، ئۇ ۋاقىتتا قىلىنغان نىكاھ توغرا بولىدۇ، ئۇنى قايتىدىن يېڭىلاش كېرەك بولمايدۇ. چۈنكى ئىككىڭلارنىڭ نامازنى تەرك قىلىشتا ئالاقىدار بولغان، يەنى نامازنى تەرك قىلغۇچى كاپىر بولىدۇ دېگەن ھۆكۈمدە ئوخشاش بولغىنىڭلار ئۈچۈندۇر.

ئەمما نىكاھ قىلىنغاندا ئايال ناماز ئوقۇيدىغان بولسا،شۇنىڭدەك ھەر ئىككىيلەننىڭ بىر-بىرىگە كۆڭلى بولسا، ئەر نامازنى تەرك قىلغانلىقىغا تەۋبە قىلىپ توغرا يولدا مۇستەھكەم تۇرسا، ئالىملارنىڭ ئەڭ كۈچلۈك قارىشى بويىچە، نىكاھنى قايتىدىن يېڭىلاش زۆرۈر بولىدۇ. نىكاھنى يېڭىلاشتىن بۇرۇن تۇغۇلغان پەرزەنتلەر بولسا، نىكاھ سەۋەبى بىلەن قانۇنلۇق تۇغۇلغان بولۇپ، ئۇلار دادىسىغا نىسبەت بېرىلىدۇ. ئاللاھ تائالادىن ئىككىڭلارنى توغرا يول ۋە بارلىق ياخشىلىقلىرىغا مۇۋەپپەق قىلىشنى سورايمىز. ئاللاھ بۇنىڭغا مۇۋەپپەق قىلسۇن. پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئائىلە-تاۋابىئاتلىرى ۋە ساھابە كىراملىرىغا ئاللاھنىڭ رەھمەت-سالاملىرى بولسۇن. دائىمىي كومىتېت پەتىۋاسى (18290). ‫

شەيخ ئىبنى باز رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: نىكاھ قىلىنغاندا ھەر ئىككىلىسى ناماز ئوقۇمايدىغان بولۇپ، كىيىن ئاللاھنىڭ ھىدايەت قىلىشى بىلەن توغرا يول تېپىپ نامازنى تولۇق ئادا قىلىدىغان بولسا، ئۇلارنىڭ دەسلەپكى نىكاھى توغرا بولىدۇ. شۇنىڭدەك، باشقا كاپىرلارمۇ يېڭىدىن مۇسۇلمان بولغان بولسا، ئۇلارنىڭ ئەسلى نىكاھىنىڭ داۋاملىشىشىنى چەكلەيدىغان شەرئى سەۋەب بولمايدىكەن، ئۇلار نىكاھنى يېڭىلاشقا بۇيرۇلمايدۇ. چۈنكى پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مەككە پەتىھ قىلىنغان يىلى ۋە ئۇنىڭدىن باشقا يىللاردىمۇ يېڭىدىن مۇسۇلمان بولغان كاپىرلارنىڭ نىكاھىنى يېڭىلاشقا بۇيرۇمىغان. [شەيخ ئىبنى باز پەتىۋالار توپلىمى10-توم291-بەت].

يۇقىرىقى ھۆكۈملەرگە ئاساسەن، ئەر-ئايال ئىككەيلەن ئىلگىرى نامازنى تەرك قىلغانلىقىغا تەۋبە قىلىپ، نامازنى تولۇق ئادا قىلغان بولسا، ئۇلارنىڭ نىكاھىنى يېڭىلاشنىڭ ھېچ ئېھتىياجى يوق، بەلكى ئۇلارنىڭ ئەسلى نىكاھى ئېتىبارغا ئىلىنىدۇ.

ھەممىدىن توغرىسىنى بىلگۈچى ئاللاھتۇر.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى