سەيشەنبە 7 شەۋۋال 1445 - 16 ئاپرىل 2024
Uygur

پىتىر سەدىقىسى ئۈچۈن بېرىلىدىغان يېمەكلىكنىڭ تۈرلىرى

سۇئال

پىتىر سەدىقىسى ئۈچۈن بېرىلىدىغان يېمەكلىكلەرنىڭ تۈرلىرى قايسى؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھ تائالاغا خاستۇر. پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئۇنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى ۋە ساھابىلىرىغا ئاللاھ تائالانىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

پىتىر سەدىقىسى كىشىلەر كۈندۈلىك تۇرمۇشتا ئىستىمال قىلىدىغان بۇغداي، گۈرۈچ، قوناق، ماش، پۇرچاق، باقلا، تەييار چۆپ، گۆش قاتارلىق نەرسىلەردىن بېرىلىدۇ، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام يېمەكلىكتىن ئۈچ كىلوگىرام مىقدارىدا بېرىشنى بېكىتكەن. ساھابىلارمۇ كۈندۈلۈك تۇرمۇشتا ئۆزلىرى كۆپ ئىستىمال قىلىدىغان يېمەكلىكتىن پىتىر سەدىقىسى بەرگەن.

ئەبۇ سەئىدىل خۇدەرىي رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن نەقىل قىلىنغان ھەدىستە، ئۇ كىشى مۇنداق دەيدۇ: بىز پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ دەۋرىدە ھېيت كۈنىدە يېمەكلىكتىن ئۈچ كىلو ئەتراپىدا پىتىر سەدىقىسى بېرەتتۇق، ئۇ ۋاقىتتا بىزنىڭ ئاساسلىق يىمەكلىرىمىز: ئارپا، ئۈزۈم، پىشلاق ۋە خورما قاتارلىقلاردىن ئىبارەت ئېدى. [بۇخارى رىۋايىتى 1510-ھەدىس. مۇسلىم رىۋايىتى 985-ھەدىس].

يەنە بىر رىۋايەتتە ئۇ كىشى مۇنداق دەيدۇ: «بىز پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئارىمىزدا بار ۋاقتىدا، چوڭ-كېچىك، ھۆر-قۇل، ئەر-ئايال بارلىق مۇسۇلمانلار ئۈچۈن يېمەكلىكتىن ياكى پىشلاقتىن ياكى ئارپىدىن ياكى خورمىدىن ياكى ئۈزۈمدىن ئۈچ كىلو ئەتراپىدا پىتىر سەدىقىسى بېرەتتۇق».

كۆپچىلىك ئالىملار ھەدىستە بايان قىلىنغان يېمەكلىكىنى بۇغداي دەپ چۈشەندۈرگەن، يەنە بىر قىسىم ئالىملار يىمەكلىك دېگەن سۆزنى گۈرۈچ بولسۇن ياكى قوناق بولسۇن كىشىلەر كۆپ ئىستىمال قىلىدىغان يىمەكلىك دەپ چۈشەندۇرگەن. بۇ توغرا قاراشتۇر. چۈنكى زاكات دېگەن بايلارنىڭ كەمبەغەللەرگە ياردەم قىلىشى بولۇپ، ئۆزى ياشاۋاتقان رايوندا ئىستىمال قىلىنمايدىغان يىمەكلىك بىلەن باشقىلارغا ياردەم قىلمايدۇ. گۈرۈچ بولسا ئىككى ھەرەم دىيارىدا كۆپ ئىستىمال قىلىنىدىغان، ئېسىل، پاكىزە يىمەكلىك، ئۇ ھەدىستە بايان قىلىنغان يېمەكلىكنىڭ بىر قىسمى بولغان ئارپىدىن ئەۋزەلدۇر، شۇنىڭ ئۈچۈن پىتىر سەدىقىسى ئۈچۈن گۈرۈچ بەرسە توغرا بولىدۇ. ["شەيخ ئىبنى باز پەتىۋالار توپلىمى 14-توم 200-بەت].

شەيخۇل ئىسلام ئىبنى تەيمىيە رەھىمەھۇللاھ پەتىۋالار توپلىمى ناملىق ئەسىرىنىڭ 25-توم 68-بېتىدە مۇنداق دەيدۇ: "ئۆزى ياشاۋاتقان يۇرتتىكى كىشىلەر ھەدىستە بايان قىلىنغان يېمەكلىكلەرنى ئىستىمال قىلىدىكەن، ئۇنىڭ قايسى بىرىدىن پىتىر سەدىقىسى بەرسە شەكسىز توغرا بولىدۇ. ئەمما ئۆز يۇرتىدا گۈرۈچ بىلەن قوناقنى كۆپ ئىستىمال قىلسا، ئۇ كىشى پىتىر سەدىقىسىگە بۇغداي بىلەن ئارپىنى بەرسە توغرا بولامدۇ؟ ياكى گۈرۈچبىلەن قوناقتىنلا بېرەمدۇ؟ دېگەن بۇ مەسىلىدە ئالىملار ئارىسىدا ئىختىلاپ بار، ئالىملارنىڭ توغرا قارىشىدا: گەرچە ھەدىستە بايان قىلىنغان يىمەكلىك تۈرىدىن بولمىسىمۇ، ئۆز يۇرتىدا كۆپ ئىستىمال قىلىنىدىغان يېمەكلىكتىن بەرسە بولىدۇ دېيىلگەن. بۇ ئىمام شافىئى ۋە باشقا ئالىملارنىڭ قارىشىدۇر. ئەسلىدە سەدىقە كەمبەغەللەرگە ياردەم بېرىش يولى بىلەن بىكىتىلىنىدۇ. پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام پىتىر سەدىقىسىنى خورمىدىن ياكى ئارپىدىن ئۈچ كىلو ئەتراپىدا بېكىتتى، چۈنكى بۇ ئىككى يىمەكلىك ئەينى زاماندا مەدىنىدە كۆپ ئىستىمال قىلىنىدىغان يىمەكلىك ئېدى، ئەگەر بۇ يىمەكلىك ئۇلار كۆپ ئىستىمال قىلىدىغان بولمىغان بولسا ئىدى، ئەلۋەتتە پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئۇ يېمەكلىكلەردىن پىتىر سەدىقىسى بېرىشكە بۇيرىمايتتى، شۇنىڭدەك ئاللاھ تائالامۇ بۇ تۈردىكى نەرسىلەردىن كاپارەت بېرىشكە بۇيرىمايتتى".

ئىبنى قەييىم رەھىمەھۇللاھ "ئىئلامۇل مۇۋەققىئىين ناملىق ئەسەر 3-توم 12-بەتتە مۇنداق دەيدۇ: يۇقىرىدا بايان قىلىنغان يىمەكلىكلەر شۇ ۋاقتىدا مەدىنە ئەھلى كۆپ ئىستىمال قىلىدىغان يىمەكلىك ئېدى، ئەمما ھەر بىر كىشى ئۆز يۇرتىدا كۆپ ئىستىمال قىلىنىدىغان بۇغداي، قوناق، گۈرۈچ ياكى ئەنجۈر قاتارلىق يېمەكلىكلەردىن ئۈچ كىلو ئەتراپىدا بەرسە بولىدۇ. ئەگەر ئۇلارنىڭ يېمەكلىكى زېمىندا ئۈنگەن نەرسىلەردىن بولماستىن، سۈت، گۆش، بېلىق قاتارلىق نەرسىلەردىن بولسا، ئۇلارمۇ پىتىر سەدىقىسى ئۈچۈن ئۆزلىرى كۆپ ئىستىمال قىلىدىغان يېمەكلىكتىن بېرىدۇ، بۇ كۆپچىلىك ئالىملارنىڭ بىرلىككە كەلگەن توغرا قارىشى بولۇپ، بۇنىڭدىن باشقا قاراشقا نەزەر سېلىنمايدۇ.

چۈنكى پىتىر سەدىقىسىدىن بولغان مەقسەت، ھېيت كۈنىدە كەمبەغەللەرنىڭ ئېھتىياجىنى قاندۇرۇش، ئۇلار ئۆزلىرى كۆپ ئىستىمال قىلىدىغان يېمەكلىكلەرنىڭ تۈرىدىن ياردەم بېرىشتۇر، شۇنىڭ ئۈچۈن ھەدىستە بايان قىلىنمىغان بولسىمۇبۇغداي ياكى ئۈن بەرسىمۇ دۇرۇس بولىدۇ.

شەيخ ئىبنى ئۇسەيمىين رەھىمەھۇللاھ "ئەششەرھىل مۇمتىئ" ناملىق ئەسەرنىڭ 6-توم 183-بەتتە: ئۆز يۇرتىدا كۆپ ئىستىمال قىلىنىدىغان ئاشلىقلار، مىۋە-چېۋىلەر ۋە گۆش قاتارلىق نەرسىلەردىن پىتىر سەدىقىسى بەرسە دۇرۇس بولىدۇ، دېگەن.

ھەممىدىن ياخشى بىلگۈچى ئاللاھ تائالادۇر.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى