پەيشەنبە 9 رەجەب 1446 - 9 يانۋار 2025
Uygur

ھەرقانداق ۋاقىتتا ئېتىكاپ قىلسا توغرا بولامدۇ؟

سۇئال

رامىزاننىڭ ئاخىرىقى ئون كۈنىدىن باشقا ۋاقىتلاردىمۇ ئېتىكاپ قىلىش دۇرۇس بولامدۇ؟.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھ تائالاغا خاستۇر. پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئۇنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى ۋە ساھابىلىرىغا ئاللاھ تائالانىڭ رەھمەت-سالاملىرى بولسۇن.

شۇنداق، يىلنىڭ قايسى ۋاقىتىدا ئېتىكاپ قىلسا دۇرۇس بولاۋىرىدۇ. ئەمما ئەڭ ئەۋزىلىپەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ۋە ئاللاھ تائالا رازى بولغان ساھابىلارغا ئەگىشىپ رامىزاننىڭ ئاخىرىقى ئون كۈنىدە ئېتىكاپ قىلسا ياخشى بولىدۇ. پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامدىن بايان قىلىنغان ئەسەرلەردە، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ بەزى يىللاردا شەۋۋال ئېيىدا ئېتىكاپ قىلغانلىقى بايان قىلىنغان.

ئاللاھ تائالا ھەممەيلەننى توغرا يولغا مۇۋەپپەق قىلسۇن.

مەنبە: سەئۇدى ئەرەبىستان ئىلمى تەتقىقات، دىنى ئىشلار پەتىۋا كومىتېتى (10/410)