سەيشەنبە 14 شەۋۋال 1445 - 23 ئاپرىل 2024
Uygur

چىلىم چېكىشنىڭ ھۆكمى ۋە ئۇنىڭ زىيىنى توغرىسىدا

127312

تارقاتقان ۋاقىت : 06-05-2014

كۆرگۈچىلەر : 5478

سۇئال

چىلىم چېكىش ھاراممۇ؟ چىلىمگە كۆك تاماكا ياكى باشقا زەھەرلىك ماددىلارنى ئىشلەتمەستىن گۈل سۈيى ئىشلەتسىمۇ ئوخشاشلا ھارام بولامدۇ؟، بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمىز.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل مەدھىيىلەر ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھ تائالاغا خاستۇر.

بىرىنچى: تاماكا سەۋەبىدىن كېسەل بولغانلارنى ھېسابلىمىغاندىمۇ تاماكىنىڭ ھازىرقى زاماندا كىشىلەر كۆپلەپ ئىستىمال قېلىۋاتقان ئەڭ زەھەرلىك، نىجىس نەرسە ئىكەنلىكىدە ھېچ شەك يوق. تاماكا چېكىش سەۋەبىدىن يىلىغا نۇرغۇن كىشىلەر ھاياتىدىن ئايرىلىدۇ.

خەلقئارا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ 2008-يىلدىكى تەكشۈرۈش دوكلاتىغا قارىغاندا، تاماكا تەركىبىدىكى نىكۇتىن ماددىسىنى سۈمۈرۈش سەۋەبى بىلەن يىلىغا 5.4 مىليون كىشى ھاياتىدىن ئايرىلىدىكەن. يەنى ھەر كۈنى تاماكا سەۋەبىدىن ھاياتىدىن ئايرىلىدىغانلارنىڭ سانى ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 140000 مىڭغا يېتىدۇ دېگەنلىكتۇر. بۇنىڭ ئالدىنى ئىلىش ئۈچۈن تىزدىن چارە-تەدبىر قوللۇنىلمىسا، 2020-يىلىغا بارغاندا تاماكا تەركىبىدىكى زەھەرلىك ماددا سەۋەبىدىن ھەر يىلى ھاياتىدىن ئايرىلىدىغانلارنىڭ سانى 10 مىليونغا يېتىدىكەن.

بىز 7432- ۋە 10922-نومۇرلۇق سوئاللارنىڭ جاۋابىدا زەھەرلىك چېكىملىككە ئىشلىتىدىغان ئۆسۈملۈكلەرنى تېرىش، ئىلىپ-سېتىش ۋە بۇ نىجىس ئۆسۈملۈكنى ئىستىمال قىلىشنىڭ ھاراملىقى توغرىسىدا تەپسىلى جاۋاپ بەردۇق.

ئىككىنچى: چىلىم چېكىش ئارقىلىق ئىستىمال قىلىنىدىغان زەھەرلىك ماددىلار ئادەتتە ئورالغان تاماكىدىكى زەھەرلىك ماددىلاردىن ھېچ پەرقلەنمەيدۇ بەلكى ئۇنىڭ زېيىنى تاماكىنىڭ زىيىنىدىن كۆپراقتۇر.

بەھرەيندىكى "زەھەرلىك چېكىملىككە قارشى تۇرۇش جەمئىيتى"نىڭ تور سەھىپىسىدە چىلىم ئارقىلىق ئىستىمال قىلىنىدىغان ماددىلار توغرىسىدا مۇنداق بايانات ئېلان قېلىنغان:

بۇ ماددىلار تاماكا تەركىبىدە شەكىللەنگەن ماددىلاردىن ھېچ پەرقلەنمەيدۇ، بەلكى چىلىم ئارقىلىق ئىستىمال قىلىنىدىغان ماددىلارنىڭ تەركىبىدىكى زەھەرلىك ماددىنىڭ سانى4000مىڭدىن ئاز ئەمەس. ئۇنىڭ مۇھىملىرى: نىكۇتىن، زەھەرلىك گاز، كۆمۈر مېيى، ئېغىر مېتال، ئوت ئالغۇچى ماددىلار، راك كېسىلىگە سەۋەب بولىدىغان ماددىلار، خىمىيىلىك زىرائەت ماددىلىرى، ھاشارەتنى ئۆلتۈرىدىغان ماددىلار ۋە ئۇنىڭدىن باشقا نۇرغۇن زەھەرلىك ماددىلارنى ئۆز ئېچىگە ئالىدۇ.

زەھەرلىك ماددا ئىشلەپ چىقىرىدىغان بەزى شىركەتلەر چىلىم ئارقىلىق ئىستىمال قىلىنىدىغان ماددىلارنىڭ تۈرلىرىدىن كۆمۈر مېيى ماددىسىنىڭ ھەممىسىنى ياكى بىر قىسمىنى تازىلاپ پىششىقلاپ ئىشلىگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. شۇنداقتىمۇ ئۇلار چىلىم ئارقىلىق ئىستىمال قىلىنىدىغان چېكىملىك ماددىسىغا تەركىۋى ئېنىق بولمىغان بەزى تەم ۋە خۇشبۇي ماددىلارنى قاتىدىغان بولۇپ، بىز ئۇنىڭدىن كىلىدىغان زىياننىڭ مىقدارىنى ئېنىق بىلەلمەيمىز.

بەزىلەرنىڭ چىلىم ئارقىلىق ئىستىمال قىلىنىدىغان ماددىلارنىڭ تاماكىغا ئوخشاش خەتىرى يوق دېگەن سۆزى ھەرگىزمۇ توغرا ئەمەس. سەئۇدى ئەرەبىستاندا تۆت يىل جەريانىدا ئىلىپ بېرىلغان تەتقىقات ۋە تەكشۈرۈش نەتىجىسىدىن شۇ ئىسپاتلاندىكى، چىلىمدا ئىستىمال قىلىنىدىغان شىرىلىك ماددا ساپ زەھەرلىك ماددا بولۇپ، شىركەتلەر سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ كۆزىتىشى ياكى تەكشۈرۈشىگە قويماستىن ئۇنىڭ تەركىبىگە يەنە تۈرلۈك رەڭلىك ماددىلارنى ئارىلاشتۇرغان. تەكشۈرۈش ئارقىلىق مەزكۇر ماددىنىڭ راك ۋە ئۇنىڭدىن باشقا ھەر تۈرلۈك كېسەللىكلەرگە سەۋەب بولىدىغانلىقى ئىسپاتلاندى.

بۇنىڭ تۈرلىرى ئىچىدىكى "ئەلجىراك" دەپ ئاتىلىدىغان چېكىملىك تۈرى 15% كۆك تاماكىغا ئەسەل، مېۋە ۋە ئۇنىڭدىن باشقا كۆپتۈرۈش ئۈچۈن بەزى خىمىيىلىك ماددىلارنى ئارىلاشتۇرۇپ پىششىقلاپ ئىشلەيدۇ.

ئۈچىنچى: بەزى ساددا كىشىلەر چىلىم ئارقىلىق تاماكا چېكىشنى ھالال، ئۇنىڭ تۈتۈنى چىلىمدىكى سۇيۇقلۇق ئارقىلىق چېقىپ كېتىدۇ دەپ قارايدۇ. بۇ توغرىدىن بەكلام چەتنەپ كەتكەنلىك ھېسابلىنىدۇ. ئەمما تەجرىبىلىك كىشىلەر مۇنداق دەيدۇ:

1-چىلىمنى بىر قېتىم شوراشئاز بولغاندا 10 تال سىگارېت چەككەنگە باراۋەر كېلىدۇ.

2-شىرىلىك چېكىملىك بىرقىسمىنىڭ چىلىمدا كۆيۈشى چىلىمدىكى زەھەرلىك ماددىنى تېخىمۇ كۈچەيتىدۇ.

3-بىر چىلىمنى بىر قانچە كىشى ئىشلەتكەنلىكتىن ئۇلارنىڭ ئارىسىدا بەزى كېسەللىكلەرنىڭ تارقىلىش ئېھتىماللىقى زور بولىدۇ.

4-چىلىمنىڭ سۈيى چىلىمدىكى تاماكا ماددىسى ئۆز ئىچىگە ئالغان راك ۋە باشقا كېسەللىكلەرگە سەۋەپ بولىدىغان زەھەرلىك ماددىلارنى يوق قىلىۋېتەلمەيدۇ.

بەھرەيندىكى"زەھەرلىك چېكىملىككە قارشى تۇرۇش جەمئىيتى" تور بىتىدە مۇنداق بايان قىلىنغان: كۆپچىلىك كىشىلەر چىلىم چېكىشنىڭ زېيىنى تاماكا(سىگارېت) چېكىشنىڭ زىيىنىدىن ئاز بولىدۇ دەپ قارايدۇ. بۇ ئىنتايىن ئاددى قاراشتۇر. چۈنكى ئۇلار چىلىمدا بار بولغان سۇنىڭ ئارىسىدىن ئۆتكەن تۈتۈن زىيانلىق ماددىلارنى پۈركىيدۇ، شۇنىڭ بىلەن چىلىم چىكىش ئارقىلىق كىلىدىغان زىياننىڭ نىسبىتى تۆۋەنلەيدۇ دەپ قارايدۇ. ئەمما چىلىم چەككۈچىنىڭ ئېغىزىدىن چىققان تۈتۈننى تەكشۈرۈش نەتىجىسىدە، بۇ قاراشنىڭ خاتا ئىكەنلىكى ئاشكارا بولدى. چۈنكى ئېغىزدىن چىققان شۇ تۈتۈنمۇ تاماكا تەركىبىدە بار بولغان زەھەرلىك ماددىلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. تەكشۈرۈش نەتىجىسىدىن شۇ ئىسپاتلاندىكى:

1- چىلىم چېكىش دائىم خۇمار قىلىدۇ.

2- چىلىم چېكىش ئۆپكىنىڭ نورمال ھەرىكىتىنى تۆۋەنلىتىدۇ، ئۆپكىنىڭ ئىششىپ كېتىشى، تەرەپلىرىنىڭ ياللۇغلىنىشىغا سەۋەپ بولىدۇ. بۇ كېسەل ئېغىرلاشقانسىرى ئىنساندا ئۇنىڭغا تاقابىل تۇرۇش كۈچى ئاجىزلايدۇ.

3- چىلىم چېكىش ئۆپكە، ئېغىز بوشلۇقى، كاناي ۋە ئاشقازان راكى قاتارلىق كېسەللەرگە سەۋەپ بولىدۇ.

4- چىلىم چېكىش قان تەركىبىدىكى كاربۇن گازىنىڭ يۇقىرى كۆتۈرۈلىشىگە سەۋەپ بولىدۇ.

5- چىلىم چېكىش ئەر-ئاياللاردا ئۇرۇقدانلارنىڭ كەمىيىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

6- چىلىم چەككەنلەرنىڭ ئۆپكە سىل كېسىلىگە گېرىپتار بولۇش نىسبىتى يۇقىرى بولىدۇ.

7- چىلىم چېكىش دائىم چىلىم چېكىدىغان ئاياللار ھامىلدار بولغاندا قورساقتىكى تۆرەلمىنىڭ ۋەزنى تۆۋەنلەيدۇ، شۇنداقلا تۆرەلمە كەلگۈسىدە نەپەس ياللۇغى كېسىلىگە گىرىپتار بولىشى ياكىتۇغۇلۇپلا ئۇشتۇمتۇت ئۆلۈپ كېتىشىگە سەۋەپ بولىشى مۇمكىن.

8-چىلىم چەككۈچى ھەر قېتىم نەپەس ئالغاندا ئۇنىڭدىن ۋە ئۇنىڭ كىيىمىدىن سېسىق پۇراقلار تارايدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا ئاۋازىنىڭ غاراڭ-غۇرۇڭ بولىشى، كۆز قارچۇقلىرىنىڭ قىزىرىپ كېتىشىگە سەۋەپ بولىدۇ. شۇنداقلا مۇددەتتىن بۇرۇن يۈزى ۋە بەدەن تېرىسىگە قورۇق چۈشۈپ كېتىدۇ.

9- بۇنىڭدىن سىرت يەنە چىلىم چەككۈچى ئۆز ئۆيىنىڭ ماددى ۋە مەنىۋىي مۇھىتىنى بۇزغۇچى ھېسابلىنىدۇ.

يۇقىرىقى تەكشۈرۈش نەتىجىسىدە چىلىم چېكىشنىڭ ھارام ئىكەنلىكىمۇ ئوچۇق ئىسپاتلاندى.

شەيخ مۇھەممەد ئىبنى ئىبراھىم رەھىمەھۇللاھدىن: ئورالغان تاماكا(سىگارېت) چېكىش بىلەن چىلىم چېكىشنىڭ ئارىسىدا نېمە پەرق بار؟ دەپ سورالغاندا، شەيخ تاماكىنىڭ ھارام ئىكەنلىكىنى تەپسىلى چۈشەندۈرۈپ بولۇپ، مۇنداق دېگەن: ئەگەر تاماكىنىڭ ھارام ئىكەنلىكى ئىسپاتلانغان بولسا، تاماكىنى قەغەزگە ئوراپ سىگارېت شەكىلدە ئىستىمال قىلىش ياكى چىلىم ئارقىلىق ئىستىمال قىلىش، يەنى ساپ تاماكا ماددىسىنى ئىستىمال قىلىش بىلەن ئۇنىڭغا ئارىلاشتۇرۇلغان ماددىلارنى ئىستىمال قىلىشنىڭ ئارىسىدا ھېچ پەرق يوق، گەرچە ئىسىم ئۆزگەرسىمۇھەقىقەت ئۆزگەرمەيدۇ. ھارام نەرسە باشقا بىر نەرسىگە ئارىلاشتۇرۇلسا، ئۇ نەرسىنىڭ ئەسلىدىكى ھاراملىقى ئۆز ھالىتىدە تۇرىۋېرىدۇ. بۇ توغرىدا پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: قىيامەت يېقىنلاشقاندا بىر بۆلەك كىشىلەر كېلىدۇ، ئۇلار ھاراقنىڭ ئىسمىنى ئۆزگەرتىپ باشقا بىر ئىسىم بىلەن ئىچىدۇ. [ئىمام ئەھمەد رىۋايىتى. شەيخ ئەلبانى رەھىمەھۇللاھ بۇ ھەدىسنى سەھىھ ھەدىسلەر توپلىمى 414-ھەدىستە كەلتۈرگەن]. شەيخ مۇھەممەد ئىبنى ئىبراھىم پەتىۋالار توپلىمى 12-توم 90-بەت.

سەئۇدى ئەرەبىستان ئىلمى تەتقىقات، دىنى پەتىۋا كومىتېتى ئالىملىرى مۇنداق دەيدۇ: "چىلىم، تاماكا قاتارلىقلار ھارام قېلىنغان نىجىس نەرسىلەردىن بولۇپ، ئۇنىڭ تەركىبىدە ئىنسان بەدىنىگە زىيانلىق بولغان ماددىلار مەۋجۇتتۇر. شۇنداقلا پۇل-مالنى ئىسراپ قىلغانلىقتۇر. بۇ توغرىدا ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدە مۇنداق دەيدۇ: وَيُحِلُّ لَهُمُ الطَّيِّبَاتِ وَيُحَرِّمُ عَلَيْهِمُ الْخَبَائِثَتەرجىمىسى: ئۇلارغا پاك نەرسىلەرنى ھالال قىلىدۇ، ناپاك نەرسىلەرنى ھارام قىلىدۇ. [سۈرە ئەئراف 157-ئايەتنىڭ بىرقىسمى].

پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامدىن بايان قىلىنغان سەھىھ ھەدىستە، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: ئۆزىگىمۇ ۋە باشقىلارغىمۇ زىيان يەتكۈزۈش توغرا بولمايدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن چىلىم ۋە تاماكا قاتارلىق چېكىملىكلەرنى ئىستىمال قىلىش، باشقىلارغا سېتىش ۋە جەمئىيەتتە تارقىتىش-راۋاجلاندۇرۇش توغرا بولمايدۇ. [پەتىۋادا: شەيخ ئابدۇل ئەزىز ئىبنى ئابدۇللاھ ئالى شەيخ، شەيخ ئابدۇللاھ ئىبنى غۇدەييان، شەيخ سالىھ ئەلپەۋزان ۋە شەيخ بەكرى ئەبۇ زەيد قاتارلىقلار. دائىمىي كومىتېت پەتىۋاسى26351 ].

تۆتىنچى: ئەمما سىزنىڭ سوئالىڭىز: چىلىمنى تاماكا ماددىسى قوشماي پەقەت گۈل سۈيى بىلەن ئىستىمال قىلىش توغرىسىدا بولۇپ، ئۇ قانداق گۈل سۈيى بىز بۇنى بىلمەيمىز ۋە بۇنداق بولىشىنى خىيالمۇ قىلمايمىز، ئۇنداقتا چىلىمدا كۆيىدىغىنى قانداق ماددا؟، ئۇنىڭدىن سۇمۇرىلىدىغان نەرسىچۇ؟، بۇ ئىنساننىڭ تەسەۋۋۇردىن شاخلاپ چىققان نەرسىگە ھۆكۈم قىلىشتۇر. مەسىلىنى ئوچۇقلاشتۇرۇپ يەنە بىر قېتىم قايتا سورىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.

ھەممىدىن توغرىنى بىلگۈچى جانابى ئاللاھتۇر.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى

ئۇنىڭغا ئالاقىدار تىمىلار