يەكشەنبە 3 رەبىئۇسسانى 1446 - 6 ئۆكتەبىر 2024
Uygur

سالام بېرىش ۋە سالامغا جاۋاپ بېرىشنىڭ ئەڭ ياخشى سېغىلىرى توغرىسىدا

سۇئال

مەن پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامدىن بايان قىلىنغان ھەدىس شەرىپتىكىگە ئوخشاش سالام بېرىش ۋە سالامغا جاۋاپ قايتۇرۇش توغرىسىدا سۇئال سورىماقچى، سالامغا: «ۋە ئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھى ۋەبەرەكاتۇھۇ ۋە مەغپىرەتۇھۇ» دەپ جاۋاپ قايتۇرۇش ھەدىستە بايان قىلىنغانمۇ؟.  بۇ ھەقتە تەپسىلى جاۋاپ بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل مەدھىيىلەر ئالەملەرنىڭ رەببى بولغان ئاللاھقا خاستۇر، پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا، ساھابىلىرىغا ۋە قىيامەتكىچە ئۇلارغا ئەگەشكەن كىشىلەرگە ئاللاھنىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

بىرىنچى: مۇسۇلمان كىشى باشقىلارغا سالام بەرگەندە، «ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم» دېسە كۇپايە قىلىدۇ، «ۋە رەھمەتۇللاھ» دېگەن سۆزنى زىيادە قىلسا ياخشى بولىدۇ. ئەگەر ئۇنىڭغا«ۋەبەرەكاتۇھۇ» دېگەن سۆزنى زىيادە قىلسا بەك ياخشى ۋە ئەۋزەل بولىدۇ.

سالامغا جاۋاپ قايتۇرىدىغان مۇسۇلمانمۇ سالامغا ئوخشاشنى قايتۇرسىمۇ بولىدۇ ياكى ئۇنىڭدىن زىيادە قىلسا ياخشى بولىدۇ. بۇ توغرىدا ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: وَإِذَا حُيِّيتُمْ بِتَحِيَّةٍ فَحَيُّوا بِأَحْسَنَ مِنْهَا أَوْ رُدُّوهَا تەرجىمىسى: «سىلەرگە بىر كىشى سالام بەرسە، ئۇنىڭغا تېخىمۇ ياخشى سالام بىلەن جاۋاب قايتۇرۇڭلار (يەنى بىر كىشى ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم دەپ سالام بەرسە، ئۇنىڭغا ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ۋە رەھمەتۇللاھى ۋەبەرەكاتۇھۇ دەڭلار) ياكى ئۇنىڭ سالامىنى ئەينەن قايتۇرۇڭلار (يەنى ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام دەڭلار. ئاللاھ ھەقىقەتەن ھەممە نەرسىدىن (يەنى بەندىلىرىنىڭ چوڭ ـ كىچىك ئىشلىرىدىن) ھېساب ئالغۇچىدۇر» [سۈرە نىسا 86 -ئايەت].

ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە، بىر قېتىم ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ ئۆيىگە كەلدى، بۇ ۋاقىتتا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۈستىدىكى بالىخانا ئۆيدە ئېدى،  ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ:  ئى ئاللاھنىڭ رەسۇلى!  ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، ئۆمەر كىرسە بولامدۇ؟ دېگەن» [ئەبۇ داۋۇد رىۋايىتى 5203-ھەدىس. شەيخ ئەلبانى سەھىھ دەپ ئەبۇ داۋۇدنىڭ سەھىھ ھەدىسلەر توپلىمىدا كەلتۈرگەن].

پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «ئىنسان ئۆزىنىڭ مۇسۇلمان قىرىندىشىغا ئۇچراشقاندا ئۇنىڭغا: ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ۋەرەھمەتۇللاھى ۋەبەرەكاتۇھۇ دەپ سالام بەرسۇن».  تىرمىزى رىۋايىتى  2721-ھەدىس. شەيخ ئەلبانى سەھىھ دەپ تىرمىزىنىڭ سەھىھ ھەدىسلەر توپلىمىدا كەلتۈرگەن.

ئىمران ئىبنى ھۈسەين رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ:  «بىر كىشى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ يېنىغا كېلىپ:  ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم دېدى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇنىڭغا جاۋاپ قايتۇردى، ئاندىن ئۇ كىشى ئولتۇرغان ئېدى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: ئون دېدى، ئاندىن يەنە بىر كىشى كېلىپ: ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ۋەرەھمەتۇللاھ دېدى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇنىڭغا جاۋاپ قايتۇردى، ئاندىن ئۇ كىشى ئولتۇرغان ئېدى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: يىگىرمە دېدى، ئاندىن يەنە بىر كىشى كېلىپ: ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ۋەرەھمەتۇللاھى ۋەبەرەكاتۇھۇ دېدى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇنىڭغا جاۋاپ قايتۇردى، ئاندىن ئۇ كىشى ئولتۇرغان ئېدى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: ئوتتۇز دېدى». [ئەبۇ داۋۇد رىۋايىتى5195 -ھەدىس. تىرمىزى رىۋايىتى2689 – ھەدىستە ھەسەن ھەدىس دېگەن. شەيخ ئەلبانى سەھىھ دەپ تىرمىزىنىڭ سەھىھ ھەدىسلەر توپلىمىدا كەلتۈردى].

ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا ھەدىس بايان قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: ماڭا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «بۇ جەبرائىل ئەلەيھىسسالام، سىزگە سالام دېدى»، مەن: ئۇنىڭغا ئاللاھنىڭ رەھمەت سالاملىرى ۋە بەرىكىتى بولسۇن دېدىم. [بۇخارى رىۋايىتى 3045 -ھەدىس. مۇسلىم رىۋايىتى 2447 -ھەدىس].

ئىمام نەۋەۋىي رەھىمەھۇللاھ سالامنى قانداق قىلىش توغرىسىدىكى بابتا مۇنداق دەيدۇ: سالامنى باشلىغۇچىنىڭ:  ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ۋەرەھمەتۇللاھ دېيىشى ياخشى بولىدۇ، گەرچە سالام قىلغۇچى بىر ئادەم بولغان تەقدىردىمۇ ئالماشنى كۆپلۈك سىغىسىدە كەلتۈرسە بولىدۇ.

سالامغا جاۋاپ بەرگۈچى: ۋە ئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھى ۋەبەرەكاتۇھۇ دەپ، ۋە ئەلەيكۇم دەپ ۋاۋ ھەرىپى بىلەن قايتۇرىدۇ.  [“سالىھلار باغچىسى”  446 -بەت].

ئەمما:  “ۋە مەغپىرەتۇھۇ” دېگەن سۆزنى زىيادە قىلىش گەرچە سەھىھ بولمىسىمۇ سالامنى باشلاشتا ۋە جاۋاپ بېرىشتە بەزى ھەدىسلەردە كەلگەن، بۇ ھەدىسلەردىن:

1-سەھەل ئىبنى مۇئاز ئىبنى ئەنەس ئاتىسىدىن ئۇ كىشى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن يۇقىرىدا سۆزلەنگەن ئىمران ئىبنى ھۈسەيننىڭ ھەدىسىنىڭ مەنىسىدە ھەدىس بايان قىلىپ ئۇنىڭغا بۇنى زىيادە قىلغان: تۆتىنچى بىر كىشى كېلىپ: ئەسسالام ئەلەيكۇم ۋەرەھمەتۇللاھى ۋەبەرەكاتۇھۇ ۋە مەغپىرەتۇھۇ دېگەندە، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئۇنىڭغا قىرىق دەپ بولۇپ، پەزىلەت مۇشۇنداق بولىدۇ دېگەن. [ئەبۇ داۋۇد رىۋايىتى 5196- ھەدىس. ئىبنى ئەرەبى مالىكى، نەۋەۋىي، ئىبنى قەييىم، ئىبنى ھەجەر ۋە ئەلبانى قاتارلىق ئالىملار-ئاللاھ ئۇلارنىڭ ھەممىسىگە رەھمەت قىلسۇن- ۋە مەغپىرەتۇھۇ دېگەن زىيادە سۆزنى زەئىپ دېگەن.

ئىبنى قەييىم رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: “بۇ ھەدىس سەھىھ ئەمەس چۈنكى بۇ ھەدىستە ئۈچ تۈرلۈك ئىللەت بار.  ئۇنىڭ بىرى:  بۇ ھەدىس رىۋايىتى ھۆججەتلىككە يارىمايدىغان ئەبى مەرھۇم ئابدۇرەھىم ئىبنى مەيمۇننىڭ قىلغان رىۋايىتىدۇر.

ئىككىنچى:  بۇ ھەدىسنىڭ ئىسنادىدا: سەھەل ئىبنى مۇئاز دېگەن كىشى بولۇپ، ئۇ كىشىنىڭ رىۋايىتىمۇ ھۆججەتلىككە يارىمايدۇ.

ئۈچىنچى: ئىسنادتىكى راۋىلاردىن بىرى بولغان:  سەئىد ئىبنى ئەبۇ مەريەم بۇ ھەدىسنى كەسكىنلىك سىغىسى بىلەن رىۋايەت قىلمىغان. بەلكى مەن بۇ ھەدىسنى ناپىئ ئىبنى يەزىدتىن ئاڭلىدىممىكىن دەپ ئويلايمەن دېگەن. “[زادىل مىئاد پى ھەديى خەيرىل ئىباد”  2 -توم 417 -418 -بەتلەر. “زەئىپ ھەدىسلەر توپلىمى” 5433 -نومۇرلۇق ھەدىسكە قارالسۇن.]

2-ئەنەس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: بىر كىشى پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ يېنىدىن ئۆتۈپ: ئەسسالامۇ ئەلەيكە يا رەسۇلۇللاھ! دېگەن ئېدى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇ كىشىگە: «ۋە ئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھى ۋەبەرەكاتۇھۇ ۋەمەغپىرەتۇھۇ ۋە رىزۋانۇھۇ » دەپ جاۋاپ بەردى. بەزى ساھابىلار:  ئى رەسۇلۇللاھ! سىلە ساھابىلاردىن ھېچ بىرىگە قايتۇرمىغان بىر جاۋابنى قايتۇردىلىغۇ؟ دېگەندە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «مېنى بۇنداق دەپ جاۋاپ قايتۇرۇشتىن نېمە چەكلەپ قويىدۇ؟ ھالبۇكى ئۇ كىشى ئون نەچچە كىشىنىڭ ئەجىر-ساۋابى بىلەن قايتقان تۇرسا؟، ئۇ ئۆزىنىڭ ھەمراھلىرىنىڭ قويىنى بېقىپ بېرەتتى دېدى.»  “ئىبنى سىننىينىڭ” بىر كېچە-كۈندۈزنىڭ ئىشى” ناملىق ئەسىرى 235 -بەت.

بۇ ھەدىس بەك زەئىپ بولۇپ، ئىبنى قەييىم “زادىل مىئاد”  2 -توم 418 -بەتتە زەئىپ دېگەن، ھاپىز ئىبنى ھەجەر زەئىپ دەپ مۇنداق دېگەن: بۇ ھەدىسنى ئىبنى سىننىي كىتابىدا ئەنەس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ ھەدىسىدىن بەك ئاجىز ئىسنادتىن چىقارغان: ” ھەدىسنى:  بىر كىشى ئۆتۈپ كېتىۋېتىپ… دەپ باشلىغان”.  [“پەتھۇل بارى”  6 -توم 11 -بەت].

3-زەيد ئىبنى ئەرقەم رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: بىز پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامغا سالام بەرسەك، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام بىزگە: «ۋە ئەلەيكەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھى ۋەبەرەكاتۇھۇ ۋە مەغپىرەتۇھۇ دەپ جاۋاپ قايتۇراتتى». [بۇ ھەدىسنى بەيھەقى “شۇئەبىل ئىمان”  6 -توم 456  -بەتتە رىۋايەت قىلىپ، مۇنۇ سۆزى بىلەن زەئىپ دېگەن:  بۇ ھەدىسنىڭ ئىسنادى شۆبەگە يىتىپ بولغۇچە ئارىلىقتا ھەدىسى ھۆججەتلىككە يارىمايدىغان كىشى بار].

ھاپىز ئىبنى ھەجەر رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ:  بەيھەقى شۇئەبىل ئىماندا زەيىد ئىبنى ئەرقەمنىڭ ھەدىسىدىن زەئىپ ئىسناد بىلەن چىقارغان…. [ “پەتھۇل بارى”  6 -توم 11 -بەت.]

شۇنىڭغا ئاساسەن:  سالام بېرىشتىكى سەھىھ ھەدىستە كەلگەن مۇكەممەل سۆز: ئەسسالام ئەلەيكۇم ۋەرەھمەتۇللاھى ۋەبەرەكاتۇھۇ دېمەكتۇر، جاۋاپ قايتۇرۇشتىمۇ ئەڭ مۇكەممەل سۆز” ۋە ئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھى ۋەبەرەكاتۇھۇ دېگەن سوزدۇر.

ھەممىدىن توغرىنى ئاللاھ تائالا ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى