پەيشەنبە 9 شەۋۋال 1445 - 18 ئاپرىل 2024
Uygur

ئىسلامنىڭ ئەركانلىرى

سۇئال

بىزگە ئىسلامنىڭ ئەركانلىرىنى شەرھىيلەپ بىرىشىڭلارنى ئۈمۈد قىلىمەن .

جاۋاپنىڭ تىكىستى

مەدھىيە ئاللاھقا بولسۇن .
ئىسلام بەش تۈۋرۈك ئۈستىگە قۇرۇلغان بولۇپ ، ئۇنى پەيغەمبەر(ئاللاھنىڭ تەرىپلىشى ۋە ئامانلىق ئۇنىڭغا بولسۇن ) : ئىسلام بەش ئۈستىگە قۇرۇلغان : ئاللاھتىن باشقا ئىلاھ يوق ، مۇھەممەد ئاللاھنىڭ ئەلچىسى دەپ گۇۋاھلىق بىرىش ، ناماز ئۆتەش ، زاكات بىرىش ، ھەج قىلىش ۋە رامىزاندا روزا تۇتۇش دىگەن سۆزى بىلەن شەرھىيلەپ بەردى . [ بىرلىككە كىلىنگەن ؛ بۇنى بۇخارىي نەقىل قىلغان ، 8 ]
ئىسلام ھەم ئەقىدە ھەم قانۇن بولۇپ ، ئاللاھ ۋە ئۇنىڭ ئەلچىسى بىزگە ئۇنىڭدا نىمىنىڭ ھالال ، نىمىنىڭ ھاراملىقىنى ، ئەدەپ-ئەخلاق ۋە گۈزەل پەزىلەتلەرنى ، ئىباەدتلەرنى ، كىشىلەر بىلەن قانداق مۇئامىلە قىلىشنى ، ھەق-ھوقۇقلار ۋە مەجبۇرىيەتلەرنى ، ھەمدە قىيامەت مەنزىرلىرىنى بايان قىلدى . ئاللاھ بۇ دىننى ئەلچىسىنىڭ قولى بىلەن مۇكەممەللەشتۈرۈپ بولغاندا ، ئۇنى قىيامەت قايىم بولغۇچە بارلىق ئىنسانلارنىڭ ھايات يولى بولۇشقا تاللىدى : بىضىن سعلةرنعث دعنعثلارنع صىتىن قعلدعم،سعلةرضة نئمعتعمنع تاماملعدعم،ظعسلام دعنعنع سعلةرنعث دعنعثلار بولذشقا تاللعدعم . [ مائىدە(داستىخان): 3 ]
ۋە بۇ ئىسلام ئەركانلىرى ۋە ئۇنىڭ ئاساسى ئۇللىرى :
بىرىنچى ئەركان : ئىككى گۇۋاھلىق سۆز :
يەنى ، ئاللاھ يىگانە ھالدا پەرۋەردىگار ، پادىشاھ ، ئىدارە قىلغۇچى ، ياراتقۇچى ۋە رىزىق بەرگۈچى دەپ ئىشىنىش . ھەمدە ئاللاھ ئۆزىگە مۇقەررەرلەشتۈرگەن ياكى پەيغەمبىرى ئۇنىڭغا مۇقەررەرلەشتۈرگەن بارلىق گۈزەل ئىسىم ۋە سۈپەتلىرىنى مۇقەررەرلەشتۈرۈش ، ھەمدە ئاللاھ بىردىنبىر ئىبادەت قىلىنىشقا ئەڭ لايىق دەپ ئىشىنىش . ئاللاھ مۇنۇ ئايەتتە دىگەندەك : « الله ظاسمانلارنع ؤة يةرنع ظأرنةكسعز ياراتقذحعدذر،الله نعث خوتذنع يوق تذرسا،قانداقمذ بالعسع بولسذن؟هةممة نةرسعنع الله ياراتقان،هةممة نةرسعنع الله ظوبدان بعلضىحعدذر101.ظةنة شذ الله سعلةرنعث صةرؤةردعضارعثلاردذر،الله دعن بألةك هئح مةبذد(بةرهةق)يوقتذر،ظذهةممة نةرسعنع ياراتقذحعدذر،ظذنعثغا ظعبادةت قعلعثلار ظذ هةر نةرسعضة هامعيدذر .» [ ئەنئام(چاھارپايلار): 101-102 ]
ۋە شۇنىڭدەك ئاللاھ ئەلچىسى مۇھەممەدنى( ئاللاھنىڭ تەرىپلىشى ۋە ئامانلىق ئۇنىڭغا بولسۇن ) ئەۋەتتى ، ئۇنىڭغا قۇرئاننى چۈشۈردى ھەمدە ئۇنىڭغا بۇ دىننى بارلىق كىشىلەرگە يەتكۈزۈشكە بۇيرىدى دەپ ئىشىنىش . ھەمدە ئاللاھ ۋە ئۇنىڭ ئەلچىسىنى سۆيۈش ھەمدە ئۇ ئىككىسىگە بويسۇنۇش ھەر بىر شەخىسكە ۋاجىپ ، ئاللاھنى سۆيۈش پەقەت ئۇنىڭ ئەلچىسىگە( ئاللاھنىڭ تەرىپلىشى ۋە ئامانلىق ئۇنىڭغا بولسۇن ) ئەگىشىش بىلەنلا ئىشقا ئاشىدۇ دەپ ئىشىنىش : « ظئيتقعنكع ظةضةر سعلةر الله نع سۆيسەڭلار،ماثا ظةضعشعثلاركع،الله سعلةرنع سۆيىدۇ ضذناهعثلارنع مةغصعرةت قعلعدذ .الله ناهايعتع مةغصعرةت قعلغذحعدذر،ناهايعتع مئهرعباندذر . [ ئال ئىمران ( ئىمران ئائىلىسى) : 31 ]
ئىككىنچى ئەركان ناماز :
يەنى ، ئاللاھ ھەر بىر ئەقلى ھوشى بار ، بالاغەتكە يەتكەن مۇسۇلمانغا بىر كېچە-كۈندۈزدە بەش نامازنى پەرىز قىلدى دەپ ئىشىنىپ ، ئۇنى پاكىز ھالەتتە ئادا قىلىپ ، ھەر كۈنى پەرۋەردىگارى ئالدىدا پاكىز ھالدا تۆۋەنچىلىك ۋە بىچارىلىك بىلەن تۇرۇپ ئۇنىڭ نىئېمەتلىرى ئۈچۈن تەشەككۈر ئېيتىدۇ ، ئۇنىڭ سېخىيلىقىدىن(پەزلىدىن) سورايدۇ ، گۇناھلىرىدىن كەچۈرۈم سورايدۇ ھەمدە ئۇنىڭدىن جەننەتنى سورايدۇ ، دوزاختىن ساقلىشىنى تىلەيدۇ .
بىر كېچە-كۈندۈزدە پەرىز قىلىنغان نامازلار بولسا بەش ناماز بولۇپ ، ئۇلار بامدات ، پېشىن ، ئەسىر ، شام ۋە خۇپتەندىن ئىبارەت . ۋە يەنە كېچە نامىزى ( تەھەججۇد نامىزى ) ، تەراۋىھ نامىزى ، ئىككى رەكەت چاشگا نامىزى ، ۋە باشقا سۈننەت نامازلار بار .
ناماز مەيلى پەرىز ياكى سۈننەت بولسۇن ، ئۇ بىر كىشىنىڭ بارلىق ئىشلاردا يالغۇز ئاللاھقا يۈزلەنگەنلىكىنىڭ نامايەندىسى بولىدۇ . ئاللاھ بارلىق مۇئىمىنلەرنى ئۇنى جامائەت بولۇپ داۋاملىق ئادا قىلىشقا بۇيرۇپ : نامازلارنى ، بولۇپمۇ ئەسىر نامىزىنى داۋاملىق ئادا قىلىڭلار ، ھەمدە ئاللاھنىڭ ھوزۇرىدا ئىتائەتمەنلىك بىلەن تۇرۇڭلار ( نامازدا باشقىلارغا سۆز قىلماڭلار ) . دىدى .
[بەقەرە ( ئىنەك ) : 238 ]
بىر كېچە-كۈندۈزدە بەش ناماز ھەر بىر مۇسۇلمان ئەر ۋە ئايالغا ۋاجىپ : شىبهعسعزكع،ناماز مأمعنلةرضة ؤاقتع بةلضعلةنضةن صةرز قعلعندع .
[ نىسا(ئاياللار): 103 ]
كىمكى نامازنى تاشلىۋەتسە ئۇنىڭ ئىسلام دىنىدا نىسىۋىسى يوق ، كىمكى ئۇنى قەستەن تاشلىۋىتىدىكەن ئۇ كاپىر . ئاللاھ ئېيىتقاندەك : ئاللاھقا تەۋبە بىلەن قايتىڭلار ، ئاللاھتىن قورقۇڭلار ، نامازنى ئادا قىلىڭلار . مۇشرىكلاردىن بولماڭلار . [ رۇم(رىم) : 31 ]
ئىسلام ئۆزئارا ھەمكارلىق ، قېرىنداشلىق ۋە مۇھەببەت ئۈستىگە قۇرۇلغان بولۇپ ، ئاللاھ بۇ پەزىلەتلەرنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن بۇ نامازلارغا ۋە باشقىلىرىغا يىغىلىشنى (جامائەت بولۇشنى) بىكىتتى . پەيغەمبەر (ئاللاھنىڭ تەرىپلىشى ۋە ئامانلىق ئۇنىڭغا بولسۇن )مۇنداق دىگەن : جامامەت بولۇپ ناماز ئوقۇش يالغۇز ئوقۇلغان نامازدىن 27 ھەسسە ئۈستۈن . [ مۇسلىم نەقىل قىلغان ، 650 ]
ناماز مۇئىمىنلەرگە ئېغىر كۈنلەردە ، بالايى مۇسىبەتلەردە ياردىمى بولىدۇ : سةؤر قعلعش , ناماز ظوقذش ظارقعلعق(الله دعن)ياردةم تعلةثلار.ناماز الله دعن قورققذحعلار(يةنع كةمتةرلعك بعلةن الله غا بويسذنغذحعلار)دعن باشقعلارغا هةقعقةتةن مذشةققةتلعك ظعشتذر . [ بەقەرە( ئىنەك ) : 45 ]
بەش ناماز خاتالىقلارنى ئۆچۈرىدۇ . خۇددى پەيغەمبەر (ئاللاھنىڭ تەرىپلىشى ۋە ئامانلىق ئۇنىڭغا بولسۇن ) دىگەندەك : ئويلاپ باقمامسىلەر ، ناۋادا سىلەرنىڭ بىرىڭلارنىڭ ئىشىكى تۈۋىدە بىر دەريا بولسا ، ئۇنىڭدىن ھەر كۈنى بەش قىتىم يۇيۇنسا ئۇنىڭدا كىر قالامدۇ ؟ ئۇلار : " ئۇنىڭدا ھىچقانداق كىر قالمايدۇ . " دىدى . ئۇ : مانا بۇ بەش نامازنىڭ مىسالى . بۇلار ئارقىلىق ئاللاھ خاتالىقلارنى ئۆچۈرىدۇ . دىدى . [ مۇسلىم نەقىل قىلغان ، 677 ]
مەسچىتتە ناماز ئوقۇش جەننەتكە كىرىشكە سەۋەپ . پەيغەمبەر (ئاللاھنىڭ تەرىپلىشى ۋە ئامانلىق ئۇنىڭغا بولسۇن ) مۇنداق دىگەن : كىمكى مەسچىتكە بارسا ۋە كەلسە ، ئاللاھ ھەر قىتىم ئۇنىڭ بىرىپ –كەلگىنىدە ئۇنىڭغا جەننەتتە بىر ئۆي ھازىرلايدۇ . [ مۇسلىم نەقىل قىلغان ، 669 ]
ناماز بەندە بىلەن ياراتقۇچىنى بىر يەرگە قەملەيدۇ . ھەمدە ئۇ پەيغەمبەرنىڭ خۇشاللىقى ئىدى . قاچانكى ھەرقانداق بىر ئىش ئۇنى قايغۇرتسا ، ئۇ نامازغا يۈزلىنەتتى ۋە پەرۋەردىگارى بىلەن سىردىشاتتى ، ئۇنىڭغا دۇئا قىلاتتى ، ئۇنىڭدىن كەچۈرۈم سورايىتتى ۋە ئۇنىڭ پەزلىنى(سېخىيلىقىنى) سورايىتتى .
تۆۋەنچىلىك ۋە ئاللاھتىن قورقۇش بىلەن ئوقۇلغان ناماز مۇسۇلماننى پەرۋەردىگارىغا يىقىنلاشتۇرىدۇ ھەمدە ئۇنى گۇناھلاردىن ۋە ئەسكى ئىشلاردىن توسۇپ قويىدۇ . خۇددى ئاللاھ ئېيىتقاندەك : ئى مۇھەممەد ، ساڭا ۋەھىي قىلىنغان كىتاپنى تىلاۋەت قىلغىن ، نامازنى ئادا قىلغىن . ناماز ھەقىقەتەن ئەسكى ئىشلاردىن ۋە گۇناھلاردىن توسىدۇ . [ ئەنكەبۇت( ئۆمۈچۈك) : 45 ]
ئۈچۈنچى ئەركان زاكات :
ئاللاھ ئىنسانلارنى ھەر خىل ئىرق ، بىلىم ، ئەخلاق ، كەسىپ ۋە رىزىق بىلەن يارىتىپ ئۇلاردىن باي ۋە كەمبەغەلنى پەيدا قىلدى . چۈنكى باينى شۈكرى قىلامدۇ –يوق ، كەمبەغەلنى بەرداشلىق بىرەمدۇ-يوق دەپ سىنايدۇ .
مۇئمىنلەر – قېرىنداش . قېرىنداشلىق بولسا ھىسداشلىق ، مىھرىبانلىق ، مۇھەببەت ۋە رەھىم-شەپقەت ئۈستىگە قۇرۇلغان بولغاچقا ، ئاللاھ مۇسۇلمانلارغا ئۇلارنىڭ بايلىرىدىن ئىلىنىپ ، كەمبەغەللىرىگە قايتۇرۇپ بىرىلىدىغان زاكاتنى پەرىز قىلدى . ئاللاھ مۇنداق دىگەن : ظذلارنعث ماللعرعنعث بعر قعسمعنع سةدعقة هئسابعدا ظالغعنكع،ظذنعث بعلةن ظذلارنع ضذناهلعرعدعن صاكلعغايسةن ؤة (ياخشعلعقلعرعنع)كأصةيتكةيسةن،ظذلارغا دذظا قعلغعن، شىبهعسعزكع،سئنعث دذظايعث ظذلارغا خاتعرجةملعك ظئلعص كئلعدذ . [ تەۋبە: 103 ]
زاكات مال-مۈلۈكنى پاكلايدۇ ۋە ئۇنى ئاۋۇتىدۇ ، روھنى بىخىللىقتىن تازلايدۇ . ھەمدە بايلار بىلەن نامراتلار ئوتتۇرسىدىكى مۇھەببەتنى كۈچەيتىدۇ-دە ئۆچمەنلىكنى يوقىتىدۇ ، بىخەتەرلىكنى ئۈستۈنلۈككە ئىگە قىلىدۇ ۋە ئۈممەتكە بەخىت ئىلىپ كىلىدۇ .
ئاللاھ نىساب( زاكات كىلىدىغان ئەڭ كىچىك مىقدار) قا ئىگە بولغان ۋە ئۇنىڭغا بىر يىل بولغان ھەر بىر كىشىگە زاكاتنى چىقىرىشنى پەرىز قىلدى . ئالتۇن ، كۈمۈش ياكى باشقا مىتاللار ۋە تاۋارلارنىڭ زاكات نىسبىتى40 تىن بىر . يىزا-ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى ۋە مىۋە-چىۋىلەرنىڭ بولسا ، ئەگەر سۈنئىي ئۇسۇلدا سۇغۇرۇلمايدىغان بولسا 10دىن بىرى . ئەگەر سۈنئىي ئۇسۇلدا سۇغۇرلىدىغان بولسا 10دىن بىرنىڭ يېرىمى . ئۆي ھايۋانلىرى ( قوي ، ئۆچكە ، كالا ۋە تۆگە ) ھەققىدىكى تەپسىلاتلار فىقھى كىتاپلىرىدا چۈشەندۈرۈلگەن . كىمكى زاكاتنى چىقارسا ئاللاھ ئۇنىڭ ئەسكىلىكلىرىنى ئۆچۈرۋىتىدۇ . ئۇنىڭ مال-مۈلكىگە بەركەت بىرىدۇ ھەندە ئۇنىڭغا كاتتا ئەجىر ھازىرلايدۇ . ئاللاھ مۇنداق دىگەن : نامازنع ظادا قعلعثلار ،زاكاتنع بئرعثلار، ظأزةثلارظىحىن ظعشلعضةن هةر قانداق ياخشع ظةمةل بولسا، الله نعث دةرضاهعدا ظذنعث ساؤابعنع تاصعسعلةر، الله هةقعقةتةن قعلغان ظةمةلعثلارنع كأرىص تذرغذحعدذر . [ بەقەرە(ئىنەك) : 110 ]
زاكاتنى بەرمەسلىك ئۈممەتكە ئاپەتلەر ۋە يامانلىقلارنى ئىلىپ كىلىدۇ . ئاللاھ زاكاتنى بەرمىگەن كىشىلەرنى قىيامەت كۈنىدىكى ئەلەملىك ئازاب بىلەن قورقۇتتى . ئۇ مۇنداق دىگەن : « ظالتذن- كىمىش يعغعص،ظذنع الله نعث يولعداسةرص قعلمايدعغانلارغا(دوزاختا بولعدعغان)قاتتعق ظازاب بعلةن بعشارةت بةرضعن34.ظذ كىندة (يةنع قعيامةت كىنعدة)ظذ ظالتذن-كىمىشلةر جةهةننةمنعث ظوتعدا قعزعتعلعص،ظذنعث بعلةن ظذلارنعث صعشانعلعرع،يانلعرع ؤة دىمبعلعرع داغلعنعدذ. ظذلارغا: بذ سعلةرنعث ظأزةثلار ظىحىن يعغقان ظالتذن –كىمىشىثلار( سعلةر بذ دذنيايعثلاردعكع الله نعث هةققعنع ظادا قعلمعدعثلار). يعغقان ظالتذن- كىمىشىثلارنعث ؤابالعنع تئتعثلار دئيعلعدذ. » [ تەۋبە: 34-35 ]
زاكاتنى كىشىلەرنىڭ ئالدىدا ئاشكارا بەرگەندىن يۇشۇرۇن بەرگەن ياخشى . ئاللاھ مۇنداق دىگەن : سةدعقعنع ظاشكارا بةرسةثلار،بذياخشعدذر،ظةضةر ظذنع مةخصع بةرسةثلار ؤة يوقسذللارغا بةرسةثلار،تئخعمذ ياخشعدذر.بذ،سعلةرنعث بةزع ضذناهلعرعثلارغا كةففارةت بولعدذ،الله سعلةرنعث قعلغان ظةمةلعثلاردعن خةؤةرداردذر. [ بەقەرە(ئىنەك): 271 ]
مۇسۇلمان زاكاتنى ئايرىغاندا ، ئۇنى ئاللاھ مۇنۇ ئايەتلەردە تىلغا ئالغان كىشىلەردىن باشقا بىرىگە بىرىشىگە بولمايدۇ : زاكات صةقةت صئقعرلارغا،معسكعنلةرضة،زاكات خادعملعرعغا،دعللعرعنع ظعسلامغا مايعل قعلعش كأزدة تذتذلغانلارغا،قذللارنع ظازات قعلعشقا،قةرزدارلارغا،الله نعث يولعغا،ظعبن سةبعللةرضة بئرعلعدذ،بذ الله نعث بةلضعلعمعسعدذر،الله(بةندعلعرعنعث مةنصةظةتعنع)ظوبدان بعلضىحعدذر، هئكمةت بعلةن ظعش قعلغذحعدذر.
[ تەۋبە: 60 ]
تۆتىنچى ئەركان رامىزاندا روزا تۇتۇش :
روزا تۇتۇش بولسا روزا نىيىتى بىلەن روزىنى سۇندۇرىدىغان نەرسىلەر : يىمەكلىك ، ئىچىملىك ۋە جىنسىي مۇناسىۋەتتىن تاڭ ئاتقاندىن تارتىپ كۈن ئولتۇرغۇچە پەرھىز تۇتۇشنى كۆرسىتىدۇ .
سەۋىر بىلەن ئىيماننىڭ مۇناسىۋىتى باش بىلەن بەدەننىڭ مۇناسىۋىتىگە ئوخشايدۇ . ئاللاھ بۇ ئۇممەتكە ئازابىدىن ساقلىنىشى ، ئۇ چەكلىگەن نەرسىلەردىن نىرى تۇرۇشى ۋە چىدامچانلىق-سەۋىرگە ئادەتلىنىشى، نەپسىنى تىزگىنلىشى ، مەردلىك ۋە سېخىيلىق، ئۆزئارا ھەمكارلىشىش ۋە ھىسداشلىق قىلىش ، ھەمدە ئۆزئارا رەھىم-شەپقەت قىلىشتا بەسلىشىشى ئۈچۈن يىلدا بىر ئاي روزا تۇتۇشنى پەرىز قىلدى . ئاللاھ مۇنداق دىگەن : ظع مأمعنلةر! (ضذناهلاردعن)ساقلعنعشعثلار ظىحىن،سعلةردعن ظعلضعرعكعلةرضة(يةنع ظعلضعرعكع ظىممةتلةرضة)روزا صةرز قعلعنغاندةك،سعلةرضعمذ(رامعزان روزعسع)صةرز قعلعندع.
[ بەقەرە(ئىنەك): 183 ]
رامىزان ئىيى كاتتا ئاي بولۇپ ، ئاللاھ ئۇ ئايدا قۇرئاننى چۈشۈرگەن ، ھەمدە ئۇ ئايدا ياخشىلىقلار ، سەدىقىلەر ۋە ئىبادەتلەرنىڭ ئەجرى ھەسسىلىنىدۇ . ئۇنىڭدا قەدرى كېچىسى بار ، ئۇ مىڭ ئايدىن ياخشى . ئۇ ئايدا جەننەت ئىشىكلىرى ئىچىلىدۇ ، دوزاخنىڭ ئىشىكلىرى تاقىلىدۇ ، شەيتانلار باغلىنىدۇ .
ئاللاھ رامىزان ئىيىدا روزا تۇتۇشنى ھەر بىر بالاغەتكە يەتكەن ، ئەقلى ھوشى بار ئەر ۋە ئايال مۇسۇلمانغا ۋاجىپ قىلدى . ئاللاھ مۇنداق دىگەن : رامعزان ظئيعدا قذرظان نازعل بولذشقا باشلعدع،قذرظان ظعنسانلارغا يئتةكحعدذر،هعدايةت قعلغذحع ؤة هةق بعلةن ناهةقنع ظايرعغذحع روشةن ظايةتلةردذر،سعلةردعن كعمكع رامعزان ظئيعدا هازعر بولسا رامعزان روزعسعنع تذتسذن؛كعمكع كئسةل ياكع سةصةر ظىستعدة(يةنع مذساصعر)بولذص(تذتمعغان بولسا،تذتمعغان كىنلةر ظىحىن)باشقا كىنلةردة تذتسذن.الله سعلةرضة ظاسانلعقنع خالايدذ،تةسلعكنع خالعمايدذ،(ظاغزعثلار ظوحذق يىرضةن كىنلةرنعث قازاسعنع قعلعش بعلةن رامعزان روزعسعنعث)سانعنع تولدذرذشذثلارنع،سعلةرنع هعدايةت قعلغانلعقعغا الله نع ظذلذغلعشعثلارنع،(ظذنعث ظعنظاملعرعغا)شىكىرقعلعشعثلارنع خالايدذ . [ بەقەرە(ئىنەك) : 185 ]
روزا تۇتۇشنىڭ ئەجرى ئاللاھنىڭ ھوزۇرىدا كاتتىدۇر . پەيغەمبەر(ئاللاھنىڭ تەرىپلىشى ۋە ئامانلىق ئۇنىڭغا بولسۇن ) مۇنداق دىگەن : « ئادەم بالىسىنىڭ ھەر بىر ئىشى ھەسسىلىنىدۇ ، ھەر بىر ياخشى ئىشقا 10 ھەسسىدىن 100 ھەسسىگىچە ئەجىر بىرىلىدۇ . ئاللاھ ئېيىتتى : روزا ئۇنىڭ سىرتىدا ، چۈنكى ئۇ مەن ئۈچۈن ، ئۇنىڭ ئەجرىنى ئۆزۈم بىرىمەن . ئۇ ئۆزىنىڭ كۆڭۈل خاھىشىنى ۋە يىمەك-ئىچمىكىنى مەن ئۈچۈن تاشلايدۇ . [ مۇسلىم نەقىل قىلغان ، روزا ]
بەشىنچى ئەركان ھەج :
ئاللاھ مۇسۇلمانلارغا ئۇلار قەيەردە بولمىسۇن ، نامازلىرىدا ۋە دۇئالىرىدا يۈزىنى قىلىدىغان بىر قىبلىنى بىكىتىپ بەردى . ئۇ بولسا مەككە مۇكەررەمەدىكى قەدىمىي ئۆي : يىزىثنع مةسجعدع هةرام تةرةصكة قعلغعن.(ظع مأمعنلةر!)قةيةردة بولماثلار يىزىثلارنع مةسجعدع هةرام تةرةصكة قعلعثلار. [ بەقەرە(ئىنەك): 144 ]
مۇسۇلمانلار دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىغا تارقالغاچقا ، ھەمدە ئىسلام كىشىلەرنى بىرلىشىش ۋە ئۆزئارا تونۇشۇش ۋە شۇنىڭدەك ياخشى ئىشلاردا ۋە تەقۋادارلىقتا ئۆزئارا ھەمكارلىشىش ، ئۆز ئارا ھەقىقەتنى تەۋسىيە قىلىش ، ئاللاھ تەرەپكە دەۋەت قىلىش ھەمدە ئاللاھنىڭ دىنى بەلگىلىرىنى ئۇلۇغلاشقا چاقىرىدىغان بولغاچقا ، ئاللاھ ھەر بىر كۈچ-قۇدرىتى بار ، ئەقلى ھوشى جايىدا ، بالاغەتكە يەتكەن ھەر بىر مۇسۇلمانغا ئۆزىنىڭ قەدىمىي ئۆيىنى زىيارەت قىلىش ، ئۇنىڭ ئەتراپىدا ئايلىنىش (تاۋاپ قىلىش) ، ھەمدە ئاللاھ ۋە ئۇنىڭ ئەلچىسى بايان قىلغاندەك ئادا قىلىشنى ۋاجىپ قىلدى . ئاللاھ مۇنداق دىگەن : قادعر بولالعغان كعشعلةرنعث الله ظىحىن ئۆينى)كةبعنع( زعيارةت قعلعشع ظذلارغا صةرز قعلعندع.كعمكع ظعنكار قعلعدعكةن(يةنع هةجنع تةرك ظئتعدعكةن, زعيعنع ظأزعضة)،شىبهعسعزكع،الله ظةهلع جاهاندعن(يةنع ظذلارنعث ظعبادعتعدعن)بعهاجةتتذر. [ ئال ئىمران(ئىمران ئائىلىسى): 97 ]
ھەج بولسا مۇسۇلمانلارنىڭ بىرلىكى ، كۈچ-قۇدرىتى ۋە شان-شۆھرىتى گەۋدىلىنىدىغان مەزگىل بولۇپ ، پەرۋەردىگار بىر ، پەيغەمبەر بىر ، ئۇممەت بىر ، ئىبادەت بىر ۋە كىيىم-كېچەكلەر بىر .
ھەجنىڭ ئۆزىگە خاس ئەدەپ-قائىدىلىرى ، ۋە شەرىتلىرى بار بولۇپ ، مۇسۇلمانلار ئۇنىڭغا رىئايە قىلىشى كىرەك . مەسىلەن ، تىلىنى ، قۇلۇقىنى ۋە كۆزىنى ئاللاھ چەكلىگەن بارلىق نەرسىلەردىن ساقلاش ، نىيەتلىرىنى خالىس قىلىش ، پاك پۇللارنى ئىشلىتىش ، ئەڭ ياخشى ئەخلاقلار بىلەن زىننەتلىنىش ۋە جىنسىي مۇناسىۋەت ، ، گۇناھ ياكى ناھەق جىدەللىشىشتىن ئىبارەت بارلىق ھەجنى بۇزىدىغان نەرسىلەردىن ساقلىنىش . ئاللاھ ئېيىتقاندەك : هةج ؤاقتع مةلذم بعرقانحة ظايدذر(يةنع شةؤؤال،زذلقةظدة ظايلعرع ؤة زذلهةججة ظئيعنعث ظون كىنعدذر).بذ ظايلاردا هةج قعلعشنع نعيةت قعلغان(يةنع ظئهرام باغلعغان)ظادةمنعث جعنسي ظالاقة قعلعشع،ضذناه قعلعشع ؤة جاثجال قعلعشع مةنظع قعلعنعدذ،سعلةر قانداقلعكع ياخشع ظةمةلنع قعلساثلار،الله ظذنع بعلعص تذرعدذ(ظاخعرةتلعكعثلار ظىحىن)ئوزۇق-تۈلۈك ظئلعؤئلعثلار،ظةث ياخشع ئوزۇق-تۈلۈك تةقؤادارلعقتذر.ظع ظةقعل ظعضعلعرع!ماثا تةقؤادارلعق قعلعثلار. [ بەقەرە( ئىنەك) : 197 ]
ئەگەر بىر مۇسۇلمان ھەجنى پەرىز قىلىنغان ئۇسۇل بويىچە توغرا ئادا قىلسا ، نىيىتى خالىس ئاللاھ ئۈچۈن بولسا ، بۇ ئۇنىڭ گۇناھى ئۈچۈن كەففارەت بولىدۇ . پەيغەمبەر( ئاللاھنىڭ تەرىپلىشى ۋە ئامانلىق ئۇنىڭغا بولسۇن) مۇنداق دىگەن : كىمكى ئاللاھ ئۈچۈن ھەج قىلىپ جىنسىي مۇناسىۋەت قىلمىسا ، ۋە گۇناھ سادىر قىلمىسا ، خۇددى ئانىسىدىن تۇغۇلغان كۈنىدىكىدەك بولۇپ قايتىدۇ .
[ بۇخارىي نەقىل قىلغان ، 15210 ]

شەيخ تۇۋەيجرىنىڭ «ئىسلام دىنىنىڭ ئاساسلىرى» ناملىق كىتابىدىن ئارىيە بىلەن ئاخىرلاشتى.

مەنبە: پېشىۋا مۇھەممەد بىن ئىبراھىيم تۇۋەيجىرىينىڭ ئىسلام دىنىنىڭ ئاساسلىرى كىتابىدىن .