جۈمە 19 رامىزان 1445 - 29 مارت 2024
Uygur

نېمە ئۈچۈن ئايال ئېرىگە بويسۇنىدۇ؟

13661

تارقاتقان ۋاقىت : 22-09-2014

كۆرگۈچىلەر : 4445

سۇئال

كىشىلەر توي قىلغان ۋاقىتتا، نېمە ئۈچۈن ئايال ئېرىنىڭ كۆرسەتمىلىرىنى ئىجرا قىلىدۇ؟ بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل مەدھىيىلەر ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھ تائالاغا خاستۇر.

مۇسۇلمان كىشى ئۈچۈن ئىسلام دىنىدا بىرەر ھۆكۈم بايان قىلىنسا، گەرچە ئۇ كىشى ئۇ ھۆكۈمنىڭ سىر-ھېكمەتلىرىنى بىلمىسىمۇ ئۇنىڭغا ئىشىنىشى ۋە بويسۇنۇشى زۆرۈر بولىدۇ. بۇ توغرىدا ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدە مۇنداق دەيدۇ: وَمَا كَانَ لِمُؤْمِنٍ وَلَا مُؤْمِنَةٍ إِذَا قَضَى اللَّـهُ وَرَسُولُهُ أَمْرًا أَن يَكُونَ لَهُمُ الْخِيَرَةُ مِنْ أَمْرِهِمْ ۗ وَمَن يَعْصِ اللَّـهَ وَرَسُولَهُ فَقَدْ ضَلَّ ضَلَالًا مُّبِينًا تەرجىمىسى: ئاللاھ ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرى بىرەر ئىشتا ھۆكۈم چىقارغان چاغدا، ئەر - ئايال مۆمىنلەرنىڭ ئۆز ئىشىدا ئىختىيارلىقى بولمايدۇ (يەنى ئاللاھ ۋە ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى بىرەر ئىشتا ھۆكۈم چىقارغان ئىكەن، ھېچ ئادەمنىڭ ئۇنىڭغا مۇخالىپەتچىلىك قىلىشىغا بولمايدۇ)، كىمكى ئاللاھقا ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرىگە ئاسىيلىق قىلسا، ھەقىقەتەن ئۇ ئوپئوچۇق ئازغان بولىدۇ. [سۈرە ئەھزاب 36-ئايەت].

مۇسۇلمان كىشى شەرىئەت ھۆكۈملىرىنىڭ ھەممىسىنىڭ ئاجايىپ ھېكمەت بىلەن بولىدىغانلىقىغا كەسكىن ئىشىنىدۇ. گەرچە ئۇ كىشى بەزى ھۆكۈملەرنىڭ ھېكمىتىنى بىلمىسىمۇ ياكى ئۇ ھۆكۈملەردىن بولغان ھېكمەت ئاشكارا بولمىسمۇ بۇنىڭغا چوقۇم ئىشىنىدۇ. بۇنىڭدىن شۇنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، ئىنساننىڭ بىلىمى ۋە ئەقلى ھېچ ۋاقىت كەمچىللىكىدىن خالى بولالمايدۇ.

ئەر بىلەن ئايال بىر يەرگە جەم بولۇپ ئائىلىدىن ئىبارەت ھاياتلىق كېمىسىدە بىرگە ياشىغان ۋاقىتتا، ئۇلار ئارىسىدا پىكرى تەرەپتىن كېلىشەلمەسلىكنىڭ يۈز بېرىشىدىن خالى بولغىلى بولمايدۇ، بۇنداق ۋاقىتتا ئىككى تەرەپنىڭ بىرى مەسىلىنى كەسكىنلىك بىلەن بىر تەرەپ قىلمىسا، كىچىككىنە ئىش چوڭىيىپ، ئارىدىكى تالاش-تارتىش كۆپ بولۇپ كېتىدۇ. مۇشۇنداق ۋاقىتتا ھاياتلىق كېمىسىنى باشقۇرىدىغان ۋە توغرا يۆلۈنۈشكە يېتەكلەيدىغان بىر يېتەكچى بولمىغاندا كېمىچىلەرنىڭ ئىختىلاپ قىلىشى سەۋەبىدىن كېمىدىكىلەر سۇغا غەرق بولۇپ كېتىشى مۇمكىن.

شۇنىڭ ئۈچۈن ئىسلام شەرىئىتى ئائىلىدىكى مەسئۇلىيەت ۋە يېتەكچىلىكنى شۇنداقلا ئايالنى باشقۇرۇشنى ئەرنىڭ زىممىسىدە قىلدى، چۈنكى كۆپ ۋاقىتلاردا ئەر كىشى ئايالغا نىسبەتەن مۇكەممەل ۋە ئەقىللىق بولىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن ئايالنىڭ ئېرىگە ئىتائەت قىلىشى زۆرۈر بولىدۇ. بۇ توغرىدا ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: الرِّجَالُ قَوَّامُونَ عَلَى النِّسَاءِ بِمَا فَضَّلَ اللَّـهُ بَعْضَهُمْ عَلَىٰ بَعْضٍ وَبِمَا أَنفَقُوا مِنْ أَمْوَالِهِمْ تەرجىمىسى: ئەرلەر ئاياللارنىڭ ھامىيلىرىدۇر، بۇ ئاللاھنىڭ ئۇلارنىڭ بەزىسىنى بەزىسىدىن (يەنى ئەرلەرنى كۈچ - قۇۋۋەت، غازاتقا چىقىش قاتارلىق جەھەتلەردە ئاياللاردىن) ئارتۇق قىلغانلىقىدىندۇر ۋە ئەرلەرنىڭ ئۆز پۇل - ماللىرىنى سەرپ قىلغانلىقىدىندۇر (يەنى ئاياللارنىڭ نەپىقىسى ئەرلەرنىڭ زىممىسىگە يۈكلەنگەنلىكتىندۇر). [سۈرە نىسا 34-ئايەت].

ئايالنىڭ ئېرىگە ئىتائەت قىلىشنىڭ سەۋەبلىرىدىن:

بىرىنچى: ئەرلەر بۇ مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئىلىشقا بەكراق لايىق بولغىنىدەك، ئاياللارمۇ پەرزەنت تەربىيىلەش ۋە ئائىلە ئىشلىرىنى باشقۇرۇشتا ئەرلەردىن بەكراق قابىلىيەتلىكتۇر. چۈنكى ئەر-ئايال ھەر بىرىنىڭ ھاياتتا ئۆزىگە مۇناسىپ بولغان تەبىئىي ئورنى ۋە ۋەزىپىسى بار.

ئىككىنچى: ئىسلام دىنىدا ئەر كىشى ئايالىغا نەپىقە قىلىشقا بۇيرۇلغان، شۇنىڭ ئۈچۈن ئاياللارنىڭ خىزمەت قىلىشى ۋە ياكى ئائىلىنى قامداش ئۈچۈن كەسىپ قىلىشى كېرەك ئەمەس. بەلكى ئايالنىڭ ئايرىم ئىقتىسادى كىرىمى ۋە بايلىقى بولغان تەقدىردىمۇ، ئەر كىشى ئۈچۈن ئۇ ئايالنىڭ ئېھتىياجىغا مۇناسىپ خىراجەت قىلىپ بېرىش زۆرۈر بولىدۇ. چۈنكى ئائىلىنى باشقۇرۇش ۋە خىراجەت قىلىپ بېرىش مەسئۇلىيىتى ئەر كىشىنىڭ زىممىسىدە بولىدۇ.

شۇنىڭ ئۈچۈن بۇ پرىنسىپقا زىت كىلىدىغان جەمئىيەتلەردە نۇرغۇن قالايمىقانچىلىق يۈز بېرىۋاتقانلىقىنى كۆرۈمىز، ئەر ئايالىغا خىراجەت قىلىپ بېرىش مەسئۇلىيىتىنى ئۆز ئۈستىگە ئالمايدۇ، ئايال ئېرىگە ئىتائەت قىلمايدۇ، خالىغان ۋاقىتلاردا ئۆيدىن چىقىپ كېتىدۇ، ئائىلە تۇرمۇشىنى چۆرۈپ تاشلايدۇ، ئەۋلادلىرىنى زايە قىلىدۇ، ئائىلە ئىشلىرى ۋە ئەۋلادلىرىنىڭ ئېھتىياجىدىن چىقىشنى زور قىيىنچىلىق ۋە ھارغىنلىق- چارچاش ھېس قىلىدۇ.

بۇ يەردە يەنە تۆۋەندىكى ئىشلارغا رىئايە قىلىش كېرەك بولىدۇ:

بىرىنچى: ئايال ئېرىگە ئىتائەت قىلسا، بۇنىڭ ئۈچۈن ئۇ ئايال ئاللاھ تائالانىڭ ھوزۇرىدا كاتتا ئەجىر-ساۋابقا ئېرىشىدۇ.

ئىككىنچى: ئايال كىشى ئاللاھ تائالاغا ئاسىيلىق بولمايدىغان ئىشلاردا چوقۇم ئېرىگە ئىتائەت قىلىشى كېرەك. بۇ توغرىدا پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: ئاللاھ تائالاغا ئاسىيلىق قىلىش بەدىلىگە مەخلۇققا ئىتائەت قىلىش يوق. [ئىمام ئەھمەد رىۋايىتى].

ئۈچىنچى: شۇنىڭدەك ئەر كىشىمۇ شەرىئەت بەلگىلىمىلىرىگە تولۇق بويسۇنۇپ، ئايالىغا ياخشى مۇئامىلە قىلىشى، ئائىلە تۇرمۇشىنى چىرايلىق شەكىلدە ئىلىپ بېرىشى كېرەك. بۇ ھەقتە ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: وَلَهُنَّ مِثْلُ الَّذِي عَلَيْهِنَّ بِالْمَعْرُوفِ تەرجىمىسى: ئاياللىرى ئۈستىدە ئەرلەرنىڭ ھەقلىرى بولغىنىدەك، ئەرلىرى ئۈستىدە ئاياللارنىڭمۇ ھەقلىرى بار (يەنى ئاياللار مۇۋاپىق دەرىجىدە ھوقۇقتىن بەھرىمەن بولۇشى كېرەك، مۇۋاپىق دەرىجىدە مەجبۇرىيەتمۇ ئۆتىشى كېرەك). [سۈرە بەقەرە 228-ئايەتنىڭ بىرقىسمى]. ئەر كىشى ئايالغا زۇلۇم قىلماسلىقى، ئايالنى ئۆزى بىلەن توي قىلغانلىقىغا تويغۇزماستىن، بەلكى ئەر كىشى ئايالىغا ئىللىق مۇئامىلە قىلىپ، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلىشى، ئايالىنى ئۆزىنىڭ، ئايالىنىڭ ۋە ئائىلىنىڭ مەنپەئەتىگە ئۇيغۇن كىلىدىغان ئىشلارغا بۇيرۇشى لازىم.

ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا بايان قىلغان ھەدىستە، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: سىلەرنىڭ ئاراڭلاردىكى ئەڭ ياخشى كىشىلەر ئۆز ئەھلىگە ياخشى مۇئامىلىدە بولغانلىرىڭلاردۇر. مەن ئەھلى ئاياللىرىمغا ياخشى مۇئامىلە قىلىشتا سىلەرنىڭ ياخشىراقىڭلاردۇرمەن. [تىرمىزى ۋە ئىبنى ماجە رىۋايىتى].

ئاللاھ ھەممىدىن ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە: شەيخ مۇھەممەد سالىھ ئەل مۇنەججىد