پەيشەنبە 9 شەۋۋال 1445 - 18 ئاپرىل 2024
Uygur

دىنىمىز نېمە ئۈچۈن ئىسلام دىنى دەپ ئاتىلىدۇ

13695

تارقاتقان ۋاقىت : 28-08-2010

كۆرگۈچىلەر : 6919

سۇئال

سوئال: ئىسلام دىنى نېمە ئۈچۈن ئىسلام نامى بىلەن ئاتالغان؟

جاۋاپنىڭ تىكىستى

جاۋاب:
بارلىق ھەمدۇ-سانا ئاللاھقا خاستۇر.
ئىسلام دىنىغا كىرگەن ئادەم ئۆزىنى پۈتۈنلەي ئاللاھقا تاپشۇرۇپ ئۇنىڭ رەسۇلىنىڭ بۇيرىغانلىرىغا شەرتسىز بويسۇنۇشى تەلەپ قىلىنغانلىقى ئۈچۈن ئىسلام دەپ ئاتالدى. بۇ مۇقەددەس دىنغا بۇ ئىسىمنى ئاللاھ تائالا ئۆز رازىلىقى بىلەن تاللىغان بولۇپ بۇ ھەقتە مۇنداق دەيدۇ: ئىسلام دىنىنى سىلەرنىڭ دىنىڭلار بولۇشقا تاللىدىم سۈرە مائىدە 3-ئايەتنىڭ بىر قىسمى. ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدە: « ئۆزىنى ئەخمەق قىلغانلاردىن باشقا كىم ئىبراھىمنىڭ دىنىدىن يۈز ئۆرۈيدۇ؟ ھەقىقەتەن بىز ئۇنى بۇ دۇنيادا (پەيغەمبەرلىككە) تاللىدۇق. شەك- شۈبھىسىزكى، ئاخىرەتتە ئۇ ياخشىلار قاتارىدا بولىدۇ. ئۆز ۋاقتىدا پەرۋەردىگارى ئۇنىڭغا: (پەرۋەردىگارىڭنىڭ ئەمرىگە) ئىتائەت قىلغىندېدى. ئۇ:ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارىغا ئىتائەت قىلدىم دېدى» دەيدۇ. بەقەرە سۈرىسى 130-131- ئايەتلەر.
يەنە بىر ئايەتتە: كىمكى ئۆزىنى ئاللاھقا تاپشۇرۇپ ياخشى ئىشلارنى قىلىدىكەن، ئۇنىڭ ئەجرىنى ئاللاھ بېرىدۇ دەيدۇ.
سەئۇدى ئەرەبىستان ئىلمى تەتقىقات دىنى پەتىۋا تەشۋىقات كومىتېتى

مەنبە: www.islamqa.com