بارلىق گۈزەل مەدھىيىلەر ئالەملەرنىڭ رەببى بولغان ئاللاھقا خاستۇر، پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا، ساھابىلىرىغا ۋە قىيامەتكىچە ياخشىلىقتا ئۇلارغا ئەگەشكەنلەرگە ئاللاھنىڭ رەھمىتى، سالامى ۋە بەرىكىتى بولسۇن.
بىرىنچى: قۇرئان كەرىمنى ياد قىلىش ئىبادەت بولۇپ، قۇرئان ياد قىلغۇچى بۇنىڭ بىلەن ئاللاھنىڭ رازىلىقىنى تەلەپ قىلىشى ۋە ئاخىرەتتە ئېرىشىدىغان ساۋابنى مەقسەت قىلىشى كېرەك، ئەگەر بۇنىڭدىن باشقىنى مەقسەت قىلسا، ئەجىر-ساۋاپ بولماستىن بەلكى بۇ ئىبادەتنى ئاللاھنىڭ غەيرىگە سەرپ قىلغانلىقى ئۈچۈن قاتتىق ئازابقا دۇچار بولىدۇ.
قۇرئان ياد قىلغۇچىغا قۇرئاننى ياد قىلىش بىلەن دۇنيالىق مەنپەئەتنى ھاسىل قىلىشنى مەقسەت قىلماسلىقى ۋاجىپ بولىدۇ، چۈنكى قۇرئان كەرىمنى ياد قىلىش دېگەن دۇنيادا تىجارەت قىلىنىدىغان تاۋار ئەمەس، بەلكى ئۇ ئاللاھ تائالاغا تەقدىم قىلىنىدىغان ئىبادەتتۇر.
-قۇرئان كەرىمنى ياد قىلغان قارىنىڭ دۇنيادىكى ئالاھىدىلىكى.
ئاللاھ تائالا قۇرئان ياد قىلغۇچى قارىنى دۇنيا-ئاخىرەتتە ئالاھىدە خۇسۇسىيەتلەرگە ئىگە قىلدى، ئۇ خۇسۇسىيەتلەردىن:
-قۇرئاننى ياد قىلغان قارى نامازدا باشقىلارنىڭ ئالدىغا چىقىپ ئىمام بولىدۇ.
ئەبۇ مەسئۇد ئەنسارى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ھەدىس بايان قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «جامائەت ئارىسىدىن ئاللاھنىڭ كىتابىنى ياد قىلغان كىشى ئىمام بولىدۇ، جامائەتنىڭ ھەممىسى دېگىدەك قۇرئان ياد قىلغان كىشىلەر بولسا، ئۇلارنىڭ ئارىسىدىن پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ سۈننەتلىرىنى بەكراق بىلگۈچى ئىمام بولىدۇ، ئەگەر ئۇلارنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك سۈننەتنى ياخشى بىلىدىغان بولسا، ئۇلارنىڭ ئارىسىدىن ئىلگىرى ھىجرەت قىلغان كىشى ئىمام بولىدۇ، ئەگەر ئۇلارنىڭ ھەممىسى ھىجرەتتە باراۋەر بولسا، ئۇلارنىڭ ئارىسىدىن ياشتا چوڭ بولغان مويىسپىت بىرى ئىمام بولىدۇ، بىر ئادەم يەنە بىر ئادەمنىڭ باشقۇرۇش دائىرىسىدىكى ئورۇندا ئۇ كىشىنىڭ ئىزنىسىز جامائەتكە ئىمام بولمىسۇن، ئۆيىگە كىرگەن بولسا، ئۆي ئىگىسىنىڭ ئورنىدا ئولتۇرۇۋالمىسۇن» [ مۇسلىم رىۋايىتى673-ھەدىس].
ئابدۇللاھ ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: «پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مەدىنىگە ھىجرەت قىلىشتىن ئىلگىرى دەسلەپتە ھىجرەت قىلغان مۇھاجىرلاردىن بىر جامائەت قۇباغا چۈشكەندە، ئەبۇ ھۈزەيپىنىڭ ئازادگەردىسى سالىم ئىمام بولۇپ ناماز ئادا قىلغان، ئۇ ۋاقىتتا سالىم ئۇلارنىڭ ئارىسىدا قۇرئان كەرىمنى ھەممىدىن كۆپ ياد بىلىدىغان كىشى ئېدى» [بۇخارى رىۋايىتى660-ھەدىس].
قىيىنچىلىق بولۇپ ئىككى كىشىنى بىر قەبرىگە دەپنە قىلماقچى بولغاندا قۇرئان ياد قىلغۇچى قەبرىگە ئىلگىرى كىرگۈزۈلۈپ قىبلە تەرىپىگە قۇيىلىدۇ،
جابىر ئىبنى ئابدۇللاھ رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئوھۇد ئۇرۇشىدا شېھىت بولغانلاردىن ئىككى كىشىنى بىر كېپەنگە جۇغلاپ: بۇلاردىن قايسىسى قۇرئاننى كۆپ ياد قىلغان؟ دەپ سورايتتى، ئىككى كىشىنىڭ بىرىگە بۇ كۆپ ياد قىلغان دەپ ئىشارەت قىلسا، ئۇنى لەھەتكە يەنى ئىچ يەرلىككە بۇرۇن كىرگۈزەتتى ۋە مەن قىيامەت كۈنى ئۇلارغا شاھىد بولىمەن دەپ، ئۇلارنى يۇماستىن، نامىزىنى چۈشۈرمەستىن كىيىملىرى ۋە قان ئىزلىرى بىلەن دەپنە قىلىشقا بۇيرىدى». [بۇخارى رىۋايىتى1278 -ھەدىس].
– قۇرئان ياد قىلغۇچى مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئالالىسا رەھبەرلىك ئورنىغا قويىلىدۇ.
ئامىر ئىبنى ۋاسىلەدىن بايان قىلىنىدۇكى، ناپى ئىبنى ئابدۇل ھارىس ئوسپان دېگەن جايدا ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ بىلەن ئۇچراشتى، ئۇ كىشىنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مەككىگە ۋالى قىلىپ بېكىتكەن ئېدى، ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ئۇنىڭدىن: ۋادى ئەھلىگە كىمنى مەسئۇل قىلدىڭ؟ دېگەن ئېدى، ئۇ كىشى: ئىبنى ئەبزانى دېدى، ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ: ئىبنى ئەبزا دېگەن كىم؟ دېدى، ئۇ كىشى: ئۇ بىزنىڭ ئازادگەردىلىرىمىزدىن بىرى دېدى، ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ: ئۇلار ئازادگەردىنى مەسئۇل قىلدىڭمۇ؟ دېگەن ئېدى، ئۇ كىشى: ئۇ ئاللاھنىڭ كىتابىنى ياد قىلغان، مىراس ئىلمىنى ياخشى بىلىدىغان كىشى دېدى، ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ: ھەقىقەتەن سىلەرنىڭ پەيغەمبىرىڭلار ئەلەيھىسسالام: «ئاللاھ تائالا بۇ كىتاپ بىلەن بەزى مىللەتلەرنىڭ شەنىنى يۇقىرى قىلىدۇ، بەزى مىللەتلەرنىڭ ئورنىنى چۈشۈرىدۇ» دېگەن. [مۇسلىم رىۋايىتى817-ھەدىس].
– قۇرئان كەرىمنى ياد قىلغان قارىنىڭ ئاخىرەتتىكى ئالاھىدىلىكى.
ئاخىرەتتىكى ئالاھىدىلىكى بولسا: ئۇنىڭ ئورنى ياد قىلغان ئاخىرقى ئايەت بىلەن بولىدۇ.
ئابدۇللاھ ئىبنى ئەمىر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە: پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «قۇرئان ياد قىلغۇچى قارى ئۈچۈن: ئوقۇغىن، يۇقىرى ئۆرلىگىن، دۇنيادا تىلاۋەت قىلغاندەك تىلاۋەت قىلغىن، سېنىڭ ئورنۇڭ سەن تىلاۋەت قىلغان ئاخىرىقى ئايەت بىلەن بولىدۇ دېيىلىدۇ». [بۇ ھەدىسنى تىرمىزى 2914 -رىۋايەت قىلىپ، بۇ ھەسەن، سەھىھ ھەدىس دېگەن. شەيخ ئەلبانى تىرمىزىنىڭ سەھىھ ھەدىسلەر توپلىمىدا2329 -كەلتۈرۈپ ھەسەن سەھىھ دېگەن. ئەبۇ داۋۇد 1464-ھەدىستە رىۋايەت قىلغان].
قۇرئاننى ياد قىلغۇچى جەننەتتىكى ئورنىدا ئۆزلىرىگە ھەمراھ بولغان پەرىشتىلەر بىلەن بىرگە بولىدۇ.
ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھادىن بايان قىلىنغان ھەدىستە: پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «قۇرئان ياد قىلىپ تىلاۋەت قىلغۇچى كىشى ناھايىتى ياخشى، ئېسىل پۈتۈكچى پەرىشتىلەر بىلەن بىرگە بولىدۇ، قۇرئاننى قىينىلىپ ئوقۇيدىغان كىشىگە قوش ئەجىر بېرىلىدۇ». [بۇخارى رىۋايىتى4653 -ھەدىس. مۇسلىم رىۋايىتى798-ھەدىس].
قۇرئاننى ياد قىلغان قارىغا قىممەتلىك تاج ۋە ئېسىل كىيىملەر كېيدۇرىلىدۇ.
ئەبۇ ھۈرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «قىيامەت كۈنىدە قۇرئان كەرىم كېلىپ: ئى رەببىم! بۇ كىشىگە ئېسىل كىيىم كېيگۈزسىلە دەيدۇ، ئۇ كىشىگە قىممەتلىك تاج كېيگۈزىلىدۇ، ئاندىن يەنە: ئى رەببىم! زىيادە كېيگۈزسىلە دەيدۇ، ئۇ كىشىگە ئېسىل كىيىملەر كېيگۈزىلىدۇ، ئاندىن: ئى رەببىم! ئۇنىڭدىن رازى بولسىلا دەيدۇ، ئۇ كىشىدىن رازى بولىدۇ، ئاندىن ئۇ كىشىگە: ئوقۇغىن، يۇقىرى ئۆرلىگىن دېيىلىدۇ، ھەر بىر ئايەت بىلەن ياخشىلىقى زىيادە بولىدۇ». [تىرمىزى 2915 -ھەدىستە رىۋايەت قىلىپ بۇ ھەدىس ھەسەن، سەھىھ دېگەن. شەيخ ئەلبانى تىرمىزىنىڭ سەھىھ ھەدىسلەر توپلىمىدا 2328 -كەلتۈرۈپ ھەسەن دېگەن].
قۇرئان كەرىم قارىنىڭ ھەققىدە ئاللاھنىڭ ھوزۇرىدا شاپائەت تەلەپ قىلىدۇ.
ئەبى ئۇمامە باھىلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ھەدىس بايان قىلىپ: مەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەنلىكىنى ئاڭلىغان دەيدۇ: «قۇرئان كەرىمنى ئوقۇڭلار، ھەقىقەتەن قۇرئان كەرىم قىيامەت كۈنىدە ئۆز ساھىبى ئۈچۈن شاپائەت تەلەپ قىلىدۇ، بەقەرە ۋە ئال ئىمراندىن ئىبارەت بۇ ئىككى گۈل-چېچەكتەك سۈرىنى ئوقۇڭلار، بۇ ئىككى سۈرە قىيامەت كۈنىدە گوياكى ئىككى توپ بۇلۇتتەك ياكى ئىككى توپ بولغان قۇشلاردەك كېلىپ ئۆز ساھىبى ئۈچۈن شاپائەت تەلەپ قىلىدۇ. بەقەرە سۈرىسىنى ئوقۇڭلار، ھەققىقەتەن بۇ سۈرىنى ئوقۇش بەرىكەتتۇر، تەرك قىلىش ھەسىرەتتۇر. بۇ سۈرىنى ئوقۇپ تۇرغان كىشىگە سېھىر تەسىر قىلمايدۇ». [مۇسلىم رىۋايىتى 804-ھەدىس. بۇخارى تەلىق قىلىپ كەلتۈرگەن.]
– قۇرئان كەرىمنى ياد قىلغان قارىنىڭ ئاخىرەتتىكى ئورنى، ئائىلىسىدىكىلەرنى ۋە يېقىنلىرىنى شاپائەت قىلىدىغانلىقى.
قۇرئان ياد قىلغۇچى قارىنىڭ يېقىنلىرى ۋە ئەۋلادلىرىغا كەلسەك، ئۇنىڭ ئاتا-ئانىسىغا دۇنيا ۋە دۇنيادىكى ھەممە نەرسىدىن قىممەتلىك بولغان ئېسىل كىيىملەر كېيدۈرىلىدۇ، بۇ پەقەت ئاتا-ئانىنىڭ پەرزەنتنىڭ تەربىيە ئىشلىرىغا ياخشى كۆڭۈل بۆلگەنلىكىدىندۇر، ھەتتا ئاتا-ئانىسى بىلىمسىز بولسىمۇ ئاللاھ تائالا بالىسىنىڭ ھۆرمىتىدىن ئۇلارنى ئىززەت-ئىكرام قىلىدۇ، ئەمما پەرزەنتىنى قۇرئان ئوقۇشتىن توسىدىغان، قۇرئان ياد قىلىشتىن چەكلەيدىغان كىشىلەر مۇشۇنداق ياخشىلىقلاردىن مەھرۇم قالىدۇ.
ئەبۇ ھۈرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «قىيامەت كۈنىدە قۇرئان كەرىم ياشلانغان ئادەمدەك كېلىپ ساھىبىغا مۇنداق دەيدۇ: مېنى تونۇمسىز؟ مەن دۇنيادا سىزنى كېچىسى ئۇيقۇسىز، كۈندۈزدە ئۇسسۇز قويغان قۇرئان بولىمەن. ھەر بىر تىجارەتچى ئۆز تىجارىتىنىڭ ئارقىسىدا بولىدۇ، مەن بۈگۈن ھەممە تىجارەتچىنىڭ ئارقىسىدىن سىزنىڭ مەنپەئەتىڭىز ئۈچۈن بولىمەن، ئوڭ قولىغا ئىگىدارچىلىق، سول قولىغا ئەبەدىيلىك بېرىلىدۇ، بېشىغا تەمكىنلىك تاجى كېيدۈرىلىدۇ، ئاتا-ئانىسىغا دۇنيا ۋە دۇنيادىكى ھەممە نەرسىدىن قىممەتلىك بولغان ئېسىل كىيىملەر كېيدۈرىلىدۇ، ئاتا-ئانىسى: ئى رەببىم! بۇ ئېسىل كىيىملەر بىزگە نېمە ئۈچۈن بېرىلدى؟دېگەندە، ئۇلارغا: پەرزەنتىڭلارغا قۇرئان كەرىم تەلىم بەرگەنلىكىڭلار ئۈچۈن دېيىلىدۇ». [تەبرانى “ئەل ئەۋسەت” 6 -توم 51 -بەتتە كەلتۈرگەن. ]
بۇرەيدە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «كىمكى قۇرئان كەرىمنى ياد قىلسا، باشقىلارغا تەلىم بەرسە، ئۇنىڭغا ئەمەل قىلسا، ئۇ كىشىنىڭ ئاتا-ئانىسىغا قىيامەت كۈنىدە يورۇقلۇقى قۇياشتەك نۇر چاچىدىغان نۇرلۇق تاج كېيدۇرىدۇ، ئاتا-ئانىسىغا دۇنيا ۋە دۇنيادىكى ھەممە نەرسىدىن قىممەتلىك بولغان ئېسىل كىيىملەر كېيدۈرىلىدۇ، ئاتا-ئانىسى: ئى رەببىم! بۇ ئېسىل كىيىملەر بىزگە نېمە ئۈچۈن بېرىلدى؟دېگەندە، ئۇلارغا: پەرزەنتىڭلارغا قۇرئان كەرىم تەلىم بەرگەنلىكىڭلار ئۈچۈن دېيىلىدۇ». [ھاكىم مۇستەدرەك 1 -توم 756 -بەتتە رىۋايەت قىلىنغان].
يۇقىرىدىكى ئىككى ھەدىسنىڭ بىرى يەنە بىرىنى كۈچلەندۈرىدۇ. “سەھى ھەدىسلەر توپلىمى” 2829 -نومۇرلۇق ھەدىسكە قارالسۇن.
ھەممىدىن توغرىنى ئاللاھ تائالا ياخشى بىلگۈچىدۇر.