جۈمە 10 شەۋۋال 1445 - 19 ئاپرىل 2024
Uygur

باشقىلارنىڭ مېلىنى ھەقسىز ئالدى، سەپەر مۇناسىۋىتى بىلەن ئۇنى قايتۇرۇشقا قادىر بولالمىدى

سۇئال

مەن ئەرەب قولتۇقى دۆلەتلىرىنىڭ بىرىدە قانۇنى مەسلىھەتچى بولۇپ ئىشلىدىم، قىلغان خىزمىتىم ئۈچۈن ھەق ئالدىم، لېكىن بۇ يەردە بىر مەسىلە: مېنىڭ ھالال ماللىرىمغا مېنىڭ ۋەكىلىمدىن ھەقسىز ئالغان شەكلىك ماللار ئارىلىشىپ قالدى، مەن ماللىرىمغا ئارىلىشىپ قالغان بۇ ماللارنىڭ مىقدارىنى بىلمەيمەن، ئۇنى ئىگىلىرىگە قايتۇرۇشقىمۇ قادىر بولالمايمەن، چۈنكى مەن ھازىر ئۆز ۋەتىنىم بولغان مىسىردا ياشايمەن، مەن ئىلگىرىكى ئىشلىرىمغا تەۋبە قىلدىم، ماللىرىمنى پاكلاش ئۈچۈن ئاللاھ يولىدا خەير-ئېھسان قىلىشقا ئۇرىنىۋاتىمەن، ئاللاھنىڭ مېنى ئەپۇ قىلىشى ۋە رازى بولىشى ئۈچۈن قانداق قىلىشىم كېرەك؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھقا خاستۇر. پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئۇنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى ۋە ساھابىلىرىغا ئاللاھ تائالانىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

   بىرىنچى: كىمكى باشقىلارنىڭ مېلىنى ھەقسىز ئالىدىكەن، ئۇنى ئىگىسىگە قايتۇرۇشى كېرەك بولىدۇ. ئۇ كىشىنىڭ تەۋبىسى پەقەت مالنى قايتۇرۇش بىلەن بولىدۇ. بۇ توغرىدا بايان قىلىنغان ھەدىستە، ئەبۇ ھۈرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: كىمكى ئۆزىنىڭ قېرىندىشىغا زۇلۇم قىلغان بولسا ياكى يۈز-ئابرۇيىنى تۆككەن بولسا ياكى بىر نەرسىسىنى ئالغان بولسا، ئالتۇن-كۈمۈش بولمايدىغان، زۇلۇم قىلغۇچىنىڭ ياخشى ئەمەللىرى بولسا ئۇنىڭ قىلغان زۇلۇمى مىقدارىدا ياخشى ئەمەللىرى زۇلۇم قىلىنغۇچىغا ئېلىپ بېرىلىدىغان، ئەگەر ياخشىلىقى بولمىسا زۇلۇم قىلىنغۇچىنىڭ خاتالىقلىرى زۇلۇم قىلغۇچىغا يۈكلىنىدىغان كۈن كېلىشتىن بۇرۇن، بۇنىڭدىن خالاس بولسۇن. [بۇخارى رىۋايىتى 2449-ھەدىس].

    ئىمام نەۋەۋىي رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "ئۆلىمالار مۇنداق دەيدۇ: بارلىق گۇناھلاردىن تەۋبە قىلىش زۆرۈردۇر، ئەگەر خاتالىق بەندە بىلەن ئاللاھنىڭ ئارىسىدا بولسا، كىشىلەرنىڭ ھەق-ھوقۇقىغا ئالاقىدار بولمىسىلا، بۇنىڭ شەرتى ئۈچ تۈرلۈك بولىدۇ: بىرىنچى: خاتالىقتىن قول ئۈزۈش، ئىككىنچى:ئۆتكەنكى قىلمىشىغا پۇشايمان قىلىش، ئۈچىنچى: ئۆتكەنكى خاتالىقلارغا ئەبەدىي قايتماسلىق ئىرادىسىگە كېلىشتىن ئىبارەتتۇر. ئەگەر بۇ ئۈچ شەرتنىڭ بىر يوق بولسا ئۇ كىشىنىڭ قىلغان تەۋبىسى توغرا بولمايدۇ.

    ئەگەر خاتالىق كىشىلەرنىڭ ھەققىگە ئالاقىدار بولسا، بۇنىڭ شەرتى تۆت تۈرلۈك بولۇپ، يۇقىرىدا بايان قىلىنغان ئۈچ تۈرلۈك شەرت، تۆتىنچىسى: ھەق ئىگىسىنىڭ ھەققىنى ئادا قىلىش، ئەگەر ھەق پۇل-مال قاتارلىق نەرسىلەر بولسا، ئۇنى ئىگىسىگە قايتۇرىدۇ، ئەگەر بۆھتان قىلىپ جازاغا ئۇچراتقان بولسا، ئۇنىڭغا دەردىنى ئېلىۋىلىشى ئۈچۈن ئىمكانىيەت يارىتىپ بېرىدۇ ياكى ئۇنىڭدىن ئەپۇ قىلىشنى تەلەپ قىلىدۇ. ئەگەر غەيۋەت قىلغان بولسا ئۇنىڭدىن ئەپۇ سورايدۇ. ["رىيازۇسسالىھىن" ناملىق ئەسەر 33-بەت].

    ئەگەر قايتۇرىدىغان مالنىڭ مىقدارىنى بىلمىسە، ئېھتىيات قىلغان ئاساستا كۈچلۈك قارىشى بويىچە ھېسابلاپ قايتۇرىدۇ، ئەگەر مالنىڭ مىقدارى سەكسەن بىلەن يۈزنىڭ ئارىسىدا بولسا، مەسئۇلىيەتنى ئادا قىلىش ئۈچۈن ئىشەنچىلىك بولغان يۈزنى قايتۇرىدۇ.

    ئەگەر زۇلۇم قىلىنغۇچىغا خەۋەر قىلسا، ئارىسىدا كۆڭۈلسىزلىك يۈز بېرىشىدىن ئەنسىرىسە خەۋەر قىلمىسىمۇ بولىدۇ، بانكا ھېسابىغا ياتقۇزۇش ياكى ئىگىسىگە بىلدۈرمەستىن يەتكۈزۈپ بېرىدىغان بىرىگە بېرىش قاتارلىق مۇمكىن بولىدىغان قايسى يول بىلەن بولسۇن يەتكۈزسە بولىدۇ.

    ئەگەر ھەق ئىگىسى ئۆلۈپ كەتكەن بولسا، مالنى ئۇنىڭ مىراسخۇرلىرىغا بېرىدۇ.

    ئىككىنچى: ئەگەر ھەق ئىگىسىنىڭ ئىسمىنى ئۇنتۇلۇپ قىلىپ ياكى باشقا سەۋەپلەردىن ھەق ئىگىسىنى تونۇيالماي مال ئۇنىڭغا يەتكۈزۈلمىسە، يەنىمۇ تېرىشىپ، ئىزدىنىپ باققاندىن كېيىن، ئەگەر يەنە تاپالمىسا ئۇ كىشىنىڭ نامىدىن مالنى سەدىقە قىلىۋېتىدۇ، مال ئىگىسى بىلەن ئۇچرىشىش ئىمكانىيتى بولغاندا ئۇنىڭغا: ئۆزى ئۈچۈن قىلىنغان سەدىقىنى قوبۇل قىلىش ياكى مالنى ئىلىش ئىختىيارلىقىنى بېرىدۇ.

   "دائىمى كومىتېتى پەتىۋاسىدا" بىر قۇلنىڭ مېلىنى ئوغىرلىۋالغان ئەسكەر توغرىسىدا مۇنداق بايان قىلىنغان: ئەگەر قۇلنى تونىسا ياكى ئۇنى بىلىدىغان ئادەمنى تونىسا، مالنى ئوغۇرلىغان ئادەم ئىگىسىنى تىپىپ ئۇنىڭ مېلىنى كۈمۈش بولسا كۈمۈش ياكى ئۇنىڭ باراۋېرىدە باشقا پۇللاردىن ياكى مال ئىگىسى بىلەن ئىتتىپاق كەلگەن نەرسىدىن قايتۇرۇشى كېرەك، ئەمما مال ئىگىسىنى بىلمىسە، ئۇنى تېپىشتىن ئۈمىتسىزلەنسە، شۇ مالنىڭ ئۆزىنى ياكى ئۇنىڭ باراۋېرىدە باشقا پۇلنى مال ئىگىسىنىڭ ھەققىدە سەدىقە قىلىۋېتىدۇ، سەدىقە قىلىپ بولغاندىن كېيىن مالنىڭ ئىگىسىنى تىپىپ قالسا، مال ئىگىسىگە مالنى سەدىقە قىلغانلىقى توغرىسىدا خەۋەر بېرىدۇ، مال ئىگىسى بۇنى ئېتىراپ قىلسا ناھايىتى ياخشى بولىدۇ، ئەگەر ئۇنىڭ سەدىقە قىلغانلىقىنى ئېتىراپ قىلماي، پۇلىنى قايتۇرۇشنى تەلەپ قىلسا، ئۇ كىشى پۇلىنى قايتۇرىدۇ، قىلغان سەدىقە ئۆزى ئۈچۈن بولىدۇ. ئۇ كىشى ئاللاھتىن مەغپىرەت تەلەپ قىلىپ، تەۋبە قىلىشى ۋە مال ئىگىسى ئۈچۈن دۇئا قىلىپ قويۇشى كېرەك. ["ئىسلام پەتىۋالىرى"4-توم 165-بەت].

    شەيخ ئىبنى ئۇسەيمىن رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "سىز بىر كىشىنىڭ ياكى مەلۇم بىر تەرەپنىڭ مېلىنى ئوغۇرلىغان بولسىڭىز، مېلىنى ئوغۇرلىغان كىشى بىلەن ئالاقە قىلىپ ئۇنىڭغا: مەندە سىزنىڭ مۇنچىلىك ھەققىڭىز بار دەپ خەۋەر قىلىشىڭىز ئاندىن ئىككى تەرەپ مەلۇم مىقدارغا كېلىشىپ شۇنى ئۆتىشىڭىز كېرەك بولىدۇ، لېكىن ئىنسان بۇنداق قىلىشنى قېيىن دەپ قارىسا ۋە ئۇ كىشىنىڭ يېنىغا بېرىپ: مەن سىزنىڭ مۇنچىلىك پۇلىڭىزنى ئوغۇرلىغان ۋە مۇنچىلىك مېلىڭىزنى ئېلىۋالغان دېيىشى مۇمكىن بولمىسا، بۇنداق ھالەتتە، ئۇ كىشىنىڭ ھەققىنى بىۋاستە يەتكۈزمەستىن باشقا ۋاستىلار بىلەن يەتكۈزىشى كېرەك، مالنى ئۇ كىشىنىڭ ھەمراھلىرى ياكى دوستىغا بېرىپ: بۇ پالانى كىشىنىڭ مىلى دەپ بولغان ئەھۋالنى چۈشەندۈرۈپ، مەن ھازىر ئاللاھقا تەۋبە قىلدىم، سىلى مۇشۇ مالنى ئۇ كىشىگە يەتكۈزۈپ بەرسىلە دېيىشى كېرەك.

    شۇنداق قىلسا ھەقىقەتەن ئاللاھ تائالا ئۆزىگە ھەقىقى تەقۋادارلىق قىلغان كىشىگە قىيىنچىلىقتىن چىقىش يولى قىلىپ بېرىدۇ. بۇ توغرىدا ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:  وَمَنْ يَتَّقِ اللَّهَ يَجْعَلْ لَهُ مَخْرَجاً وَمَنْ يَتَّقِ اللَّهَ يَجْعَلْ لَهُ مِنْ أَمْرِهِ يُسْراً  تەرجىمىسى: كىمكى ئاللاھدىن قورقىدىكەن، ئاللاھ ئۇنىڭغا چىقىش يولى بېرىدۇ، كىمكى ئاللاھدىن قورقىدىكەن، ئاللاھ ئۇنىڭ ئىشىنى ئاسانلاشتۇرۇپ بېرىدۇ. [سۈرە تالاق 2-ۋە 4-ئايەتلەر].

    ئەگەر سىز بىر كىشىنىڭ مېلىنى ئوغۇرلىغان بولسىڭىز، ھازىر ئۇ كىشىنىڭ ئۆزىنى ۋە قەيەردە تۇرۇۋاتقانلىقىنى بىلمىسىڭىز بۇ كىشىنىڭ ھەققىنى ئادا قىلىش ئاۋۋالقى كىشىنىڭ ھەققىنى ئادا قىلىشتىن ئاسان بولىدۇ، چۈنكى سىز ئوغۇرلىغان مالنى ئىگىسىنىڭ ھەققىدە سەدىقە قىلىپ ئۆز مەسئۇلىيتىڭىزنى ئادا قىلغان بولىسىز.

   سوئال سورىغۇچى بايان قىلغان بۇ ۋەقەلىك ئىنساننىڭ بۇنداق قىلمىشتىن يىراق بولىشى كېرەكلىكىنى بىلدۈرىدۇ، چۈنكى ئىنسان ئازغۇنلۇق ۋە ئەقىلسىزلىكتىن ھېچنېمىگە پەرۋا قىلماستىن ئوغرىلىق قىلىدۇ، ئاندىن ئاللاھ ئۇنى توغرا يولغا باشلىغاندا بۇنىڭدىن قۇتۇلۇشتا قېينىلىپ قالىدۇ. ["ئىسلام پەتىۋالىرى"4-توم 162-بەت].

    ئاللاھ تائالادىن بىز ۋە سىزنىڭ خاتالىقلىرىمىزنى ئەپۇ قىلىشىنى سورايمىز.

ھەممىدىن توغرىنى بىلگۈچى ئاللاھ تائالادۇر.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى