پەيشەنبە 18 رامىزان 1445 - 28 مارت 2024
Uygur

ئايال نەپلە ناماز ئوقۇۋاتقاندا، ئېرى ئۇنى چاقىرسا نامازنى بۇزامدۇ؟

161243

تارقاتقان ۋاقىت : 05-11-2013

كۆرگۈچىلەر : 3974

سۇئال

ئايال نەپلە ناماز ئوقۇۋاتقاندا، ئېرى چاقىرسا نامازنى بۇزامدۇ ياكى ئىشنىڭ تەقەززاسىى بويۇنچە ئۇنىڭ زۆرۈر ياكى ئەمەسلىكىگە قاراپ ئىش قىلامدۇ؟ بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل مەدھىيە ۋە ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھقا خاستۇر.

ئايال نەپلە ناماز ئوقۇۋاتقاندا ئېرى چاقىرسا نامازنى بۇزۇشنىڭ ھۆكمى مەزكۇر ئىشنىڭ ئەمەلى ئەھۋالغا قاراپ بولىدۇ. چاقىرىلغان ئىشنىڭ جىددى ياكى جىددى قاراپ ھۆكۈم قىلىنىدۇ.

بىرىنچى: ئېرى قېيىن ئەھۋالغا دۇچ كېلىپ قۇتقۇزۇشنى تەلەپ قىلسا ياكى خەتەردىن قۇتۇلۇش، زىياندىن ساقلىنىش ئۈچۈن ياردەم سورىسا ئۇ ۋاقىتتا ئايالنىڭ نامازنى بۇزۇپ ياردەم بېرىشى ۋاجىب بولىدۇ. بۇنداق ۋاقىتتا پەرز ناماز بىلەن نەپلە نامازنى بۇزۇشنىڭ ئارىسىدا ھېچ پەرق يوق. شۇنىڭدەك ھالاكەتكە ئۇچراپ ياردەم سورىغان كىشىنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلىغان ھەرقانداق كىشى نامازدا بولسا نامىزىنى بۇزۇپ، ئۇ كىشىگە ياردەم بېرىدۇ. چۈنكى نامازنى بۇزۇشنىڭ زىيىنى ھالاكەتكە ئۇچراش ئالدىدا تۇرغان كىشىگە ياردەم بېرىشكە نىسبەتەن چوڭ ئەمەس.

ئەلئىز ئىبنى ئابدۇسسالام رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "سۇغا غەرق بولۇپ كېتىش ئالدىدا تۇرغان مەسۇم جاننى قۇتقۇزۇش ئاللاھ ھوزۇرىدا نامازنى ئادا قىلغاندىن ياخشىدۇر. ھەر ئىككى ياخشىلىقنى ئۆز ئورنىدا ئادا قىلىش مۇمكىن؛ سۇغا غەرق بولغۇچىنى قۇتقۇزۇپ ئاندىن نامازنىڭقازاسىنى ئوقۇسا بولىدۇ، ھەممەيلەنگە مەلۇمكى، نامازنى ئادا قىلىشتىنھاسىل بولىدىغان ساۋاپ ۋە مەنپەئەتنى، ھالاك بولۇش ئالدىدا تۇرغان بىر جاننى قۇتقۇزۇشنىڭ ساۋابىغا سېلىشتۇرغىلى بولمايدۇ. شۇنىڭدەك، روزىدار رامىزاندا سۇغا غەرق بولۇپ كەتكەن كىشىنى كۆرسە، مەزكۇر شەخسنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن روزىسىنى بۇزۇش كېرەك بولسا ياكى زۇلۇمغا ئۇچراۋاتقان كىشىنى زۇلۇمدىن قۇتقۇزۇش ئۈچۈن روزىنى بۇزۇش كېرەك بولسا دەرھال روزىنى بۇزۇپ غەرق بولۇپ كېتىۋاتقان ياكى زۇلۇمغا ئۇچراۋاتقان كىشىنى قۇتقۇزىدۇ. مانا بۇ ئىككى ياخشىلىقنى بىرگە قىلىش دەپ قارىلىدۇ. چۈنكى ئىنساننىڭ نەپسىدە ئاللاھنىڭ ھەم شۇ جان ئىگىسىنىڭ ھەققى بار، شۇنىڭ ئۈچۈن زۆرۈرىيەت بولغاندا جاننى قۇتقۇزۇش روزىنى بۇزۇشتىن ئىلگىرى قىلىنىدۇ." تۈگىدى. [ھۆكۈم قائىدىلىرى1-توم 66-بەت].

ئالىملار پەقەت جاننى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن ئەمەس بەلكى مال-مۈلكىنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈنمۇ پەرز نامازنى بۇزۇشنى دۇرۇس دەپ قارىغان.

ئىمام بۇخارىي رەھىمەھۇللاھ ئۆزىنىڭ سەھىھ ھەدىسلەر توپلىمىدا: "نامازدا ھەرىكەت قىلىش" دېگەن بۆلۈمدە، ناماز ئوقۇۋاتقاندا ئۇلاغنى بىرسى ئوغرىلاپ كەتسە قانداق قىلىدۇ؟ دېگەن تېمىنى كەلتۈرۈپ بۇنىڭغا قەتادە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ: ئوغرى ناماز ئوقۇۋاتقان كىشىنىڭ كېيىم-كېچەكلىرىنى ئوغرىلاپ ماڭغان بولسا، ناماز ئوقۇغۇچى نامازنى بۇزۇپ ئوغرىنى قوغلايدۇ دېگەن سۆزىنى كەلتۈرگەن.

ئىبنى رەجەب رەھىمەھۇللاھ بۇ بۆلۈمنى چۈشەندۈرۈپ مۇنداق دەيدۇ: ئابدۇرەززاق ئۆز كىتابىدا مۇئەممەردىن، ھەسەن ۋە قەتادىدىن بايان قىلغان: بىر كىشى ناماز ئوقۇۋاتقاندا، ئۇلۇغى قېچىپ كەتسە ياكى يىرتقۇچ ھايۋان ئۇنىڭغا ھۇجۇم قىلسا قانداق قىلىدۇ؟، دېگەن سوئالغا مۇئەممەر ۋە ھەسەننىڭ قەتادىدىن بايان قىلغان: (نامازنى بۇزىدۇ) دېگەن سۆزىنى نەقىل قىلغان.

مۇئەممەر قەتادىدىن: بىر كىشى ناماز ئوقۇۋېتىپ، بىر كىچىك بالىنىڭ قۇدۇقنىڭ گىرۋىكىگە كېلىپ قالغانلىقىنى كۆرۈپ، ئۇ بالىنىڭ قۇدۇققا چۈشۈپ كېتىشىدىن ئەنسىرىسە، نامازنى بۇزامدۇ؟ دەپ سورىغاندا، قەتادە: ھەئە "نامازنى بۇزىدۇ" دېگەن.

مۇئەممەر: ئوغرى ئايىغىنى ئىلىپ كېتىشكە ئۇرۇنسا قانداق قىلىدۇ؟ دېگەندە، قەتادە: "نامازنى بۇزىدۇ" دېگەن.

مەشھۇر ئالىم سۇپيان سەۋرىنىڭ قارىشىدا: بىرì ناماز ئوقۇۋاتقاندا زور ھادىسە كۆرۈلسە دەرھال نامىزىنى بۇزىدۇ دېيىلگەن. مەئاپىيمۇ ئۇنىڭدىن شۇنداق بايان قىلغان. شۇنىڭدەك چارۋىلىرىنى ياكى ئۇلاغلىرىنى سەل بېسىپ كەتكىلى تۇرسا دەرھال نامازنى بۇزۇپ چارۋىلارنى قۇتقۇزىدۇ.

ئىمام مالىك رەھىمەھۇللاھنىڭ قارىشىدا: ناماز ئوقۇۋاتقان كىشىنىڭ ئۇلۇغى بوشىنىپ كەتسە، ئۆزىنىڭ ئالدى ياكى ئوڭ-چەپ تەرەپلىرىگە كېتىپ قالسا، ئۇلىغىغا يېقىنلىشىپ نامىزىنى داۋاملاشتۇرىدۇ، ئەگەر يىراقلاپ كەتسە ئۇلاغنى ئەكىلىش ئۈچۈن نامازنى بۇزىدۇ.

ھەنبەلى ئالىملىرىنىڭ قارىشىدا: ئەگەر سۇغا غەرق بولۇپ كەتكەن ياكى ئوتتا كۆيۈپ كەتكەن ياكى بىر-بىرىنى ئۆلتۈرۈشكە ئۇرۇنۇۋاتقان ئىككى شەخسنى ياكى شۇنىڭغا ئوخشاش ھالاكەتكە ئىلىپ بارىدىغان ئىشلارنى كۆرگىنىدە، ئۇلارنى ھالاكەتتىن قۇتقۇزۇشقا قادىر بولالىسا دەرھال نامىزىنى بۇزۇپ ئۇلارنى قۇتقۇزىدۇ.

ئىمام ئەھمەد رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: قۇدۇققا چۈشۈپ كېتىش خەۋىپى بولغان كىچىك بالىنى كۆرگىنىدە دەرھال نامازنى بۇزۇپ خەۋپنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ.

ئىمام بۇخارى"ئەدابۇل مۇپرەد" ۋە سەھىھ ھەدىسلەر توپلىمىدا، ئەبى بەرزە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ بۇ ھەقتىكى ھەدىسىنى كەلتۈرگەن. بۇ ھەمماد ئىبنى زەيد ئەزرەقتىن ئۇ ئەبى بەرزەدىن بايان قىلغان ھەدىستە: ناماز ئوقۇۋاتقان كىشىنىڭ ئىتى بوشىنىپ كەتكەن بولسا، نامازنى بۇزۇپ ئاتنىڭ كەينىدىن بېرىپ ئاتنى قايتۇرۇپ كەلگەندىن كىيىن نامىزىنى قايتىدىن ئوقۇيدۇ، دېيىلگەن.

"ئەددەررۇل مۇختار" ناملىق ھەنەفى مەزھەب كىتابى2 - توم 51-بەتتە مۇنداق بايان قىلىنىدۇ. سۇغا غەرق بولۇپ كېتىۋاتقان ياكى ئوتتا كۆيۈپ كېتىۋاتقان ۋە شۇنىڭغا ئوخشاش ئىشلاردا نامازنى بۇزۇش ۋاجىب بولىدۇ.

ئىبنى ئابىدىن رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: ناماز ئوقۇۋاتقان كىشى قاچانكى بىرىنىڭ ياردەم سوراپ ۋارقىرىغان ئاۋازىنى ئاڭلىسا، گەرچە ئۇ كىشىنى چاقىرمىغان بولسىمۇ ياكى باشقا بىر كىشى نېمە ئىش بولغانلىقىنى بىلمىگەن ياكى بىلگەن تەقدىردىمۇ، ئۇنى قۇتقۇزۇش ئىمكانىيىتى بولسىلا، بۇنداق ئەھۋالدا ناماز ئوقۇغۇچىنىڭ پەرز بولسۇن ياكى نەپلە بولسۇن نامازنى بۇزۇپ ئۇ شەخسنى قۇتقۇزۇشى ۋاجىب بولىدۇ. بۇ (3878) ۋە (134285) سوئالنىڭ جاۋابىدا بايان قىلىنغان.

ئىككىنچى: ناماز ئوقۇۋاتقان ئايالنى ئېرى ، مۇھىم بولمىغان بىر ئىشقا ياكى كېيىنرەك ئادا قىلسىمۇ بولىدىغان بىرەر ھاجەتنى ئادا قىلىشقا چاقىرسا بۇنىڭ تەپسىلاتى تۆۋەندىكىدەك:

1- پەرز ناماز بولسا، ئايالنىڭ نامازنى بۇزۇشى چەكلىنىدۇ. چۈنكى مۇسۇلمان كىشى ئۆزىگە پەرز قىلىنغان نامازنى تولۇق ئادا قىلىشى ۋە باشقا ئىشلارغا پەرۋا قىلماسلىقى كېرەك. پەرز نامازنى بۇزغاننىڭ جىنايىتى ئېرىنىڭ چاقىرىقىغا جاۋاپ بەرمىگەننىڭ جىنايىتىدىن كاتتا بولىدۇ.

2- ئايال نەپلە ناماز ئوقۇۋاتقان بولسا، ئېرىگە جاۋاپ بېرىش ئۈچۈن نەپلە نامازنى بۇزۇش مەسىلىسىدە پىقھىشۇناس ئالىملىرىنىڭ كۆز قاراشلىرى ئوخشىمايدۇ. ئۇلار بۇ مەسىلىدە ئىككى خىل قاراشتا بولۇپ:

بىرىنچى قاراش: شاپىئىي ۋە ھەنبەلىي قاراشتىكى ئالىملار نەپلە نامازنى بۇزۇشنى توغرا دەپ قارايدۇ. چۈنكى ئۇلارنىڭ قارىشىدا گەرچە سەۋەب بولمىسىمۇ نەپلە نامازنى بۇزۇش كاراھىيەت بىلەن جايىز ھېسابلىنىدۇ، سەۋەب تىپىلغاندا كاراھىيەت يوق بولىدۇ.

ئىبنى ھەجەر ھەيتەمى رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "نەپلە ھەجدىن باشقا روزا ۋە ناماز قاتارلىق نەپلە ئىبادەتلەر بىلەن مەشغۇل بولغان كىشى مەزكۇر ئەمەللىرىنىبۇزۇۋەتسە دۇرۇس بولىدۇ. سەھىھ ھەدىستە: نەپلە روزا تۇتقۇچى نەپسىنىڭ ئەمىرىدۇر، خالىسا روزا تۇتىدۇ خالىسا روزىسىنى بۇزىدۇ دېيىلگەن. [ئىمام ئەھمەد ۋە تىرمىزىي رىۋايىتى. شەيخ ئەلبانىي سەھىھ دەپ قارىغان]. ئۇلار بۇ ھەدىسكە ناماز ۋە باشقا ئىبادەتلەرنى قىياس قىلىپ، سۈرە مۇھەممەدتىكى:وَلَا تُبْطِلُوا أَعْمَالَكُمْتەرجىمىسى: ئەمەللىرىڭلارنى بىكار قىلىۋەتمەڭلار دېگەن ئايەتتىكى چەكلەشتىن پەقەت پەرز نامازلار مەقسەت قىلىنىدۇ. سەۋەبسىز روزىنى بۇزۇشمۇ ياخشى كۆرەلمەيدۇ، لېكىن مېھمانغا ياكى ساھىبخانغا قىيىن بولۇپ قالسا، روزىنى بۇزسا جايىز بولىدۇ بەلكى بۇنداق ۋاقىتتا روزىنى بۇزۇش سۈننەت بولۇپ، روزا بۇزۇلغۇچى بولغان ۋاقىتقا قەدەر ساۋاب بېرىلىدۇ. ناماز-روزىنى پەرز ياكى نەپلە بولسۇن، ئۆزرە بىلەن بۇزسا دۇرۇس بولىدۇ." تۈگىدى. ["تۆھپەتۇل مۇھتاج" ناملىق ئەسەر 3-توم 459-460-بەتلەرگە قارالسۇن].

ھەنبەلى قاراشتىكى ئالىملاردىن ئىمام بەھۇتىي رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "ئايالنىڭ ئېرىنىڭ ھەققىنى ئادا قىلىش ئۈچۈن نەپلە نامازنى بۇزۇشى توغرا بولىدۇ، چۈنكى ئەرنىڭ ھەققىنى ئادا قىلىش ۋاجىب بولۇپ، ۋاجىب نەپلىدىن يۇقىرى تۇرىدۇ. ئەمما پەرز نامازنى بۇزۇشقا بولمايدۇ. [" كەششاپۇل قەننائ" ناملىق ئەسەر 1-توم 379-380-بەتلەرگە مۇراجىئەت قىلىنسۇن].

ئىككىنچى قاراش: ھەنەفى ۋە مالىكىي قاراشتىكى ئالىملارنىڭ سىلىشتۇرمىسىدا دۇرۇس ئەمەس. چۈنكى ئۇلارنىڭ قارىشىدا سەۋەبسىز نەپلە ئىبادەتلەرنى بۇزۇش چەكلىنىدۇ. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: يَا أَيُّهَا الَّذِينَ آمَنُوا أَطِيعُوا اللَّـهَ وَأَطِيعُوا الرَّسُولَ وَلَا تُبْطِلُوا أَعْمَالَكُمْتەرجىمىسى: ئى مۆمىنلەر! ئاللاھقا ئىتائەت قىلىڭلار، پەيغەمبەرگە ئىتائەت قىلىڭلار، ئەمەللىرىڭلارنى (كۇفرى، نىفاق ۋە رىيا بىلەن) بىكار قىلىۋەتمەڭلار [سۈرە مۇھەممەد 33-ئايەت].

ئاتا-ئانىدىن باشقا بىرسىنىڭ ئېھتىياجى بولۇپ پەرزەنتىنى چاقىرسا، نەپلە ناماز ئوقۇۋاتقان بالا، نامازنى بۇزۇپ ئۇلارنىڭ چاقىرىقىغا قۇلاق سىلىشى دۇرۇس بولىدۇ. (يەنى ئۇنىڭدىن باشقا كىشىلەرنىڭ ھاجىتى ئۈچۈن نەپلە ئىبادەتلەرنى بۇزۇش جايىز ئەمەس دېمەكچى.) لېكىن ھەنەفى ۋە شاپىئى قاراشتىكى ئالىملار بۇنىڭغا بىر شەرت بېكىتتى، بىز بۇنى سۆزلەپ گەپنى ئۇزارتىشنى خالىمايمىز. مەسىلە: ئۇلارنىڭ قارىشىدا: پەقەت ئاتا-ئانىسىنىڭ چاقىرىقىغا جاۋاپ بېرىش ئۈچۈن نەپلە نامازنى بۇزسا توغرا بولىدۇ. ئەمما ئايالنىڭ ئېرىنىڭ چاقىرىقىغا جاۋاپ بېرىش ئۈچۈن نامازنى بۇزسا بولىدۇ دېگەنلىككە ھەنەپىي ۋە مالىكى مەزھەب قارىشىدىكى ئالىملارنىڭ نەپلە نامازنى بۇزۇشتا ئاتا-ئانىغا بېرىلگەن ئىستىسنائى ھۆكۈمگە ئوخشاش يازما شەكىلدە بىرەر ئىسپاتنى كۆرمىدۇق.

بىز ئىلگىرىكى پوزىتسىيىمىزدە بىرىنچى قاراشنى تاللىغان، ئۇ بولسىمۇ ھاجەت بولغاندا نەپلە نامازنى بۇزۇشنىڭ توغرا ئىكەنلىكىدىن ئىبارەت. ئاتا-ئانىنىڭ چاقىرىقىغا جاۋاپ بېرىش، ئېرىنىڭ ناماز ئوقۇۋاتقان ئايالىنى چاقىرىشى قاتارلىقلار ھاجەت قاتارىغا كىرىدۇ.

ئەگەر ئەر ئۆزرە دېگەننى بىلمەيدىغان ئىنسانلار تۈرىدىكى كىشى بولسا، بۇ ۋاقىتتا ئايالىغا رەھىم-شەپقەت قىلمايدۇ ياكى تۇرمۇشىدا بەزى قىيىنچىلىقلار بارلىققا كېلىش ئېھتىماللىقى بولسا، ئايال ئۈچۈن ئېرى چاقىرغاندا نەپلە ئىبادەتنى بۇزۇشتىكى شەرئى رۇخسەت تەرىپى كۈچلۈك بولىدۇ. مانا بۇنداق ئەھۋالدا بىزنىڭ ئۇ ئايالغا بېرىدىغان جاۋابىمىز: ئېرىڭىز بىرەر ئېھتىياج ئۈچۈن سىزنى چاقىرسا، نەپلە نامازنى بۇزسىڭىز سىزگە ھېچ گۇناھ بولمايدۇ، دەيمىز. [ئىبنى ئۇسەيمىين رەھىمەھۇللاھنىڭ "شەرھىل مۇمتىئ" ناملىق ئەسىرى 6-توم 487-بەتكە مۇراجىئەت قىلىنسۇن].

ھەممىدىن توغرىنى بىلگۈچى ئاللاھدۇر.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى