پەيشەنبە 18 رامىزان 1445 - 28 مارت 2024
Uygur

چەكلەنگەن نەرسىلەرنىڭ ھەممىسىنىڭ ئوخشىشى جەننەتتە بارمۇ؟

سۇئال

مۇسۇلماندىن چەكلەنگەن ئىشلاردىن يىراق بولۇش تەلەپ قىلىنىدۇ، چۈنكى مۇسۇلمان ئۇنى جەننەتتە تاپىدۇ دېگەن بۇ سۆز توغرىمۇ؟، دۇنيادا چەكلەنگەن شەھۋانى، ھارام ئىشلارنىڭ ھەممىسى ئاخىرەتتە ھالال قىلىنامدۇ؟، چۈنكى دۇنيادا مۇھەببەت ۋە بىر-بىرىنى ياخشى كۆرۈش دۇنيا-ئاخىرەتتە چەكلەنگەن بولۇپ، مۇسۇلمان ئۇنى ئاخىرەتتە تېپىشتىن ئۈمىتسىزلەنسە دۇنيادا ئۇنىڭدىن ئۆزىنى قانداق توختىتىدۇ؟، بۇنى دۇنيادا تەرك قىلىشقا تۈرتكىلىك رول ئوينايدىغان كۈچلۈك ئامىل قايسى؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھقا خاستۇر. پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئۇنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى ۋە ساھابىلىرىغا ئاللاھ تائالانىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

    بىرىنچى: "مۇسۇلماندىن چەكلەنگەن ئىشلاردىن يىراق بولۇش تەلەپ قىلىنىدۇ، چۈنكى مۇسۇلمان ئۇنى جەننەتتە تاپىدۇ" دېگەن بۇ سۆز توغرا ئەمەس، ئەگەر بىز بۇ سۆزنى ئومۇمى تەرەپتىن چۈشەنسەك، ئۇ ۋاقىتتا ئاللاھ تائالا بىزگە چەكلىگەن نەرسىلەرنىڭ ھەممىسىنى ئاخىرەتتە تىپىش يوق دېگەنلىك بولىدۇ، ھەقىقەتەن يىپەك كىيىم كىيىش، ھاراق ئېچىش، ئالتۇن-كۈمۈش قاچىلاردا بىر نەرسە يېيىش قاتارلىق بىر قانچە نەرسىلەردىن چەكلەنگەنلىك بايان قىلىنغان بولۇپ، مۇسۇلمان ھەقىقەتەن بۇ نەرسىلەرنى جەننەتتە ئاللاھ تائالانىڭ پەزلى-رەھمىتى ۋە تۇرىۋاتقان ئورۇننىڭ ماقامىغا لايىق ھالەتتە تاپىدۇ.

    ئەبۇ ھۈرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: دۇنيادا يىپەك كىيىم كەيگەنلەر ئاخىرەتتە يىپەك كىيىم كىيەلمەيدۇ، دۇنيادا ھاراق ئىچكەن كىشى ئاخىرەتنىڭ شارابىنى ئىچەلمەيدۇ، دۇنيادا ئالتۇن-كۈمۈش قاچىلارنى قوللانغان كىشى ئاخىرەتتە بۇ قاچىلاردا شاراب ئىچەلمەيدۇ. ئاندىن كېيىن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: يىپەك جەننەت ئەھلىنىڭ كىيىمىدۇر، شاراب جەننەت ئەھلىنىڭ ئېچىملىكىدۇر، ئالتۇن-كۈمۈشتىن ياسالغان قاچىلار جەننەت ئەھلىنىڭ قاچىلىرىدۇر. [نەسائى"سۇنەن كۇبرا" دا 6869- نومۇرلۇق ھەدىستە كەلتۈرگەن. شەيخ ئەلبانى سەھىھ ھەدىسلەر توپلىمىدا سەھىھ دەپ 384-ھەدىستە كەلتۈرگەن].

    ئەگەر دۇنيادا چەكلەنگەن نەرسىلەرنىڭ ئاخىرەتتە ئوخشىشى بولسا، بۇ توغرىدا بەزى ئۆلىمالار: دۇنيادا چەكلەنگەن ئىشلارنى قىلغان كىشى ئاخىرەتتە شۇنىڭ ئوخشىشىدىن مەھرۇم قالىدۇ، خۇددى ناخشا-مۇزىكا ۋە يات ئاياللار چەكلەنگەندەك.

    ئىبنى رەجەب ھەنبەلى رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: ئۆزىنىڭ نەپسى-شەھۋىتىنى چەكلەپ روزا تۇتقان كىشى، ۋاپات بولغاندىن كېيىن ئۇنىڭ بىلەن ئىپتار قىلىدۇ، كىمكى ۋاپات بولۇشتىن ئىلگىرى چەكلەنگەن ئىشنى قىلىشقا ئالدىرايدىكەن، ئاخىرەتتە ئۇنىڭدىن مەھرۇم قىلىش بىلەن جازالىنىدۇ. بۇ توغرىدا ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:  أَذْهَبْتُمْ طَيِّبَاتِكُمْ فِي حَيَاتِكُمُ الدُّنْيَا وَاسْتَمْتَعْتُمْ بِهَا  تەرجىمىسى: سىلەر لەززەتلىرىڭلارنى ھاياتىي دۇنيادا بەھرىمەن بولۇپ تۈگەتتىڭلار. [سۈرە ئەھقاپ 2-ئايەتنىڭ بىرقىسمى].

    پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: دۇنيادا ھاراق ئىچكەن كىشى ئاخىرەتنىڭ شارابىنى ئىچەلمەيدۇ، دۇنيادا يىپەك كىيىم كەيگەن كىشى ئاخىرەتنىڭ يىپەك كىيىمىنى كىيەلمەيدۇ. ["لەتائىپىل مەئارىپ" 147-بەت].

    ئىبنى قەييىم رەھىمەھۇللاھ زىنا قىلغۇچى تەۋبە قىلماي ئۆلۈپ كەتسە ئۇنىڭغا كېلىدىغان جازانى ساناپ مۇنداق دەيدۇ: "ئۇ كىشى ئۆز نەپسىنى دائىم تۇرىدىغان جەننەتنىڭ پاك ئورۇنلىرىدا ھۆر-پەرىزاتلار بىلەن ھوزۇرلىنىشتىن مەھرۇم قىلىشقا سەۋەب بولىدۇ. ئاللاھ تائالا دۇنيادا يىپەك كىيىم كەيگەن كىشىنى ئاخىرەتتە يىپەك كىيىم كىيىشتىن مەھرۇم قىلىش بىلەن، دۇنيادا ھاراق ئىچكەن كىشىنى ئاخىرەتتە ئۇ شارابنى ئىچىشتىن مەھرۇم قىلىش بىلەن جازالايدۇ، شۇنىڭدەك دۇنيادا چەكلەنگەن سۈرەتلەر بىلەن ھوزۇرلانغان كىشى ئاخىرەتتە شۇنىڭدىن مەھرۇم قالىدۇ، بەلكى ئىنسان دۇنيادا ھوزۇرلانغان چەكلەنگەن نەرسىلەرنىڭ ئوخشىشىنى ئاخىرەتتە يوقۇتۇپ قويىدۇ". ["روۋزەتۇل مۇھىببىين" 365-368-بەت].

    ئاللاھ تائالا بەندىلىرىگە دۇنيادا لىۋاتە ۋە سىھاقنى (يەنى ئەرلەر ئەرلەر بىلەن، ئاياللار ئاياللار بىلەن يېقىنچىلىق قىلىشنى)چەكلىدى، جەننەت ئەھلى بۇنداق پاھىشە-ناچار قىلمىشتىن پاكتۇر. 

ھەممىدىن توغرىنى بىلگۈچى ئاللاھ تائالادۇر.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى