جۈمە 17 شەۋۋال 1445 - 26 ئاپرىل 2024
Uygur

زاكاتنى ۋاقتىدا ئادا قىلىشتىن كېچىكتۈرۈپ رامىزاندا ئادا قىلىشنىڭ ھۆكمى توغرىسىدا

سۇئال

ئالدى بىلەن ئاللاھقا شۈكۈر ئېيتقاندىن كېيىن سىلەرنىڭ كۆرسەتكەن تېرىشچانلىقىڭلارغا رەھمەت ئېيتىمەن، ئاللاھ تائالا سىلەرنىڭ بۇ ئەمىلىڭلارنى ياخشىلىق مىزانىڭلاردا قىلىشىنى، بۇ توربەتتىن پايدىلانغان مۇسۇلمان بولسۇن ياكى غەيرى مۇسۇلمان بولسۇن، ئۇلارغا مەنپەئەت بېرىشنى سورايمەن. مېنىڭ سوئالىم تۆۋەندىكىلەردىن ئىبارەت: مەن ئۈچ يىلدىن بېرى بىر خىزمەتكە ئورۇنلاشتىم، ئاللاھقا شۈكۈرلەر بولسۇن، ئۇنىڭدىن ئالىدىغان ئايلىق ئىش ھەققىم ياخشى، مەن ئىقتىساد توپلاپ  پۇلۇمنىڭ زاكات بېرىش ئۆلچىمىگە يەتكەن ۋاقتىنى جىمادۇل ئاخىر(ھىجىرىيە 6-ئاي)دەپ ئېنىق ھېسابلىغان ئىدىم، لېكىن مەن مەقسەتسىزلا زاكاتنى ئايرىش ۋاقتىنى رامزانغا كېچىكتۈردۈم، مەن كۆڭلۈمدە زاكاتنى قايسى ۋاقىتتا ئايرىسام مېنىڭ ئىختىيارلىقىم بولىدۇ دەپ ئويلىدىم، بۇ ئىش ئىككى يىل داۋاملاشتى، مېنىڭ سورىماقچى بولغىنىم: مەن بۇ يىللىق زاكىتىمنى ئىلگىركىگە ئوخشاش رامىزان ئېيىدا ئايرىيمەنمۇ ياكى ئىلگىرىكى ئىككى يىلدىكىگە ئوخشاش جىمادۇل ئاخىر ئېيىدا ئايرىيمەنمۇ؟. ئىلگىرىكى ئىككى يىللىق زاكاتنى ۋاقتىدا ئايرىماي كىچىكتۈرگەنلىكىم ئۈچۈن كىچىكتۈرگەن ھەر ئاينىڭ زاكىتىنى ئايرىم چىقىرىمەنمۇ؟، چۈنكى مەن جىمادۇل ئاخىردا ئىگە بولغان مالنىڭ زاكىتىنى رامزاندا ئايرىغان ئىدىم؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھقا خاستۇر. پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئۇنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى ۋە ساھابىلىرىغا ئاللاھ تائالانىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

    بىرىنچى: توپلانغان مال زاكات بېرىش ئۆلچىمىگە يېتىپ بىر يىل توشقاندا تىزدىن مالنىڭ زاكىتىنى ئايرىش كېرەك بولىدۇ، ئەگەر شەرئى ئۈزۈرسىز زاكات ئايرىشنى كىچىكتۈرسە گۇناھكار بولىدۇ، ئەمما كەمبەغەللەرنى تاپالماسلىق قاتارلىق سەۋەپلەر بىلەن كىچىكتۈرسە گۇناھ بولمايدۇ.

    ئىمام نەۋەۋىي رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "زاكات پەرىز بولغاندا ۋە ئۇنى ئايرىش ئىمكانىيتى بولغاندا تىزدىن ئايرىش كېرەك بولىدۇ، كېچىكتۈرۈش توغرا بولمايدۇ، بۇ ئىمام مالىك، ئەھمەد ۋە كۆپچىلىك ئۆلىمالارنىڭ قارىشىدۇر، ئاللاھ تائالانىڭ: زاكاتنى ئادا قىلىڭلار دېگەن سۆزىمۇ زاكاتنى تىزدىن ئادا قىلىشقا بۇيرىغان بۇيرۇقتۇر". ["شەرھى مەھەززەب"5-توم 308-بەت].

   "دائىمىي كومىتېتى پەتىۋاسى"9-توم 398-بەتتە مۇنداق كەلگەن: سوئال: ئەگەر زاكاتنى ئايرىش ۋاقتى جىمادۇلئۇلا بولسا، بىز ئۇنى سەۋەپسىز رامزانغا كىچىكتۈرسەك توغرا بولامدۇ؟.

    جاۋاپ:" زاكاتنى ئايرىغان ۋاقىت بولغاندا يەنى يىل توشقاندا زاكاتنى بېرىدىغان كەمبەغەللەرنىڭ بولماسلىقى، مەلۇم سەۋەپلەر بىلەن مال قولىدا يوق بولۇپ قىلىپ كەمبەغەللەرگە يەتكۈزۈپ بېرەلمەسلىك قاتارلىق شەرئى سەۋەپلەرسىز زاكات ئايرىشنى كېچىكتۈرۈش توغرا بولمايدۇ، ئەمما رامىزان ئۈچۈنلا زاكاتنى كېچىكتۈرۈش توغرا بولمايدۇ، ئەگەر رامزانغا ئاز ۋاقىت قالغان بولسا مەيلى. مەسىلەن زاكات ئايرىش ۋاقتى شەئبان ئېيىنىڭ يېرىمىدا توشقان بولسا بۇنى كېچىكتۈرۈپ رامزاندا ئايرىسا دۇرۇس بولىدۇ". ["ئىلمى تەتقىقات ۋە دىنى پەتىۋا كومىتېتى". شەيخ ئابدۇل ئەزىز ئىبنى ئابدۇللاھ ئىبنى باز. ئابدۇللاھ ئىبنى قەئۇد ۋە ئابدۇللاھ ئىبنى غۇدەييان].

     شەيخ ئىبنى ئۇسەيمىن رەھىمەھۇللاھدىن: زاكاتنى رامزانغا كېچىكتۈرۈپ ئادا قىلسا قانداق بولىدۇ؟ دەپ سورالغاندا، شەيخ جاۋاپ بېرىپ مۇنداق دېگەن: "زاكاتمۇ باشقا ياخشى ئەمەللەرگە ئوخشاش پەزىلەتلىك ۋاقىتلاردا ئادا قىلىنسا ياخشى بولىدۇ، لېكىن يىل توشۇپ زاكات قاچان پەرىز بولسا شۇ ۋاقىتتا كىچىكتۈرمەستىن رامزانغا ساقلىماستىن بەلكى رەجەپ ئېيىدا تىزدىن ئادا قىلىش كېرەك بولىدۇ، ئەمما يىلنىڭ توشىدىغان ۋاقتى رامزاندا بولسا، ئۇ ۋاقىتتا رامزاندا ئايرىش ياخشى بولىدۇ، شۇنىڭدەك مۇسۇلمانلارغا بىرەر ئاپەت يەتسە، كىشىلەر مالغا جىددى ئېھتىياجلىق بولسا ئۇ ۋاقىتتا زاكاتنى يىل توشۇشتىن ئىلگىرى ئادا قىلىۋەتسىمۇ بولىدۇ". ["پەتىۋالار مەجمۇئەسى"18-توم 295-بەت].

    ئىككىنچى: سوئال سورىغۇچى ئۆزىنىڭ خاتا قارىشىغا ئاساسەن مېلىنىڭ زاكىتىنى ئايرىشنى رامزانغا كىچىكتۈرگەن بولسا، ئۇ كىشىنىڭ بىلمەسلىكتىن كىچىكتۈرگەنلىكىگە گۇناھ بولمايدۇ، ئۇنىڭدىن كېيىن زاكاتنى رامزاندا ئايرىغان بولسا، ئوتتۇرىدىكى كىچىكتۈرگەن ئارتۇق ۋاقىتنىڭ زاكىتىنى ئايرىش تەلەپ قىلىنمايدۇ، كىچىكتۈرگەنلىكىگە بىر نەرسە بولمايدۇ، لېكىن ئۇ كىشى بۇ يىللىق زاكاتنى رامزانغا كىچىكتۈرمەستىن جىمادۇل ئاخىر ئېيىدا چېقىرىشى زۆرۈر بولىدۇ.

    ئاللاھ تائالا ھەممىدىن ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى