سىياسەت دېگەن ئەرەب تىلىدا، بىر ئىشنى توغرا شەكىل يۆلۈنىشىدە ئىلىپ بېرىشتىن ئىبارەت بولۇپ، كىشىلەرنىڭ ئىشلىرىغا ئىگە بولۇش، توغرا بىر تەرەپ قىلىش دېمەكتۇر. [لىسانۇل ئەرەب 6-توم 107-بەت. قامۇسۇل مۇھيت 710-بەت].
ئەبۇ ھۈرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: ئىسرائىل ئەۋلادلىرىدىن پەيغەمبەرلەر بىر-بىرىگە ئۇلىنىپ كېلىپ ئىشلارنى ئىدارە قىلاتتى، بىر پەيغەمبەر دۇنيادىن كەتسە ئورنىغا يەنە بىر پەيغەمبەر كېلەتتى. [بۇخارى رىۋايىتى 3455-ھەدىس، ۋە مۇسلىم رىۋايىتى 1842-ھەدىس].
ئىمام نەۋەۋىي رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "يەنى ئىسرائىل ئەۋلادلىرى ئىچىدە پەيغەمبەرلەر خۇددى پادىشاھ ياكى ۋالىيلاردەك ئۇلارنىڭ ئىشلىرىغا ئىگە بولاتتى. سىياسەت دېگەن: ئىسلاھ قىلىش ۋە ئىشنى توغرا بىر تەرەپ قىلىش دېمەكتۇر".
ئىبنى نۇجەيم رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "سىياسەت دېگەن: گەرچە ئوچۇق دەلىل بولمىغان بىر ئىشتا ھۆكۈم قىلغۇچىنىڭ توغرىنى كۆزلەپ، كىشىلەرگە پايدىسى بولىدۇ دەپ ھۆكۈم قىلىشىدىن ئىبارەتتۇر". [بەھرۇر رائىق 5-توم 11-بەت].
ئىبنى خەلدۇن شەرئى سىياسەتنى چۈشەندۈرۈپ مۇنداق دەيدۇ: "شەرئى سىياسەت دېگەن بارلىق ئىشلاردا شەرىئەت پرىنسىپىنىڭ تەقەززاسى بويىچە كىشىلەرنىڭ دۇنيا-ئاخىرەتلىك مەنپەئەتىنى كۆزلەپ بىر تەرەپ قىلىشتۇر، چۈنكى دۇنيا ئەھۋالىنىڭ ھەممىسى شەرىئەت قارىشىدا ئاخىرەت مەنپەئەتى بويىچە ئېتىبارغا ئېلىنىدۇ. سىياسەت دېگەن: شەرىئەت ساھىبىنىڭ ئورنىدا دىننى مۇھاپىزەت قىلىش ۋە دىن ئارقىلىق دۇنيا ئىشلىرىنى ئىدارە قىلىشتىن ئىبارەتتۇر" [مۇقەددىمەتى ئىبنى خەلدۇن 97-بەت].
يۇقىرىدىكى چۈشەندۈرۈشلەرگە ئاساسەن، سىياسەت دېگەن ئىسلامنىڭ بىر قىسمى بولۇپ، ئىسلامدا دىن بىلەن سىياسەتنىڭ ئارىسىدا ھېچ پەرق يوق.
مۇشۇ ئېتىبار ۋە بېكىتىشكە ئاساسەن كىشىلەرنىڭ سىياسەت ئاتالغۇسىغا كېلەيلى: پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئۆزىنىڭ قىلغان ھۆكۈملىرىدە، دۆلەتنى ئىدارە قىلىش ئىشلىرىدا توغرا شەكىلدىكى ھېكمەتلىك سىياسەتلەرنى قوللانغان. چۈنكى پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام سىياسەتنى شەرىئەت كۆرسەتمىسى بويىچە، ئىنسانىيەتنىڭ دۇنيا ۋە ئاخىرەتلىك پايدا-مەنپەئەتىنى روياپقا چىقىرىش، بۇزۇقچىلىقنى ئازايتىش ۋە تۈگىتىش ئۈچۈن قوللانغان. پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامدىن كىيىن توغرا يول تۇتقان ئىز باسار خەلىپىلەر ۋە يول باشچى ئىماملارمۇ سىياسەتنى شۇ بويىچە ئىجرا قىلدى. [ئىبنى قەييىم رەھىمەھۇللاھنىڭ "تۇرۇقۇل ھېكمىيە" ناملىق ئەسىرى 17-20-بەتلەر].
ھەممىدىن توغرىنى بىلگۈچى ئاللاھ تائالادۇر.