بارلىق گۈزەل مەدھىيىلەر ئالەملەرنىڭ رەببى بولغان ئاللاھقا خاستۇر، پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا، ساھابىلىرىغا ۋە قىيامەتكىچە ئۇلارغا ئەگەشكەن كىشىلەرگە ئاللاھنىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.
بىرىنچى: قەبىردىكى ئازاب ۋە نېمەت قۇرئان، ھەدىس ۋە ئىجما بىلەن سابىت بولۇپ، ئەسلىدە قەبىردىكى ئازاب ۋە نېمەت روھقا بولىدۇ، شۇنداقلا بەزىدە روھ بەدەنگە تۇتىشىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بەدەنگە قەبىرنىڭ ئازابى ياكى نېمىتى يېتىدۇ.
ئەمما ھېسابقا كەلسەك: قەبىردە ھېساب بولمايدۇ، بەلكى قىلغان ئەمەللىرىگە كۆرە ياكى ئازابقا ئۇچرايدۇ ياكى نېمەتكە ئېرىشىدۇ، ھېساب بولسا قىيامەت مەيدانىدا بولىدۇ.
ئىككىنچى: ئەسلىدە ئىنسانلارنىڭ ھەممىسى قىيامەت مەيدانىدا ھېسابقا تارتىلىدۇ، لېكىن ئىككى تۈرلۈك كىشىلەر ئاللاھنىڭ پەزلى-رەھمىتى بىلەن ھېسابسىز ۋە ئازابسىز جەننەتكە كىرىدۇ، بۇنىڭ تەپسىلاتى 4203 – نومۇرلۇق سوئالنىڭ جاۋابىدا بايان قىلىندى.
ئەبۇ ھۈرەيرە رەزىيەللاھۇئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: ثُمَّ لَتُسْأَلُنَّ يَوْمَئِذٍ عَنْ النَّعِيمِ تەرجىمىسى: «ئاندىن (دۇنيادا سىلەرگە بېرىلگەن) نېمەتلەردىن سوئال ـ سوراق قىلىنىسىلەر» دېگەن ئايەت نازىل قىلىنغاندا ساھابىلار: «ئى ئاللاھنىڭ رەسۇلى! بىزنىڭ يەيدىغىنىمىز سۇ بىلەن خورما، دۈشمەن بىزگە ھۇجۇم قىلىشقا تەييار، قىلىچىمىزنى دولىمىزدىن قويماي جىھاد قىلىۋاتساق بىز قايسى نېمەتتىن سورىلىمىز؟ دېگەندە، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام : ئاشۇ نېمەتتىن سورىلىسىلەر دېگەن». [شەيخ ئەلبانى ھەسەن دەپ، تىرمىزىنىڭ سەھىھ ھەدىسلەر توپلىمىدا كەلتۈرگەن. ]
ئىبنى كەسىر رەھىمەھۇللاھ بۇ ئايەتنىڭ تەپسىر توغرىسىدا مۇنداق دېگەن: “قىيامەت كۈنىدە ئاللاھ تائالا سىلەرگە نېمەت قىلىپ بەرگەن ساقلىق، خاتىرجەملىك، رىزىق دېگەندەك بارلىق نېمەتلەرنىڭ شۈكرىسىدىن ۋە ئۇنى ئۆز يولىدا ئىشلىتىش ۋە ئۇنى ئاللاھنىڭ ئىبادىتىگە سەرپ قىلىشتىن سورىلىسىلەر”. [“تەپسىر ئىبنى كەسىر” 8 -توم 474 -بەت].
ئەبى بەرزەتىل ئەسلەمى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «بەندە قىيامەت كۈنىدە ئۆرە تۇرغان ھالىتىدە ھاياتىنى نېمە ئىشلارغا سەرپ قىلدى، ئۆگەنگەن ئىلمىگە نېمە ئەمەللەرنى قىلدى، مال-دۇنيانى قانداق تاپتى ۋە نېمىگە سەرپ قىلدى ۋە جىسمىنى نېمە قىلىپ كاردىن چىقاردى بۇنىڭدىن سورىلىدۇ.» [تىرمىزى رىۋايىتى 2417-ھەدىس. شەيخ ئەلبانى سەھىھ دەپ تىرمىزىنىڭ سەھىھ ھەدىسلەر توپلىمىدا كەلتۈرگەن].
ئىبنى قەييىم رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: قەتادە رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: “ئاللاھ تائالا ھەر بىر بەندىدىن ئۆزىنىڭ ھەققىدىن ۋە ئۇنىڭغا ئامانەت قىلغان نېمەتلىرىدىن سورايدۇ”.
سوئال قىلىنىدىغان نېمەتلەر ئىككى تۈرلۈك بولىدۇ: بىرى ھالالدىن ئېلىنغان ھالالغا سەرپ قىلىنغان نېمەتلەرنىڭ شۈكرىسىدىن، يەنە بىرى: ھالالدىن ئېلىنغان لېكىن ئۆز يولىنىڭ غەيرىگە سەرپ قىلىنغان بولۇپ، ئۇنىڭ چىقىرىلغان ۋە سەرپ قىلىنغان ئورنىدىن سورىلىدۇ”. [“ئىغاسەتۇل لىھپان” 1 -توم 84 -بەت].
يەنە مۇنداق دەيدۇ: “ھەر بىر ئىنساندىن دۇنيادا بولغان نېمەتلىرىنى ئۇنى ھالالدىن تاپتىمۇ ياكى ھارامدىن تاپتىمۇ؟ ئۇنىڭدىن سوئال قىلىنىدۇ، بۇ سوئالىدىن كېيىن ئۇ نېمەتلەر ئۈچۈن ئاللاھ تائالاغا شۈكۈر ئېيتتىمۇ، ئاللاھنىڭ تائىتىگە ياردەم ئىلىشقا سەرپ قىلدىمۇ؟بۇنىڭدىن سورىلىدۇ. بىرىنچىسى: نېمەتنى چىقىرىشنىڭ سەۋەبىدىن، ئىككىنچىسى: نېمەتنى سەرپ قىلىش ئورۇنلىرىدىن بولىدۇ”. [ “سەۋېر قىلغۇچىلارنىڭ تەييارلىقى” 157 -بەت.]
ئۈچىنچى: قىيامەت كۈنىدىكى ھېساب ئىككى تۈرلۈك بولىدۇ:
بىرىنچى تۈرى: توغرىلاش. بۇ مۆمىنگە خاس بولىدۇ. ئۇ كىشىنىڭ قىلغان ئەمىلى، ئىلمى، ئاللاھ تائالا ئۇ كىشىگە ئاتا قىلغان نېمەتلەر، بۇنىڭغا ئوچۇق-يورۇق، دەلىل-پاكىتلار بىلەن جاۋاپ بەرسە ئاللاھ تائالانىڭ ئۇ كىشىگە بېرىلگەن نېمىتى داۋام قىلىدۇ.
گۇناھلىرى توغرىلانغاندا بۇنى ئېتىراپ قىلسا، ئاللاھ تائالا ئۇ كىشىنىڭ گۇناھلىرىنى ئورايدۇ، خاتالىقىنى ئۆتۈۋاتىدۇ.
بۇ ھېسابى چوڭقۇر تەكشۈرۈلمىگەن، ئىنچىكە ھېساپلانمىغان ئەھۋالدا بولىدۇ، نام-ئەمەل كىتابىنى ئوڭ قولى بىلەن ئالىدۇ، ئۆزىنىڭ جەننەتتىكى ئەھلىگە خۇرسەنلىك بىلەن قايتىدۇ، چۈنكى ئۇ كىشى ئازابتىن قۇتۇلدى، ساۋاپ بىلەن ئۇتۇق قازاندى.
ئائىشەرەزىيەللاھۇ ئەنھادىن بايان قىلىنغان ھەدىستە : پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام : «ھېسابى ئىنچىكە تەكشۈرۈلگەن كىشى ئازابلىنىدۇ، دېگەندە، ئائىشە رەزىيەللاھۇئەنھا: ئاللاھ تائالا قۇرئاندا: ئۇلاردىن ئاسان ھېساب ئېلىنىدۇ، دېمىگەنمىدى؟دېۋىدى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: ئۇ دېگەن يۈزلىشىش دېدى.» [ بۇخارى رىۋايىتى 6536-ھەدىس. مۇسلىم رىۋايىتى رىۋايىتى2876-ھەدىس].
ھاپىز ئىبنى ھەجەر رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: ئىمام قۇرتۇبى مۇنداق دېگەن: ” پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ: «ئۇ دېگەن يۈزلىشىش» دېگەن سۆزى: ئايەتتە زىكىر قىلىنغان ھېساب دېگەن مۆمىنلەرگە ئاللاھ تائالانىڭ ئۇلارغا ئاتا قىلغان نېمەتلىرىدىن ئۇلارنىڭ خاتالىقلىرىنى دۇنيادا ئاشكارا قىلماسلىق ۋە ئاخىرەتتە ئەپۇ قىلىۋېتىش ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈشتۇر”.
ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا مۇنداق دەيدۇ: مەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن يەڭگىل ھېساب توغرىسىدا سوراپ: ئى ئاللاھنىڭ رەسۇلى! يەڭگىل ھېساب قانداق بولىدۇ؟ دەپ سورىسام، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: «بىر كىشىگە خاتالىق-گۇناھلىرى توغرى قىلىنىدۇ، ئاندىن ئۇ كىشىنىڭ خاتالىق-گۇناھلىرى ئەپۇ قىلىنىدۇ، ئەگەر ئىنچىكە تەكشۈرۈلگەن بولسا ئېدى، ھالاك بولاتتى.» [ئىمام ئەھمەد رىۋايىتى 24988 -ھەدىس. شەيخ ئەلبانى سەھىھ دەپ “جەننەت سايىسى” ناملىق ئەسەرنىڭ 2 -توم 128 -بەتتە كەلتۈرگەن.]
شەيخ ئىبنى ئۇسەيمىن رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: “مۆمىندىن ھېساب ئېلىنىدۇ لېكىن ئۇنىڭ ھېسابى ئىنچىكە قىلىنمايدۇ، چۈنكى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «ھېسابى ئىنچىكە قىلىنغان كىشى ھالاك بولىدۇ ياكى ئازابلىنىدۇ» دېگەن. لېكىن بۇ ھېساب دېگەن پەقەت توغىرلاشتۇر. [ “ئايلىق ئۈچرىشىش” 1 -توم 378 -بەت.]
ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ: مەن پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى ئاڭلىدىم: «مۆمىنگە رەببى يېقىن بولىدۇ، ھەتتا ئاللاھ ئۇ كىشىنى ئورايدۇ، ئۇ كىشىگە گۇناھىنى ئىقرار قىلدۇرىدۇ: پالانى گۇناھنى ئېتىراپ قىلامسەن؟، پالانى گۇناھنى ئېتىراپ قىلامسەن؟ دەيدۇ، ئۇ كىشى: ئېتىراپ قىلىمەن، رەببىم! ئېتىراپ قىلىمەن دەپ ئىككى قېتىم دەيدۇ، ھەتتا ئۇ كىشىنى گۇناھىنى ئېتىراپ قىلغاندا ئۆزىنى ھالاك بولۇپ كەتتىم دەپ ئويلايدۇ، ئاللاھ تائالا: ئۇ گۇناھنى دۇنيادا ياپقان ئېدىم، بۈگۈن سېنىڭ ئۇ گۇناھىڭنى مەغپىرەت قىلىمەن دەيدۇ، ئاندىن ئۇ كىشىگە ياخشىلىق سەھىپىسى بېرىلىدۇ، ئەمما كاپىرلار ۋە مۇناپىقلار گۇۋاھچىلارنىڭ ئالدىدا چاقىرىلىدۇ: گۇۋاھچىلار: بۇلار پەرۋەردىگارى ھەققىدە يالغان سۆزلىگەنلەردۇر دەيدۇ. راستىنلا ئاللاھنىڭ لەنىتى زالىملارغا بولىدۇ. (يەنى ئاللاھ زالىملارنى رەھمىتىدىن يىراق قىلىدۇ).» [بۇخارى رىۋايىتى 2441 -ھەدىس. مۇسلىم رىۋايىتى 2768-ھەدىس].
ئىككىنچى تۈر: ئىنچىكە تەكشۈرۈلىدىغان ھېسابلار: بۇ كاپىرلارنىڭ ۋە تەۋھىد ئەھلىدىن بولغان ئاسىيلارنىڭ ھېسابىدۇر، ئۇلارنىڭ ھېسابى ئۇزۇن بولىدۇ، گۇناھى كۆپ بولغانلىقى ئۈچۈن قېيىن بولىدۇ، تەۋھىد ئەھلىدىن بولغان ئاسىيلارنى ئاللاھ تائالا دوزاخقا كىرگۈزۇپ خالىغان مۇددەتكىچە قويىدۇ، ئاندىن ئۇلارنى دوزاختىن چېقىرىپ ئەبەدىيلىك جەننەتكە كىرگۈزىدۇ.
ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: «ساھابىلار: ئى ئاللاھنىڭ روسۇلى! قىيامەت كۈنىدە رەببىمىزنى كۆرىمىزمۇ؟دېدى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: ھاۋا ئوچۇق كۈندە چۈش ۋاقتىدا ئاسماندا قۇياشنى كۆرۈشتىن قىينىلامسىلەر؟ دېدى، ئۇلار: ياق دېدى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: بەدىر كېچىسىدە ئوچۇق ئاسماندا ئون تۆت كۈنلۈك تولۇن ئاينى كۆرۈشتىن قىينىلامسىلەر؟ دېدى، ئۇلار: ياق دېدى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: مېنىڭ جېنىم قولىدا بولغان زات بىلەن قەسەم! سىلەر ھاۋا ئوچۇق كۈندە ئاي ياكى كۈننى كۆرۈشتىن قىينالمىغاندەك، قىيامەت كۈنىدە رەببىڭلارنى كۆرۈشتىنمۇ قىينالمايسىلەر دېدى. پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېدى: بەندە رەببىگە ئۇچرىشىدۇ، ئاللاھ تائالا: ئى پالانى! سېنى ئىززەت-ئىكرام قىلمىدىممۇ، ئەتراپىڭدىكىلەرگە رەھبەر قىلمىدىممۇ، ئائىلىلىك قىلمىدىممۇ، ئات، تۆگەلەرنى بويسۇندۇرۇپ بەرمىدىممۇ، قەبىلەڭگە رەئىس قىلىپ غەنىمەتنىڭ تۆتتىن بىرىنى ئالىدىغان قىلمىدىممۇ؟دەيدۇ، ئۇ بەندە: شۇنداق قىلدىلا دەيدۇ، ئاللاھ تائالا: سەن مەن بىلەن ئۇچرىشىشنى ئېتىقاد قىلامتىڭ؟دەيدۇ، ئۇ بەندە: ياق دەيدۇ، سەن ماڭا ئۇچرىشىشنى ئۇنتۇغاندەك، مەنمۇ سېنى ئۇنتۇيمەن دەيدۇ. ئاندىن ئىككىنچى بىر بەندە بىلەن ئۇچرىشىدۇ، ئۇنىڭغا: ئى پالانى! سېنى ئىززەت-ئىكرام قىلمىدىممۇ، ئەتراپىڭدىكىلەرگە رەھبەر قىلمىدىممۇ، ئائىلىلىك قىلمىدىممۇ، ئات، تۆگەلەرنى بويسۇندۇرۇپ بەرمىدىممۇ، قەبىلەڭگە رەئىس قىلىپ غەنىمەتنىڭ تۆتتىن بىرىنى ئالىدىغان قىلمىدىممۇ؟دەيدۇ، ئۇ بەندە: شۇنداق قىلدىلا دەيدۇ، ئاللاھ تائالا: سەن مەن بىلەن ئۇچرىشىشنى ئېتىقاد قىلامتىڭ؟دەيدۇ، ئۇ بەندە: ياق دەيدۇ، سەن ماڭا ئۇچرىشىشنى ئۇنتۇغاندەك، مەنمۇ سېنى ئۇنتۇيمەن دەيدۇ. ئاندىن ئۈچىنچى بىر ئادەم بىلەن ئۇچرىشىدۇ، ئۇنىڭغىمۇ يۇقىرىدا دېيىلگەن سۆزلەر دېيىلىدۇ، ئۇ كىشى: ئى رەببىم! مەن سىلىگە ئىشەندىم، سىلىنىڭ كىتابلىرى، ئەلچىلىرىگە ئىمان ئېيتتىم، نامازنى ئادا قىلدىم، روزا تۇتتۇم، سەدىقە بەردىم دەپ كۈچىنىڭ يېتىشچە ياخشىلىق بىلەن ماختىنىدۇ، ئاللاھ تائالا: ئۇنداق بولسا ئەزالىرىڭنىڭ ساڭا گۇۋاھلىق بېرىشى ئۈچۈن بۇ يەردە تۇرغىن دەيدۇ، ئاندىن ئۇنىڭغا: ھازىر سېنىڭ ئىشلىرىڭغا گۇۋاھ بولىدىغان گۇۋاھچىلىرىمىزنى ئەۋەتىمىز دەيدۇ، ئۇ ئىنسان كۆڭلىدە: كىم گۇۋاھچى بولىدىغاندۇ؟دەپ ئويلىنىدۇ، ئۇنىڭ ئېغىزى پېچەتلىنىدۇ، ئۇنىڭ يوتىسى، گۆشى ۋە سۆڭەكلىرىگە سۆزلەڭلار دېيىلىدۇ، ئۇنىڭ يوتىسى، گۆشى ۋە سۆڭەكلىرى ئۇنىڭ قىلغان ئەمەللىرىنى سۆزلەيدۇ، شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭ نەپسى ئۇنى رەسۋا قىلىدۇ، بۇ مۇناپىق بولۇپ، ئاللاھ تائالا ئۇنىڭغا غەزەپ قىلىدۇ». [ مۇسلىم رىۋايىتى2968-ھەدىس].
شەيخ ئىبنى ئۇسەيمىن رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: “ئالىملار ھەدىستىكى: «قىيامەت كۈنى نېمەتلەردىن سورىلىسىلەر» دېگەن سۆز توغرىسىدا: بۇنىڭدىن كاپىر مەقسەت قىلىنامدۇ ياكى مۆمىن ۋە كاپىر مەقسەت قىلىنامدۇ؟ دەپ ئوخشىمايدىغان قاراشتا بولدى، توغرىسى: بۇنىڭدىن مۆمىن ۋە كاپىر ھەممىسى مەقسەت قىلىنىدۇ، ئۇلارنىڭ ھەر بىرى ئاللاھنىڭ ئاتا قىلغان نېمەتلىرىدىن سورىلىدۇ، لېكىن كاپىر: كايىش ۋە سىلكىشلەش تەرىقىسىدە سورىلىدۇ، مۆمىن بولسا ئەسلىتىش تەرىقىسىدە سورىلىدۇ، مۆمىننىڭ سوئالى بولسا ئاللاھ تائالانىڭ ئۇنىڭغا ئاتا قىلغان نېمەتلىرىنى ئەسلىتىش بىلەن خۇرسەن قىلىش ۋە ئاللاھنىڭ دۇنيادا ئۇنىڭغا ئاتا قىلغان نېمەتلىرىنى ، ئاخىرەتتىمۇ ئۇلارغا چەكسىز نېمەت ئىكرام قىلىدىغانلىقىنى بىلىشى ئۈچۈندۇر، ئەمما كاپىرنىڭ سوئالى ئۇنىڭغا كايىش ۋە تەنبىھ بېرىشتۇر”. [ “ئۇچرىشىش سۆھبىتى ئوچۇق” 9 -سان 98 -بەت].
ھەممىدىن توغرىنى ئاللاھ تائالا ياخشى بىلگۈچىدۇر.