جۈمە 21 رامىزان 1446 - 21 مارت 2025
Uygur

نەپلە نامازلارنى يەڭگىل ئوقۇش توغرىسدا

سۇئال

مەن نەپلە ناماز توغرىسىدا سوئال سورىماقچى: نەپلە نامازلارنىڭ ھەممىسىنى بامداتنىڭ ئىككى رەكەت سۈننىتىنى ئوقۇغاندەك يەڭگىل ئوقۇش ۋاجىپ ياكى سۈننەت بولامدۇ؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل مەدھىيىلەر ئالەملەرنىڭ رەببى بولغان ئاللاھقا خاستۇر، پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا، ساھابىلىرىغا ۋە قىيامەتكىچە ئۇلارغا ئەگەشكەن كىشىلەرگە ئاللاھنىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

نەپلە نامازلارنى يەڭگىل ئوقۇش ۋە يەڭگىل ئوقۇماسلىق تەرىپىنى ئېتىبارغا ئېلىش بىلەن ئۈچ قىسىمغا ئايرىلىدۇ:

بىرىنچى قىسىم: يەڭگىل ئوقۇش سۈننەت بولغان نەپلە نامازلاردىن:

-بامداتنىڭ ئىككى رەكەت سۈننىتى: بۇ توغرىدا بايان قىلىنغان ھەدىستە: ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا مۇنداق دەيدۇ: «پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام بامداتنىڭ ئىككى رەكەت سۈننىتىنى بەك يەڭگىل ئوقۇيتتى، ھەتتا مەن: بۇنىڭدا پاتىھە سۈرىسىنىلا ئوقۇغانمىدۇ؟ دەپ ئويلاپ قالاتتىم». [بۇخارى رىۋايىتى 1165-ھەدىس].

شەيخ ئىبنى ئۇسەيمىن رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "بامداتنىڭ ئىككى رەكەت سۈننىتى يەڭگىل ئوقۇلىدۇ. بىرىنچى رەكەتتە پاتىھە سۈرىسىدىن كېيىن كاپىرۇن سۈرىسى، ئىككىنچى رەكەتتە پاتىھەدىن كېيىن ئىخلاس سۈرىسى ئوقۇلىدۇ ياكى بىرىنچى رەكەتتە بەقەرە سۈرىسىدىكى: قُولُوا آمَنَّا بِاللَّهِ وَمَا أُنزِلَ إِلَيْنَا وَمَا أُنزِلَ إِلَىٰ إِبْرَاهِيمَ وَإِسْمَاعِيلَ وَإِسْحَاقَ وَيَعْقُوبَ وَالْأَسْبَاطِ وَمَا أُوتِيَ مُوسَىٰ وَعِيسَىٰ وَمَا أُوتِيَ النَّبِيُّونَ مِن رَّبِّهِمْ لَا نُفَرِّقُ بَيْنَ أَحَدٍ مِّنْهُمْ وَنَحْنُ لَهُ مُسْلِمُونَ تەرجىمىسى: «ئېيتىڭلاركى، «ئاللاھقا ئىمان ئېيتتۇق، بىزگە نازىل قىلىنغان ۋەھىيگە، ئىبراھىمغا، ئىسمائىلغا، ئىسھاققا، يەئقۇبقا ۋە ئۇنىڭ ئەۋلادلىرىغا نازىل قىلىنغان ۋەھىيگە، مۇساغا بېرىلگەن (تەۋراتقا)، ئىيساغا بېرىلگەن (ئىنجىلغا) ۋە پەيغەمبەرلەرگە پەرۋەردىگارى تەرىپىدىن بېرىلگەن (كىتابلارغا) ئىمان ئېيتتۇق، ئۇلاردىن ھېچبىرىنى ئايرىۋەتمەيمىز(يەھۇدىيلار ۋە ناسارالارغا ئوخشاش، ئۇلارنىڭ بەزىسىگە ئىمان ئېيتىپ بەزىسىنى ئىنكار قىلمايمىز)، بىز ئاللاھقىلا بويسۇنغۇچىلارمىز.» سۈرە بەقەرە 136-ئايەتنى، ئىككىنچى رەكەتكە: قُلْ يَا أَهْلَ الْكِتَابِ تَعَالَوْا إِلَىٰ كَلِمَةٍ سَوَاءٍ بَيْنَنَا وَبَيْنَكُمْ أَلَّا نَعْبُدَ إِلَّا اللَّهَ وَلَا نُشْرِكَ بِهِ شَيْئًا وَلَا يَتَّخِذَ بَعْضُنَا بَعْضًا أَرْبَابًا مِّن دُونِ اللَّهِ ۚ فَإِن تَوَلَّوْا فَقُولُوا اشْهَدُوا بِأَنَّا مُسْلِمُونَ ‏تەرجىمىسى: «ئى ئەھلى كىتاب! (يەنى يەھۇدىيلار ۋە ناسارالار) پەقەت ئاللاھقىلا ئىبادەت قىلىش، ئاللاھقا ھېچ نەرسىنى شېرىك كەلتۈرمەسلىك، ئاللاھنى قويۇپ بىر ـ بىرىمىزنى خۇدا قىلىۋالماسلىقتەك ھەممىمىزگە ئورتاق بولغان بىر سۆزگە(يەنى تەۋھىدئەقىدىسىگە)كېلىڭلار» دېگىن، ئەگەر ئۇلار يۈز ئۆرۈسە (يەنى بۇنى قوبۇل قىلمىسا):«(ئى يەھۇدىيلار ۋە ناسارالار جامائەسى!) بىزنىڭ مۇسۇلمان ئىكەنلىكىمىزگە گۇۋاھ بولۇڭلار» دېگەن ئال ئىمران سۈرىسى 64-ئايەتنى ئوقۇسىمۇ بولىدۇ.

رۇكۇمۇ يەڭگىل بولىدۇ: "سۇبھانە رەببىيەل ئەزىيم"نى ئەڭ ئاز ئۈچ قېتىم دەيدۇ. سەجدىدىمۇ شۇنداق قىلىدۇ، تەشەھھۇتنىمۇ بەك ئۇزۇن قىلمايدۇ، مانا بۇ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ سۈننىتىدۇر". " ئوچۇق سۆھبەت".

-ئىمام خۇتبە سۆزلەۋاتقان ۋاقىتتا مەسچىت ھۆرمىتى نامىزىنى يەڭگىل ئوقۇيدۇ: بۇ توغرىدا جابىر ئىبنى ئابدۇللاھ رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ھەدىس بايان قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: غەتەپان قەبىلىسىدىكى سۈلەيك دېگەن ئادەم جۈمە كۈنلىكى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام كىشىلەرگە خۇتبە سۆزلەۋاتقاندا كېلىپ ناماز ئوقۇماستىن ئولتۇردى.

پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئۇنىڭغا: «ئى سۈلەيك! ئورنۇڭدىن تۇرۇپ ئىككى رەكەت ناماز ئوقۇغىن، بۇ نامازنى قىسقا ئوقۇغىن دەپ بولۇپ، سىلەرنىڭ بىرىڭلار جۈمە كۈنىدە ئىمام خۇتبە سۆزلەۋاتقاندا مەسچىتكە كەلگەن بولسا، يەڭگىل ئىككى رەكەت ناماز ئوقۇسۇن دېدى». [مۇسلىم  رىۋايىتى 875-ھەدىس].

-كېچىدە نامازغا تۇرغان نامازنى يەڭگىل ئىككى رەكەت ئوقۇش بىلەن باشلاش: بۇ توغرىدا ئەبۇ ھۈرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام :«سىلەرنىڭ بىرىڭلار كېچىدە نامازغا تۇرغاندا ئىككى رەكەت يەڭگىل ناماز ئوقۇسۇن دېگەن» [ئەبۇ داۋۇد رىۋايىتى 1323-ھەدىس].

سەھىھ مۇسلىمدا ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىستىمۇ: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ شۇنداق قىلغانلىقى بايان قىلىنىدۇ.

-شۇنىڭدەك، كەبىنى تاۋاپ قىلىپ بولغاندىن كېيىن ئوقۇيدىغان ئىككى رەكەت نامازمۇ يەڭگىل ئوقۇلىدۇ، ئۇنىڭدىمۇ قىرائەتنى بامدات ۋە شامنىڭ سۈننىتى ئوقۇغاندەك يەڭگىل ئوقۇش كېرەك بولىدۇ.

شەيخ ئىبنى ئۇسەيمىن رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "شۇنى بىلىش كېرەككى: بۇ ئىككى رەكەت نامازنىمۇ يەڭگىل ئوقۇش كېرەك، بۇ ئىككى رەكەتتە: "كاپىرۇن سۈرىسى بىلەن ئىخلاس سۈرىسىنى ئوقۇش ياخشى بولىدۇ، بۇ ئىككى رەكەت نامازنى ئوقۇشتىن بۇرۇنمۇ ياكى كېيىنمۇ ئايرىم ئوقۇلىدىغان دۇئا يوق". ["ئىبنى ئۇسەيمىننىڭ"پەتىۋالار مەجمۇئەسى" 24-توم 463-464-بەت].

ئىككىنچى قىسىم: ئۈزۈن ئوقۇش سۈننەت بولغان نەپلە نامازلار: كۈن تۇتۇلغان ۋە ئاي تۇتۇلغاندا ئوقۇيدىغان نامازلار ۋە كېچىلىك ناماز، بۇ توغرىدا پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ ئاي تۇتۇلغاندا ياكى كۈن تۇتۇلغاندا ناماز ئوقۇپ قىرائەتنى ئۇزۇن قىلغانلىقى بايان قىلىنغان ھەدىستە: ئابدۇللاھ ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: «پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ دەۋرىدە كۈن تۇتۇلدى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ناماز ئوقۇدى، كىشىلەرمۇ بىرگە ناماز ئوقۇدى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام بەقەرە سۈرىسىنى ئوقۇغان مىقداردا ئۇزۇن قىيامدا تۇردى...». [بۇخارى رىۋايىتى5197-ھەدىس. مۇسلىم رىۋايىتى 907-ھەدىس].

شەيخ مۇبارەك پورى رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "بۇ ھەدىس كۈن تۇتۇلغان ۋە ئاي تۇتۇلغاندا ئوقۇيدىغان نامازدا قىرائەتنى ئۇزۇن ئوقۇش كېرەكلىكىنى بىلدۈرىدۇ. بۇنداق قىلىش كۆپچىلىك ئالىملارنىڭ قارىشىغا كۆرە: مۇستەھەپ بولىدۇ". ["مىرئاتۇل مەپاتىھ شەرھى مىشكاتۇل مەپاتىھ" 5-توم 136-بەت].

ئەمما پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ كېچىلىك نامىزىنىڭ سۈپىتىگە كەلسەك: ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا بۇ نامازنى ئىككى سۈپەت بىلەن سۈپەتلەپ بەردى: "ئۇزۇن ئوقۇش ۋە گۈزەل ئوقۇش"، ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا مۇنداق دەيدۇ: «پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام كېچىدە رامىزاندىمۇ ۋە رامىزاندىن باشقا ۋاقىتلاردىمۇ ئون بىر رەكەتتىن ئارتۇق ناماز ئوقۇمايتتى، تۆت رەكەت ئوقۇيتتى، بۇ نامازنىڭ گۈزەللىكى ۋە ئۇزۇن ئوقۇلىشىنى سورىماڭ! ئاندىن يەنە تۆت رەكەت ئوقۇيتتى، بۇ نامازنىڭ گۈزەللىكى ۋە ئۇزۇن ئوقۇلىشىنى سورىماڭ! ئاندىن ئۈچ رەكەت ئوقۇيتتى..» [مۇسلىم رىۋايىتى 738-ھەدىس].

ئىمام نەۋەۋىي رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "بۇ ھەدىس ۋە كېيىنكى ھەدىس شاپىئى مەزھىبى ۋە باشقا مەزھەپتىكى: قىيامدا ئۇزۇن تۇرۇش رۇكۇ-سەجدىنى كۆپ قىلغاندىن ياخشى دېگەن قاراشتىكىلەرگە دەلىل بولىدۇ". نەۋەۋىينىڭ: "مۇسلىمنىڭ شەرھىسى" دىن ئېلىندى.

ئۈچىنچى قىسىم: پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامدىن ئۇزۇن ئوقۇش ياكى يەڭگىل ئوقۇش توغرىسىدا ھەدىس بايان قىلىنمىغان نەپلە نامازلار: نەپلە نامازلاردىن بولغان بۇ تۈر توغرىسىدا ئالىملارنىڭ ئارىسىدا پەرقلىق قاراشلار بار، ئۇ بولسىمۇ: نەپلە ناماز ئوقۇغاندا رەكەت سانىنى كۆپ قىلماي قىيامنى ئۇزۇن قىلىپ ئوقۇش ئەۋزەلمۇ ياكى نامازنىڭ رەكەت سانىنى كۆپ قىلىپ، رۇكۇ-سەجدىنى كۆپ قىلىپ ئوقۇش ئەۋزەلمۇ؟، دېگەن مەسىلە بولۇپ، بۇ مەسىلىدە: ھەنبەلى مەزھەپ ئالىملىرى: "قىيامنى ئۇزۇن قىلىپ ئاز ئوقۇغاندىن رۇكۇ-سەجدىنى كۆپ قىلىپ نامازنى زىيادە ئوقۇغان ياخشى دېگەن قاراشقا بارىدۇ.

بەھۇتىي رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن يەڭگىل ئوقۇش توغرىسىدا ھەدىس بايان قىلىنغان نامازلار: بامداتنىڭ ئىككى رەكەت سۈننىتى، كېچىدە تۇرۇپ ناماز باشلىغاندا ئىككى رەكەتنى يەڭگىل ئوقۇش، جۈمە كۈنىدە ئىمام خۇتبە ئوقۇۋاتقاندا مەسچىتكە كىرگەندە ئىككى رەكەت مەسچىت ھۆرمىتى نامىزىنى يەڭگىل ئوقۇش قاتارلىقلار ياكى ئۇزۇن ئوقۇش توغرىسىدا ھەدىس بايان قىلىنغان نامازلاردىن: ئاي تۇتۇلغان ياكى كۈن تۇتۇلغاندا ئوقۇيدىغان ناماز ۋە كېچىلىك ناماز قاتارلىقلاردا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا ئەگىشىش ياخشى بولىدۇ. بۇ توغرىدا ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: ‎لَّقَدْ كَانَ لَكُمْ فِي رَسُولِ اللَّهِ أُسْوَةٌ حَسَنَةٌ لِّمَن كَانَ يَرْجُو اللَّهَ وَالْيَوْمَ الْآخِرَ وَذَكَرَ اللَّهَ كَثِيرًا تەرجىمىسى: «سىلەرگە ـ ئاللاھنى، ئاخىرەت كۈنىنى ئۈمىد قىلغان ۋە ئاللاھنى كۆپ ياد ئەتكەنلەرگە ـ رەسۇلۇللاھ ئەلۋەتتە ياخشى ئۈلگىدۇر» [سۈرە ئەھزاپ 21-ئايەت].

پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئۇزۇن ئوقۇش ياكى يەڭگىل ئوقۇش توغرىسىدا ھەدىس بايان قىلىنمىغان نەپلە نامازلاردا بولسا، قىيامدا ئۇزۇن تۇرۇپ ئاز ئوقۇغاندىن رۇكۇ-سەجدىنى كۆپ قىلىپ يەنى رەكەت سانىنى كۆپەيتىپ ئوقۇغان ياخشىدۇر. بۇ توغرىدا پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «بەندىنىڭ رەببىگە ئەڭ يېقىن بولىدىغان ۋاقتى، ئۇنىڭ سەجدە قىلغان ھالىتىدۇر».

سەۋبان رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: مەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى ئاڭلىغان ئېدىم: «سەجدىنى كۆپ قىلغىن، ئەگەر سەن ئاللاھ ئۈچۈن بىر سەجدە قىلساڭ، ئاللاھ تائالا ئۇنىڭ بىلەن مەرتىۋەڭنى يۇقىرى قىلىدۇ، ىاتالىقىڭنى كەچۈرۈم قىلىدۇ».

سەجدە قىلىشنىڭ ئۆزى ئەۋزەلدۇر ۋە تەكىتلەنگەندۇر، چۈنكى پەرز، نەپلە ھەممە نامازلاردا سەجدە قىلىش ۋاجىپ بولىدۇ، ئاللاھدىن باشقىغا سەجدە قىلىش توغرا بولمايدۇ، قىيامدا تۇرۇش نەپلە نامازلاردا ئۆزۈر بىلەن چۈشۈپ كېتىدۇ، نامازنىڭ غەيرىدىمۇ قىيامدا تۇرۇش دۇرۇس بولىدۇ، خۇددى: ئاتا-ئانا، ئالىم-ئۆلىمالار، يۇرت چوڭلىرى دېگەندەك كىشىلەر ئۈچۈن تۇرسا بولىدۇ، تەكىتلەنگەن ۋە ئەۋزەل بولغان ئىشنى كۆپ قىلىش ياخشى بولىدۇ". ["كەشاپۇل قىنا" 1-توم 441-بەت].

ئىمام شاپىئى رەھىمەھۇللاھ: "رۇكۇ-سەجدىنى كۆپ قىلغاندىن قىيامدا ئۇزۇن تۇرۇپ ناماز ئوقۇش ياخشى دېگەن قاراشتا بولغان.

ئىمام نەۋەۋىي رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "بىز ۋە باشقا بىزگە ئوخشاش قاراشتىكىلەرنىڭ مەزھىبىدە: رۇكۇ-سەجدىنى قىسقا قىلىپ نامازنىڭ رەكەت سانىنى زىيادە قىلغاندىن قىيامدا ئۇزۇن تۇرۇپ ئاز ئوقۇغان ئەۋزەل بولىدۇ". "ئەلمەجمۇ" 3-توم 537-بەت.

يەنە بەزى ئالىملار: كېچە نامىزى بىلەن كۈندۈز نامىزىنىڭ ئارىسىنى ئايرىدى. شەۋكانى رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "ئىسھاق ئىبنى راھۇۋەي مۇنداق دېگەن: "كۈندۈز نامىزىدا رۇكۇ-سەجدىنى كۆپ قىلىش ئەۋزەل بولىدۇ، ئەمما كېچە نامىزىدا قىيامنى ئۇزۇن قىلىش ئەۋزەل بولىدۇ، لېكىن بىر كىشىنىڭ كېچىدە ئوقۇيدىغان مەلۇم مىقداردا تىلاۋېتى بولسا، ئۇ ۋاقىتتا رۇكۇ-سەجدىنى كۆپ قىلىشى ئەۋزەل بولىدۇ، چۈنكى ئۇ كىشى ئۆزىنىڭ ئوقۇيدىغان تىلاۋېتىنى ئوقۇيدۇ، رۇكۇ-سەجنى كۆپ قىلىپ ئۇنىڭدىنمۇ مەنپەئەتلىنىدۇ".

ئىبنى ئەدى رەھىمەھۇللاھ  مۇنداق دەيدۇ: " ئىسھاق ئىبنى راھۇۋەينىڭ مۇنداق دېيىشى، ساھابىلار پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ كېچىلىك نامىزىنى قىيامدا ئۇزۇن تۇراتتى دەپ سۈپەتلىگەن، كۈندۈزدە ئوقۇيدىغان نەپلە نامازلىرىنى كېچىدە ئوقۇيدىغان نەپلە نامازلىرىنى سۈپەتلىگەندەك، قىيامدا ئۇزۇن تۇراتتى دەپ سۈپەتلىمىگەن. "نەيلىل ئەۋتار" 3-توم 91-بەت.

سۆزنىڭ خۇلاسىسى: پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامدىن نامازنى يەڭگىل ئوقۇش توغرىسىدا كەلگەن ئاغزاكى ياكى ئەمەلى دەلىللەر بولسا ئۇ ۋاقىتتا يەڭگىل ئوقۇش سۈننەت بولىدۇ، ئەمما پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامدىن نەپلە نامازلارنى ئۇزۇن ئوقۇش توغرىسىدا دەلىل كەلگەنلىرىدە ئۇزۇن ئوقۇش سۈننەت بولىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا: نەپلە ناماز ئوقۇغاندا رەكەت سانىنى كۆپ قىلماي قىيامنى ئۇزۇن قىلىپ ئوقۇش ئەۋزەلمۇ ياكى نامازنىڭ رەكەت سانىنى كۆپ قىلىپ، رۇكۇ-سەجدىنى كۆپ قىلىپ ئوقۇش ئەۋزەلمۇ؟، دېگەن مەسىلىدە ئالىملار ئارىسىدا پەرقلىق قاراشلار بار، بۇنداق مەسىلىدە: ھەر بىر كىشىگە: قىيامدا ئۇزۇن تۇرۇپ ئوقۇش سىزگە خۇشۇنى زىيادە قىلىدىغان بولسا سىز قىيامنى ئۇزۇن قىلىپ ئوقۇڭ، ئەگەر كۆپ سەجدە قىلىشنى ئەۋزەل دەپ قارىسىڭىز، رەكەت سانىنى زىيادە قىلىپ رۇكۇ-سەجدىنى كۆپ قىلىڭ دەيمىز، چۈنكى پەيغەمبەرئەلەيھىسسالاممۇ ھەدىستە: «سىلەرنىڭ بىرڭلار يالغۇز نەپلە ناماز ئوقۇغاندا خالىغانچە ئوقۇسۇن دېگەن» [مۇسلىم رىۋايىتى467-ھەدىس].

شەيخ ئىبنى ئۇسەيمىن رەھىمەھۇللاھ "قەلبىڭىزگە لايىق بولغاننى قىلىڭ" دېگەن سۆزگە ئىلاۋە قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: "ئەقىللىق، توغرا يولغا مۇۋەپپەق قىلىنغان ئىنسان، پەرز-ۋاجىپتىن باشقا ئىبادەتلىرىنى قانداق شەكىلدە ئادا قىلىشنى ياخشى بىلىدۇ، ئەجىر-ساۋابى كۆپ بولغان مەنپەئەتلىلىك بولغانلىرىنى سىلىشتۇرۇپ، تاللاپ قىلىدۇ". ["مۇمتىنىڭ شەرھىسى" 5-توم 79-80-بەت].

ھەممىدىن توغرىنى ئاللاھ تائالا ياخشى بىلىدۇ.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى