پەيشەنبە 18 رامىزان 1445 - 28 مارت 2024
Uygur

ۋاپات بولغان كىشىگە ئىددەت تۇتۇشنى ھىجىرىيە تارىخى بىلەن ھېسابلاش توغرىسىدا

سۇئال

ئانامنىڭ ئىددىتىنىڭ قاچان ئاخىرلىشىدىغانلىقىنى بىلىشنى خالايمەن؟ دادامغا ئاللاھدىن رەھمەت، مەغپىرىتىنى تىلەيمەن، دادام 2012-04-06 كۈنى ۋاپات بولغان. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھقا خاستۇر. پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئۇنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى ۋە ساھابىلىرىغا ئاللاھ تائالانىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن. 

    بىرىنچى: ئاللاھ تائالادىن ئاتىڭىزغا ۋە بارلىق مۇسۇلمانلارغا رەھمەت، مەغپىرەت تىلەيمىز، ئاللاھ تائالا دۇئالىرىمىزنى ئاڭلىغۇچى ۋە ئىجابەت قىلغۇچىدۇر.

    ئىككىنچى: ئېرى ۋاپات بولغان ئايال ھامىلدار بولسا بالىسىنى تەۋەللۇت قىلىش بىلەن ئۇ ئايالنىڭ ئىددىتى ئاخىرلىشىدۇ. بۇ توغرىدا ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:  وأُولَاتُ الْأَحْمَالِ أَجَلُهُنَّ أَنْ يَضَعْنَ حَمْلَهُنَّ  تەرجىمىسى: ھامىلىدار ئاياللارنىڭ ئىددىتى (مەيلى ئايرىلىپ كەتكەن بولسۇن، مەيلى ئېرى ئۆلۈپ كەتكەن بولسۇن) يەڭگىش بىلەنلا تۈگەيدۇ. كىمكى ئاللاھدىن قورقىدىكەن، ئاللاھ ئۇنىڭ ئىشىنى ئاسانلاشتۇرۇپ بېرىدۇ. [سۈرە تالاق 4-ئايەت].

    ئەگەر ئايال ھامىلدار بولمىسا، ئۇ ئايالنىڭ ئىددىتى تۆت ئاي ئون كۈن بولىدۇ، بۇ توغرىدا ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:  وَالَّذِينَ يُتَوَفَّوْنَ مِنْكُمْ وَيَذَرُونَ أَزْوَاجًا يَتَرَبَّصْنَ بِأَنْفُسِهِنَّ أَرْبَعَةَ أَشْهُرٍ وَعَشْراً  تەرجىمىسى: ئىچىڭلاردا ئۆزى ۋاپات بولۇپ ئاياللىرى قېلىپ قالغان كىشىلەر بولسا، ئاياللىرى تۆت ئاي ئون كۈن ئىددەت تۇتۇشى لازىم. [سۈرە بەقەرە 234-ئايەت].

    ئۈچىنچى: ئېرى ۋاپات بولغان ئىددەت ۋاقتىنى مىلادىيە كالىندارى بىلەن ئەمەس بەلكى ھىجىرىيە كالىندارى بويىچە ھېسابلايدۇ، چۈنكى شەرىئەت ئەھكاملىرى ھىجىرىيە ئايلىرى بىلەن بېكىتىلىنىدۇ.

     ۋاپات بولغان كىشى ئاينىڭ ئەۋۋىلىدە ۋاپات بولغان بولسا، ئاينىڭ چىققان ۋاقتىغا قاراپ ھېسابلىنىدۇ، ھىجىرىيە ئايلىرىنىڭ بەزىسى ئوتتۇز ۋە بەزىسى يىگىرمە توققۇز كېلىدىغان بولۇپ، شۇ بويىچە ئىددەت تۇتسا توغرا بولىدۇ، ئاينىڭ كام قالغانلىرىنى تولۇقلاش كېرەك بولمايدۇ.

    "پىقھى توپلاملىرى" ناملىق ئەسەر 29 -توم 315-316-بەتلەردە مۇنداق بايان قىلىنغان: "تالاق قىلىنغان، ئايرىلىپ كەتكەن ۋە ئېرى ۋاپات بولغان ئاياللارنىڭ ئىددىتى مىلادىيە كالىندارى بىلەن ئەمەس بەلكى ھىجىرىيە كالىندارى بويىچە ھېسابلىنىدۇ. ئەگەر تالاق ياكى ۋاپات بولۇش ئاينىڭ ئەۋۋىلىدە بولغان بولسا، بۇ مۇشۇ ئاينىڭ كۆرۈلۈشى بىلەن ھېسابلىنىدۇ، چۈنكى بۇ توغرىدا ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:  يَسْأَلُونَكَ عَنِ الْأَهِلَّةِ ۖ قُلْ هِيَ مَوَاقِيتُ لِلنَّاسِ وَالْحَجِّ  تەرجىمىسى: «(ئى مۇھەممەد!) سەندىن يېڭى چىققان ئاي(يەنى ئاينىڭ كىچىك چىقىپ چوڭىيىدىغانلىقى، ئاندىن كىچىكلەيدىغانلىقى)توغرۇلۇق سورىشىدۇ. (ئۇلارغا)ئېيتقىنكى، ئۇ كىشىلەرنىڭ (تىرىكچىلىك، سودا ـ سېتىق، مۇئامىلە، روزا تۇتۇش، ئېغىز ئېچىش قاتارلىق) ئىشلارنىڭ ۋە ھەجنىڭ ۋاقىتلىرىنى ھېسابلىشى ئۈچۈندۇر. [سۈرە بەقەرە 189-ئايەت].

    ئاللاھ تائالا ئىددەتنى ئاينى ھېسابلاپ تۇتۇشقا بۇيرىغانلىقى ئۈچۈن ئاينىڭ بەزىسى كام بولسىمۇ ئىددىتى تولۇق بولىدۇ. ئاللاھ تائالا يەنە بىر ئايەتتە: ئۇلارنىڭ ئىددىتى ئۈچ ھەيىز مۇددىتى دېسە، يەنە بىر ئايەتتە: ئۇلارنىڭ ئىددىتى تۆت ئاي ئون كۈن دېدى، ئاي ئوتتۇز كۈن بولسۇن ياكى ئۇنىڭدىن ئاز بولسۇن ئىددەتتە ئاي ئېتىبارغا ئېلىنىدۇ.

    سوئالدا بايان قىلىنغاندەك، ۋاپات بولۇش ئاينىڭ ئوتتۇرىدا بولغان بولسا، ئايال ئاينىڭ قالغان قىسمىدا ئىددەت تۇتىدۇ، ئاي تولۇق بولسۇن ياكى تولۇق بولمىسۇن، ئۈچ ئاي ئون كۈن ھېسابلىنىدۇ، ئەۋۋەلقى ئاينىڭ ئۆتۈپ كەتكەن كۈنلىرىنى ھېسابلاشنىڭ يولى ئىككى تۈرلۈك بولىدۇ:

    بىرىنچى: ئاي تولۇق بولسۇن ياكى تولۇق بولمىسۇن ئاينى ئوتتۇز كۈندىن تولۇق ھېسابلاش، ئەگەر ئايال دەسلەپكى ئايدا يىگىرمە كۈن ئىددەت تۇتقان بولسا، قالغان ئون كۈنلۈك ئىددەتنى بەشىنچى ئايدا تولۇقلايدۇ.

    ئىككىنچى: ئاي تولۇق بولسۇن ياكى تولۇق بولمىسۇن دەسلەپكى ئايدا تولۇق بولمىغان ئىددەتنىڭ قالغىنىنى بەشىنچى ئايدا تولۇقلايدۇ. "ئەلمۇغنىي"ناملىق ئەسەر 8 -توم 85-بەت، "كەشاپۇل قىنا"5-توم 315-بەت، "پىقھى توپلاملىرى"29-توم 315-بەتكە قارالسۇن.

    يۇقىرىدا بايان قىلىنغان قاراشلارغا ئاساسەن، [2012-يىلى 4-ئاينىڭ 6-كۈنى] ئىددەتنى ھېسابلاشتا ھىجىرىيە[1433-يىلى 5-ئاينىڭ 14-كۈنىگە]مۇۋاپىق كېلىدىغان بولۇپ، ئۇ ئايالنىڭ ئىددىتى[1433-يىلى 9-ئاينىڭ 24-كۈنى] مىلادىيە [2012-يىلى 8-ئاينىڭ 12-كۈنى]ئاخىرلىشىدۇ.

    ئاللاھ تائالا ھەممىدىن ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى