پەيشەنبە 18 رامىزان 1445 - 28 مارت 2024
Uygur

تاھارىتى بار ھالەتتە پايپاقنى ئالماشتۇرۇپ، ئۇنىڭغا مەسھى قىلىپ ئاندىن ناماز ئوقۇغان بولسا نامىزى توغرا بولامدۇ؟

سۇئال

تاھارەت ئىلىپ پايپاقنى كىيىپ خۇپتەن نامىزىنى ئوقۇدۇم، ئاندىن بامدات نامىزىغا ئويغۇنۇپ تاھارەت ئىلىپ يەنە پايپاققا مەسھى قىلىپ بامدات نامىزىنى ئوقۇدۇم، ئاندىن تاھارىتىم سۇنماستا كەيگەن پايپاقنى يۇيۇش ئۈچۈن يەنە پايپاق ئالماشتۇردۇم، پىشىن ۋاقتى بولغاندا تاھارەت ئىلىپ يەنە كىيىن كەيگەن پايپاققا مەسھى قىلدىم، پايپاق ئالماشتۇرۇش ئارىسىدا تاھارىتىم سۇنمىغانتى، ئالغان تاھارىتىم توغرا بولۇپ ئوقۇغان پىشىن نامىزىم توغرا بولامدۇ ياكى تاھارىتىم توغرا بولماي ئوقۇغان نامىزىممۇ بىكار بولامدۇ؟.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل مەدھىيلەر ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھ تائالاغا خاستۇر، پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا،ئائىلە-تاۋابىئاتلىرى ۋە ساھابى كىراملارغا ئاللاھنىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

بىرىنچى: ئالىملارنىڭ توغرا بولغان كۈچلۈك قارىشىدا تاھارەت ئىلىپ ئاياغ ياكى پايپاققا مەسھى قىلغان بولسا، ئاندىن ئاياغ ياكى پايپاقنى سىلىۋەتكەن بولسا بۇنىڭ بىلەن تاھارەت سۇنمايدۇ. چۈنكى شەرئى دەلىل-ئىسپات بويىچە، ئۇ كىشىنىڭ ئاياغ ياكى پايپاققا مەسھى قىلىش بىلەن ئالغان تاھارىتى كامىل بولۇپ، كىيىن پايپاقنى سىلىۋەتسىمۇ تاھارىتى بۇزۇلمايدۇ. بىز بۇ مەسىلىنى ئىلگىرى 26343-ۋە 100112-نومۇرلۇقسوئاللارنىڭ جاۋابىدا بايان قىلغان.

شۇنىڭ ئۈچۈن، ئۇ كىشى ئۆزىنىڭ ئىلگىرىكى تاھارىتى بىلەن تاھارىتى سۇنغانغا قەدەر پەرز-نەپلە نامازلاردىن قانچىلىك ئوقۇسا بولىدۇ. بۇ ھەقتە تەپسىلى مەلۇماتقا ئېرىشىش ئۈچۈن 14321-نۇمۇرلۇق سوئالنىڭ جاۋابىغا مۇراجىئەت قىلىنسۇن.

ئىككىنچى: بىر پەرزنى ئوقۇپ ئىككىنچى نامازنىڭ ۋاقتى كەلگەندە تاھارىتى سۇنمىغان بولسا، ئۇ كىشىنىڭ يەنە يېڭىدىن تاھارەت ئىلىشى كېرەك بولمايدۇ. ئەمما يېڭىدىن تاھارەت ئالغان بولسا ياخشى، ئۇ كىشىنىڭ ئىلگىرىكى تاھارىتى سۇنمىغان بولغاچقا، ئۇ كىشى تاھارەت بىلەن بولغان بولىدۇ.

سوئال سورىغۇچى قېرىندىشىمىزغا بېرىدىغان جاۋابىمىز: سىز دەسلەپتە كەيگەن پايپاقنى سىلىۋەتكەن بولسىڭىز، بۇنىڭ بىلەن تاھارىتىڭىز سۇنمايدۇ، ئۇ تاھارەت بىلەن تاھارىتىڭىز سۇنغانغا قەدەر پەرىز-نەپلە نامازلاردىن خالىغانچە ئوقۇيسىز، ئاندىن باشقا بىر پايپاق كەيگەن بولسىڭىز، تاھارەتنى يېڭىلاش ئۈچۈنتاھارەت ئىلىپ كىيىن كەيگەن پايپاقنىڭ ئۈستىگە مەسھى قىلىپ پىشىن نامىزى ئوقۇغان بولسىڭىز، كىيىن كەيگەن پايپاققا قىلغان مەسھى توغرا بولمايدۇ، ئەمما ئوقۇغان نامىزىڭىز توغرا بولىدۇ، چۈنكى سىزنىڭ دەسلەپتە ئالغان تاھارىتىڭىز سۇنمىغان، تاھارەت سۇنماستا يەنە يېڭىدىن تاھارەت ئىلىش بىلەن دەسلەپتىكى تاھارەت بىكار بولۇپ كەتمەيدۇ، ئۇنىڭدىن كىيىن تاھارىتىڭىز سۇنۇپ كەتكەن بولسا سىز تاھارەت ئىلىش ئۈچۈن پايپاقنى سىلىۋىتىپ مەسھى قىلىشتىن ئىلگىرى پۇتىڭىزنى يۇيۇپ ئاندىن پايپاقنى كەيسىڭىز بولىدۇ. ["ئەلمۇغنى" 1-توم85-بەت، "كەششاپۇل قەننائ"1-توم 86-87-بەتلەر].

ھەممىدىن توغرىنى ئاللاھ تائالا ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى