پەيشەنبە 18 رامىزان 1445 - 28 مارت 2024
Uygur

ئىنجىل ۋە تەۋراتقا ئىگە بولۇشنىڭ ھۆكمى توغرىسىدا

20020

تارقاتقان ۋاقىت : 22-02-2016

كۆرگۈچىلەر : 3689

سۇئال

مەن ئاللاھ تائالانىڭ ئىسا ئەلەيھىسسالامغا ۋەھيى قىلغان سۆزلىرىنى بىلىش ئۈچۈن بىرەر نۇسخا ئىنجىلنى ساقلىسام بولامدۇ؟، ھازىر بار بولغان ئىنجىللار سەھىھمۇ؟، مەن سەھىھ بولغان ئىنجىل پۇرات دەرياسىغا غەرق قىلىنغان دەپ ئاڭلىغانتىم، بۇ توغرىمۇ؟ بۇ ھەقتە چۈشەنشە بېرىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل مەدھىيلەر ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھ تائالاغا خاستۇر، پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا،ئائىلە-تاۋابىئاتلىرى ۋە ساھابى كىراملارغا ئاللاھنىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

قۇرئان كەرىمدىن ئىلگىرى نازىل بولغان ئىنجىل-تەۋرات ۋە باشقا ساماۋىي كىتابلاردىن بىر نۇسخىنى سىتىۋېلىش ياكى ئۇنىڭغا ئىگە بولۇش توغرا بولمايدۇ. بۇنىڭ سەۋەبى تۆۋەندىكىدەك ئىككى تۈرلۈك بولىدۇ:

1-ئىلگىرىكى كىتابلاردا بايان قىلىنغان مەنپەئەتلىك ئىشلارنىڭ ھەممىسىنى ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدە بايان قىلىپ بەردى.

2-قۇرئان كەرىمدىكى ھۆكۈم ۋە مەلۇماتلار ئىلگىرىكى كىتاپلاردىكى ھەممە نەرسىدىن بىھاجەت قىلىدۇ. بۇ توغىرىدا ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: نَزَّلَ عَلَيْكَ الْكِتَابَ بِالْحَقِّ مُصَدِّقًا لِّمَا بَيْنَ يَدَيْهِتەرجىمىسى: (ئى مۇھەممەد!) ئۆزىدىن ئىلگىرىكى كىتابلارنى تەستىق قىلغۇچى ھەق كىتابنى (يەنى قۇرئاننى) (ئاللاھ) ساڭا نازىل قىلدى. [سۈرە ئال- ئىمران 3-ئايەت].

ئىلگىرىكى كىتابلاردا بار بولغان ياخشىلىقلارنىڭ ھەممىسى قۇرئان كەرىمدە بار. سوئال سورىغۇچىنىڭ سوئالىغا كەلسەك: ئۇ كىشى ئاللاھ تائالانىڭ بەندىسى ۋە ئەلچىسى بولغان ئىسا ئەلەيھىسسالامغا ۋەھيى قىلغان سۆزلىرىنى بىلىشنى مەقسەت قىلىپتۇ، بىزگە ئۇنىڭدىنمۇ مەنپەئەتلىك بولغان نەرسىنىڭ ھەممىسى كىتابىمىز قۇرئان كەرىمدە بار، شۇنىڭ ئۈچۈن باشقا كىتابلاردىن بىر نەرسە ئىزدەشنىڭ ھاجىتى يوق.

ھازىر بار بولغان ئىنجىللار ئۆزگەرتىۋىتىلگەن، بۇنىڭ دەلىلى ھازىر بار بولغان تۆت ئىنجىلنىڭ بەزىسى بەزىسىگە ئوخشىمايدۇ، بۇ بىر ئىنجىل ئەمەس، ئۇنداق بولغانلىقى ئۈچۈن ئۇنىڭغا ئاساسلىنىشقا بولمايدۇ. ئەمما ئىلىم-مەرىپەت ھاسىل قىلغان، ھەق بىلەن باتىلنىڭ ئارىسىنى ئايرىيالايدىغان دىنى ئالىملار بولسا، بۇ كىتابلارنىڭ ئەگەشكۈچىلىرىگە رەددىيە بېرىش ۋە ئۇلار بىلەن مۇنازىرە قىلىش ئۈچۈن دەرىسلىك قىلىپ پايدىلانسا بولىدۇ.

 [شەيخ ئىبنى ئۇسەيمىين رەھىمەھۇللاھ. ].

مەنبە: دەۋەت ژورنىلى 1789/43-بەت