جۈمە 19 رامىزان 1445 - 29 مارت 2024
Uygur

توي قىلىشتىن ئىلگىرى قىز بىر يىگىتنى ياخشى كۆرۈپ قالسا ئۇنىڭ بىلەن قانداق مۇئامىلىدە بولىدۇ؟

229206

تارقاتقان ۋاقىت : 04-10-2018

كۆرگۈچىلەر : 2201

سۇئال

توي قىلىشتىن ئىلگىرى بىرسىنى ياخشى كۆرۈش ۋە ئۇنىڭغا مايىل بولۇپ قىلىش بولسا، ئىنساننىڭ قولىدىكى ئىش ئەمەس، ئۇنىڭ بىلەن قانداق مۇئامىلىدە بولۇشنى ئاللاھ تائالا بىزگە بەلگىلەپ، قۇرئان كەرىمدە مۇنداق دەيدۇ:  وَلاَ جُنَاحَ عَلَيْكُمْ فِيمَا عَرَّضْتُم بِهِ مِنْ خِطْبَةِ النِّسَاء أَوْ أَكْنَنتُمْ فِي أَنفُسِكُمْ عَلِمَ اللّهُ أَنَّكُمْ سَتَذْكُرُونَهُنَّ وَلَـكِن لاَّ تُوَاعِدُوهُنَّ سِرّاً إِلاَّ أَن تَقُولُواْ قَوْلاً مَّعْرُوفاً وَلاَ تَعْزِمُواْ عُقْدَةَ النِّكَاحِ حَتَّىَ يَبْلُغَ الْكِتَابُ أَجَلَهُ وَاعْلَمُواْ أَنَّ اللّهَ يَعْلَمُ مَا فِي أَنفُسِكُمْ فَاحْذَرُوهُ وَاعْلَمُواْ أَنَّ اللّهَ غَفُورٌ حَلِيمٌ  تەرجىمىسى: ئىددىتى توشمىغان ئاياللارغا ئۇلارنى ئالىدىغانلىقىڭلارنى پۇرىتىپ ئۆتسەڭلار ياكى بۇنى دىلىڭلاردا يوشۇرۇن تۇتساڭلار سىلەرگە ھېچ گۇناھ بولمايدۇ. ئۇلارغا ئېغىز ئاچىدىغانلىقىڭلار ئاللاھقا مەلۇمدۇر، لېكىن ئۇلار بىلەن يوشۇرۇن ۋەدىلىشىپ قويماڭلار، پەقەت (ئاشكارا ئېيتىلسا كىشى خىجىل بولمايدىغان) مۇۋاپىق سۆزنى قىلساڭلار بولىدۇ، ئىددىتى توشمىغىچە ئۇلارنى نىكاھىڭلارغا ئېلىشقا بەل باغلىماڭلار. بىلىڭلاركى، ئاللاھ دىلىڭلاردىكىنى بىلىپ تۇرىدۇ، ئۇنىڭدىن (ئاللاھنىڭ ئەمرىگە خىلاپلىق قىلىپ جازالىنىشتىن) ھەزەر قىلىڭلار؛ بىلىڭلاركى، ئاللاھ ناھايىتى مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، ھەلىمدۇر (ئاسىيلىق قىلغانلارنى جازالاشقا ئالدىراپ كەتمەيدۇ) [سۈرە بەقەرە 235-ئايەت].

   يول ئوچۇقتۇر، توي تەكلىپىنى قويۇش ياكى بۇ ئىشتا ئاللاھ تائالا ھۆكۈم قىلغانغا قەدەر قەلبىمىزگە يوشۇرۇش بولۇپ، بۇ يەردە ئايەتنى دەلىل كەلتۈرۈش توغرا بولامدۇ ياكى توغرا بولمامدۇ؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھقا خاستۇر. پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئۇنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى ۋە ساھابىلىرىغا ئاللاھ تائالانىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

   بىرىنچى: ئەرنىڭ ئايالغا ياكى ئايالنىڭ ئەرگە مايىل بولىشى بولسا ئاللاھ تائالانىڭ زېمىندا ئىنسان تۈرىنىڭ داۋاملىشىشىنى روياپقا چېقىرىش ئۈچۈن ئىنسانلاردا قىلغان بىر ئاڭ بولۇپ بۇ ئائىلە ئىچىدە بىرلىك ۋە ئاراملىقنى روياپقا چېقىرىش ئۈچۈن ئاللاھ تائالا خالىغان ۋاقىتقىچە ئۈزۈلمەيدۇ.

    بۇ توغرىدا ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:  وَمِنْ آيَاتِهِ أَنْ خَلَقَ لَكُم مِّنْ أَنفُسِكُمْ أَزْوَاجًا لِّتَسْكُنُوا إِلَيْهَا وَجَعَلَ بَيْنَكُم مَّوَدَّةً وَرَحْمَةً إِنَّ فِي ذَلِكَ لَآيَاتٍ لِّقَوْمٍ يَتَفَكَّرُونَ  تەرجىمىسى: ئاياللار بىلەن ئۇنسى- ئۈلپەت ئېلىشىڭلار ئۈچۈن (ئاللاھنىڭ) ئۇلارنى سىلەرنىڭ ئۆز تىپىڭلاردىن ياراتقانلىقى، ئاراڭلاردا (يەنى ئەر- خوتۇن ئارىسىدا) مېھر-مۇھەببەت ئورناتقانلىقى ئاللاھنىڭ (كامالى قۇدرىتىنى كۆرسىتىدىغان) ئالامەتلىرىدىندۇر، پىكىر يۈرگۈزىدىغان قەۋم ئۈچۈن، شەك ـ شۈبھىسىزكى، بۇنىڭدا نۇرغۇن ئىبرەتلەر بار [سۈرە رۇم 21-ئايەت].

    ئەر كىشىنىڭ ئايالغا مايىل بولىشى مالامەت قىلىنمايدۇ.

   ئىبنى قەييىم رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "ئاياللارغا بولغان مۇھەببەتتە ئايالنى ياخشى كۆرگەنلىكىگە مالامەت قىلىنمايدۇ بەلكى ئۇ ئەرنىڭ كامىللىقىنى بىلدۈرىدۇ". ["كېسەللىك ۋە ئۇنىڭ دورىسى" ناملىق ئەسەر 552-بەت].

    ئەنەس ئىبنى مالىك رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ مۇنداق دېگەنلىكى رىۋايەت قىلىنىدۇ، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دەيدۇ: ماڭا ئاياللار، خۇشبۇي نەرسىلەر ياخشى كۆرۈلدى، ناماز خۇرسەنلىكىم قىلىندى. نەسائى رىۋايىتى3940-ھەدىس. شەيخ ئەلبانى رەھىمەھۇللاھ سەھىھ دەپ سۈنەن نەسائىنىڭ سەھىھ ھەدىسلىرى ناملىق ئەسىرى 3940 – نومۇرلۇق ھەدىستە كەلتۈرگەن].

    ئەر كىشىنىڭ قەلبى ئىختىيارسىز توي قىلمىغان يات بىر ئايالغا باغلىنىپ قالسا قەلبىنى بۇنىڭدىن قۇتۇلدۇرۇش قېيىن بولىدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن ئىسلام شەرىئىتى مۇشۇنداق باغلىنىشقا ئېلىپ بارىدىغان ئالاقىلارنى يىراق بولۇش ۋە بۇنىڭغا چۈشۈپ قىلىشتىن ئىلگىرى بۇنىڭ سەۋەبلىرىنى ئۈزۈۋېتىشنى بۇيرىدى.

ئاشىقلىق ۋە مايىللىق كۆپ ۋاقىتلاردا نامەھرەملەردىن كۆزىنى قاچۇرماسلىق سەۋەبىدىن قەلبتە پەيدا بولىدۇ، بۇ ئىشقى-مۇھەببەت كۆپ ۋاقىتلاردا ئىنساننىڭ چەكلەنگەن ناخشا-مۇزىكا ئاڭلىشى ياكى چەكلەنگەن نەرسىلەرنى كۆرۈشى ۋە ئۇنىڭغا قاتنىشىشى ياكى ئاشىقلىققا تەسىر كۆرسىتىدىغان پىكىرلەرنى قىلىپ ئۇنى قەلبكە ئورۇنلاشتۇرۇش بىلەن شۇغۇللىنىشى نەتىجىسىدە ئاللاھنىڭ زىكرىدىن خالى بولغان ئاجىز قەلىبلەردە كۈچلىنىدۇ.

    ئىبنى قەييىم رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "ئىشقى-مۇھەببەتنىڭ باشلىنىشى ۋە ئۇنىڭ ئىختىيارى سەۋەبلىرى تەكلىپنىڭ دائىرىسىگە كىرىدۇ، مۇھەببەت ئۈچۈن  پىكىر قىلىش، قاراش ۋە دۇچ كېلىش ئىختىيارى ئىش بولۇپ، ئۇنىڭ سەۋەبلىرىنى كەلتۈرسە، ئۇ كىشىنىڭ ئىختىيارلىقىسىز ئۇنىڭغا سەۋەپ بولىدىغان ئىشلارغا يول ئاچىدۇ.

    بۇنىڭ مىسالى مەستنىڭ ھاراق ئىچىشىگە ئوخشاش بولۇپ، ئەگەر مەست قىلغۇچ ماددىنى ئىختىيارلىقى بىلەن ئىستىمال قىلسا، قاچانكى سەۋەبنى ئۆزى تاللىغان بولسا، خالىمىغان نەتىجىنىڭ كىلىپ چىقىشى ئۆزرە ھېسابلانمايدۇ. قاچانكى سەۋەپ چەكلەنگەن بولسا، ئۇنىڭدىن كىلىپ چىققان سەلبىي نەتىجە ئۆزرە بولالمايدۇ.

    شۇنىڭدەك ئارقىمۇ-ئارقا قاراش ۋە ئۈزۈلدۈرمەي پىكىر قىلىش بولسا مەس قىلغۇچى نەرسىنى ئىچكەننىڭ ئورنىدا بولۇپ، بۇ سەۋەپ بىلەن ئاشىق بولغانلار مالامەت قىلىنىدۇ. ["رەۋزەتۇل مۇھىببىين"225-بەت].

    شۇنداقلا، بەزى ۋاقىتتا ئىنسان ئۈزۈرلۈك بولىدۇ، بۇنداق ۋاقىتتا ئاشىقنىڭ قەلبىدە پەيدا بولغان مايىللىق ۋە ئاشىقلىق چەكلەنگەن ئىشلار سەۋەپ بولماستىن، ئۇشتۇمتۇت قاراپ قىلىش بىلەن پەيدا بولغان بولسا ياكى ئاشىق بولغان كىشى بىر ئايالنى ياخشى كۆرۈپ ئۇنىڭ بىلەن توي قىلىدۇ، لېكىن ئايال ئۇ ئەرنى ياخشى كۆرمەيدۇ، ئاخىرىدا ئۇ ئايالنى تالاق قىلىۋېتىدۇ، ئۇ ئەرنىڭ قەلبىدە ئايالنىڭ مۇھەببىتى قالىدۇ، بۇنداق ۋاقىتتا ئۇ كىشى ئۈزۈرلۈك بولۇپ ئۇنىڭغا مالامەت قىلىنمايدۇ.

    ئىبنى قەييىم رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "چەكلەنمىگەن سەۋەبلەر بىلەن ئىشقى-مۇھەببەت ھاسىل بولسا، ئۇ كىشىگە مالامەت قىلىنمايدۇ، خۇددى بىر كىشى ئايالىغا ياكى دېدىكىگە ئاشىق بولۇپ كېيىن ئايرىلىپ كەتكەن بولسا، قەلبىدىكى ئىشقى-مۇھەببەت ئايرىلماستىن قالغان بولسا بۇنىڭغا ئاساسەن مالامەت قىلىنمايدۇ.

   شۇنىڭدەك ئۇشتۇمتۇت قاراپ قىلىپ ئاندىن كۆزىنى ئىلىپ قاچقان بولسىمۇ ئەمما ئىختىيارسىز قەلبىدە ئىشقى-مۇھەببەت پەيدا بولۇپ قالغان بولسا، ئۇ كىشىنى ئۇ مۇھەببەتنى قەلبىدىن چېقىرىش ۋە ئۇنىڭ قارشىسىدىكى نەرسە بىلەن ئۇنى يوق قىلىشى كېرەك، ئىشقى مۇھەببەت غالىپ كېلىپ بۇنىڭغا قادىر بولالمىسا، ئۇنىڭدىن قۇتۇلۇشقا تىرىشچانلىق قىلغاندىن كېيىن بۇ كىشىگە مالامەت قىلىنمايدۇ". ["رەۋزەتۇل مۇھىببىين"225-226-بەت].

   ئىككىنچى: ئەر كىشىنىڭ قەلبىگە مەلۇم بىر ئايالغا نىسبەتەن مايىللىق پەيدا بولسا بۇنى توغرا ھەل قىلىشنىڭ چارىسى شەرىئەتتە ۋە ئەمەلىي ۋەقەلىكتە مۇمكىن بولسا ئۇ ئايالغا توي تەكلىپنى قويۇشتۇر.

   مۇشۇنىڭ جۈملىسىدىن: بەرىرە يولدىشى مۇغىيستىن ئايرىلىپ كەتكەندە، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇغىيسنىڭ بەرىرە بىلەن يارىشىۋېلىشى ئۈچۈن ئارىغا چۈشكەنلىكىدۇر.

    ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: بەرىرەنىڭ يولدىشى مۇغىيس ئىسىملىك قۇل بولۇپ، ئۇنىڭ بەرىرەنىڭ چۆرىسىدىن ئايلىنىپ يىغلاپ يۈرگىنىگە قارايتىم، ياشلىرى ساقاللىرىغا ئېقىپ چۈشكەن ئىدى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇغا: ئەي ئابباس! مۇغىيسنىڭ بەرىرىگە بولغان مۇھەببىتى ۋە بەرىرەنىڭ مۇغىيسنى ئۆچ كۆرۈشىدىن ھەيران قالمامسەن؟! دېدى. پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام بەرىرەگە: مۇغىيس بىلەن قايتا يارىشىۋالغان بولسىڭىز؟ دېگەندە، بەرىرە: ئى ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى مېنى بۇنىڭغا بۇيرىياملا؟ دەيدۇ، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: مەن پەقەت ئارىغا چۈشتۈم دەيدۇ، بەرىرە: مېنىڭ ئۇنىڭغا ھاجىتىم يوق دەيدۇ. [بۇخارى رىۋايىتى5283].

   توي قىلىشقا قادىر بولالمىسا، ئۇ ۋاقىتتا، بۇ ھەدىستىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن ئاللاھ تائالاغا ئىلتىجا قىلىشى ۋە سەۋىرلىك بولىشى كېرەك بولىدۇ، ئاللاھ تائالا تەرىپىدىن بولىدىغان ئىمتىھان، سىناقلارغا دىققەت قىلىشى كېرەك ئەگەر سەبىر قىلسا كۆپ ئەجىرگە ئېرىشىدۇ.

شەيخۇل ئىسلام ئىبنى تەيمىيە رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "ئىشقى-مۇھەببەت سەۋداسىغا گىرىپتار بولغان كىشى ئىپپەتلىك ۋە سەۋىرچان بولسا، چوقۇم ئۇ كىشىنىڭ ئاللاھ تائالاغا بولغان تەقۋادارلىقىغا ئاساسەن ئەجىر-ساۋاپ بېرىلىدۇ، شەرئى دەلىللەردىن مەلۇم بولىدىكى، ئىنسان چەكلەنگەن نەرسىلەرگە قاراش، سۆزلەش ۋە ئەمەل قىلىشتىن ئۆزىنى پاك تۇتسا، ئۇنى يوشۇرسا، ھەتتا ئۇ چەكلەنگەن سۆز بولۇپ  قالماسلىقى ئۈچۈن ئۇنى سۆزلىمىسە، يەنى مەخلۇققا شىكايەت قىلىش ياكى پاھىشە ئىشنى ئاشكارا قىلىش ياكى مەشۇقىدىن مەلۇم بىر نەرسىلەرنى تەلەپ قىلىش قاتارلىق، ئاللاھ تائالاغا ئىتائەت قىلىش، ئاسىيلىقتىن ساقلىنىش ۋە مۇسىبەتكە ئۇچرىغۇچى مۇسىبەتنىڭ قايغۇسىغا سەبىر قىلغاندەك قەلبىدىكى ئىشقى-مۇھەببەت پىغانىغا سەبىر قىلسا بۇ ئاللاھ تائالاغا تەقۋادارلىق قىلغانلىق ۋە سەبىر قىلغانلىقنىڭ جۈملىسىدىن بولىدۇ. كىمكى ئاللاھ تائالاغا تەقۋادارلىق قىلىدىكەن، سەۋىرچان بولىدىكەن، ھەقىقەتەن ئاللاھ تائالا ياخشى ئىش قىلغۇچىلارنىڭ ئەجرىنى زايە قىلىۋەتمەيدۇ". ["پەتىۋالار توپلىمى"10-توم 133-بەت].

   ئۈچىنچى: سوئالدا بايان قىلىنغان توي قىلىشتىن ئىلگىرى باشقا جىنستىكى بىرىگە مايىل بولۇش ۋە ئۇنى ياخشى كۆرۈشنىڭ، ئۇنىڭغا توي تەكلىپنى قويۇش ياكى ئاللاھ ھۆكۈم قىلغانغا قەدەر ئىچىدە يوشۇرسا دۇرۇس بولىدىغانلىقىغا يۇقىرىدا بايان قىلىنغان ئايەتنى دەلىل كەلتۈرۈشكە كەلسەك، بۇ ئايەت ئېرى ۋاپات بولۇپ ئىددەت تۇتۇۋاتقان ئايال توغرىسىدا نازىل بولغان، ئىددەت تۇتۇۋاتقان ئايالغا ئوچۇق بايان قىلماستىن كىنايە يولى بىلەن توي تەكلىپنى قويۇش ۋە نىكاھ ئەقدىسى قىلىشنى بىلدۇرۇش دۇرۇس بولىدۇ. شۇنىڭدەك بۇ ئىشنى كۆڭلىدە يوشۇرۇپ ئۇ ئايالنىڭ ئىددىتى توشقاندا ئۇنىڭغا توي تەكلىپىنى قويسىمۇ دۇرۇس بولىدۇ.

   بىزگە يۇقىردا بايان قىلىنغان ئايەتنى دەلىل كەلتۈرۈشتىن چەكلەيدىغان بىر چەكلىگۈچى كۆرۈلمەيدۇ، ھەر قانداق بىر كىشىنىڭ قەلبىگە بىر ئايالنىڭ ئىشقى-مۇھەببىتى چۈشسە، ئۇ ئايالغا توي تەكلىپنى قويسۇن، ئەگەر توي تەكلىپنى قويۇشتىن چەكلىنىدىغان بىر ئىش بولسا، بۇ چەكلىمە يوقالغانغا قەدەر ئىشقىنى كۆڭلىگە يوشۇرسا بولىدۇ.

    بۇنىڭ شەرتى: ئۇ ئايال بىلەن چەكلەنگەن ئىشلارنى قىلماسلىق ۋە چەكلەنگەن ئىشلارنى قىلىشقا ۋەدە قىلىشمىغان بولىشى كېرەك. چۈنكى ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:  إِلاَّ أَنْ تَقُولُوا قَوْلاً مَعْرُوفاً  تەرجىمىسى: پەقەت ياخشى سۆزنى دەڭلار.

   ئۇ ئايالغا شەرىئەتتە چەكلەنگەن سۆزلەرنى قىلىشى توغرا بولمايدۇ.

   بىرىنى ياخشى كۆرۈپ قالسا ئاشىق بولدۇم، ياخشى كۆرۈپ قالدىم دەپ جار سالىدىغان كىشىلەر ئاساسەن ياخشى سۆز قىلمايدۇ بەلكى چەكلەنگەن سۆزلەرنى قىلىدۇ، شۇنىڭ بىلەن باشقا كىشىلەردىمۇ بۇ ۋىسالغا يېتىش ئىستىكى پەيدا بولىدۇ، ئەگەر توي قىلىشقا قادىر بولالمىسا ئۇ كىشىنىڭ ھالى بەتتەر بولىدۇ، بۇ ۋاقىتتا شەيتان ئۇ ئىككىسىنىڭ ئارىسىدا ئويۇن ئوينايدۇ، ھالالنىڭ ئېشىكى توسۇلۇپ قالغاندا، ھارامدىن باشقا نەرسە قالمايدۇ.

    ئەمما ئۆزى رىغبەتلەنگەن قىز بىلەن توي قىلىشقا قادىر بولالىسا ئۇ ۋاقىتتا بۇنى ئاشكارا قىلسۇن، ئۇ قىزنىڭ ۋەلىسىگە توي تەلىپىنى قويسۇن. 

    ھەممىدىن توغرىنى بىلگۈچى ئاللاھ تائالادۇر.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى