جۈمە 21 جىمادۇل ئەۋۋەل 1446 - 22 نويابىر 2024
Uygur

ئاساسى پرىنسىپتا ئىشلارنىڭ مۇباھ ئىكەنلىكى توغرىسىدا

سۇئال

   «ئاساسى پرىنسىپتا  ئىشلارنىڭ مۇباھتۇر» دېگەن قائىدە يېمەك، ئىچمەك، كىيىم-كېچەك، سوپۇن قاتارلىق نەرسىلەرگە ئالاقىدار بولغاندا بۇنى قايسى دەرىجىگىچە ئەمەلىيلەشتۈرگىلى بولىدۇ؟، مەسىلەن: يىمەكلىك مەھسۇلاتلىرى سېتىۋالماقچى بولغاندا ئۇنىڭ تەركىبلىرىنىڭ تەپسىلاتى يېزىلمىغان ئەھۋالدا ئۇنى قانداق بىر تەرەپ قىلىشىم كېرەك بولىدۇ؟، ئەگەر بۇ ھالەت ھەر قانداق بىر نەرسىدە بولسا ئۇنىڭ تەركىبلىرىنىڭ مەنبەسى ياكى تەركىبلىرىنىڭ ماھىيىتىنى بىلەلمىسەم ياكى بۇ نەرسىلەر توغرىسىدا تەپسىلى مەلۇمات بولمىسا قانداق قىلىشىم كېرەك بولىدۇ؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

   بارلىق گۈزەل مەدھىيىلەر ئالەملەرنىڭ رەببى بولغان ئاللاھقا خاستۇر، پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا، ساھابىلىرىغا ۋە قىيامەتكىچە ئۇلارغا ئەگەشكەن كىشىلەرگە ئاللاھنىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

    بىرىنچى: ئۆلىمالار شەرئى دەلىللەردىن خۇلاسىلاپ «ئاساسى پرىنسىپتا ئىشلار مۇباھتۇر» دېگەن قائىدىنى تۇزۇپ چىقتى.

   شەيخۇل ئىسلام ئىبنى تەيمىيە رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "شۇنى بىلىش كېرەككى، زېمىندا بار بولغان سۈپەتلىرى پەرقلىق بولغان تۈرلۈك نەرسىلەرنىڭ ھەممىسىدىكى ئەسلى پرىنسىپ ئۇ ئىنسانلار ئۈچۈن مۇتلەق ھالال ۋە پاك بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئۇ نەرسىلەرنى كىيىشى، تۇتۇشى ۋە ئۇنىڭغا يېقىن بولىشى چەكلەنمەيدۇ، بۇ ھەممىنى ئۆز ئېچىگە ئالىدىغان ۋە ئومۇمنى بىلدۈرىدىغان سوزدۇر. مەنپەئەتلىك بولغان، بەرىكىتى كەڭرى بولغان مەسىلە بولۇپ، شەرىئەتنىڭ ھۆكمىنى بىلىدىغانلار سان-ساناقسىز ئىش ۋە كىشىلەرنىڭ ۋەقەلىرىدە بۇنىڭغا بىر نەرسە دېيىشتىن ئەنسىرەيدۇ. شەرىئەتتە بۇنى بەلگىلەيدىغان كۆپلىگەن دەلىللەر بار بولۇپ ئۇ: ئاللاھنىڭ كىتابى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ سۈننىتىگە ئەگىشىشتىن ئىبارەت بولۇپ، بۇ توغرىدا ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: ﴿يٰٓأَيُّهَا ٱلَّذِينَ ءَامَنُوٓاْ أَطِيعُواْ ٱللَّهَ وَأَطِيعُواْ ٱلرَّسُولَ وَأُوْلِي ٱلۡأَمۡرِ مِنكُم﴾‏ تەرجىمىسى: «ئى مۆمىنلەر! ئاللاھقا، پەيغەمبەرگە ۋە ئۆزۈڭلاردىن بولغان ئىش ئۈستىدىكىلەرگە ئىتائەت قىلىڭلار» [سۈرە نىسا 59-ئايەت].

   ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: إِنَّمَا وَلِيُّكُمُ ٱللَّهُ وَرَسُولُهُۥ وَٱلَّذِينَ ءَامَنُواْ ٱلَّذِينَ تەرجىمىسى: «شۈبھىسىزكى، سىلەرنىڭ دوستۇڭلار ئاللاھتۇر، ئاللاھنىڭ رەسۇلىدۇر ۋە مۆمىنلەردۇر» [سۈرە مائىدە 55-ئايەت].

    قىياسنىڭ يوللىرى، ئېتىبار، پىكىر ئۇسۇلى ۋە چۈشىنىش قاتارلىقلاردۇر". ["پەتىۋالار مەجمۇئەسى" 21-توم 535-بەت].

  شەيخۇل ئىسلام ئىبنى تەيمىيە رەھىمەھۇللاھ بۇ توغرىدىكى دەلىللەرنى بايان قىلدى. ئىبنى تەيمىيە رەھىمەھۇللاھ ئىشارەت قىلغان كىتابلارغا مۇراجىئەت قىلىش ئارقىلىق ئۇ دەلىللەرنى كۆرسەك ياخشى بولىدۇ.

   بۇ قائىدىنىڭ مەنىسى: زېمىننىڭ ئۈستىدىكى بارلىق پايدىلىق نەرسىلەر ۋە ئىنسان ئۇنىڭدىن تەييارلاپ چىققان نەرسىلەردىن ئۇنىڭ ھارام ئىكەنلىكىگە دەلىل بولمايدىكەن ئۇنىڭدىن پايدىلىنىش دۇرۇس بولىدۇ.

    ئىككىنچى: يېمەك -ئىچمەك، كىيىم-كېچەك ۋە پاكىزلىق مەھسۇلاتلىرىغا نىسبەتەن ئۇنى ئىشلىتىشتىن چەكلەيدىغان شەرئى دەلىل كەلمىگەن ھالەتتە ئۇنىڭدا مۇشۇ قائىدە بويۇنچە ئىش قىلسا بولىدۇ، بۇنىڭدىن مۇنداق ئىككى تۈرلۈك ئىش ئايرىۋېلىنىدۇ:

    بىرىنچى: ئىنسانغا تەسىر كۆرسىتىدىغان ۋە ئېتىبارغا ئېلىنىدىغان زىيانلىق نەرسىلەرنى ئۆز ئېچىگە ئالغان نەرسىلەر، چۈنكى ئەسلى قائىدىدە زىيانلىق ماددىلار ھارامدۇر. بۇنى «ئاساسى پرىنسىپتا ئىشلارنىڭ مۇباھ ئىكەنلىكى» دېگەن قائىدە ئۆز ئېچىگە ئالمايدۇ. بۇ ھەقتە ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: ﴿وَلَا تُلْقُوا بِأَيْدِيكُمْ إِلَى التَّهْلُكَةِ﴾ تەرجىمىسى: «ئۆزۈڭلارنى ھالاكەتكە تاشلىماڭلار» [سۈرە بەقەرە 195-ئايەت].

  ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: وَلَا تَقْتُلُوا أَنفُسَكُمْ إِنَّ اللَّهَ كَانَ بِكُمْ رَحِيمًا تەرجىمىسى: «سىلەر ئۆزۈڭلارنى (يەنى بىر ـ بىرىڭلارنى) ئۆلتۈرمەڭلار، ئاللاھ ھەقىقەتەن سىلەرگە ناھايىتى مېھرىباندۇر» [سۈرە نىسا 29-ئايەت].

   ئەبۇ سەئىد ئەلخۇدەرىي رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «ئۆزىگىمۇ ۋە ئۆزگىگىمۇ زىيان يەتكۈزۈلمەيدۇ» [ھاكىم "ئەلمۇستەدرەك" 2-توم 57-58-بەتتە رىۋايەت قىلىپ، ھەدىسنىڭ ئىسنادى مۇسلىمنىڭ شەرتىگە چۈشىدىغان سەھىھ ئىسناد دېگەن. شەيخ ئەلبانى سەھىھ دەپ "سەھىھ ھەدىسلەر توپلىمى" 1-توم 498-بەتتە كەلتۈرگەن].

   تەپسىرشۇناس ئۇستاز مۇھەممەد ئەمىن شەنقىيتىي رەھىمەھۇللاھ بۇ مەسىلىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ مۇنداق دېگەن:"پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ: «ئۆزىگىمۇ ۋە ئۆزگىگىمۇ زىيان يەتكۈزۈلمەيدۇ»دېگەن سۆزىگە كۆرە: زىيانلىق بولۇپ ھېچ پايدىنى ئۆز ئېچىگە ئالمىغان بولسا ئۇ ھارامدۇر.

    ئەگەر ئۇنىڭدا بىر تەرەپتىن مەنپەئەت بولسا، ئۇنىڭ ئۈچۈن ئۈچ تۈرلۈك ھالەت بولىدۇ:

    بىرىنچى: زىيىنىدىن پايدىسى كۈچلۈك بولىدۇ.

    ئىككىنچى: بۇنىڭ ئەكسى بولۇپ، پايدىسىدىن زېيىنى كۈچلۈك بولىدۇ.

    ئۈچىنچى: پايدىسى بىلەن زېيىنى باراۋەر بولىدۇ.

    ئەگەر پايدىسىدىن زېيىنى كۈچلۈك بولسا ياكى باراۋەر بولسا، يۇقىرىدا بايان قىلىنغان: «ئۆزىگىمۇ ۋە ئۆزگىگىمۇ زىيان يەتكۈزۈلمەيدۇ»دېگەن سۆزىگە كۆرە: ھارام بولىدۇ، چۈنكى زىياننىڭ ئالدىنى ئېلىش پايدىغا ئېرىشىشتىن ئۇستۇن تۇرىدۇ.

    ئەگەر زىيىنىدىن پايدىسى كۈچلۈك بولسا، ئۇنىڭ دۇرۇسلىقى ئېنىق بولىدۇ، چۈنكى ئەسلى قائىدىدە: ئومۇملاشقان ياكى كۈچلۈك بولغان مەنپەئەت ئېھتىماللىقى بولغان زىياندىن ئۈستۈن تۇرىدۇ. ["ئەزۋائۇلبايان" 7-توم 793-794-بەت].

    ئىككىنچى: گۆش ۋە بوغۇزلانغان ھايۋانلاردىكى ئەسلى پرىنسىپ ھاراملىقتۇر. چۈنكى گۆش ۋە بوغۇزلانغان ھايۋانلارنىڭ ئىسلامنىڭ شەرتىگە ئۇيغۇن بوغۇزلانغانلىقى ئەمەلىيلەشمىسە ئۇنى يېيىش ۋە ئىستىمال قىلىش توغرا بولمايدۇ. خەتتابىي رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "ئەمما نەرسىلەرنىڭ ئەسلى چەكلەنگەن بولسا، ئۇ نەرسىلەر مەلۇم ھالەت ۋە شەرتلەرگە كۆرە دۇرۇس بولىدۇ. مەسىلەن: ئەۋرەت چەكلەنگەن لېكىن ئۇ شەرئىي نىكاھ ياكى ئىگىدارچىلىق يولى بىلەن ھالال بولىدۇ. شۇنىڭدەك قوينىڭ گۆشىمۇ پەقەت شەرئىي يول بىلەن ۋە بېكىتىلگەن شەرتلەرگە ئۇيغۇن بوغۇزلانغاندا ھالال بولىدۇ، ئۇنىڭدىكى شەرتلەرنىڭ تېپىلىشى ۋە ئۇنىڭ ھالال ئىكەنلىكىنى بىلدۈرىدىغان سۈپەتكە ئىشەنچ بىلەن ئېرىشەلمىگەندە ئۇ ئۆزىنىڭ ئەسلىدىكى چەكلىمە ۋە ھاراملىق ھالىتىدە قالىدۇ". ["مەئالىمۇس سۈنەن" 3-توم 57-بەت].

   لېكىن ئۇنىڭ ھالاللىقىنى ئىسپاتلاشتا: ئۇنى بوغۇزلىغۇچىنىڭ مۇسۇلمان ئىكەنلىكىنى ياكى ئەھلى كىتاپتىن ئىكەنلىكىنى (يەھۇدى ۋە ناسارالار) بېلىش كۇپايە قىلىدۇ. بۇنى بىلگەندىن كېيىن ھەر قانداق بوغۇزلانغان نەرسىدە ئۇنى بوغۇزلاشنىڭ يوللىرىنى تەكشۈرۈش شەرت قىلىنمايدۇ. بۇنىڭ تەپسىلاتى 223005- نومۇرلۇق پەتىۋادا بايان قىلىندى.

    شۇنىڭغا ئاساسەن: ئىسلام دىيارلىرىدا ياكى ئەھلى كىتابنىڭ شەھەرلىرىدە تېپىلىدىغان بوغۇزلانغان نەرسىلەرگە ھالال دەپ ھۆكۈم قىلىنىدۇ. لېكىن ئۇنىڭ بوغۇپ ئۆلتۈرۈلگەن، توكقا سوقۇپ ئۆلتۈرۈلگەن ياكى ئاللاھنىڭ نامىنى زىكىر قىلماستىن ئۆلتۈرۈلگەنلىكىگە دائىر ئىسلام شەرىئىتىگە زىت ھالەتتە بوغۇزلانغانلىقىغا ئوخشاش ئىشلار ئىسپاتلانسا، ئۇ ۋاقىتتا ھارام دەپ ھۆكۈم قىلىنىدۇ.

    ئىشلەپ چىقىرىلغان مەھسۇلاتلارغا شەرىئەت ھارام دەپ دەلىل بايان قىلمىغان بولسا ياكى ئۇنىڭ تەركىبىدە ھارام بولغان ياكى زىيانلىق ماددىلار بار دەپ يېزىلمىغان بولسا، بىز ئۇنىڭ ھالال ۋە پاك ئىكەنلىكىگە ھۆكۈم قىلىمىز، دەلىلسىز شەك قىلىش ياكى ئىشەنچىسىز سۆزلەر بىلەن ئەسلى قائىدىدىن چىقىپ كەتمەيمىز.

    مەلۇم بىر يېمەكلىككە ھارام نەرسىلەر ئارىلاشقان ماددىلار قېتىلغان بولسا، بۇنى ئىستىمال قىلىش ئومۇمەن ھارام بولامدۇ؟ دېگەن سوئالنىڭ تەپسىلاتى 114129- نومۇرلۇق پەتىۋادا بايان قىلىندى.

   سۆزنىڭ خۇلاسىسى: ئەگەر يېمەكلىكنىڭ تەركىبىدە ھارام نەرسىنىڭ ئۆزى دائىم تېپىلىدىغان بولسا ئۇنى ئىستىمال قىلىش ھارام بولىدۇ.

   ئەگەر ھارام ماددا باشقا ماددىلار بىلەن رېئاكسىيىلىشىش ياكى ئىشلەپ چىقىرىش ئارقىلىق ئۆزگەرگەن بولسا، ئۇنىڭ دەسلەپكى ھاراملىقىنىڭ ئەسىرى قالمىغان بولسا، ئۆلىمالارنىڭ كۈچلۈك قارىشىغا كۆرە: ئۇنى ئىستىمال قىلىش دۇرۇس بولىدۇ.

   ئۈچىنچى: كىيىم-كېچەككە نىسبەتەن: ئۇ «ئاساسى پرىنسىپتا ئىشلار مۇباھتۇر» دېگەن قائىدىنىڭ دائىرىسىگە كىرىدۇ. ھالاللىق ئۇنىڭدا ئەسلىدۇر، لېكىن شەرىئەت ئىستىسنا قىلغان كىيىملەر بۇنىڭ دائىرىسىگە كىرمەيدۇ، خۇددى يىپەك كىيىمنىڭ ئەرلەرگە ھارام بولغىنىدەك، بەزى تېرىلەرنىڭ ئاشلانسىمۇ پاك بولمىغىنىدەك. بۇنىڭ تەپسىلاتى ئىلگىرى 221753 نومۇرلۇق پەتىۋادا بايان قىلىندى.

    ھەممىدىن توغرىنى ئاللاھ تائالا ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى