پەيشەنبە 18 رامىزان 1445 - 28 مارت 2024
Uygur

مەتبۇئاتلاردىكى "بارلىق ھوقۇق قوغدىلىنىدۇ" دېگەن سۆزدىن نېمە مەقسەت قىلىنىدۇ؟

سۇئال

سىلەرنىڭ تور بەتلىرىڭلاردا بار بولغان، "بارلىق ھوقۇق قوغدىلىنىدۇ" دېگەن سۆزدىن نېمە مەقسەت قىلىنىدۇ؟ بۇ سۆزدىن مېنىڭ ئۇ تور بەتتىن ياكى مۇشۇ سۆزلەر يىزىلغان توربېكەت ياكى كىتابلاردىن بىر نەرسە كۆچۈرۈپ پايدىلىنىشىم توغرا بولمامدۇ؟، بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

قىسقىچە جاۋاپ

    بۇ يەردە ھارام بولغان چەكلىمە: باشقىلارنىڭ تىرىشچانلىق خىزمىتىنى كۆز بويامچىلىق بىلەن ئۆزىگە نىسبەت بېرىش ياكى پايدا ئېلىش مەقسىتىدە ئەسلى نۇسقىسىغا ئاساسلىنىپ تۇرۇپ كۆپەيتىش ئارقىلىق ئىگىسىنىڭ رۇخسىتىسىز  تىجارەت قىلىش دېمەكتۇر. بۇ ھەقتە تېخىمۇ كۆپ مەلۇماتقا ئېرىشىش ئۈچۈن بۇ 38847- 131437- نۇمۇرلۇق سوئاللارنىڭ جاۋابىغا قارالسۇن.    ئاللاھ تائالا ھەممىدىن ياخشى بىلگۈچىدۇر.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھقا خاستۇر. پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئۇنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى ۋە ساھابىلىرىغا ئاللاھ تائالاھنىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

بىرىنچى: ئىلمى بىر نەرسە تەييارلىغۇچى كىشىلەر، ياكى كەشىپ قىلغۇچىلار، كىتاب يازغۇچىلار، پىروگرامما ئىشلىگۈچىلەر ۋە تەتقىقاتچىلارنىڭ ئۆزلىرى ئىشلەپ تەييارلىغان ئىلمى نەتىجىلەرنىڭ ئۈستىگە: "بارلىق ھوقۇق قوغدىلىنىدۇ" دېگەن سۆزنى يېزىپ قويىشىئۇلارنىڭ ئادىتى.

بۇ سۆزدىن بولغان مەقسەت: پىكىر ئىگىدارچىلىق ھوقۇقى، كەشپىيات ھوقۇقى ۋە ئىشلەپ چىقىرىلغان نەرسىگە ئالاقىدار بولغان ھوقۇقلار مۇشۇ ئىشقا ئىگە بولۇپ تۇرغۇچىلار تەرىپىدىن ساقلىنىدۇ ۋە قوغدىلىنىدۇ دېگەن بولىدۇ.

بۇنىڭغا ئالاقىدار بولغان ھەق-ھوقۇق ئىككى تۈرلۈك بولىدۇ:

1-مەنىۋىي ئەدەبى ھەق. بۇنىڭدىن بولغان مەقسەت: ئىشلەپ چىقىرىلغان ئىلمى نەتىجىلەر ياكى يىزىلغان كىتابلار ياكى پروگىراممىلارنى ئۆز ئېگىسىگە نىسبەت بېرىش، نەشىر قىلىشقا رۇخسەت ئېلىش ھوقۇقى، نەشىر قىلىش يوللىرىنى بېكىتىش ھوقۇقى، ئۆزگەرتىش ھوقۇقى ۋە ئېھتىياجلىق بولغاندا قايتۇرۇۋېلىش ھوقۇقى قاتارلىقلار مەقسەت قىلىنىدۇ.

2-ماددى ھەق-ھوقۇق. مۇشۇ ماددىلار، ئىشلەپ چىقىرىلغان ماتېرىياللار ۋە كەشپىياتلارنىڭ مالىيە قىممىتى بولۇپ، بۇنى كىشىلەرگە ھەقسىز تارقىتىش ياكى ھەق ئىلىپ تارقىتىش ئىگىسىنىڭ ھەق-ھوقۇقىدۇر.

مۇشۇ ئىشلەپ چىقىرىلغان نەرسىگە تەرتىپلىنىدىغان مالىيە ئىمتىيازلار ۋە ئۇنىڭغا قايتىدىغان ھەق-ھوقۇقلارنىڭ ھەممىسى ئۇ كىشىنىڭ ھەققى ھېسابلىنىدۇ.

ئىسلام پىقھى ئاكادېمىيىسىنىڭ قارارىدا: تىجارەت ئىسمى، تىجارەت ئادرېسى، تىجارەت بەلگىسى، يېزىش، كەشىپ قىلىش، نەتىجە يارىتىش قاتارلىق ھەق -ھوقۇقلار ئۆز ئىگىسىگە خاس بولىدۇ، يېڭى دەۋرنىڭ چۈشەنچىسىدە بۇ ھەق-ھوقۇقلارنىڭ كىشىلەرنى بايلىققا ئىگە قىلىشتا ئېتىبارغا ئېلىنىدىغان مالىيە قىممىتى بار بولۇپ، بۇ شەرىئەتتە ئېتىبارغا ئېلىنىدىغان ھوقۇق بولۇپ، بۇنىڭغا تاجاۋۇز قىلىش توغرا بولمايدۇ".

ئىككىنچى: ئۆز ساھىبى ئۈچۈن بولغان ھەق-ھوقۇقنى قوغداش دېگەندىن، ئىلىم ۋە ياخشىلىق يوللىرىدا ئۇنىڭدىن پايدىلىنىش ۋە مەلۇمات ھاسىل قىلىش چەكلىنىدۇ دېگەنلىك مەقسەت قىلىنمايدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن كىشىلەر بۇ نەرسىلەردىن پايدىلانساۋە مەنپەئەتلەنسە بولىدۇ، لېكىن ئەسلى مەنبەسىنى تولۇق بايان قىلىش شەرتى بىلەن بولىدۇ.

جامالۇددىن قاسىمى رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "كىتاپ يىزىشتا بىلىش مۇھىم بولغان ئىشلاردىن: ھەر قانداق پائىدە، مەسىلە ۋە سۆزلەرنى ئۆز ساھىبىغا نىسبەت بېرىش، ئۆزىگە تىگىشلىك بولمىغان نەرسىلەرنى كۆچۈرۈپ ئۆزىنىڭ قىلىۋېلىشتىن ساقلىنىش، بولۇپمۇ يالغانچى دېگەن نامغا ئىگە بولۇپ قىلىشتىن يىراق بولۇش كېرەك." ["قەۋائىدۇل ھەدىس" ناملىق ئەسەر 40-بەتتىن ئىلىندى].

ئىلىمنىڭ ئامانىتىدىن: "ھەرقانداق سۆزنى ۋە پىكىر-قاراشنى ئۆز ئىگىسىگە نىسبەت بېرىش، باشقىلارنىڭ ئىلمى مېۋىسىدىن پايدىلىنىپ شان-شەرەپكە ئىگە بولماسلىق،بۇنداق قىلىش ئوغرىلىقنىڭ بىر شەكلى، ئالدامچىلىق، ساختىپەزلىكنىڭ بىر تۈرى ھېسابلىنىدۇ". ["ئەررەسۇل ۋە ئىلىم" ناملىق ئەسەر 63-بەتتىن ئېلىندى].

شۇنىڭدەك بۇ نەرسىلەرنى تەييار قىلغان كىشىلەرنىڭمۇ ئۆزى تەييار قىلغان نەرسىلەردىن باشقىلارنىڭ پايدىلىنىشى ۋە مەنپەئەتلىنىشىنى چەكلىشى توغرا بولمايدۇ، ئەگەر چەكلەپ قالسا، ئۇلارنىڭ "بارلىق ھوقۇقلار قوغدىلىنىدۇ" دېگەن سۆزى ئېتىبارغا ئېلىنمايدۇ. بۇ ھەقتە تېخىمۇ تەپسىلى مەلۇماتقا ئېرىشىش ئۈچۈن 218902 - نومۇرلۇق سوئالنىڭ جاۋابىغا قارالسۇن.

ئۈچىنچى: بۇ نەرسىلەرنىڭ ساھىبىنىڭ ھوقۇقى قوغدىلىنىدۇ دېگەندىن، بۇ نەرسىلەرنى كۆچۈرۈش، سۈرەتكە ئېلىش ۋە بىر ئىنسان مەنپەئەتلىنىش ئۈچۈن قايسى شەكىلدە بولسا يۆتكەش چەكلىنىدۇ دېگەنلىكنى تەقەززا قىلمايدۇ.

ئەمما بۇ نەرسىلەرنى نەشىر قىلىش ۋە تارقىتىش ئارقىلىق تىجارەت قىلىش ۋە پايدا ئېلىشنى مەقسەت قىلىپ قالسا، بۇنداق قىلىش ھارام بولىدۇ. شۇنداقلا، ئۇ كىشىنىڭ ماددى ھەق-ھوقۇقىغا تاجاۋۇز قىلغان بولىدۇ.

شەيخ ئىبنى ئۇسەيمىين رەھىمەھۇللاھدىن: ئۈستىگە نەشىر ھوقۇقى قوغدىلىنىدۇ دەپ خەت يىزىلغان لىنتىلارنى تىجارەت ئۈچۈن ئەمەس بەلكى دەۋەت نىيىتى بىلەن باشقىلارغا ھەقسىز تارقىتىش ئۈچۈن كۆپەيتسە بۇ ھۆكۈم ئۆزگىرەمدۇ؟ دەپ سورالغاندا، شەيخ جاۋاپ بېرىپ مۇنداق دېگەن: "مېنىڭ قارىشىمدا بىر ئادەم ئۆزى پايدىلىنىش ئۈچۈن كۆپەيتسە ھېچ گەپ يوق، ئەمما تىجارەت ئۈچۈن بولسا، بۇ لىنتىلارنى كۆچۈرۈپ ساتىدىغان دۇكانلارغا كۆچۈرۈپ بەرسە توغرا بولمايدۇ، چۈنكى ئۇنداق قىلىش ئۆز قېرىندىشىنىڭ ھەق-ھوقۇقىغا تاجاۋۇز قىلغانلىقتۇر. ئەمما بىر كىشى يەنە بىر كىشىدىن كىتاب ياكى لېنتىنى كۆپەيتىپ بېرىشنى تەلەپ قىلسا ھېچ گەپ بولمايدۇ". ["ئىبنى قۇدامە رەھىمەھۇللاھنىڭ ئەلكاپى ناملىق ئەسىرىگە ئېلاۋە" ناملىق كىتابنىڭ 3-توم 373-بەتتىن ئېلىندى].

يەنە شەيخ ئىبنى ئۇسەيمىيندىن: "كۆپەيتىش ھوقۇقى قوغدىلىنىدۇ" دەپ خەت يىزىلغان لىنتىلارنى كۆپەيسە دۇرۇس بولامدۇ؟ دەپ سورالغاندا، شەيخ جاۋاپ بېرىپ: "مېنىڭ قارىشىمچە، ئىنسان پەقەت ئۆزى ئۈچۈن كۆپەيتىپ پايدىلانسا بولىدۇ، ئەمما تىجارەت ئۈچۈن كۆپەيتسە بولمايدۇ، چۈنكى ئۆزى ئۈچۈن كۆپەيتىپ پايدىلانسا، مەھسۇلات ساھىبىغا بۇنىڭ زېيىنى بولمايدۇ.

ئەمما تىجارەت ئۈچۈن كۆپەيتسە ۋە تىجارەت غەرىزى بىلەن باشقىلارغا تارقاتسا، بۇ باشقىلارنىڭ ھەققىگە تاجاۋۇز قىلغانلىق بولۇپ، بۇ خۇددى مۇسۇلمان يەنە بىر مۇسۇلمان قېرىندىشىنىڭ سودىسى ئۈستىگە سودا قىلغانلىققا ئوخشايدۇ، مۇسۇلماننىڭ يەنە بىر مۇسۇلماننىڭ سودىسىنى بۇزۇپ سودا قىلىشى ھارامدۇر." ["ئوچۇق سۆھبەت" 17-قىسىم 164-بەت].

بۇ ھەقتە تېخىمۇ كۆپ مەلۇماتقا ئېرىشىش ئۈچۈن 21927 -نۇمۇرلۇق سوئالنىڭ جاۋابىدا شەيخ سەئد ھۈمەيدنىڭ پەتىۋاسى نەقىل قىلىنغان بولۇپ، شەيخ مۇنداق دەيدۇ: "كىتاب ياكى لىنتىلارنى تىجارەت مەقسىتىدە ياكى مەھسۇلات ئىگىسىگە زىيان يەتكۈزۈش مەقسىتىدە كۆپەيتىش توغرا بولمايدۇ، ئەمما ئىنسان ئۆزى ئۈچۈن بىر نۇسخا كۆچۈرۈپ پايدىلانسا، بۇنىڭ ئۈچۈن گۇناھ بولماسلىقىنى ئۈمىت قىلىمىز. لېكىن بۇ مەسىلىدە ئەڭ ئەۋزىلى كۆپەيتىپ پايدىلانماستىن، شارائىتى بولسا سىتىۋېلىپ پايدىلىنىش كېرەك".

سۆزىمىزنىڭ خۇلاسىسى: "ھوقۇق قوغدىلىنىدۇ" دېگەن سۆز بىر كىشىنىڭ شەخسى مەنپەئەتلىنىشى ياكى ئىلمى تەرەپتىن پايدىلىنىشىنى چەكلەپ قويمايدۇ.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى