جۈمە 21 جىمادۇل ئەۋۋەل 1446 - 22 نويابىر 2024
Uygur

جىسىمغا قويۇلغان ماددا قايسى ۋاقىتتا تاھارەتتە ئەزاغا سۇنىڭ يېتىشىنى چەكلەيدىغان ھېسابلىنىدۇ؟.

سۇئال

تاھارەتتە ئەزاغا سۇنىڭ يېتىشىنى چەكلەيدىغان گىرىم بۇيۇملىرى بىلەن سۇنىڭ يېتىشىنى چەكلىمەيدىغان گىرىم بۇيۇملىرىنىڭ ئارىسىنى قانداق ئايرىيمەن؟، قويۇلغان سىرلىق تىرناقلارنىڭ سۇنىڭ جىسىمغا يېتىشىنى توسىدىغانلىقىنى بىلىمەن،  لېكىن گۈزەللەشتۈرۈش بۇيۇملىرى بولسىمۇ ئۇنىڭ ماي ماددىسى بەك يۇقىرى لەۋ گىرىمى ۋە بەدەنگە سۈرتىدىغان مايغا ئوخشاش، بۇ مايلىق ماددىلار سۇنىڭ بەدەنگە يېتىشىنى چەكلەمدۇ؟، سۇنىڭ قارشىسىدىكى بۇ ماددىلار (بۇ ماددىلارنى سۇ بىلەن يوق قىلىش بەك قېيىن بولىدۇ) تاھارەت ئالغاندا سۇنىڭ بەدەنگە يېتىشىنى چەكلەيدىكەن؟، ئۇپا-ئەڭلىك دېگەندەك مەڭزىگە ۋە باشقا ئورۇنلارغا ئىشلىتىدىغان ماددىلارمۇ سۇنىڭ بەدەنگە يېتىشىنى چەكلەمدۇ؟، بۇ ئىككى تۈردىكى ماددىنىڭ ئارىسىنى ئايرىيدىغان بىرەر ئەمەلىي يول بارمۇ؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

قىسقىچە جاۋاپ

بەدەن تېرىسىگە سۇنىڭ يېتىشىنى چەكلەيدىغان ماددىلار دېگەن ئېغىرلىقى بولغان ۋە سۇنىڭ قارشىسىدىكى ماددىلار بولۇپ، ئۇلار چۈشۈپ كەتمەيدۇ ۋە ئۈستىدىن سۇ قۇيۇش بىلەنمۇ يوقالمايدۇ.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل مەدھىيىلەر ئالەملەرنىڭ رەببى بولغان ئاللاھقا خاستۇر، پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا، ساھابىلىرىغا ۋە قىيامەتكىچە ئۇلارغا ئەگەشكەن كىشىلەرگە ئاللاھنىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

    بىرىنچى: تاھارەتتە يۇيۇش كېرەك بولغان ئەزالارنىڭ ھەممىسىگە سۇنىڭ يېتىشى ۋاجىپ بولىدۇ، تۆۋەندە بايان قىلىنىدىغان ھەدىسلەر بۇنى ئىپادىلەيدۇ:

    خالىد ئىبنى مەئدان پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ بەزى ساھابىلىرىدىن بايان قىلغان ھەدىستە، «پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام بىر كىشىنىڭ پۇتىنىڭ تەڭگە مىقدارى ئورۇنغا سۇنىڭ يەتمىگەنلىكىنى(يۇيۇلمىغانلىقىنى) كۆرۈپ، ئۇ كىشىنى قايتىدىن تاھارەت ئىلىپ نامازنىمۇ قايتىدىن ئادا قىلىشقا بۇيرىدى». [ئەبۇ داۋۇد رىۋايىتى 175-ھەدىس. شەيخ ئەلبانى سەھىھ دەپ "ئىرۋائۇل غەلىيل" 1-توم 127-بەتتە كەلتۈردى].

   تۆت مەزھەپ ئىماملىرى، تاھارەتنىڭ توغرا بولىشى ئۈچۈن بەدەندىن تېرىگە سۇنىڭ يېتىشىنى چەكلەيدىغان نەرسىلەرنى يوق قىلىشنىڭ شەرت ئىكەنلىكىگە بىرلىككە كەلدى. ["پىقھى توپلاملىرى" 43-توم 329-بەتكە قارالسۇن].

   ئىككىنچى: بەدەنگە سۇنىڭ يېتىشىنى چەكلەيدىغان ماددىلارنى بېكىتىش بولسا ئەمەلىي ۋاقىئەلىككە مۇراجىئەت قىلىش بىلەن بېكىتىلىدۇ، ئۇلار بۇ ماددىلارنى ئىككى تۈرلۈك بولىدۇ دەپ خۇلاسىلىدى:

   بىرىنچى تۈرى: ۋەزنى بولغان ماددىلار، قەۋەت شەكىلدە قالىدىغان ماددىلار بولۇپ جىسىمغا قويۇلغاندا ئۆزلىگىدىن جىسىمغا چاپلىشىپ تۇرىدىغان بولۇپ ئۇنى بەدەندىن سويىۋېتىش ياكى سۈرتۈش بىلەن يوق قىلىش مۇمكىن بولىدۇ، ئۇنىڭ مىساللىرىدىن: شامغا ياكى سىر خېنە، تىرناققا ئوخشاش ماددىلار.

    ۋەزنى بولغان بۇ ماددىلار:

بۇ ماددىلار يۇمشاق گىرىم بۇيۇملىرىدەك سۇغا قارشى تۇرالمايدىغان بولىدۇ، تاھارەت ئالغۇچى ئەزالىرىنى يۇغاندا بەدەن تېرىسىنى بەكرەك ئۇۋۇلاپ بۇ ماددىلار چىقىپ كەتتى دېگەن قاراشقا كەلگۈدەك ھالەتتە يۇيۇۋەتسە كۇپايە قىلىدۇ.

    شەيخۇل ئىسلام ئىبنى تەيمىيە رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: " گىرىم بۇيۇملىرىنى ئىلىۋەتمىگەندە سۇنىڭ ئۇ ئورۇنغا يېتىپ كەلگەنلىكى بىلىنمىسە، يۇيۇنغاندا بەدەننى سىلاش، تاھارەت ئالغاندا ئەزالارنى سىلاش ۋاجىپ بولىدۇ. مەسىلەن: قويۇق چاچ-ساقالنىڭ ئارىسىنى ئەگەر گىرىم بۇيۇمنى ئىلىۋەتمىسىمۇ سۇ بەدەنگە يەتكەن بولسا بۇ ۋاقىتتا سىلاش مۇستەھەپ بولىدۇ. خۇددى تاھارەتتە بارماقلىرىنىڭ ئارىسىنى ئارىلىغانغا ئوخشاش، چۈنكى سىلاش بىلەنمۇ پاكىزلىق ھاسىل بولىدۇ، ۋاجىپنىڭ ھەممىگە ئومۇم بولغانلىقىغا ئىشەنچ قىلىدۇ. ["شەرھى ئۇمدەتۇل پىقھى" 1- توم 367-368-بەت].

     شەيخ ئىبنى ئۇسەيمىن رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "تاھارەت ۋە يۇيۇنۇشتىكى ۋاجىپ: پاكىزلاش تەلەپ قىلىنىدىغان بارلىق ئەزالارغا سۇ ئۆتكۈزۈش. ئەمما سىلاش دېگەن ۋاجىپ ئەمەس، ئەگەر ھاجەت بولۇپ قالسا سىلاپ يۇيۇش تەكىتلىنىدۇ، خۇددى سۇ سوغۇق بولغاندەك ياكى ئەزالاردا ماي، ياكى مايلىق ماددىلارغا ئوخشاش نەرسىلەر بولسا بۇ ۋاقىتتا ئىنسان پاكىزلىقنى مەقسەت قىلغان بارلىق ئەزالارغا سۇ يەتكەنلىكىگە ئىشەنچ قىلىشى ئۈچۈن سىلاپ يۇيۇش تەكىتلىنىدۇ". ["نۇرۇن ئەلەددەربى پەتىۋاسى" 3-توم 94-بەت].

   ئەگەر بۇ ماددىلار سۇغا قارشى بولسا يەنى بەزى گىرىم بۇيۇملىرىغا ئوخشاش سۇنىڭ بەدەنگە يېتىشىنى چەكلەيدىغان بولسا، تاھارەت ئېلىش جەريانىدا سۇنىڭ بەدەنگە يەتكەنلىكىنى روياپقا چېقىرىپ ئۈچۈن تاھارەت ئېلىشتىن بۇرۇن بۇ ماددىلارنى يوق قىلىۋېتىش ۋاجىپ بولىدۇ.

    ئىمام نەۋەۋىي رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "بىزنىڭ ئالىملىرىمىز مۇنداق دەيدۇ: ئەگەر پۇتىنىڭ يورۇقلىرىغا ماينى، شامنى ياكى خېمىرغا ئوخشاش ماددىلارنى ئېرىتكەن بولسا ياكى خېنە بىلەن بويىغان بولسا، ئۇنىڭ قالدۇقلىرى قالغان بولسا، ئۇنىڭ ئۆزىنى يوق قىلىش لازىم. چۈنكى ئۇ نەرسىلەر سۇنىڭ بەدەنگە يېتىشىنى چەكلەيدۇ". ["ئەلمەجمۇ" 1-توم 426-بەت].

    ئىككىنچى تۈرى: ۋەزنى يوق قەۋەت شەكىللەندۈرمەيدىغان ماددىلار، بۇ ماددىلار جىسىمغا قويۇلىشى بىلەن ئۆزىنىڭ تۇتۇپ تۇتۇش كۈچىنى يوقىتىپ يېشىلىدۇ، ئۇنى بەدەن سۈمۈرىدۇ، ئۇنىڭ ھېچ بىر ۋەزنى قالمايدۇ، رەڭگە ئوخشاش ئەسىرى قالىدۇ، بۇ كۆپىنچە سۈركەيدىغان بۇيۇملار، مايلىق بۇيۇملار، سۈرمە ۋە خىنىگە ئوخشاش ئەسىرى قالىدىغان ماددىلاردىن ئىبارەتتۇر، بۇ ماددىلارنىڭ تېپىلىشى تاھارەتنى بىكار قىلىۋەتمەيدۇ، لېكىن ماددا مايلىق ياكى چاپلىشىشچان بولۇپ قالسا ئۇ ۋاقىتتا تاھارەت ئالغۇچى ئەزالىرىنى بەدەنگە سۇ يەتتى دېگەنگە قەدەر سىلاپ يۇيىشى  كېرەك بولىدۇ.

    شەيخ ئىبنى ئۇسەيمىن رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "مايلىق ماددا بولسا ئۇنىڭ ۋەزنى بولمايدۇ، پەقەت يۇغان ئەزالاردا ئۇنىڭ ئەسىرى قالىدۇ، بۇنىڭ تاھارەتكە زېيىنى يوق، لېكىن بۇنداق ھالەتتە ئىنسان ئەزاغا سۇنىڭ ئۆتكەنلىكىنى تەكىتلەش كېرەك، چۈنكى ئادەتتە مايلىق ماددا سۇدىن ئايرىلىپ قالىدۇ، بەزى ۋاقىتتا پاكىزلايدىغان ئەزالارنىڭ ھەممىسىگە سۇ يەتمەسلىكى مۇمكىن". ["ئىبنى ئۇسەيمىن پەتىۋالار مەجمۇئەسى" 11-توم 147-بەت].

  ئاللاھ تائالا ھەممىدىن ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى