دۇشەنبە 22 جىمادۇسسانى 1446 - 23 دىكابىر 2024
Uygur

تېلېفۇن ئارقىلىق ئالتۇن سېتىۋېلىپ ئۇنى بىر-ئىككى كۈندىن كېيىن تاپشۇرۇپ ئېلىشنىڭ ھۆكمى توغرىسىدا

260161

تارقاتقان ۋاقىت : 25-12-2024

كۆرگۈچىلەر : 10

سۇئال

نۆكچە ئالتۇن سېتىۋالماقچى بولسام، ئالتۇن ساتىدىغان دۇكانغا تېلېفۇن قىلىمەن، ئۇلاردىن ماڭا ئالتۇندىن مۇئەييەن مىقداردا ساقلاپ قويۇشنى تەلەپ قىلىمەن. مەسىلەن: بىر كىلۇ دېگەندەك، شۇ ۋاقىتتا ئالتۇننىڭ كىلۇسى بىر يۈز ئەللىك مىڭ رىيال ئەتراپىدا بولسا، مەن ئىككىنچى كۈنى ياكى ئۈچىنچى كۈنى ئالتۇن ساتىدىغان دۇكانغا بېرىپ ئۇلارغا بىر يۈز ئەللىك مىڭ رىيالنى بېرىمەن، ئۇلار ماڭا ساقلاپ قويغان بىر كىلۇ ئالتۇننى بېرىدۇ، مەن تاپشۇرۇپ ئېلىشتىن ئىلگىرى ئالتۇننىڭ باھاسى ئۆرلىسۇن ياكى تۆۋەنلەپ كەتسۇن، بۇنىڭ مەن ئىلگىرى ساتقۇچى بىلەن قىلىشقان سودىنىڭ ئىجرا بولىشىغا تەسىرى بولمايدۇ. بۇ تۈردىكى سودىغا شەرىئەتنىڭ ھۆكمى نېمە؟، بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل مەدھىيىلەر ئالەملەرنىڭ رەببى بولغان ئاللاھقا خاستۇر، پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا، ساھابىلىرىغا ۋە قىيامەتكىچە ئۇلارغا ئەگەشكەن كىشىلەرگە ئاللاھنىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

ئالتۇننى سېتىشتا: ئالتۇننى ياكى كۈمۈشنى ياكى قەغەز پۇلنى ساتقاندا توختام قىلىشقان سورۇندا ئالماشتۇرىدىغان ئىككى نەرسە نەخ بولۇش كېرەك، ئالتۇننى يۇقىرىدا بايان قىلىنغان شەكىلدە سېتىش توغرا بولمايدۇ، بەلكى ئالتۇن بىلەن نەخ پۇل سودا قىلىنغان سورۇندا ھازىر بولىشى، ئالماشتۇرۇش قولمۇ-قول بولىشى كېرەك. بۇنىڭ تەپسىلاتى ھەدىستە بايان قىلىنغاندەك، تېزلىكتە تاپشۇرۇپ ئېلىش دېيىلىدۇ. ئەگەر تاپشۇرۇپ ئېلىش ھاسىل بولمىسا، بۇ نىسى شەكىلدىكى جازابە بولىدۇ.

ئۇبادە ئىبنى سابىت رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ھەدىس بايان قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «ئالتۇن ئالتۇن بىلەن، كۈمۈش كۈمۈش بىلەن، ئوخشىشى ئوخشىشىغا، باراۋېرى باراۋېرىگە سېتىلىدۇ، ئەگەر تۈرى ئوخشىمىسا نەخمۇ-نەخ بولسا قانداق ساتسا بولىدۇ». [مۇسلىم رىۋايىتى 2970-ھەدىس].

مالىك ئىبنى ئەۋىس ئىبنى ھەدىسان مۇنداق دەيدۇ: مەن كىم دەرھەم ئالماشتۇرىدۇ؟ دېسەم، ئەبۇ تەلھە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ (ئۇ ئۆمەر ئىبنى خەتتاپ رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ يېنىدا ئىكەن) ئالتۇنىڭنى كۆرسەتكىن ئاندىن ئۇنى بىزنىڭ يېنىمىزغا ئېلىپ كەلگىن دېدى، خىزمەتچىمىز كەلگەندە، ساڭا كۈمۈشۇڭنى بېرىمىز دېدى. ئۆمەر ئىبنى خەتتاپ رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ: ھەرگىز ئۇنداق بولمايدۇ، ئاللاھ بىلەن قەسەمكى! سەن ئۇنىڭغا ئەلۋەتتە كۈمۇشىنى قايتۇرۇپ بېرىسەن ياكى ئۇ سەندىن ئالتۇنىنى قايتۇرۇپ ئالىدۇ، ھەقىقەتەن پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «كۈمۈش ئالتۇن بىلەن نەخمۇ-نەخ بولمىسا جازانە بولىدۇ، بۇغداي بۇغداي بىلەن نەخمۇ-نەخ بولمىسا جازانە بولىدۇ، ئارپا ئارپا بىلەن نەخمۇ-نەخ بولمىسا جازانە بولىدۇ، خورما خورما بىلەن نەخمۇ-نەخ بولمىسا جازانە بولىدۇ» [مۇسلىم رىۋايىتى1586-ھەدىس].

بۇ مەسىلىدە نەخ پۇل كۈمۈشنىڭ ھۆكمىدە بولىدۇ. ئالتۇننى نەخ پۇلغا قولمۇ-قول ساتمىسا توغرا بولمايدۇ.

ئىسلام كونپىراس تەشكىلاتىغا تەۋە بولغان “مۇجەممە پىقھىل ئىسلامىينىڭ” قارارىدا مۇنداق كەلگەن: “قەغەز پۇل ھۆكۈملىرى توغرىسىدا: ئۇ پۇل ئېتىبارى بىلەن ئۇنىڭدا تولۇق پۇللۇق سۈپەت تېپىلىدۇ، ئۇنىڭ ئۈچۈن جازانە ھۆكۈملىرى، زاكات، ئالدىن پۇل تاپشۇرۇش سودىسى قاتارلىق ھۆكۈملەردە شەرىئەتتە ئالتۇن ۋە كۈمۈشكە بېكىتكەن ھۆكۈملەر بولىدۇ”. [“مۇجەممە ژورنىلى” ئۈچىنچى سان 3-توم 1650-بەت. بەشىنچى سان 3-توم 1609-بەت].

“دائىمىي كومىتېت پەتىۋاسى” 13-توم 475-بەتتە مۇنداق كەلگەن: “بەزى ۋاقىتتا دۇكاننىڭ ئىگىسى ئالتۇننى تىلىپۇن بىلەن مەككىدىن ياكى مەملىكەتنىڭ سىرتىدىن (ئۆزى رىيادتا تۇرىدۇ) توپ سېتىۋالىدۇ، ئۇنىڭ تونۇشلۇق زەگەرلىرى ۋە تونۇشلۇق خىرىدارلىرى بار، ئۇ ئالتۇنلار ساپ بولسۇن ياكى ساپ بولمىسۇن مەلۇم باھاغا ئىتتىپاققا كېلىدۇ، ئۇنىڭ پۇلىنى بانكىغا يوللاپ بېرىدۇ، بۇنداق قىلىش توغرا بولامدۇ ياكى قانداق قىلىدۇ؟.

بۇنىڭ جاۋابى: بۇ سودا توغرا بولمايدۇ، چۈنكى پۇل بىلەن مالنى تەڭ تاپشۇرۇپ ئېلىش بىر ۋاقىتتا بولمىدى، ئۇ ئىككى نەرسە ئالتۇندىن ياكى ئۇ ئىككىسىنىڭ بىرى ئالتۇننىڭ ، يەنە بىر كۈمۈشنىڭ ئورنىدا بولىدۇ ياكى ئۇ ئىككىسىنىڭ بىرىنىڭ ئورنىدا قەغەز پۇل بولىدۇ.

شۇنىڭ ئۈچۈن بۇ شەكىلدە سودا نېسى شەكىلدىكى جازانە دېيىلىدۇ، بۇ ھارامدۇر، ئۇلار پۇل ھازىر بولغاندا سودىنى دەسلەپتە ئىتتىپاق كەلگەن پۇلدىن يېڭىدىن باشلايدۇ، ئالماشتۇرۇش نەخمۇ -نەخ بولىدۇ.

سەئۇدى ئەرەبىستان ئىلمى تەتقىقات، دىنى تەشۋىقات پەتىۋا كومىتېتى ئەزالىرىدىن: ئابدۇللاھ ئىبنى غۇدەييان. ئابدۇل ئەزىز ئىبنى ئابدۇللاھ ئىبنى باز قاتارلىقلار.

يەنە:”دائىمىي كومىتېت پەتىۋاسى” 13-توم 483-بەتتە مۇنداق كەلگەن: “ئالتۇننى ئالتۇن بىلەن، كۈمۈشنى كۈمۈش بىلەن سېتىش، پەقەت نەخمۇ-نەخ، بولۇش، تۈرى ئوخشاش بولسا، تەڭ-باراۋەر بولۇش شەرتى بىلەن دۇرۇس بولىدۇ، ئەگەر ئىككىسىنىڭ بىرى ساپ ئالتۇن ياكى زىبۇ-زىننەت بولسا، يەنە بىرى ساپ كۈمۈش ياكى زىبۇ-زىننەت بولسا، ياكى باشقا قەغەز پۇللاردىن بولسا، ئۇ ئىككىسىنىڭ ئارىسىدا مىقداردا پەرقلىق بولسا دۇرۇس بولىدۇ، لېكىن سودا قىلغان ئورۇندىن ئايرىلىشتىن ئىلگىرى بىر-بىرىدىن مالنى تاپشۇرۇپ ئېلىشى كېرەك.

مۇشۇ مەسىلىگە زىت كەلگەن نەرسە جازانە بولىدۇ. ئۇنى قىلغۇچى ئاللاھ تائالانىڭ بۇ ئايىتىنىڭ دائىرىسىگە كېرىدۇ: الَّذِينَ يَأْكُلُونَ الرِّبَا لَا يَقُومُونَ إِلَّا كَمَا يَقُومُ الَّذِي يَتَخَبَّطُهُ الشَّيْطَانُ مِنَ الْمَسِّ تەرجىمىسى: «جازانە، ئۆسۈم يەيدىغان ئادەملەر (قىيامەت كۈنى گۆرلىرىدىن) جىن چېپىلىپ قالغان ساراڭ ئادەملەردەك قوپىدۇ.» [سۈرە بەقەرە 275-ئايەت]. شەيخ ئابدۇلئەزىز ئىبنى باز، شەيخ ئابدۇرەززاق ئەپىپىي، شەيخ ئابدۇللاھ ئىبنى غۇدەييان ۋە شەيخ ئابدۇللاھ ئىبنى قەئۇد قاتارلىقلار”.

ئالتۇننىڭ باھاسىنى بىلىش ۋە سىز ئالىدىغان مىقداردا بارمۇ يوقمۇ بۇنى بىلىش ئۈچۈن تېلېفۇن قىلسىڭىز بولىدۇ، لېكىن سېتىۋېلىش پەقەت دۇكانغا بېرىشىڭىز بىلەن تامام بولىدۇ. ئالتۇننى نەخ پۇلغا سودا قىلغان سورۇندا ئالماشتۇرۇش كېرەك.

سىز تېلېفۇندا كۆرۈشۈپ، دۇنكانغا بېرىپ بولغىچە بولغان ئارىلىقتا باھادا ئۆزگىرىش بولغان بولسا، سىزنىڭ دۇكانغا بارغاندىن كېيىن سودا قىلغان ۋاقىتتىكى باھا ئېتىبارغا ئېلىنىدۇ. مانا بۇ شەرىئەتنىڭ قارىشىدۇر.

ھەممىدىن توغرىنى ئاللاھ تائالا ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى