پەيشەنبە 16 شەۋۋال 1445 - 25 ئاپرىل 2024
Uygur

پىتىر سەدىقىسى بەرگۈچىدىن سەدىقىنى تاپشۇرۇپ ئېلىشتىن ئىلگىرى خەيرىيەت ئورۇنلىرىنىڭ ئۇلار ئۈچۈن پىتىر سەدىقىسى بېرىشى توغرا بولامدۇ؟.

سۇئال

بەزى خەيرىيەت ئورۇنلىرى پىقىر، مىسكىنلەرنىڭ ئارخىپلىرى، پىتىر سەدىقىسىگە ھەقلىق بولىدىغان ئائىلىلەرنىڭ سانى ۋە ئۇلارنىڭ دەرىجىسى بويىچە يىللىق چېقىرىلىدىغان پىتىر سەدىقىسىنى بىكىتىۋالىدۇ، شۇنىڭدەك ئۆتكەن يىلدا چىقىرىلغان پىتىر سەدىقىسىگە نىسبەتلەشتۈرۈپ يىللىق پىتىر سەدىقىسىنى بېكىتىدۇ، چۈنكى خەيرىيەت ئورۇنلىرى ئاشلىق سېتىۋالغاندا مۇۋاپىق باھادا كۆپ مىقداردا سېتىۋالىدۇ، ئۇلارنىڭ ھېيتتىن بىر-ئىككى كۈن ئىلگىرى ئاشلىق سېتىۋېلىشى مۇمكىن بولمايدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ ئېھتىياجىنى ئىلگىرىكى مەلۇماتلار ئارقىلىق بېكىتىپ ئاشلىق سېتىۋالىدۇ، بۇنى خەيرىيەت ئورنى ئۆز ئىقتىسادىغا سېتىۋېلىپ كەمبەغەللەرگە تارقىتىپ بېرىشكە باشلايدۇ، پىتىر سەدىقىسىنىڭ پۇللىرىنى كىشىلەردىن شۇ ۋاقىتتا ۋە ئۇنىڭدىن كېيىن يېغىۋالىدۇ، بۇ يەردە كەم-زىيادىلىك جەھەتتە ئازراق پەرق بولۇپ، بۇنى ئاخىرىقى ئىككى كۈندە بىلەلەيدۇ، ئۇ ۋاقىتتا ئۇلارنىڭ ئىشى ئاسان بولىدۇ، بۇنىڭغا قانداق قارايسىلەر؟ پىتىر سەدىقىسىنى تاپشۇرۇپ ئېلىشتىن ئىلگىرى ۋە سەدىقە بەرگۈچىنىڭ مەقسىتى ھاسىل بولۇشتىن ئىلگىرى بۇنى چىقارسا توغرا بولامدۇ؟.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھقا خاستۇر. پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئۇنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى ۋە ساھابىلىرىغا ئاللاھ تائالانىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

    بىرىنچى: پىتىر سەدىقىسى، باشقا سەدىقىلەرگە ئوخشاش ئىبادەت بولۇپ، ئاللاھقا يېقىنلىشىدىغان ئەمەللەر ئىبادەت قىلغۇچىنىڭ نىيىتى بىلەن دۇرۇس بولىدۇ. بۇ توغرىدا پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دەيدۇ: ھەقىقەتەن ئەمەللەر نىيەت بىلەن بولىدۇ، ھەر بىر كىشى ئۈچۈن نىيەت قىلغان نەرسىسى بولىدۇ. [بۇخارى رىۋايىتى].

    ئىبنى قۇدامە رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "زاكاتنى ئادا قىلىش زاكات بەرگۈچىنىڭ نىيىتى بىلەن دۇرۇس بولىدۇ"، لېكىن ئىمام كۈچ بىلەن ئالغان بولسا بۇنىڭدا نىيەت قىلىش كېرەك بولمايدۇ. پىقھى ئۆلىمالارنىڭ ھەممىسىنىڭ قارىشىدا، زاكاتنى ئادا قىلىشتا نىيەت شەرت قېلىنىدۇ، لېكىن ئىمام ئەۋزائى رەھىمەھۇللاھ نىيەت شەرت ئەمەس دەپ قارايدۇ.

    زاكاتنى ئادا قىلىشتا، باشقا ئىبادەتلەرگە ئوخشاش، نىيەتنى ئاز مۇددەت ئىلگىرى قىلىش دۇرۇس بولىدۇ، چۈنكى بۇنىڭغا ئورنىغا باشقىلارنى ۋەكىل قىلىش دۇرۇس بولىدۇ، ئەگەر ئاداقىلىدىغان زاكاتنى ۋەكىل قىلغان كىشىگە بەرگەن بولسا، ۋەكىل نىيەت قىلماستىن مالنىڭ ئىگىسى نىيەت قىلغان بولسا، نىيەتنى ئادا قىلىدىغان ۋاقىتتىن بەك بۇرۇن قىلىۋەتمىگەن بولسا دۇرۇس بولىدۇ.

     ئەمما نىيەتنى ئادا قىلىدىغان ۋاقىتتىن بەك بۇرۇن قىلىۋەتكەن بولسا ئۇ ۋاقىتتا دۇرۇس بولمايدۇ، لېكىن مالنى ۋەكىلگە بېرىدىغان ۋاقىتتا نىيەت قىلغان بولسا، ۋەكىلمۇ ئادا قىلىدىغان ۋاقىتتا نىيەت قىلغان بولسا دۇرۇس بولىدۇ.

    ئەگەر ۋەكىل نىيەت قىلىپ، مال ساھىبى نىيەت قىلمىغان بولسا دۇرۇس بولمايدۇ، چۈنكى بۇ يەردە پەرزنىڭ ئادا بولۇشى مال ساھىبىغا ئالاقىدار بولىدۇ. ["ئەلمۇغنى"2-توم 476-بەت].

     شەيخۇل ئىسلام ئىبنى تەيمىيە رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "زاكات گەرچە مالنىڭ ھەققى بولسىمۇ، لېكىن ئۇنى ئاللاھ ئۈچۈن ئادا قىلىش پەرىزدۇر، شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇنىڭدا نىيەت شەرت قىلىنىدۇ. زاكاتنى مال ئىگىسىنىڭ رۇختىسىز باشقىلار ئادا قىلغان بولسا دۇرۇس بولمايدۇ". ["پەتاۋالار مەجمۇئەسى"7-توم 315-بەت].

   مىرداۋىي رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "بىر كىشى ھايات بىر ئادەم ئۈچۈن ئۇنىڭ رۇختىسىز مېلىنىڭ زاكىتىنى بەرگەن بولسا دۇرۇس بولمايدۇ، رۇخسەت قىلغان بولسا دۇرۇس بولىدۇ". ["ئەلئىنساپ"3-توم 198-بەت].

    شۇنىڭغا ئاساسەن: خەيرىيەت ئورۇنلىرى پىتىر سەدىقىسىنى ئادا قىلىشنى ھاۋالە قىلمىغان كىشى ئۈچۈن چىقارغان بولسا، بۇ دۇرۇس بولمايدۇ.

    ئىككىنچى: خەيرىيەت ئورۇنلىرى رامزاندا ياكى رامزاندىن ئىلگىرى ئۆز ئىقتىسادىغا ئاشلىق سېتىۋېلىپ، ئۇنى پىتىر سەدىقىسى ئادا قىلىدىغان كىشىلەرگە ساتقان بولسا، بۇ ئورۇن ھېيتتىن بىر-ئىككى كۈن ئىلگىرى بۇ ئاشلىقنى ساھىبىغا ۋاكالەتەن كەمبەغەللەرگە بەرگەن بولسا بۇ دۇرۇس بولىدۇ.

    ئەمما خەيرىيەت ئورۇنلىرىنىڭ ئادا قىلىپ قويۇشنى ھاۋالە قىلمىغان پىتىر سەدىقىسىنى كەمبەغەللەرگە بېرىۋېتىپ، ئاندىن ئادا قىلغان ئاشلىقنىڭ پۇلىنى سەدىقە ئادا قىلغۇچىلاردىن ئېلىشى توغرا بولمايدۇ.

    بىز ئىلگىرىمۇ مۇشۇنىڭغا ئوخشىغان سوئالنى شەيخ ئىبنى ئۇسەيمىن رەھىمەھۇللاھدىن سورىغاندا، شەيخ جاۋاپ بېرىپ: "خەيرىيەت ئورۇنلىرى مۇددەتتىن بۇرۇن ئاشلىق سېتىۋېلىپ، ئاندىن ئۇنى پىتىر سەدىقىسىنى ئادا قىلىشقا رىغبەتلەنگەنلەرگە سېتىپ، ئاندىن بۇ ئاشلىقنى كەبەغەللەرگە يەتكۈزسە دۇرۇس بولىدۇ دېگەن". 71475- نومۇرلۇق سوئالنىڭ جاۋابىغا قارالسۇن.

    شەيخ ئىبنى جىبرىن رەھىمەھۇللاھدىن، پىتىر سەدىقىسى ئادا قىلىدىغان كىشى باشقىلارنى ۋەكىل قىلسا دۇرۇس بولامدۇ؟يەنى رامزاننىڭ ئون بەشىدە چېقىرىدىغان زاكاتنى تاپشۇرۇپ بەرسە، تاپشۇرۇپ ئالغۇچى ئۇنى ھېيتقا بىر-ئىككى كۈن قالغاندا، كەمبەغەللەرگە تارقىتىپ بەرسە بولامدۇ؟ دەپ سورالغاندا، شەيخ جاۋاپ بېرىپ مۇنداق دەيدۇ: "پىتىر سەدىقىسى ئادا قىلىشتا ۋەكىل قىلسا بولىدۇ، ۋەكىلگە ئادا قىلىدىغان سەدىقىنى ياكى ئۇنىڭ پۇلىنى ئاينىڭ بېشىدا ياكى ئاينىڭ ئوتتۇردا بەرسىمۇ بولىدۇ، ياخشىسى زاكات ئادا قىلغۇچى تۇرىۋاتقان شەھەر بىلەن زاكاتنى ئادا قىلىشقا ۋەكىل قىلىنغان كىشى تۇرىۋاتقان شەھەرنىڭ ئارىسىدىكى ھېيت كۈنىنى ۋە ھېيتتىن ئىلگىرىكى بىر-ئىككى كۈننى ئايرىش كېرەك".

     ئاللاھ تائالا ھەممىدىن ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى