جۈمە 19 رامىزان 1445 - 29 مارت 2024
Uygur

پىتىر سەدىقىسى كىملەرگە بېرىلىدۇ؟

سۇئال

بەزى كىشىلەر بازارلاردا بىزدىن سەدىقە پىتىرنى تەلەپ قىلىدۇ، ئۇلار دىندار كىشىلەرمۇ -ئەمەس، بىز بۇنى بىلمەيمىز، بەزىلەرنىڭ سىرتقى قىياپىتى ناھايىتى پۇزۇر سەدىقە ئىلىپ ئائىلە - بالىلىرىغا خىراجەت قىلىدۇ، بەزى مائاشلىق ئاتالمىش مۇسۇلمانلارغا تۇرمۇشىدا قىيىنچىلىق بارلىقىنى كۆزدە تۇتۇپ، ئۇلارغا سەدىقە پىتىرنى بەرسەك بولامدۇ؟

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئاللاھغا خاستۇر.

سەدىقە پىتىر كەمبەغەل مۇسۇلمانلارغا بېرىلىدۇ گەرچە ئۇلاردا بەزەن گۇناھ - مەسىيەتلەر تېپىلسىمۇ بۇ گۇناھ-مەسىيەت ئۇلارنى ئىسلامدىن چىقىرىۋەتمەيدۇ. كىشىلەرنىڭ ئەھۋالىنى بىلىشتە سىرتقى كۆرۈنۈشىگە قارىلىدۇ، مۇمكىن بولسا سەدىقە پىتىرنى دىندار كەمبەغەللەرنى تېپىپ بېرىش كېرەك، ئەگەر كىشىلەرنىڭ ئىچكى ئەھۋالىنى بىلمەي كەمبەغەل ئىكەن دەپ ئىقتىسادى ياخشى كىشىلەرگە بېرىپ قالغان بولسا بۇمۇ دۇرۇس بولىدۇ، بەرگۈچىنىڭ زىممىسىدىن مەجبۇرىيەت ئادا بولىدۇ.

(ئىلمى تەتقىقات دىنى پەتىۋا تەشۋىقات كۈمتىتى پەتىۋا مەجمۇئەسىدىن ئىلىندى).

مەنبە: ئاللاھ ياخشىلىققا مۇۋەپپەق قىلغۇچىدۇر