جۈمە 10 شەۋۋال 1445 - 19 ئاپرىل 2024
Uygur

ھەسەل ھەرىسىنىڭ لىچىنكىسىنىڭ يېيىشنىڭ ھۆكمى توغرىسىدا

سۇئال

ھەسەل ھەرىسىنىڭ لىچىنكىسىنىڭ يېيىش توغرا بولامدۇ؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى ئاللاھقا خاستۇر، پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئۇنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى ۋە ساھابىلىرىغا ئاللاھ تائالانىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

    ھەسەل ھەرىسىنىڭ لىچىنكىسىنىڭ يېيىش توغرا بولمايدۇ، چۈنكى ئۇ ھەسەل ھەرىسىنىڭ تۈرىدىن ھېسابلىنىدۇ، قۇرۇت ۋە ھاشاراتلەرنى يېيىشمۇ ئەسلىدە دۇرۇس بولمايدۇ.

لېچىنكا دېگەن تۇخۇمدىن چىققان ھاشارەتلەرنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىش باسقۇچلىرىدىن دەسلەپكى باسقۇچ بولۇپ، مۇكەممەل ھاشارەت بولۇش باسقۇچىدىن ئىلگىرىكى يۆتكىلىشچان باسقۇچ دەپ ئىپادىلىنىدۇ. ئۇنىڭ شەكلى قۇرۇتقا ئوخشايدۇ.

   ھەسەل ھەرىسىگە نىسبەتەن لىچىنكىلىق باسقۇچى بولسا ئۇنىڭ تۇخۇمنى چاققان ۋاقتى بولۇپ، لېچىنكا كىچىك ئېلىپپىس شەكلىدە پۇتىمۇ يوق ۋە كۆزىمۇ يوق رەڭگى ئاپپاق ھالەتتە چىقىدۇ، تۇخۇمنى چىقىشتىن ئىلگىرى تۇخۇم ئەتراپىغا شاھانە يېمەكلىكتىن ئاز مىقداردا ئاجىرتىپ ئىشلەپ چىقىرىش بىلەن مەشغۇل بولىدۇ، لېچىنكا تۇخۇمدىن چىققاندىن كېيىن لىچىنكىلەر ئۈچۈن ئۈچ كۈن شاھانە يېمەكلىك ئاجىرتىپ ئىشلەپ چىقىرىشنى داۋاملاشتۇرىدۇ، مەلۇم ۋاقىتتىن كېيىن، لېچىنكا سوزۇلۇپ ئالتە كۆزلۈك بولىدۇ، ئاندىن غوزەك ئىشلەپ چىقىرىدۇ، بۇ قول تېگىشتىن ئىلگىركى باسقۇچ دەپ ئاتىلىدۇ.

   لېچىنكا دېگەن ھەسەل ھەرىسىنىڭ يېتىلىش باسقۇچلىرىدىن بىر باسقۇچ بولۇپ، ھەسەل ھەرىسىنى ئۆلتۈرۈشتىن توسقانلىق توغرىسىدا ئەسەر بايان قىلىنغان، ئۆلتۈرۈش چەكلىنىدىكەن، ئۇنى يېيىشمۇ چەكلىنىدۇ. چۈنكى ئەسلى قائىدىدە: ئۆلتۈرۈش چەكلەنگەن ھەر قانداق نەرسىنى يېيىش توغرا بولمايدۇ، چۈنكى يېيىش توغرا بولغان بولسا ئۆلتۈرۈشمۇ توغرا بولاتتى.

    ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنغان ھەدىستە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام جانلىقلاردىن تۆت تۈرلۈك نەرسىنى ئۆلتۈرۈشتىن چەكلىگەن: چۆمۈلە، ھەسەل ھەرىسى، ھۆپۈپ ۋە كۇۋەيت قۇچقىچىدىن ئىبارەت. [ئەبۇ داۋۇد رىۋايىتى 5267 شەيخ ئەلبانى سەھىھ دېگەن].

   دائىمىي كومىتېت ئۆلىمالىرى مۇنداق دېگەن: ھۆپۈپنى ئۆلتۈرۈشتىن چەكلەنگەنلىك توغرىسىدا ئەسەر كەلگەن، ئۇنى ئۆلتۈرۈشتىن چەكلەنگەنلىك توغرىسىدىكى دەلىلدىن، ئۇنى يېيىشنىڭ ھاراملىقى توغرىسىدىكى ھۆكۈم ئېلىنىدۇ، شۇنىڭغا ئاساسەن نەھىنىڭ ئەسلى ھارامنى بىلدۈرىدۇ. ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنغان ھەدىستە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام جانلىقلاردىن تۆرت تۈرلۈك نەرسىنى ئۆلتۈرۈشتىن چەكلىگەن: چۆمۈلە، ھەسەل ھەرىسى، ھۆپۈپ ۋە كۇۋەيت قۇچقىچىدىن ئىبارەت. [ئىمام ئەھمەد، ئەبۇ داۋۇد ۋە ئىبنى ماجە رىۋايىتى].

    ھاپىز ئىبنى ھەجەر رەھىمەھۇللاھ بۇ ھەدىس توغرىسىدا مۇنداق دەيدۇ: بۇ ھەدىسنىڭ راۋىلىرى ئىشەنچىلىك راۋىدۇر. بەيھەقى مۇنداق دېگەن: بۇ ھەدىس مۇشۇ باپتا كەلگەن ئەڭ كۈچلۈك ھەدىستۇر". ["دائىمىي كومىتېت پەتىۋاسى" 22-توم 23-بەت].

    لېچىنكا ھەسەل ھەرىسىنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىش باسقۇچىدىن بىر باسقۇچ بولغانلىقى ئۈچۈن ئۈنى ئۆلتۈرۈش ھەسەل ھەرىسىنى ئۆلتۈرگەنگە ئوخشاش، ئۇنى يېيىش ھەسەل ھەرىسىنى يېگەنگە ئوخشاش بولغانلىقى ئۈچۈن بۇنى يېيىش توغرا بولمايدۇ. شەيخ سالىھ پەۋزاندىن ھەرىنىڭ لىچىنكىسىنى يېىيشنىڭ ھۆكمى توغرىسىدا سورىغاندا، شەيخ جاۋاپ بېرىپ: لېچىنكا ھەسەل ھەرىسىدىن ھېسابلىنىدۇ، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇنى ئۆلتۈرۈشتىن چەكلىگەنلىكى ئۈچۈن ئۇنى يېيىشمۇ ھارام بولىدۇ، دېگەن.

http://www.saif.af.org.sa/ar/node/549

    شۇنىڭدەك لىچىنكىنى يېيىش قۇرۇت ۋە ھاشاراتلەرنى يېيىشنىڭ جۈملىسىدىن ھېسابلىنىدۇ. ئەسلىدە ئۇنى ئۆلتۈرۈش توغرا ئەمەس، بولۇپمۇ يېيىش مەقسىتىدە ئۆلتۈرۈش توغرا بولمايدۇ، ئۇ ئايرىم بىر نەرسە بولۇپ، يىمەكلىك قاتارىغا كىرمەيدۇ، مېۋىلەردە ئۆسۈپ يېتىلگەن بىلەن مېۋىلەرنىڭ جۈملىسىدىن ھېسابلانمايدۇ. بۇ ھەقتە تەپسىلى مەلۇماتقا ئېگە بولۇش ئۈچۈن 21901-114855- نومۇرلۇق سوئاللارنىڭ جاۋابىغا قارالسۇن.

ئاللاھ تائالا ھەممىدىن ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى