يەكشەنبە 21 جىمادۇسسانى 1446 - 22 دىكابىر 2024
Uygur

پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ نەسەبى توغرىسىدا

سۇئال

مەن پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ نەسەبىدىكى “ئىلياس” دېگەن ئېسىمدە ئىختىلاپ بولغانلىقىنى ئاڭلىدىم، بەزىلەر “ئىلياس” دەيدىكەن، بەزىلەر: “لىباس” دەيدىكەن، بۇ سۆزلەرنى زىكىر قىلغانلارنى ۋە ئالىملارنىڭ بۇ توغرىدىكى كۈچلۈك قارىشىنى بايان قىلىپ بېرىشىڭلارنى ئارزۇ قىلىمەن.

قىسقىچە جاۋاپ

پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ نەسەبى ئارىسىدىكى “ئىلياس” دېگەن ئىسىم بولسا تونۇشلۇق ئالىملار بىرلىككە كەلگەن سابىت ئىسىم بولۇپ، بۇ ئىسىم توغرىسىدا ھېچ ئىختىلاپ يوق، ئىختىلاپ پەقەت بۇ ئىسىم : ئېنىق ئوقۇلىدىغان ھەمزە بىلەن ئوقۇلامدۇ ياكى ئۇلاپ ئوقۇلىدىغان ھەمزە بىلەنمۇ؟ دېگەندە ئالىملارنىڭ ئىككى تۈرلۈك قارىشى بار، يۇقىرىدا بايان قىلغاندەك بۇ ئاسان ئىش، ئەمما ھەمزىنى قاتماستىن “لىباس” دەپ ئوقۇيدۇ دېگەن سۆزنىڭ بارلىقىنى بىلمەيمىز.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل مەدھىيىلەر ئالەملەرنىڭ رەببى بولغان ئاللاھقا خاستۇر، پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا، ساھابىلىرىغا ۋە قىيامەتكىچە ياخشىلىقتا ئۇلارغا ئەگەشكەنلەرگە ئاللاھنىڭ رەھمىتى، سالامى ۋە بەرىكىتى بولسۇن.

پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئانا تەرەپتىن بولسۇن ۋە ئاتا تەرەپتىن بولسۇن ئادەم ئەۋلادلىرىنىڭ ئەڭ شەرەپلىكى ۋە نەسەپ جەھەتتە ئەڭ ئەۋزىلىدۇر. بۇ ئومۇمى ۋە خۇسۇسىي كىشىلەرنىڭ ۋە بارلىق ئالىملارنىڭ قارىشىدا بېكىتىلگەن ئىشتۇر.

ۋاسىل ئىبنى ئەسقە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: مەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى ئاڭلىغان ئېدىم: «ئاللاھ تائالا ھەقىقەتەن ئىسمائىل ئەلەيھىسسالام ئەۋلادىدىن كىنانىنى تاللىدى، كىنانىدىن قۇرەيشنى تاللىدى، قۇرەيشتىن ھاشىم ئەۋلادلىرىنى تاللىدى، ھاشىم ئەۋلادلىرىدىن مېنى تاللىدى». [مۇسلىم رىۋايىتى 2276-ھەدىس].

پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ نەسەبدىن ئەدنانغىچە بولغان ئارىلىقتا ئالىملار ئارىسىدا ھېچ ئىختىلاپ يوق، ئەمما ئەدناننىڭ يۇقىرىسىدا ئىبراھىم ئەلەيھىسسالام ئوغلى ئىسمائىل ئەلەيھىسسالامغىچە بولغان ئارىلىقتا ئىختىلاپ بار.

ئىمام زەھەبى رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: “پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ نەسەبى: مۇھەممەد ئىبنى ئابدۇللاھ ئىبنى ئابدۇل مۇتتەلىب، ئابدۇل مۇتتەلىبنىڭ ئىسمى: شەيبە بولۇپ ئۇ ھاشىمنىڭ ئوغلى، ھاشىمنىڭ ئىسمى: ئەمىر، ئۇ ئابدۇ مەناپنىڭ ئوغلى، ئابدۇ مەناپنىڭ ئىسمى: مۇغىيرە ئېدى، ئۇ قۇسەينىڭ ئوغلى، قۇسەينىڭ ئىسمى بولسا: زەيد،  ئىبنى كىلاب، ئىبنى مۇررە، ئىبنى كەئەب ئىبنى لۇۋەي ئىبنى غالىب ئىبنى پىھرى ئىبنى مالىك ئىبنى نەزىر ئىبنى كىنانە ئىبنى خۇزەيمە ئىبنى مۇدرەك، ئۇنىڭ ئىسمى ئامىر ئىبنى ئىلياس ئىبنى مۇزەر ئىبنى نەزار ئىبنى مەئەد ئىبنى ئەدنان، ئەدنان بولسا ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامنىڭ ئوغلى ئىسمائىل ئەلەيھىسسالامنىڭ ئەۋلادلىرىدىن، ئۇلارغا ۋە پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامغا ئاللاھنىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن- بۇ نەسەبكە بارلىق كىشىلەر ئىتتىپاققا كەلگەن.

لېكىن پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ چوڭ ئاتلىرىدىن ئەدنان بىلەن ئىسمائىل ئەلەيھىسسالامغىچە بولغان ئارىلىقتىكىلەر توغرىسىدا ئىختىلاپ بار، بەزىلەر ئەدنان بىلەن ئىسمائىل ئەلەيھىسسالام ئارىسىدا توققۇز كىشى بار دېسە، بەزىلەر يەتتە دەيدۇ، ئۇلارنىڭ بەزىسىنىڭ ئىسمى توغرىسىدىمۇ ئىختىلاپ بار، بەزىلەر ئون بەش كىشى بار دەيدۇ، بەزىلەر قىرىق كىشى بار دەيدۇ بۇ بەك يىراق، ئەرەبلەردىن بولغان بىر جامائەتتىن شۇنداق كەلگەن.

ئەمما ئۇرۋە ئىبنى  زۇبەير مۇنداق دەيدۇ: “پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ چوڭ ئاتىسى ئەدناندىن ۋە قەھتاندىن كېيىنكىلەرنى بىلىدىغان كىشىلەرنى تاپالمىدۇق، ئەگەر تاپساقمۇ ئۇلارنىڭ ھەممىسى پەرەز بىلەن سۆزلەيدۇ.

ئەبۇل ئەسۋەد زۇبەيرنىڭ تەربىيىسىدە بولغان بولۇپ ئۇ مۇنداق دەيدۇ: “مەن ئەبۇ بەكىر ئىبنى سۇلايمان ئىبنى ئەبى ھەسمەدىن ئاڭلىدىم، بۇ قۇرەيشنىڭ شېئىرلىرى ۋە نەسەبىنى ئەڭ بەك بىلىدىغان كىشى بولۇپ، ئۇ كىشى مۇنداق دەيدۇ: “شائىرنىڭ شىئرىدە ياكى ئالىمنىڭ ئىلمىدە پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام چوڭ ئاتىسى مەئەد ئىبنى ئەدناندىن كىيىنكى نەىسەبىنى بىلىدىغان كىشىنى بايان قىلىدۇ: ھەقىقەتەن ئۇ: ئەدنان ئىبنى ئەدەد ئىبنى مىقۋەم ئىبنى ناھۇر ئىبنى تىيرەھ ئىبنى يەئرىپ ئىبنى يەشجۇب ئىبنى نابىت ئىبنى ئىسمائىيل ئىبنى ئىبراھىم خەلىلۇللاھ، ئىبنى ئازەر، ئۇنىڭ ئىسمى تارىھ ئىبنى ناھۇر ئىبنى سارۇھ ئىبنى رائۇ ئىبنى پالىخ ئىبنى ئۇيبەر ئىبنى شالىخ ئىبنى ئەرپەخشەز ئىبنى سام ئىبنى نۇھ ئەلەيھىسسالام ئىبنى لامىك ئىبنى مۇتەۋەشلىخ ئىبنى خەنۇخ ئىبنى يەرىد ئىبنى مۇھلىيل ئىبنى قەينۇن ئىبنى يانىش ئىبنى شىس، ئۇ ئىنسانلارنىڭ ئاتىسى ئادەم ئەلەيھىسسالامنىڭ ئوغلىدۇر”.

مۇھەممەد ئىبنى ئىسھاق سىيرەت كىتابىدا بۇنىڭغا ئاساسلانغان، ئىبنى ئىسھاقنىڭ يارەنلىرى بەزى ئىسىملەر توغرىسىدا پەرقلىق قاراشتا بولغان.

ئىبنى سەئەد مۇنداق دەيدۇ: “بىزنىڭ قارىشىمىزدا نەسەپ ئەدناندىن ئىسمائىل ئەلەيھىسسالامغىچە بولغان ئارىلىقتىكى ئىسىم توغرىسىدا سۆز قىلماسلىقتۇر”. [” سىيرەت” 1-توم 143-145-بەتلەر].

ھاپىز ئىبنى ھەجەر رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: “تەبرانىي ياخشى ئىسناد بىلەن ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھادىن بايان قىلغان ھەدىستە مۇنداق دەيدۇ:|«ئىنسانلارنىڭ نەسەپ توغرىسىدىكى قارىشى مەئەد ئىبنى ئەدنانغىچە توغرا بولغان». [“پەتھۇل بارى” 6-توم 529-بەت].

ئىمام ئىبنى ھىببان رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: “پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ نەسەبى ئەدنانغىچە توغرا بولىدۇ، ئۇنىڭدىن كېيىنكىسىدە مېنىڭ قارىشىمدا تايىنىدىغان توغرا بىر ئاساس يوق، ئۇ بولسىمۇ: مۇھەممەد ئىبنى ئابدۇللاھ ئىبنى ئابدۇل مۇتتەلىب، ئابدۇل مۇتتەلىبنىڭ ئىسمى: شەيبە بولۇپ ئۇ ھاشىمنىڭ ئوغلى، ھاشىمنىڭ ئىسمى: ئەمىر، ئۇ ئابدۇ مەناپنىڭ ئوغلى، ئابدۇ مەناپنىڭ ئىسمى: مۇغىيرە ئېدى، ئۇ قۇسەينىڭ ئوغلى، قۇسەينىڭ ئىسمى بولسا: زەيد،  ئىبنى كىلاب، ئۇنىڭ ئىسمى مۇھەززەب، ئىبنى مۇررە، ئىبنى كەئەب ئىبنى لۇۋەي ئىبنى غالىب ئىبنى پىھرى ئىبنى مالىك ئىبنى نەزىر ئۇ قۇرەيش، ئىبنى كىنانە ئىبنى خۇزەيمە ئىبنى مۇدرەكە، ئۇنىڭ ئىسمى ئامىر ئىبنى ئىلياس ئىبنى مۇزەر ئىبنى نەزار ئىبنى مەئەد ئىبنى ئەدنان، مۇشۇ يەرگىچە پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ نەسىبىدە ئىختىلاپ يوق، ئەدناندىن ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامغىچە بولغان ئارىلىقتا ئىختىلاپ بار. “پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ سىيرەتلىرى ۋە خەلىپىلەرنىڭ خەۋەرلىرى”1-توم 39-بەت.

ئىبنى ھەزمى رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: “ئۇ بولسىمۇ: قاسىمنىڭ ئاتىسى، مۇھەممەد ئىبنى ئابدۇللاھ ئىبنى ئابدۇل مۇتتەلىب، ئابدۇل مۇتتەلىبنىڭ ئىسمى: شەيبەتىل ھەمدى بولۇپ ئۇ ھاشىمنىڭ ئوغلى، ھاشىمنىڭ ئىسمى: ئەمىر، ئۇ ئابدۇ مەناپنىڭ ئوغلى، ئابدۇ مەناپنىڭ ئىسمى: مۇغىيرە، ئۇ قۇسەينىڭ ئوغلى، قۇسەينىڭ ئىسمى بولسا: زەيد،  ئىبنى كىلاب، ئىبنى مۇررە، ئىبنى كەئەب ئىبنى لۇۋەي ئىبنى غالىب ئىبنى پىھرى ئىبنى مالىك ئىبنى نەزىر، ئىبنى كىنانە ئىبنى خۇزەيمە ئىبنى مۇدرەكە، ئىبنى ئىلياس ئىبنى مۇزەر ئىبنى نەزار ئىبنى مەئەد ئىبنى ئەدنان، مۇشۇ يەرگىچە پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ نەسىبىدە ئىختىلاپ ۋە شەك يوق. [“سىيرە” 4-بەت].

بەيھەقىينىڭ “پەيغەمبەرلىك دەلىللىرى” 1-توم 177-بەت. ئەبۇ سەئىد نىسابۇرىينىڭ: “پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ شەرىپى” 2-توم 12-بەت. ماۋەردىينىڭ” پەيغەمبەرلىك بەلگىلىرى”202-بەت. كىلائىينىڭ” ئەلكۇپايە” 1-توم 8-بەت. ئىبنى سەيىدىن ناسنىڭ” ئەسەرلەر بۇلىقى” 1-توم 26-بەت. ئىبنى كەسىرنىڭ “پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ سىيرىتى” 1-توم 20-بەت.

سۇھەيل رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: “ئىلياس دېگەن ئېسىم توغرىسىدا ئىبنى ئەنبارىي رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: “بۇ ئىسىمنى ئىلياس پەيغەمبەرنىڭ ئىسمىگە مۇۋاپىق قىلدى، بۇ ئىسىمنىڭ تۈرلىنىشى ۋە باشقا تەرەپلەردە ئوخشىمىغان پىكىرلەر بار”. [“رەۋزىل ئەنپ” 1-توم 57-بەت].

قەستەلانى”ئەل مەۋاھىبىل دەنىيە” 1-توم 61-بەتتە مۇنداق دەيدۇ: “ئىلياس دەپ ھەمزىنى كەسىر ئوقۇش ئىبنى ئەنبارىينىڭ سۆزى، ئەل ياس دەپ ھەمزىنى زەبەر ئوقۇش بولسا قاسىم ئىبنى سابىتنىڭ سۆزىدۇر”.

زەرقانى: “شەرھىل مەۋاھىب” 1-توم 147-بەتتە مۇنداق دەيدۇ: “ئىلياس دەپ زىر ئوقۇساق ئۇ ئىسىم بولىدۇ، مۇغۇلتاينىڭ سىيرە كىتابىدا: ئۇنىڭ ئىسمى ھەبىيب دەپ كەلگەن، ئۇنىڭ ئىلياس دەپ ئاتىلىشىدىكى سەۋەپ، ئۇنىڭ ئاتىسى بەك ياشىنىپ قىلىپ پەرزەنتلىك بولمىغان، ئۇ ئوغلى بەك ياشىنىپ قالغاندا دۇنياغا كەلگەنلىكى ئۈچۈن ئىلياس دەپ ئاتىغان، ئۇنىڭ كۈنىيتى ئەبۇ ئەمىر”.

سۆزنىڭ خۇلاسىسى: ئىلياس دېگەن پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ نەسىبىدە سابىت بولغان، تونۇشلۇق، بىرلىككە كەلگەن، ھېچ ئىختىلاپ يوق بىر ئىسىمدۇر.

بۇ يەردىكى ئىختىلاپ پەقەت: بۇ ئىسىمنىڭ ھەمزىسىنى زىر ئوقۇيامدۇ ياكى زەۋەر ئوقۇيامدۇ؟ دېگەن مەسىلىدە بولۇپ بۇ تالاش-تارتىش قىلىنمايدىغان ئاددى بىر مەسىلىدۇر. ئەمما ھەمزىنى قاتماستىن “لىباس” دەپ ئوقۇيدۇ دېگەن بىر كىشىنى بىلمەيمىز ياكى ئۇنداق دېگەن ئالىمدىن بىرى يوق.

ھەممىدىن توغرىنى ئاللاھ تائالا ياخشى بىلگۈچىدۇر،.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى