پەيشەنبە 20 جىمادۇل ئەۋۋەل 1446 - 21 نويابىر 2024
Uygur

رامزاندا كېچىدە قىيامدا تۇرغاننىڭ پەزىلىتىنى تېپىش ئۈچۈن رامىزان كېچىلىرىنىڭ ھەممىسىدە قىيامدا تۇرۇش شەرت قىلىنامدۇ؟

سۇئال

  بىزنىڭ بىرىمىز بىر كۈن ياكى بىر قانچە كۈن تەراۋىھ نامىزىنى مەسچىتتە جامائەت بىلەن بىرگە ئادا قىلمىغان بولسا، بۇ كىشى پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ «رامزاننىڭ كېچىسىدە ئاللاھ تائالاغا ئىشىنىپ، ئۇنىڭدىن ساۋاپ ئۈمىت قىلىپ قىيامدا تۇرغان كىشىنىڭ ئىلگىرىكى گۇناھلىرى مەغپىرەت قىلىندى» دېگەن مەزكۇر ھەدىسىنىڭ دائىرىسىگە كىرەمدۇ؟، ياكى رامزاننىڭ كېچىلىرىنىڭ ھەممىسىدە قىيامدا تۇرۇش كېرەكمۇ؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل مەدھىيىلەر ئالەملەرنىڭ رەببى بولغان ئاللاھقا خاستۇر، پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا، ساھابىلىرىغا ۋە قىيامەتكىچە ئۇلارغا ئەگەشكەن كىشىلەرگە ئاللاھنىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

   ئەبۇ ھۈرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «رامزاننىڭ كېچىسىدە ئاللاھ تائالاغا ئىشىنىپ، ئۇنىڭدىن ساۋاپ ئۈمىت قىلىپ قىيامدا تۇرغان كىشىنىڭ ئىلگىرىكى گۇناھلىرى مەغپىرەت قىلىندى». [بۇخارى رىۋايىتى 2009-ھەدىس. مۇسلىم رىۋايىتى759-ھەدىس].

   ھەدىسنىڭ كۆرۈنۈشىدىن رامزاننىڭ كېچىلىرىنىڭ ھەممىسىدە قىيامدا تۇرۇش مەقسەت قىلىنىدۇ، مەيلى مەسچىتتە جامائەت بىلەن بىرگە تۇرسۇن ياكى ئۆيىدە يالغۇز تۇرسۇن ئوخشاش، رامزاندا مەسچىتتە جامائەت بىلەن قىيامدا تۇرغانلارمۇ، ئۆيىدە يالغۇز قىيامدا تۇرغانلارمۇ بۇ ھۆكۈمنىڭ دائىرىسىگە كېرىدۇ.

سەنئانىي رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "بۇ ھەدىسنىڭ رامزاننىڭ ھەممە كېچىلىرىدە قىيامدا تۇرۇشنى مەقسەت قىلىش ئېھتىماللىقى بار، ئەگەر بەزى كېچىلىرىدە تۇرسا، ھەدىستە زىكىر قىلىنغان مەغپىرەت ھاسىل بولماسلىقى مۇمكىن، نۇ ھەدىستە ئېنىق". ["سۇبۇلەسسالام" 4-توم 182-بەت].

   شەيخ ئىبنى ئۇسەيمىن رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "ھەدىستىكى: «رامزاندا قىيامدا تۇرسا» دېگەنلىك، يەنى: رامىزان ئېيىدا دېگەنلىك بولۇپ، بۇ ئاينىڭ ئەۋۋىلىدىن تارتىپ ئاخىرغىچە ھەممىسىنى ئۆز ئېچىگە ئالىدۇ". ["شەرھى بۇلۇغۇل مارام" 3-توم 290-بەت].

  شەيخ ئىبنى جىبرىين رەھىمەھۇللاھ "پەتىۋالار" ناملىق ئەسىرى 9-توم 24-بەتتە مۇنداق دەيدۇ: "رامىزان كېچىلىرىدە قىيامدا تۇتۇش دېگەن: ھەر كېچىنىڭ يېرىمى، ئۈچتىن بىرى، ئالتىدىن بىرى دېگەندەك ۋاقىتلاردا تۇرسا ۋە ئون بىر رەكەت، ئون ئۈچ رەكەت، يىگىرمە رەكەت ناماز ئادا قىلىش بىلەن ، مەھەللە مەسچىتىگە ئەگىشىپ ناماز ئادا قىلىپ ئىمام بىلەن بىرگە نامازدىن يانسا گەرچە ئۇ بىر سائەتتىن ئازراق ۋاقىت بولسىمۇ بۇ ئەجىرگە ئېرىشىدۇ".

   رامزاننىڭ بەزى كېچىلىرى قىيامدا تۇرالمىغان كىشى بولسا، ئەگەر قىيامدا تۇرالماسلىق مەلۇم ئۆزۈرلەر بىلەن بولغان بولسا، ئۇ كىشى ئۈچۈنمۇ ھەدىستە زىكىر قىلىنغان پەزىلەت ئۈمىت قىلىنىدۇ. بۇ توغرىدا پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «ئىنسان كېسەل بولۇپ قالسا ياكى سەپەردە بولسا، ئۇ كىشى ئۈچۈن مۇقىم ۋاقتىدا ۋە ساق ۋاقتىدا قىلغان ئەمىلىگە ساۋاپ بېرىلگەنگە ئوخشاش ساۋاپ بېرىلىدۇ» [بۇخارى رىۋايىتى 2996-ھەدىس].

   قەستەلانىي رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "ھەدىستىكى: «رامزاندا قىيامدا تۇرسا» دېگەنلىك، رامىزان كېچىلىرىنىڭ ھەممىسىدە ياكى بەزى كېچىلىرى مەلۇم ئۈزۈرلەر سەۋەبىدىن تۇرالمىغان بولسا، نىيىتىدە ئۈزۈر بولمىسا قىيامدا تۇرۇش بولسا، ئۇ كىشىگىمۇ ھەدىستە بايان قىلىنغان پەزىلەت ھاسىل بولىدۇ". ["ئىرشادۇس سارىي" 3-توم 425-بەت].

    ئەمما رامزاننىڭ بەزى كېچىلىرى ھورۇنلۇق قىلىپ قىيامدا تۇرۇشنى تەرك قىلىدىكەن، ھەدىسنىڭ كۆرۈنىشى بويۇنچە ئۇ كىشى ھەدىستە زىكىر قىلىنغان پەزىلەتنى تاپالمايدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن مۇسۇلمان كىشى تەراۋىھ نامىزىنى مەسچىتتە جامائەت بىلەن بىرگە ئادا قىلىشقا ھېرىسمەن بولىشى كېرەك. ئەگەر جامائەت بىلەن تۇرۇپ بولالمىسا ياكى بىرەر ئۈزۈر بولۇپ قالسا، تاقىتى يېتىشچە ئۆيىدە ئادا قىلىشى كېرەك.

   ھەممىدىن توغرىنى ئاللاھ تائالا ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى