جۈمە 19 رامىزان 1445 - 29 مارت 2024
Uygur

ئىسلام توغرىسىدا تەپەككۇر قىلىش

سۇئال

مەن دەھرىلەرنىڭ تور بەتلىرىدىن: ئىسلام تەپەككۇر-پىكىر قىلىشتىن چەكلەيدۇ دېگەن سۆزلەرنى ئوقۇدۇم، مۇشۇنداق شۈبھىلەرگە قانداق رەددىيە بىرىشىم كېرەك؟.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل مەدھىيلەر ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھ تائالاغا خاستۇر، پەيغەمبىرىمىزمۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئائىلە تاۋابىئاتلىرى، بارلىق ساھابىلىرى ۋە قىيامەتكىچە توغرا يولغا ئەگەشكەنلەرگە ئاللاھنىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

    بىرىنچى: مۇسۇلمان ئۆزىنىڭ ئەقىدىسى، ئىمانىنى مۇھاپىزەت قىلىشى، ئاڭ-سەۋىيەسى ۋە پىكىر-قاراشلىرىنىڭ ساغلام بولىشىغا كۆڭۈل بۆلىشى، شەك-شۈبھە ۋە پىتنىلەردىن دىنى ۋە دىلى بىلەن يىراق تۇرىشى كېرەك بولىدۇ، چۈنكى دىل دېگەن نازۇك بولۇپ، تارتىۋېلىنىدىغان نەرسىگە ئوخشايدۇ، بىدئەتچى، ئازغۇن پىرقىلەرنىڭ رەڭلىگەن پال-پۇللىرى دىلنى ئالداپ كېتىدۇ، چۈنكى دىل ئەمەلىيەتتە ئىنتايىن سەزگۈر ۋە نازۇك بىر نەرسىگە ئوخشايدۇ.

    بىدئەتچى، ئازغۇن پىرقىلەرنىڭ ياكى شېرىك-خۇراپاتچىلارنىڭ كىتابلىرىغا، ياكى باشقا دىندىكىلەرنىڭ ئۆزگەرتىلگەن كىتابلىرىغا، ياكى دەھرى، مۇناپىقلارنىڭ كىتابلىرىغا ياكى ئۇلارنىڭ مۇشۇنداق بۇرمىلانغان، شەك-شۈبھە پەيدا قىلىدىغان پىكىر-قاراشلارنى تارقىتىدىغان ئىجتىمائى ئۇچۇر ۋاستىلىرىغا كىرىش ۋە ئۇنىڭدىكى نەرسلەرگە قاراش توغرا بولمايدۇ، پەقەت شەرىئەت بىلىملىرىنى تولۇق ئىگەللىگەن، ئۇنى ئوقۇش بىلەن بىرگە ئۇلارنىڭ پىكىر-قاراشلىرىنىڭ خاتا ئىكەنلىكىنى بايان قىلىپ رەت قايتۇرالايدىغان كىشى بولسا ئۇلار كۆرسە ۋە ئوقۇسا ۋە ئۇلارغا رەت قايتۇرسا بولىدۇ.

    ئەمما شەرىئەت بىلىملىرىنى تولۇق بىلمىگەن ياكى بىلىمسىز كىشى ئۇلارنىڭ تور بەتلىرىگە قاراپ ياكى يازمىلىرىنى ئوقۇغان ۋاقىتتا دىلىدىكى ئىشەنچىسىنىڭ ئاجىزلىقىدىن شۈبھىلىك نەرسىلەردىن تەۋرىنىپ ھەيران قالىدۇ.

كۆپچىلىك كىشىلەر بۇ ئازدۇرۇشقا ئۇچرايدۇ، ھەتتا بىلىم سەۋىيسى تولۇق بولمىغان بەزى دىنى ئوقۇغۇچىلارمۇ ئىزىپ كېتىپ ئاقىۋەتتە  توغرا يولدىن چىقىپ ئازغۇنلاردىن بولۇپ كېتىدۇ. بۇنداق بولۇشتىن ئاللاھ ساقلىسۇن.

    كۆپ ۋاقىتلاردا بۇ كىتابلارغا قارىغۇچىنىڭ دىلى دۈچ كەلگەن شەك-شۈبھىلەردىن كۈچلۈك بولسا ئالدىنىپ قالمايدۇ، ئەگەر ئۇنداق بولمىغاندا ئازغۇنلارنىڭ كىتابىنى كۆپ ئوقۇش بىلەن ئۇ كىشىنىڭ دىلىغىمۇ ئويلىمىغان تەرەپتىن شەك-شۈبھىلەر سېڭىپ كېرىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن ئىلگىرىكى ئالىملار بۇنداق كىتابلارنى ئوقۇش ۋە مۇراجىئەت قىلىشنى چەكلىگەن. بۇ توغرىدىكى ئالىملارنىڭ قاراشلىرىنى 92781-نومۇرلۇق سوئالنىڭ جاۋابىدا زىكىر قىلدۇق شۇنىڭغا قارالسۇن.

    ئىككىنچى: ئىسلامنى ئۆزىنىڭ ئەڭ ئۇلۇغ مەركىزى ئاساسى بولغان قۇرئان كەرىم ۋە سۈننىتى رەسۇلۇللاھتىن  ئىلىپ ئۈگىنىش كېرەك.

   ئىسلام تەپەككۇر قىلىشقا ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلدى، بۇ نۇرغۇن ئايەتلەردە روشەن ئىپادىلەندى، قۇرئان كەرىمدە بۇنى ئىپادىلەيدىغان ئايەتلەر ئون نەچچە يەردە تەكرار بايان قىلىندى: سىلەر ئەقلىڭلارنى ئىشلىتىڭلار، پىكىر قىلىدىغان قەۋم ئۈچۈن دەلىللەر بار ۋە چۈشىنىدىغان قەۋم ئۈچۈن» دېگەندەك ئايەتلەر بايان قىلىنغان.

   ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدە كىشىلەرنى پىكىر قىلىش ۋە تەپەككۇر قىلىشقا چاقىرىپ مۇنداق دەيدۇ:  كِتَابٌ أَنْزَلْنَاهُ إِلَيْكَ مُبَارَكٌ لِيَدَّبَّرُوا آيَاتِهِ وَلِيَتَذَكَّرَ أُولُو الْأَلْبَابِ   تەرجىمىسى: (بۇ) ئۇلارنىڭ ئايەتلەرنى تەپەككۈر قىلىشلىرى ئۈچۈن، ئەقىل ئىگىلىرىنىڭ ۋەز - نەسىھەت ئېلىشلىرى ئۈچۈن بىز ساڭا نازىل قىلغان مۇبارەك كىتابتۇر. [سۈرە ساد 29-ئايەت].

   ئاللاھ تائالا ئۆزىنىڭ مەخلۇقاتلىرى توغرىسىدا پىكىر قىلىشقا چاقىرىپ مۇنداق دەيدۇ:  أَوَلَمْ يَتَفَكَّرُوا فِي أَنْفُسِهِمْ مَا خَلَقَ اللَّهُ السَّمَاوَاتِ وَالْأَرْضَ وَمَا بَيْنَهُمَا إِلَّا بِالْحَقِّ وَأَجَلٍ مُسَمًّى وَإِنَّ كَثِيرًا مِنَ النَّاسِ بِلِقَاءِ رَبِّهِمْ لَكَافِرُونَ   تەرجىمىسى: ئۇلار (ئاقىۋىتىنىڭ قانداق بولىدىغانلىقىنى بىلىشلىرى ئۈچۈن) ئۆزلىرى ئۈستىدە پىكىر يۈرگۈزمەمدۇ؟ ئاللاھ ئاسمانلارنى، زېمىننى ۋە ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى (يۇلتۇز قاتارلىق) نەرسىلەرنى پەقەت ھەق ۋە مۇئەييەن ۋاقىتلىق قىلىپ ياراتتى، شەك – شۈبھىسىزكى، نۇرغۇن كىشىلەر پەرۋەردىگارىغا مۇلاقات بولۇشنى (قايتا تىرىلىدىغانلىقىنى، قىلغان ئەمەلىگە يارىشا مۇكاپاتلىنىدىغانلىقىنى ياكى جازالىنىدىغانلىقىنى) ئىنكار قىلغۇچىدۇر. [سۈرە رۇم 8-ئايەت].

    ئاللاھ تائالا دۇنيادا ئۆز ئەقلى ئىقتىدارىنى جارى قىلدۇرماي، ئەقلىدىن توغرا شەكىلدە پايدىلانماي دوزاخقا چۈشۈپ كەتكەنلەرنى ئەيىپلەپ ۋە ئۇلارنىڭ سۆز-ھەرىكەتلىرىنى بايان قىلىپ مۇنداق دەيدۇ:  وَقَالُوا لَوْ كُنَّا نَسْمَعُ أَوْ نَعْقِلُ مَا كُنَّا فِي أَصْحَابِ السَّعِيرِ  تەرجىمىسى: «ئۇلار: ئەگەر بىز (پەيغەمبەرنىڭ سۆزلىرىنى) ئاڭلىغان، ياكى چۈشەنگەن بولساق، ئەھلى دوزاخ قاتارىدا بولماس ئىدۇق دەيدۇ.» [سۈرە مۇلۇك 10-ئايەت].

    ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:  أَفَلَمْ يَسِيرُوا فِي الْأَرْضِ فَتَكُونَ لَهُمْ قُلُوبٌ يَعْقِلُونَ بِهَا أَوْ آذَانٌ يَسْمَعُونَ بِهَا فَإِنَّهَا لَا تَعْمَى الْأَبْصَارُ وَلَكِنْ تَعْمَى الْقُلُوبُ الَّتِي فِي الصُّدُورِ   تەرجىمىسى: ئۇلار زېمىندا سەير قىلمىدىمۇ؟ شۇنىڭ بىلەن ئۇلار (يەنى سەير قىلىپ) چۈشىنىدىغان دىللارغا، ياكى ئاڭلايدىغان قۇلاقلارغا ئىگە بولمىدىمۇ؟ ھەقىقەتەن كۆزلەرلا كور بولمايدۇ، لېكىن كۆكرەكلەردىكى قەلبلەر كور بولىدۇ (يەنى ھەقىقىي كورلۇق كۆزنىڭ كورلۇقى ئەمەس، دىلنىڭ كورلۇقىدۇر، كور ئادەم ئىبرەت ئالمايدۇ ۋە چۈشەنمەيدۇ. [سۈرە ھەج 46-ئايەت].

    تەپەككۇر قىلىشمۇ ئىبادەت بولۇپ، ئاللاھ تائالا بۇنىڭغا ئاگاھلاندۇرۇش بېرىپ مۇنداق دەيدۇ: إِنَّ فِي خَلْقِ السَّمَاوَاتِ وَالْأَرْضِ وَاخْتِلَافِ اللَّيْلِ وَالنَّهَارِ لَآيَاتٍ لِأُولِي الْأَلْبَابِ * الَّذِينَ يَذْكُرُونَ اللَّهَ قِيَامًا وَقُعُودًا وَعَلَى جُنُوبِهِمْ وَيَتَفَكَّرُونَ فِي خَلْقِ السَّمَاوَاتِ وَالْأَرْضِ رَبَّنَا مَا خَلَقْتَ هَذَا بَاطِلًا سُبْحَانَكَ فَقِنَا عَذَابَ النَّارِ تەرجىمىسى: «شۈبھىسىزكى، ئاسمانلارنىڭ ۋە زېمىننىڭ يارىتىلىشىدا، كېچە بىلەن كۈندۈزنىڭ نۆۋەتلىشىپ تۇرۇشىدا ئەقىل ئىگىلىرى ئۈچۈن، ئەلۋەتتە، روشەن دەلىللەر بار، ئۇلار ئۆرە تۇرغاندىمۇ، ئولتۇرغاندىمۇ، ياتقاندىمۇ ئاللاھنى ئەسلەپ تۇرىدۇ، ئاسمانلارنىڭ ۋە زېمىننىڭ يارىتىلىشى توغرىسىدا پىكىر يۈرگۈزىدۇ. (ئۇلار ئېيتىدۇ) پەرۋەردىگارىمىز! بۇنى بىكار ياراتمىدىڭ، سەن پاكتۇرسەن، بىزنى دوزاخ ئازابىدىن ساقلىغىن. [سۈرە ئال-ئىمران 190-191-ئايەتلەر].

    ئۇستاز سەئدىي رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: " شۈبھىسىزكى، ئاللاھ تائالا ئاسمانلارنىڭ ۋە زېمىننىڭ يارىتىلىشىدا، كېچە بىلەن كۈندۈزنىڭ نۆۋەتلىشىپ تۇرۇشىدا ئەقىل ئىگىلىرى ئۈچۈن، ئەلۋەتتە، روشەن دەلىللەر باردەپ خەۋەر بېرىدۇ، بۇ ئايەت يەنە بەندىلەرنى ئاللاھنىڭ مەخلۇقاتلىرى توغرىسىدا پىكىر قىلىش، ئالامەتلىرى توغرىسىدا مۇلاھىزە قىلىش، ئۇ نەرسىلەرنى ياراتقانلىقى ھەققىدە ئويلىنىشقا رىغبەتلەندۈرۈشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، ئاللاھ تائالا پالانى دەلىل دېمەستىن بەلكى روشەن دەلىللەر بار دەپ، دەلىللەرنىڭ كۆپ ۋە تۈرلۈك بولغانلىقى ئۈچۈن بۇ ئايەتنى مۇجمەل شەكىلدە بايان قىلدى، بۇنداق بولىشى، ئاسمانلار ۋە زېمىننىڭ ئارىسىدا نەزەر سالغۇچىلارنى ھاڭ-تاڭ قالدۇرىدىغان، پىكىر قىلغۇچىلارنى قانائەتلەندۈرىدىغان، سەمىمى ئەقىل ئىگىلىرىنى ئۆزىگە جەلب قىلىدىغان دەلىللەر بولۇپ، بۇ نۇر ئەقىلنى ئىلاھى غايىلەرنىڭ ھەممىسىگە يىتەكلەيدۇ، ئەمما ئۇنىڭ ھەر بىرىنىڭ تەپسىلاتىنىڭ ھەممىسىنى ياكى بەزىسىنى بىر مەخلۇقنىڭ بىلىپ بولىشى مۇمكىن بولمايدۇ.

    ئومۇمەن: ئاسمانلار ۋە زېمىن ئارىسىدىكى نەرسىلەر، ئۇنىڭ كاتتىلىقى ۋە كەڭىرلىكى، تەرتىپلىك ھەرىكەتلىنىشى ئۇنى ياراتقۇچىنىڭ ئۇلۇغلىقى، ھۆكۈمرانلىقىنىڭ كاتتىلىقى، كۈچ-قۇدىرتىنىڭ چەكسىزلىكى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ.

   ئۇنىڭدىكى مۇستەھكەملىك، پۇختىلىق، تەڭداشسىز كەشپىياتلار، گۈزەل ھەرىكەتلەر، ئاللاھ تائالانىڭ ئىلمىنىڭ كەڭرى ئىكەنلىكى ۋە ھەر نەرسىنى ئۆز ئورنىغا ئورۇنلاشتۇرۇشتىن ئىبارەت بولغان چەكسىز ھېكمىتىنى بىلدۈرىدۇ.

   ئۇنىڭدىن كىشىلەرگە يېتىدىغان مەنپەئەتلەر بولسا، ئاللاھنىڭ رەھمىتىنىڭ كەڭرى ئىكەنلىكى، پەزلى-ئېھسانىنىڭ ئومۇمى ئىكەنلىكى، ياخشىلىقىنىڭ ھەممىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغانلىقى ۋە بۇنىڭغا شۈكۈر ئېيتىشنىڭ زۆرۈر ئىكەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ.

    يۇقىرىدا بايان قىلىنغانلارنىڭ ھەممىسى دىلنىڭ ئۆز ياراتقۇچىسى ۋە پەيدا قىلغۇچىسىغا ئالاقىدار بولىدىغانلىقى، ئۇنى رازى قىلىش يولىدا كۆپ تېرىشچانلىق قىلىش كېرەكلىكى، ئۆزى ۋە باشقىلار ئۈچۈن ئاسمانلار ۋە زېمىندا ھېچ نەرسىگە ئىگە بولالمايدىغان نەرسىنى ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرمەسلىك كېرەكلىكىنى بىلدۈرىدۇ.

    ئاللاھ تائالا روشەن دەلىل ۋە ئايەتلەرنى ئەقىل ئىگىلىرىگە خاس قىلدى، چۈنكى ئۇنىڭدىن مەنپەئەتلىنىدىغان كىشىلەر بولسا، كۆزى بىلەن ئەمەس بەلكى ساغلام ئەقلى بىلەن نەزەر سالغۇچىلاردۇر. 

    ئاندىن ئاللاھ تائالا ئەقىل ئىگىلىرىنى ئۇلار ئۆرە تۇرغان، ئولتۇرغان ۋە يىنەچە ياتقان بارلىق ھالەتلىرىدە ئاللاھنى ياد ئېتىدۇ ۋە زىكىر قىلىدۇ دەپ سۈپەتلىدى. بۇ دىلى ۋە تىلى بىلەن ئېيتىلىدىغان زىكىرنىڭ ھەممە تۈرلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، ئۆرە تۇرۇپ ئوقۇلىدىغان، قادىر بولالمىسا ئولتۇرۇپ ئوقۇغان، ئۇنىڭغا قادىر بولالمىسا يىنىچە ئوقۇغان نامازمۇ بۇنىڭ جۈملىسىدىن ھېسابلىنىدۇ، ئۇلار ئاسمانلار ۋە زېمىننىڭ يارىتىلىشى توغرىسىدا پىكىر قىلىشىدۇ، بۇنىڭ بىلەن ئاسمانلار ۋە زېمىننى يارىتىشتىن بولغان مەخسەتنى ئىپادىلەيدۇ.

مانا بۇ تەپەككۇر قىلىشنىڭ ئىبادەت ئىكەنلىكىنىڭ تىپىك مىسالىدۇر. شۇنداقلا تەپەككۇر قىلىش بولسا، ئاللاھنىڭ يېقىن بەندىلىرىنىڭ سۈپىتى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ، ئۇلار ھەقكە يېتىش ئۈچۈن تەپەككۇر قىلغان ۋاقتىدا، ئاللاھ تائالانىڭ ئۇ نەرسىلەرنى بىكارغا ياراتمىغانلىقىنى بىلىدۇ، ۋە: پەرۋەردىگارىمىز! سەن بۇ نەرسىلەرنى بىكار ياراتمىدىڭ، سەن ئۆزۈڭنىڭ ئۇلۇغلىقىڭغا لايىق بولمايدىغان بارلىق ئەيىپ-نۇقسانلاردىن پاكتۇرسەن، بەلكى ئۇ نەرسىلەرنى ھەق بىلەن، ھەق ئۈچۈن ۋە ھەقنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھالەتتە ياراتتىڭ، بىزنى دوزاخ ئازابىدىن ۋە يامانلىقلاردىن ساقلىغىن، بىزنى ياخشى ئەمەللەرگە مۇۋەپپەق قىلغان، شۇ ئارقىلىق بىز دوزاخ ئازابىدىن نىجات تاپىلى دەيدۇ". [تەپسىر سەئدىي 161-بەت].

    ئەتا ئىبنى رەباھ مۇنداق دەيدۇ: مەن ئۇبەيدە ئىبنى ئۇمەير بىلەن ئائىشە رەزىيەللاھۇئەنھانىڭ يېنىغا كىردىم، ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا ئۇبەيد ئىبنى ئۇمەيرگە: ئۇزۇن ۋاقىتتىن بىرى بىزنى زىيارەت قىلىپ كەلمىدىڭغۇ؟ دېگەندە، ئۇبەيد: ئى ئانا! مەن سىزگە ئىلگىركىلەرنىڭ مۇنۇ سۆزىنى دەپ بىرەي: ئۇزۇندا زىيارەت قىلساڭ، ياخشى كۆرۈشنى زىيادە قىلىسەن دەپتىكەن دېگەن ئىدى، ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا ئۇنىڭغا: قويە بۇنداق چۈشىنىكسىز سۆزلىرىڭنى دېدى. ئىبنى ئۈمەير: سىلە بىزگە پەغەمبەرئەلەيھىسسالامدىن كۆرگەن ھەيران قالارلىق بىر ئىشنى سۆزلەپ بەرسىلە؟دېدى، ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا بىر ئاز جىم بولۇپ، ئاندىن مۇنداق دېدى: مېنىڭ نۆۋبىتىم كەلگەن بىر كېچىدە، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ماڭا: ئى ئائىشە! بۇ كېچىدە مېنى پەرۋەردىگارىمغا ئىبادەت قىلغىلى قويغىن دېدى، مەن: ئاللاھ بىلەن قەسەم! مەن سىلىنىڭ ئاللاھقا يېقىنلىشىشلىرىنى ۋە سىلىنى خۇرسەن قىلىدىغان ئىشنى ياخشى كۆرىمەن دېدىم، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئورنىدىن تۇرۇپ تاھارەت ئىلىپ، نامازغا تۇردى، نامازدا كۆپ يىغلاپ ساقاللىرىمۇ ھۆل بولۇپ كەتتى، ئاندىن يەنە يىغلىدى، كۆپ يىغلىغانلىقتىن ناماز ئوقۇغان يەرمۇ ھۆل بولۇپ كەتتى، ئاندىن بىلال رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ نامازغا ئەزان ئېيتقىلى كەلگەندە، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ يىغلاۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ: ئى ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى نېمىگە يىغلايلا؟، ھەقىقەتەن ئاللاھ تائالا سىلىنىڭ ئىلگىركى ۋە كېيىنكى بارلىق خاتالىقلىرىنى ئەپۇ قىلىۋەتكەن تۇرسا؟ دېدى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: ئاللاھ تائالاغا شۈكۈر ئېيتقۇچى بەندە بولمايمەنمۇ؟ ھەقىقەتەن بۇ كېچىدە ماڭا بىر ئايەت نازىل بولدى، بۇ ئايەتنى ئوقۇپ، تەپەككۇر قىلمىغان كىشىنىڭ ھالىغا ۋاي! ئۇ بولسىمۇ: "ھەقىقەتەن ئاسمانلار ۋە زېمىننىڭ يارىتىلىشىدا....." دېگەن ئايەتنى ئوقۇدى» [ئال- ئىمران سۈرىسى 190-ئايەت] . بۇ ھەدىسنى ئىبنى ھىببان ئۆزىنىڭ سەھىھ كىتابى 2-توم 286-بەتتە كەلتۈرگەن. [سەھىھ ھەدىسلەر توپلىمى 1-توم 147-بەت] م. يەنە مۇمكىن بولسا، داڭلىق ئەدىپ ۋە مۇتەپەككۇر ئۇستاز مەھمۇد ئەققادنىڭ مۇشۇ مەسىلە توغرىسىدا يازغان: "تەپەككۇر قىلىش ئىسلامدا پەرىزدۇر" دېگەن ئەسىرىدىن پايدىلىنىش كېرەك.

   ئاللاھ تائالا ھەممىدىن ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى