جۈمە 19 رامىزان 1445 - 29 مارت 2024
Uygur

ھەيزدىن پاك بولغانلىقىغا ئىشەنچ قىلالماستىن يۇيۇنۇپ، تاڭ يورۇشتىن ئىلگىرى پاك بولغانلىقىغا ئىشەنچ قىلىپ، قايتىدىن يۇيۇنماستىن روزا تۇتۇپ، ناماز ئوقۇغانلىقى توغرىسىدا

سۇئال

بىر ئايال پاك بولغانلىقىغا ئىشەنچ قىلالماي كېچىنىڭ ئەۋۋىلىدە يۇيۇندى، بەلكى ئۆز قارىشىدا پاك بولدۇم دەپ ئويلىدى، تاڭ يورۇشتىن ئىلگىرى ئۆزىنىڭ پاك بولغانلىقىغا ئىشەنچ قىلدى، قايتىدىن يۇيۇنماستىن روزا تۇتتى ۋە ناماز ئوقۇدى، ئۇ ئايالنىڭ تۇتقان روزا ۋە ئوقۇغان نامىزى توغرا بولامدۇ؟.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھقا خاستۇر. پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئۇنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى ۋە ساھابىلىرىغا ئاللاھ تائالانىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

    بىرىنچى: ھەيزدىن پاك بولۇش مۇنۇ ئىككى ئىشنىڭ بىرى بىلەن بىلىنىدۇ:

   1-ئاياللارغا تونۇشلۇق بولغان ئاق سۇنىڭ كېلىشى بىلەن بولىدۇ.

   2-ھەيز ئورنىنىڭ تولۇق قۇرۇشى بىلەن بولىدۇ، يەنى ھەيز ئورنىغا پاختا قاتارلىق نەرسىلەرنى قويسا، ئۇ نەرسىلەرگە قېزىل، سېرىك ۋە دۇغ رەڭلەرنىڭ ئىزى قالماستىن پاكىزە چىقىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن ئايال ئۆزىنىڭ تولۇق پاك بولغانلىقىغا ئىشەنچ قىلغانغا قەدەر يۇيۇنۇشقا ئالدىرىماسلىق كېرەك.

    ئىمام بۇخارى رەھىمەھۇللاھ: "ھەيزنىڭ باشلىنىشى ۋە ئاخىرلىشىشى" ناملىق بۆلۈمدە مۇنداق دەيدۇ: "پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ دەۋرىدە ئاياللار ئۆزلىرىنىڭ پاك بولغانلىقىنى بىلىش ئۈچۈن ھەيز ۋاقىتىدا ئىشلەتكەن سېرىقلىق يۇققان پاختىلارنى ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھاغا ئەۋەتىپ سورايتتى، ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا ئۇلارغا: ئالدىرىماڭلار، پاختىلارنىڭ سېرىقلىق ئارىلاشمىغان ساپ ئاق ھالەتتە چىققانلىقىنى كۆرگەندىن كېيىن يۇيۇنۇڭلار يەنى ھەيزدىن تولۇق پاك بولغاندىن كېيىن يۇيۇنۇڭلار دەيتتى.

    زەيد ئىبنى سابىت رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ قىزىغا: "ئاياللارنىڭ يېرىم كېچىدە چىراقنى يېقىن قىلىپ ئۆزىنىڭ ھەيزدىن پاك بولغان ياكى بولمىغانلىقىنى تەكشۈرىدىكەن دېگەن خەۋەر يەتكەندە، ئۇ ئايال ئۇلارنى ئەيىبلەپ، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ دەۋرىدە ئاياللار ئۇنداق قىلمايتتى دېگەن".

   ئىككىنچى: ئايال كىشى تاڭ يورۇشتىن بۇرۇن ھەيزدىن پاك بولغان بولسا، ئۇ ئايالنىڭ شۇ كۈنىدە روزا تۇتۇشى كېرەك بولىدۇ.

    ئەگەر ھەيزدىن پاك بولغانلىقىغا ئىشەنچ قىلالمىسا، ئۇ ئايالنىڭ تۇتقان روزىسى توغرا بولمايدۇ، ئەگەر شۇ كۈندە ئۇ ئايالدىن بىر نەرسە كەلمىسىمۇ شۇنداق بولىدۇ، چۈنكى روزا تۇتۇشنى مەقسەت قىلىش، ھەيزدىن تولۇق پاك بولغانلىقىغا ئىشەنچ قىلىش بىلەن توغرا بولىدۇ.

     ئۈچىنچى: ئايال ئۆزىنىڭ پاك بولغانلىقىغا ئىشەنچ قىلالماستىن كېچىنىڭ ئەۋۋىلىدە يۇيۇنغان بولسا، تاڭ يورۇشتىن ئىلگىرى پاك بولغانلىقىغا ئىشەنچ قىلغان بولسا، روزا تۇتىدۇ، ناماز ئوقۇيدۇ، قايتىدىن يۇيۇنمىغان بولسا، تۇتقان روزىسى توغرا بولىدۇ، ئەمما ئوقۇغان نامىزى توغرا بولمايدۇ. چۈنكى روزا ئۈچۈن يۇيۇنۇش كېرەك بولمايدۇ بەلكى ھەيزدىن تولۇق پاك بولىشى شەرت قېلىنىدۇ.

     "مۇنتىھىل ئىرادات"ناملىق ئەسەر 1-توم 52-بەتتە مۇنداق بايان قىلىنغان: ئايالنىڭ ھەيز، نىپاس دەۋرىدە يۇيۇنىشى چەكلەنگەنلىكى ئۈچۈن، ھەيز، نىپاستىن پاك بولغاندا يۇيۇنىشى كېرەك بولىدۇ".

    "كەشاپۇل قىنا" ناملىق ئەسەر 1-توم 146-بەتتە يۇيۇنۇش كېرەك قىلىدىغان ئامىللارنى زىكىر قىلىپ مۇنداق بايان قىلىنغان: "بەشىنچىسى؛ ھەيزدۇر، بۇ توغرىدا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام پاتىمە بىنتى ئەبى ھۇبەيشكە مۇنداق دېگەن: ھەيزدىن پاك بولغاندىن كېيىن يۇيۇنۇپ، ناماز ئوقۇغىن. [بىرلىككە كەلگەن ھەدىس]. پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام پاتىمە بىنتى ئەبى  ھۈبەيشتىن باشقا، ئۇممۇ ھەبىبە، سەھلەتە بىنتى سۈھەيل ۋە ھىمنە قاتارلىقلارنىمۇ شۇنداق قىلىشقا بۇيرىغان.

    بۇ ھەدىسنىڭ مەزمۇنىنى ئاللاھ تائالانىڭ مۇنۇ ئايىتى كۇچلاندۇرىدۇ:  فَإِذَا تَطَهَّرْنَ فَأْتُوهُنَّ  تەرجىمىسى: ئاياللار پاك بولغاندىن كېيىن ئۇلار بىلەن بىرگە بولۇڭلاردېگەن. [سۈرە بەقەرە 222-ئايەتنىڭ بىرقىسمى].

    ئايال ھەيزدىن پاك بولغاندىن كېيىن يۇيۇنۇشتىن ئىلگىرى ئۇنىڭ بىرگە بولۇش چەكلىنىدۇ، بۇ ئايالنىڭ ھەيزدىن پاك بولغاندىن كېيىن يۇيۇنۇشىنىڭ زۆرۈر ئىكەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ، ھەيزنىڭ كېلىشى بىلەن يۇيۇنۇش كېرەك بولىدۇ، ھەيزنىڭ سەۋەبى بىلەن ھۆكۈم بېكىتىلىدۇ، ھەيزنىڭ ئۈزۈلۈشى ناماز، روزا ۋە ئەر-ئايالچىلىق قىلىشنىڭ دۇرۇس بولىشىنىڭ شەرتىدۇر.

   ئاللاھ تائالا ھەممىدىن ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى