سەيشەنبە 14 شەۋۋال 1445 - 23 ئاپرىل 2024
Uygur

ئۆز ساھىبىنى ئىسلامدىن چىقىرىۋېتىدىغان ئەمەللەر

سۇئال

مۇسۇلمان قانداق ئەمەللەرنى قىلسا ئىسلامدىن چىقىپ كەتكەن مۇرتەد ھېسابلىنىدۇ؟، بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل مەدھىيىلەر ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھ تائالاغا خاستۇر.

پەزىلەتلىك شەيخ ئابدۇلئەزىز ئىبنى ئابدۇللاھ ئىبنى باز رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "ئى مۇسۇلمان قېرىندىشىم! بىلىڭكى، ئاللاھ تائالا پۈتۈن ئىنسانلارنىڭ ئىسلام دىنىغا كىرىشى ۋە ئۇنىڭغا مەھكەم ئېسىلىشى، ئىسلام دىنىنىڭ پرىنسىپلىرىغا قارشى ئىشلاردىن ساقلىنىشى ئۈچۈن، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنى بۇ بۈيۈك چاقىرىق بىلەن ئىنسانىيەتكە ئەلچى قىلىپ ئەۋەتتى. شۇنداقلا مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا ئەگەشكۈچىلەرنىڭ ئاللاھنىڭ ھىدايىتىگە مۇيەسسەر بولىدىغانلىقى، ئۇنىڭدىن يۈز ئۆرۈگۈچىلەر ئازغۇنلىققا دۇچار بولىدىغانلىقىنى ئاللاھ تائالا خەۋەر بەردى.

كۆپلىگەن ئايەتلەردە دىندىن يېنىۋېلىش، تۈرلۈك شېرىك ۋە كۇپرىغا ئىلىپ بارىدىغان ئامىللاردىن ئاگاھلاندۇردى. بۇنىڭغا ئالاقىدار مەسىلىلەرنى، ئۆلىمالار مۇرتەد بولغۇچىنىڭ ھۆكمى ناملىق ئەسەرلىرىدە زىكىر قىلدى.

مۇسۇلمان گاھىدا قېنى ۋە مېلى مۇسۇلمانلار ئۈچۈن ھالال بولىدىغان ۋە ئۇنى دىندىن چىقىرىۋېتىدىغان ھەر تۈرلۈك ئىشلارنى سادىر قىلىپ، ئىسلام دىنىدىن چىقىپ كېتىشى مۇمكىن. كۇپرىغا ئىلىپ بارىدىغان ئىشلارنىڭ ئەڭ خەتەرلىكى ۋە ئەڭ كۆپ سادىر بولىدىغىنى تۆۋەندىكىدەك ئون ئىشتىن ئىبارەت بولۇپ، تۆۋەندە سىزگە بۇ ھەقتە ئۆزىڭىز ۋە باشقىلارنى ئاگاھلاندۇرۇشىڭىزنى، ئەقىدىڭىزگە سالامەتلىك ۋە ساغلاملىق ئۈمىد قىلغان ھالدا قىسقىچە چۈشەنچە بېرىش بىلەن بىرگە، ئۇنى تەرتىپ بىلەن بايان قىلىمىز:

بىرىنجى: ئىبادەتتە ئاللاھغا شېرىك كەلتۈرۈش. (يەنى يالغۇز بىر ئاللاھقىلا ئىبادەت قىلماي، ئۇ زاتقا باشقا نەرسىلەرنى قوشۇپ ئىبادەت قىلىش.م-). ئاللاھ تائالا بۇ ھەقتە مۇنداق دەيدۇ: إِنَّ اللَّـهَ لَا يَغْفِرُ أَن يُشْرَكَ بِهِ وَيَغْفِرُ مَا دُونَ ذَٰلِكَ لِمَن يَشَاءُ تەرجىمىسى: ئاللاھ ھەقىقەتەن ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرۈش گۇناھىنى مەغپىرەت قىلمايدۇ، خالىغان ئادەمنىڭ ئۇنىڭدىن باشقا گۇناھىنى مەغپىرەت قىلىدۇ [سۈرە نىسا 116-ئايەت].

ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: إِنَّهُ مَن يُشْرِكْ بِاللَّـهِ فَقَدْ حَرَّمَ اللَّـهُ عَلَيْهِ الْجَنَّةَ وَمَأْوَاهُ النَّارُ وَمَا لِلظَّالِمِينَ مِنْ أَنصَارٍ تەرجىمىسى: كىمكى ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرىدىكەن (يەنى ئاللاھتىن غەيرىيگە ئىلاھ دەپ ئېتىقاد قىلىدىكەن)، ئاللاھ ئۇنىڭغا جەننەتنى ھارام قىلىدۇ، ئۇنىڭ جايى دوزاخ بولىدۇ، زالىملارغا ھېچبىر مەدەتكار (يەنى ئاللاھنىڭ ئازابىدىن قۇتۇلدۇرغۇچى) بولمايدۇ. [سۈرە مائىدە 72-ئايەت].

شۇنداقلا ئۆلۈكلەردىن ياردەم سوراپ دۇئا قىلىش، ئۇلارغا نەزرە ئاتاش، ئۇلارغا ئاتاپ قان قىلىش قاتارلىقلارمۇ ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرگەنلىك بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.

ئىككىنجى: كىمكى ئاللاھ بىلەن ئۆزى ئارىسىدا بىرەر نەرسىنى ۋەسىلە قىلىپ، ئۇنىڭغا سېغىنسا ياكى شاپائەت تەلەپ قىلسا، ئۇنىڭغا تەۋەككۈل قىلسا، ئۇ كىشى مەزكۇر قىلمىشلىرى سەۋەبلىك ئىسلام دىنىدىن چىقىپ كېتىدۇ.

ئۈچىنجى: كىمكى مۇشرىكلارنى كاپىر دەپ قارىمىسا، ياكى ئۇلارنىڭ كاپىرلىقىدىن شەك قىلسا ۋە ياكى ئۇلارنىڭ ھاياتتا تۇتۇپ ماڭغان قانۇن پروگراممىلىرىنى توغرا دەپ ئېتىقاد قىلسا، ئۇ كىشىنىڭ ئۆزىمۇ كاپىر ھېسابلىنىدۇ.

تۆتىنجى: كىمىكى ئىنسانلار تەرىپىدىن بارلىققا كەلتۈرۈلگەن باتىل ئىتىقاد ۋە قانۇنلارنى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئېلىپ كەلگەن شەرىئەتتىن ياخشىراق ۋە مۇكەممەل دېگەن كۆز قاراشتا بولسا، يەنى ئىلاھىي قانۇندىن مەخلۇقلار تەرىپىدىن قويۇلغان قانۇن پرىنسىپلارنى ئۈستۈن دەپ قارىسا ئۇ ئادەم كاپىر ھېسابلىنىدۇ.

بەشىنجى: كىمىكى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئېلىپ كەلگەن دىنى ئەھكاملىرىدىن بىرەر نەرسىنى يامان كۆرسە ياكى ئىنكار قىلسا، گەرچە ئۇ، مەزكۇر شەرئى ھۆكۈمنى يامان كۆرۈپ تۇرۇپ، ئۇنىڭغا ئەمەل قىلغان ھالدىمۇ ئاللاھقا كۇپرى قىلغان بولىدۇ. بۇ ھەقتە ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: ذَٰلِكَ بِأَنَّهُمْ كَرِهُوا مَا أَنزَلَ اللَّـهُ فَأَحْبَطَ أَعْمَالَهُمْ تەرجىمىسى: بۇ شۇنىڭ ئۈچۈندۇركى، ئۇلار ئاللاھ نازىل قىلغان كىتابنى (يەنى قۇرئاننى) يامان كۆرۈش بىلەن، ئۆزلىرىنىڭ ئەمەللىرىنى بەربات قىلدى [سۈرە مۇھەممەد 9-ئايەت].

ئالتىنجى: كىمىكى ئاللاھنىڭ رەسۇلىنىڭ شەرىئىتىنى ياكى ئۇنىڭ مۇكاپاتلاش ۋە جازالاشتىن ئىبارەت ھۆكۈملىرىدىن بىرەرسىنى مەسخىرە قىلسا، مەزكۇر قىلمىشى سەۋەبلىك، ئۇ ئىنسان ئىسلام دىنىدىن چىقىپ كېتىدۇ. بۇ ھەقتە ئاللاھ تائالا مۇنداق دېدى: قُلْ أَبِاللَّـهِ وَآيَاتِهِ وَرَسُولِهِ كُنتُمْ تَسْتَهْزِئُونَ، لَا تَعْتَذِرُوا قَدْ كَفَرْتُم بَعْدَ إِيمَانِكُمْ تەرجىمىسى: ئى مۇھەممەد! بۇ مۇناپىقلارغا سىلەر ئاللاھنىڭ دىنىنى، ئاللاھنىڭ ئايەتلىرىنى (يەنى كىتابىنى) ۋە ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرىنى مەسخىرە قىلدىڭلارمۇ؟ سىلەر (يالغان قەسەم ئىچىپ) ئۆزرە ئېيتماڭلار، سىلەر ئىمان ئېيتقىنىڭلاردىن كېيىن، پەيغەمبەرنى مەسخىرە قىلىش بىلەن كاپىر بولدۇڭلار. [سۈرە تەۋبە 65-66-ئايەتلەرنىڭ بىر قىسمى].

يەتتىنجى: سىھېرگەرلىك قىلىش، ئىسسىق سويۇتقا قىلىش، (يەنى جىنلارنى قوللىنىش ئارقىلىق ئەر-ئايال مۇناسىۋىتىگە تەسىر كۆرسىتىشكە تىرىشسا ياكى باشقىلارنى جىن-شەيتانلارنىڭ يولى بىلەن مۇرادىغا يەتكۈزۈشكە رىغبەتلەندۈرسە ۋە ياكى سىھېرگەرلىكنى توغرا دەپ ئىتىقاد قىلسا، ئۇ ئىنسان مەزكۇر قىلمىشى سەۋەبلىك كاپىر بولىدۇ. بۇ ھەقتە ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: وَمَا يُعَلِّمَانِ مِنْ أَحَدٍ حَتَّىٰ يَقُولَا إِنَّمَا نَحْنُ فِتْنَةٌ فَلَا تَكْفُرْ تەرجىمىسى: بۇ ئىككى پەرىشتە بىز كىشىلەرنى سىنايمىز كاپىر بولمىغىن، دېمىگىچە ھېچ كىشىگە سېھىر ئۆگەتمەيتتى. [سۈرە بەقەرە 102-ئايەتنىڭ بىر قىسمى].

سەككىزىنچى: مۇسۇلمانلاردىن، مۇشرىكلارنىڭ سېپىدە تۈرۈپ، مۇسۇلمانلارغا قارشى مۇشرىكلارغا ھەمكارلاشقانلار ئىسلام دىنىدىن چىقىپ كېتىدۇ. بۇ ھەقتە ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: وَمَن يَتَوَلَّهُم مِّنكُمْ فَإِنَّهُ مِنْهُمْإِنَّ اللَّـهَ لَا يَهْدِي الْقَوْمَ الظَّالِمِينَ تەرجىمىسى: سىلەردىن كىمكى ئۇلارنى دوست تۇتىدىكەن، ئۇمۇ ئەنە شۇلاردىن سانىلىدۇ، ئاللاھ زالىم قەۋمنى ھەقىقەتەن ھىدايەت قىلمايدۇ [سۈرە مائىدە 51-ئايەت].

توققۇزىنچى: كىمكى بەزى كىشىلەرنىڭ (يەنى پىر ۋە ئىشان، بىدئەتچىلەرنىڭ) مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ شەرىئىتىدىن چىقىپ تۇرىشىغا كەڭچىلىك بار دەپ ئىتىقاد قىلسا ئۇ كىشى كاپىردۇر. بۇ ھەقتە ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: وَمَن يَبْتَغِ غَيْرَ الْإِسْلَامِ دِينًا فَلَن يُقْبَلَ مِنْهُ وَهُوَ فِي الْآخِرَةِ مِنَ الْخَاسِرِينَ تەرجىمىسى: كىمكى ئىسلام (دىنىدىن) غەيرىي دىننى تىلەيدىكەن، ھەرگىز ئۇ (يەنى ئۇنىڭ دىنى) قوبۇل قىلىنمايدۇ، ئۇ ئاخىرەتتە زىيان تارتقۇچىدۇر. [سۈرە ئال-ئىمران 85-ئايەت].

ئونىنچى: مۇسۇلمان تۇرۇپ ئاللاھنىڭ دىنىدىن يۈز ئۆرۈش، ئۇنى ئۆگەنمەسلىك ۋە ئۆگىنىشكە تىرىشماسلىق، ئەھكاملىرىغا ئەمەل قىلماسلىق سەۋەبلەر تۈپەيلى ئۇ كىشى ئىسلام دىنىدىن چىقىپ كىتىدۇ. بۇ ھەقتە ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: وَمَنْ أَظْلَمُ مِمَّن ذُكِّرَ بِآيَاتِ رَبِّهِ ثُمَّ أَعْرَضَ عَنْهَا إِنَّا مِنَ الْمُجْرِمِينَ مُنتَقِمُونَ تەرجىمىسى: پەرۋەردىگارىنىڭ ئايەتلىرى بىلەن ۋەز-نەسىھەت قىلىنغان، ئاندىن ئۇنىڭدىن يۈز ئۆرۈگەن ئادەمدىنمۇ زالىم ئادەم بارمۇ؟ بىز گۇناھكارلارنى چوقۇم جازالايمىز. [سۈرە سەجدە 22-ئايەت].

يۇقىرىدا بايان قىلىنغان مەسىلىلەر، چاقچاق ياكى ھەقىقىي مەنادا ۋە ياكى قورققان ھالەتتە سادىر بولسۇن (مەجبۇرلانغان كىشى بۇنىڭ سىرتىدا)، ھەرقانداق كىشىدىن سادىر بولىشىدىن قەتئى نەزەر، ئۇنىڭ ئىسلامدىن چىقىپ كېتىشىگە سەۋەبچى بولىدۇ. ئۇ، ئاقىۋىتى ئەڭ خەتەرلىك ۋە كىشىلىك تۇرمۇشتا كۆپ يۈز بېرىدىغان ئىشلاردىندۇر. شۇنىڭ ئۈچۈن ھەر قانداق مۇسۇلمان ھەر ۋاقىت، ئۇ ئىشلارنىڭ ئۆزىدىن سادىر بولۇپ قالماسلىقى ئۈچۈن قاتتىق دىققەت قىلىشى كېرەك.

كىمىكى، ئىنسانلار تەرىپىدىن تۈزۈلگەن تۈزۈم ۋە قانۇنلار ئىسلام شەرىئىتىنىڭ قانۇن تۈزۈملىرىدىن ئەۋزەل ۋە ياخشى دەپ قارىسا ياكى ئىسلامى تۈزۈم ۋە قانۇنلار 21-ئەسىرگە ماسلىشالمايدۇ، ئىسلام دىنى سەۋەبلىك مۇسۇلمانلار ئارقىدا قالدى دەپ قارىسا، ئىنساننىڭ ئاللاھقا ئىتىقاد قىلىشى ۋە چوقۇنىشى، ئىنساننى تەرەققىيات ۋە ئىجتىمائىي ھاياتتىكى بەزى ئىشلارغا ئىشتىراك قىلىشىغا توسالغۇ دەپ قارىسا، ئىسلام دىنىنىڭ جىنايەت قانۇنلىرىدىن؛ ئوغرىلىق قىلغانلارنىڭ قولىنى كېسىش، نىكاھلانغان تۇرۇپ زىنا قىلغۇچىلارنى رەجمە قىلىش (چالما ـ كېسەك قىلىش) قاتارلىقلار ھازىرقى زامانغا ئۇيغۇن كەلمەيدۇ دەپ قارىسا، ئاللاھنىڭ ھۆكمى باشقا قانۇن تۈزۈملەردىن ئەۋزەل ۋە ياخشى دەپ ئىتىقاد قىلىپ تۇرۇپ، ئىنسانلار ئارىسىدىكى ئىجتىمائىي مۇئامىلىلەر، قىساس، مىراس، تالاق قاتارلىق ئىشلاردا ئاللاھنىڭ شەرىئىتىدىن باشقا تۈزۈملەر بىلەن ھۆكۈم قىلسا دۇرۇس بولىدۇ، دېيىش قاتارلىقلار ئومۇمەن ئاللاھ ھارام قىلغان نەرسىلەرنى مۇباھ (يەنى ھالال قىلغانلىق) بولۇپ سانىلىدۇ.جازانە قىلىش، مەس قىلىدىغان ماددىلارنى ئىستېمال قىلىش، پاھىشىۋازلىق قىلىش ۋە ئاللاھنىڭ شەرىئىتىدىن باشقا تۈزۈم-قانۇنلار بىلەن ھۆكۈم قىلىش قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى ئۇنىڭ ماھىيىتىنى بىلىشكە تېگىشلىك ئىشلاردىن بولۇپ، يۇقىرىدا بايان قىلىنغان ئىشلاردىن بىرەرسىنى ھالال ساناش بولسا، ساھىبىنى كۇپرىغا ئېلىپ بارىدىغان ئىشلارنىڭ تۆتىنجى بۆلۈمىگە كىرىدۇ ۋە شۇنداقلا ئىسلام ئۆلىمالىرى مەزكۇر ئېتىقاتتا بولغان كىشىنىڭ كاپىر بولىدىغانلىقىغا بىرلىككە كەلگەن.

ئاللاھنىڭ غەزىپىگە ۋە ئۇنىڭ قورقۇنچلۇق ئەلەملىك ئازابلىرىغا دۇچار بولۇپ قىلىشىمىزدىن ئۇ زاتتىن سىغىنىپ پاناھ تىلەيمىز. ئاللاھنىڭ بۈيۈك سالامى ۋە رەھمىتى مەخلۇقاتلارنىڭ ئەڭ ئەۋزىلى ۋە ياخشىسى پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمگە، ئۇنىڭ ئائىلە - تاۋابىئاتلىرى ۋە بارلىق ساھابىلىرىگە بولسۇن!.

ئاللاھ ھەممىدىن ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى