پەيشەنبە 18 رامىزان 1445 - 28 مارت 2024
Uygur

قول بىلەن لەززەتلىنىشنىڭ ھۆكمى ۋە ئۇنى قانداق داۋالاش توغرىسىدا

سۇئال

مېنىڭ دېيىشتىن خىجىل بولىدىغان بىر سوئالىم بار، لېكىن بۇ يەردە يېڭىدىن مۇسۇلمان بولغان بىر ھەمشېرەم ئۇ سوئالغا جاۋاب بېرىشنى تەلەپ قىلىۋاتىدۇ، مەندە قۇرئان-ھەدىس بىلەن دەلىللەنگەن جاۋاب يوق، بىزگە ياردەم قىلىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن، ئەگەر سوئالىم مۇناسىپ بولمىسا، ئاللاھ تائالادىن مېنى ئەپۇ قىلىشىنى سورايمەن، لېكىن مۇسۇلمان بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن ئىلىم ئۈگىنىشتە خىجىل بولماسلىقىمىز كېرەك، ئۇ قىزچاقنىڭ سوئالى: ئىسلام دىنىدا قول بىلەن لەززەتلىنىش توغرا بولامدۇ؟

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھقا خاستۇر. پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئۇنىڭ ئائىلە - تاۋابىئاتلىرى ۋە ساھابىلىرىگە ئاللاھ تائالانىڭ رەھمەت ۋە سالاملىرى بولسۇن!.

قۇرئان-ھەدىستىن دەلىللەر بولغانلىقى ئۈچۈن قول بىلەن لەززەتلىنىش ھارامدۇر:

بىرىنچى: قۇرئان كەرىم: ئىبنى كەسىر رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: ئىمام شاپىئى رەھىمەھۇللاھ ۋە قول بىلەن لەززەتلىنىشنى ھارام دېگەن كۆزقاراشتىكى كىشىلەر ئاللاھ تائالانىڭ تۆۋەندىكى ئايىتىنى دەلىل قىلغان: وَالَّذِينَ هُمْ لِفُرُوجِهِمْ حَافِظُونَ. إِلَّا عَلَىٰ أَزْوَاجِهِمْ أَوْ مَا مَلَكَتْ أَيْمَانُهُمْ فَإِنَّهُمْ غَيْرُ مَلُومِينَ. فَمَنِ ابْتَغَىٰ وَرَاءَ ذَٰلِكَ فَأُولَـٰئِكَ هُمُ الْعَادُونَ تەرجىمىسى: ئۇلار ئەۋرەتلىرىنى(ھارامدىن)ساقلىغۇچىلاردۇر، (يەنى ئەۋرەتلىرىنى) پەقەت ئاياللىرىدىن، چۆرىلىرىدىن باشقىلاردىن ساقلىغۇچىلاردۇر (بۇلار بىلەن يېقىنچىلىق قىلغۇچىلار مالامەت قىلىنمايدۇ)، بۇنىڭ سىرتىدىن (جىنسىي تەلەپنى قاندۇرۇشنى) تەلەپ قىلغۇچىلار ھەددىدىن ئاشقۇچىلاردۇر. [مۆمىنۇن سۈرىسى 4-6-ئايەت].

ئىمام شاپىئى رەھىمەھۇللاھ نىكاھ كىتابىدا: "ئۇلارنىڭ ئەۋرەتلىرىنى پەقەت ئۆزىلىرىنىڭ ئاياللىرىدىن ۋە چۆرىلىرىدىن باشقىلاردىن ساقلىغۇچىلاردۇر دېگەن ئايەتتىن ئاياللىرى ۋە چۆرىلىرىدىن باشقا ئورۇنلارغا ئىشلىتىشنىڭ ھارام ئىكەنلىكى ئېنىق بولدى" دېدى، ئاندىن بۇنى تەكىتلەپ :بۇنىڭ سىرتىدىن (جىنسىي تەلەپنى قاندۇرۇشنى) تەلەپ قىلغۇچىلار ھەددىدىن ئاشقۇچىلاردۇر. ئەۋرىتىنى ئۆزىنىڭ ئاياللىرى ۋە چۆرىلىرىدىن باشقىلارغا ئىشلىتىش ھالال بولمايدۇ، قولى بىلەن لەززەتلىنىشمۇ ھالال بولمايدۇ، ئاللاھ ئەڭ ياخشى بىلگۈچىدۇر. [ئىمام شاپىئىنىڭ "ئەلئۇم"ناملىق كىتابىدىن ئېلىندى].

بەزى ئۆلىمالار قولى بىلەن لەززەتلىنىشنىڭ ھارام ئىكەنلىكىگە ئاللاھ تائالانىڭ مۇنۇ سۆزى بىلەن دەلىل قىلدى: وَلْيَسْتَعْفِفْ الَّذِينَ لا يَجِدُونَ نِكَاحًا حَتَّى يُغْنِيَهُمْ اللَّهُ مِنْ فَضْلِهِ تەرجىمىسى: ئۆيلىنەلمەيدىغانلار ئاللاھ ئۇلارنى ئۆز كەرىمى بىلەن باي قىلغۇچە، ئۆزلىرىنى ئىپپەتلىك تۇتسۇن. [نۇر سۈرىسى 33-ئايەت]. يۇقىرىقى ئايەتتىكى ئىپپەتلىك بولۇشقا بولغان بۇيرۇق ئۇنىڭدىن باشقا ئىشلارغا سەۋر قىلىشنى تەقەززا قىلىدۇ.

ئىككىنچى: ھەدىس شەرىف: ئۇلار بۇ ھەدىسنى دەلىل قىلدى: ئابدۇللاھ ئىبنى مەسئۇد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ مۇنداق دېگەنلىكى رىۋايەت قىلىنىدۇ: «بىز پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىلەن بىللە تۇرغان ياشلار بىرەر نەرسە تاپالمايتتۇق، بىزگە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: ئى ياشلار! توي قىلىشقا قادىر بولالايدىغانلار (توينىڭ بارلىق مەجبۇرىيەتلىرىگە) توي قىلىڭلار، توي قىلىش ئىنساننىڭ كۆزىنى ۋە ئەۋرىتىنى ھارام ئىشلاردىن ساقلايدۇ، توي قىلىشقا قادىر بولالمايدىغانلار روزا تۇتۇڭلار، روزا ئۇ كىشى ئۈچۈن شەھۋەتنى كېسىدۇ، يەنى ھارامغا چۈشۈپ قېلىشتىن ساقلايدۇ، دېگەن. [بۇخارى رىۋايىتى 5066-ھەدىس].

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ياشلارنى توي قىلىشتىن ئاجىز كەلگەندە قىيىن بولسىمۇ روزا تۇتۇشقا بۇيرىدى، ھەرگىزمۇ روزا تۇتۇشتىن ئاسان بولغان، مەنى قۇۋۋىتى ئېتىلىپ چىقىدىغان قول بىلەن لەززەتلىنىشكە بۇيرىمىدى، شۇنىڭ بىلەن بىرگە رۇخسەتمۇ قىلمىدى.

بۇ مەسىلە توغرسىدا يەنە دەلىللەر بولسىمۇ، يۇقىرىدا بايان قىلىنغانلىرى بىلەن كۇپايىلىنىمىز، ئاللاھ ئەڭ ياخشى بىلگۈچىدۇر.

شۇ ئىشقا دۇچار بولغان كىشىلەر ئۈچۈن ئۇنىڭدىن ساقلىنىشقا تۈرتكە بولىدىغان نەسىھەت ۋە باسقۇچلارنى بايان قىلىمىز:

1- ئاللاھ تائالانىڭ بۇيرىقىغا بويسۇنۇش ۋە توسقانلىرىدىن چەكلىنىش بۇ ئادەتتىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن تۈرتكە بولىدۇ.

2-ئۇنى تۈپ يىلتىزىدىن ساقايتىشنىڭ چارىسى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ياشلارغا قىلغان تەۋسىيىسىگە بويسۇنۇپ توي قىلىشتىن ئىبارەت.

3-كۆڭلىدىكى ۋەسۋەسە، تەشۋىشلەرنى يوق قىلىپ، كۆڭۈلنى دۇنيا-ئاخىرەتلىك ئۈچۈن پايدىلىق بولغان ئىشلارغا مەشغۇل قىلىش ۋە پىكىر يۈرگۈزۈش، چۈنكى ۋەسۋەسىدە ئىزچىل داۋاملىشىش ئىنساننى شۇنىڭغا ئەمەل قىلىپ، كىرىشىپ كېتىشكە ئېلىپ بارىدۇ، شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭدىن قۇتۇلۇش قىيىن بولىدۇ.

4-ئىنسان كۆزىنى ھارام نەرسىلەردىن ساقلاش كېرەك، چۈنكى كىشىلەرگە، مەيلى جانلىق بولسۇن، ياكى سۈرىتى بولسۇن پىتنە تېرىغۇچى رەسىملەرگە قاراش ۋە كۆزىنى مەيلىگە قويىۋېتىش كىشىنى ھارامغا ئېلىپ بارىدۇ. بۇ ھەقتە ئاللاھ تائالا مۇنداق دېگەن: قُل لِّلْمُؤْمِنِينَ يَغُضُّوا مِنْ أَبْصَارِهِمْ وَيَحْفَظُوا فُرُوجَهُمْ تەرجىمىسى: مۆمىن ئەرلەرگە ئېيتقىنكى، (نا مەھرەملەرگە) تىكىلىپ قارىمىسۇن، ئەۋرەتلىرىنى (زىنادىن) ساقلىسۇن. [نۇر سۈرىسى 30-ئايەتنىڭ بىر قىسمى].

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: ئارقىمۇ-ئارقا قارىمىغىن دېگەن. [تىرمىزى رىۋايىتى 2777-نومۇرلۇق ھەدىس. شەيخ ئەلبانى رەھىمەھۇللاھ تىرمىزىنىڭ "سەھىھ ھەدىسلەر توپلىمىدا" 7953- نومۇرلۇق ھەدىستە ھەسەن ھەدىس دەپ كەلتۈرگەن].

ئەگەر بىرىنچى قېتىم تۇيۇقسىز قاراپ قالسا بۇنىڭغا گۇناھ بولمايدۇ، ئىككىنچى قېتىم بۇنىڭغا ئەگەشتۈرۈپ قاراش ھارام قىلىنغاندۇر، شۇنىڭدەك ئۆزىنىڭ شەھۋىتىنىڭ يوشۇرۇن ئامىللىرىنى قوزغايدىغان ۋ قىززىقتۇرىدىغان نەرسىلەر تېپىلىدىغان ئورۇنلاردىن يىراق بولىشى لازىم.

5-تۈرلۈك ئىبادەتلەر بىلەن مەشغۇل بولۇپ، گۇناھ-مەسىيەتكە بوش ۋاقىت قويماسلىق كېرەك.

6-شۇ ئىش بىلەن شۇغۇللىنىشتىن كېلىپ چىقىدىغان، سالامەتلىككە زىيان يەتكۈزىدىغان ئىشلار، مەسىلەن: كۆزنىڭ ئاجىزلىشىشى، نېرۋىسىنىڭ بۇزۇلىشى، جىنىسى ئەزاسىنىڭ ئاجىزلىشىشى، دۈمبىسىنىڭ تېلىپ ئاغرىشى قاتارلىق دوختۇرلار تىلغا ئالغان كېسەللىكلەرنى ئېتىبارغا ئېلىش كېرەك. شۇنىڭدەك ئېچى تىتىلداش، ۋىجدان ئازابى چېكىش قاتارلىقلاردەك پىسخىلىق زىيانلار، بۇنىڭدىنمۇ زور بولغىنى سوغۇق كۈنلەردە بىر قانچە قېتىم يۇيۇنۇش قىيىن بولغانلىقى ئۈچۈن نامازلارنىڭ ۋاقتىنى ئۆتكۈزۈپ زايە قىلىۋىتىش ۋە روزىسىنى بۇزۇۋىتىش دېگەنلەرنى ئىتبارغا ئېلىش لازىم.

7-ئۆزىنى قانائەتلەندۈرىدىغان خاتا پىكىرنى يوق قىلىش، چۈنكى بەزى ياشلار پاھىشەگە مەڭگۈ يېقىنلاشمايدىغان تۇرۇقلۇقمۇ، مۇشۇ ئىشنى نەپسىنى زىنادىن ھىمايە قىلىش ئۈچۈن دۇرۇس بولىدۇ، دەپ ئېتىقاد قىلىدۇ.

8-كەسكىن ئىرادىنىڭ كۈچى ۋە قەتئىيلىك بىلەن قوراللىنىش، ھېچ بىر كىشى شەيتانغا بويسۇنماسلىقى، ياتاقتا ياكى ئۆيدە يالغۇز قېلىشتىن ساقلىنىش كېرەك. ھەدىستە: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىر كىشىنىڭ ئۆيدە ئۆزى يالغۇز ئۇخلىشىنى چەكلىدى دەپ بايان قىلىنىدۇ. [ئىمام ئەھمەد رىۋايەت قىلغان. سەھىھ ھەدىسلەر توپلىمى 6919 – نومۇرلۇق ھەدىستە بايان قىلىنغان].

9-پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ ئۈنۈملۈك دورىسىنى قوللىنىش، ئۇ بولسىمۇ روزا تۇتۇشتۇر، چۈنكى روزا شەھۋەتنىڭ كۈچلۈكلىكىنى سۈندۇرىدۇ ۋە ھەۋەسنى كەتكۈزىدۇ، بۇ ئىشنى قايتىلىماسلىققا قەسەم قىلىش، ياكى قىلىپ سالسا نەزىر قىلىش دېگەندەك غەيرى ئالامەتلەردىن ھەزەر قىلىش كېرەك، چۈنكى قەسەم قىلىپ بولۇپ، ئۇ ئىشنى يەنە قايتا تەكرارلاش كۈچلەندۈرۈلگەن قەسەمنى بۇزىدۇ، شۇنىڭدەك شەھۋەتنى تىنىچلاندۇرىدىغان دورىلارنىمۇ ئېستىمال قىلماسلىق كېرەك، چۈنكى ئۇنىڭدا تىببى جەھەتتە بەدەنگە زىيىنى بولىدۇ، سۈننەتتە شەھۋەتنى پۈتۈنلەي كېسىۋىتىدىغان نەرسىلەرگە ئادەتلىنىپ قېلىشتىن چەكلەشنى ئىپادىلەيدىغان مەزمۇنلار مەۋجۇت.

10-ئۇخلايدىغان ۋاقىتتا، تاللانغان دۇئالارنى ئوقۇش، ئوڭ تەرىپىنى بېسىپ يېتىپ ئۇخلاش قاتارلىق شەرئى ئەدەپلەرگە رىئايە قىلىش، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام چەكلىگەنلىكى ئۈچۈن دۈم يېتىپ ئۇخلاشتىن ساقلىنىش كېرەك.

11-سەۋرلىك ۋە ئىپپەتلىك بولۇش كېرەك، چۈنكى بىزنىڭ ھارام ئىشلاردىن ساقلىنىشتا، گەرچە كۆڭلىمىز ئۇنى تارتىپ تۇرسىمۇ سەۋرچان بولىشىمىز زۆرۈر بولىدۇ. شۇنى بىلىشىمىز كېرەككى، نەپسىنى ئىپپەتلىك بولۇشقا بويسۇندۇرۇش ئاقىۋەتتە شۇ كىشىنىڭ ئۇنىڭغا ئېرىشىشى ۋە ئۇنى ئۆزىنىڭ ئەخلاقى قىلىشقا ئېلىپ بارىدۇ. بۇ ھەقتە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: ئىپپەتلىك بولۇشنى تەلەپ قىلغان كىشىنى ئاللاھ ئىپپەتلىك قىلىدۇ، بىھاجەت بولۇشنى تەلەپ قىلغان كىشىنى ئاللاھ بىھاجەت قىلىدۇ، سەۋرچان بولۇشنى تەلەپ قىلغان كىشىنى ئاللاھ سەۋىرچان قىلىدۇ، ئىنسانغا سەۋىرچانلىقتىنمۇ ياخشى ۋە كەڭرى نېمەت بېرىلمىدى. [بۇخارى رىۋايىتى1469-ھەدىس].

12-ئىنسان مۇشۇنداق خاتالىققا چۈشۈپ قالغان ۋاقىتتا ئاللاھنىڭ رەھمىتىدىن ئۈمۈدسىزلەنمەسلىك بىلەن بىرگە، ئاللاھقا تەۋبە قىلىپ، ئىستىغپار ئېيتىشقا، ياخشى ئەمەللەرنى كۆپ قىلىشقا ئالدىراش كېرەك، چۈنكى ئۈمىتسىزلىك چوڭ گۇناھتۇر.

13-ئاخىرىدا ئاللاھ تائالاغا ئىلتىجا قىلىش، دۇئا بىلەن ئۇنىڭغا يالۋۇرۇش، مۇشۇ ئادەتتىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن ياردەم تەلەپ قىلىش، بۇ ئەڭ كاتتا سەۋەبدۇر، چۈنكى ئاللاھ تائالا ئۆزىگە دۇئا قىلغۇچىنىڭ دۇئاسىنى ئىجابەت قىلغۇچىدۇر.

ئاللاھ ئەڭ ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە: شەيخ مۇھەممەد سالىھ ئەلمۇنەججىد