مەدھىيە ئاللاھقا بولسۇن .
نامازنىڭ ئىسلامدا باشقا ھەرقانداق ئىبادەت ئۇنىڭغا يىتەلمەيدىغان كاتتا ئورۇنغا ئىگە . . . بۇنى تۆۋەندىكىلەر كۆرسىتىدۇ :
بىرىنچى : ئۇ بولسا دىن پەقەت ئۇنىڭ بىلەنلا ئۆرە تۇرىدىغان دىننىڭ تۈۋرىكى ...
مۇئاز بىن جەبەل نەقىل قىلغان ھەدىيستە ، ئاللاھ ئەلچىسى( ئاللاھنىڭ تەرىپلىشى ۋە ئامانلىق ئۇنىڭغا بولسۇن ) مۇنداق دىگەن : مەن سىلەرگە پۈتكۈل ئىشنىڭ بېشى ، ئۇنىڭ تۈۋرىكى ۋە چوققىسىنى ئېيتىپ بەرمەيمۇ ؟ مەن( مۇئاز) : " ھەئە ، ئى ئاللاھ ئەلچىسى ." دىدىم . ئۇ : ئىشنىڭ بېشى ئىسلام ، ئۇنىڭ تۈۋرىكى ناماز ھەمدە ئۇنىڭ چوققىسى بولسا جىھاد . دىدى . [ تىرمىزىي نەقىل قىلغان ، 2616 . ئەلبانىي سەھىيھ تىرمىزىيدا سەھىيھ دەپ تۈرگە ئايرىدى ، 2210 ]
ئىككىنچى : ئۇ ئىككى گۇۋاھلىق سۆزىگە نىسبەتەن كىشىنىڭ ئىتىقادىنىڭ ساغلاملىقىنى تىخىمۇ ئىسپاتلاش ھەمدە ئۇنىڭ قەلبىدە قارارلانغان ئىتىقادىنىڭ كۆرگىلى بولىدىغان دەلىلى سۈپىتىدە ئىككىنچى ئورۇندا تۇرىدۇ .
ئاللاھ ئەلچىسى ( ئاللاھنىڭ تەرىپلىشى ۋە ئامانلىق ئۇنىڭغا بولسۇن مۇنداق دىگەن : ئىسلام بەشنىڭ ئۈستىگە قۇرۇلغان : ئاللاھتىن باشقا ئىلاھ يوق ، ۋە مۇھەممەد ئاللاھنىڭ بەندىسى ۋە ئەلچىسى دەپ گۇۋاھلىق بىرىش ، ناماز نى تۇرغۇزۇش ، زاكات بېرىش ، ئۆينى زىيارەت قىلىش ( ھەج قىلىش) ، ۋە رامىزاندا روزا تۇتۇش . [ بۇخارىي(8) ، مۇسلىم ( 16 ) نەقىل قىلغان .]
نامازنى تۇرغۇزۇش : ئۇنىڭ سۆزلىرى ۋە ھەركەتلىرىنى مۇكەممەل قىلىپ ، ئۇنىڭ بەلگىلەنگەن ۋاقىتلىرىدا ئادا قىلىش . خۇددى قۇرئاندا كەلگەندەك ، ئاللاھ مۇنداق دىگەن : ھەقىقەتەن ناماز مۇئىمىنلەرگە ۋاقتى بەلگىلەنگەن ھالدا پەرز قىلىندى .
ئۈچۈنچى : نامازنىڭ قالدى ئىبادەتلەرگە قارىغاندا ، ئۇنىڭ پەرز قىلىنىش ئورنى جەھەتتە ئالاھىدە ئورۇنغا ئىگە . . .
يەنى ئۇنى پەرىشتە زىمىنغا ئىلىپ چۈشمىدى ، لىكىن ئاللاھ ئەلچىسى مۇھەممەدنى ( ئاللاھنىڭ تەرىپلىشى ۋە ئامانلىق ئۇنىڭغا بولسۇن) ئاسمانغا ئىلىپ چىقىش بىلەن نىئېمەتلەندۈردى ھەمدە پەرۋەردىگارى ئۇنىڭغا نامازنىڭ پەرزلىكىنى بىۋاستە ئېيىتتى . ھەمدە بۇ ئىش بارلىق ئىسلام شەرىئەتلىرى ئارىسىدا نامازنىڭ ئۆزگىچىلىكى .
ناماز ھىجرەتتىن ئۈچ يىل بۇرۇن مىئېراج كېچىسى پەرز قىلىنغان .
ناماز 50 ناماز بولۇپ پەرز قىلىنىپ ئاندىن سانى بەشكە يەڭگىللىتىلگەن ، ھەمدە 50 نامازنىڭ ساۋابى بەش نامازدا ساقلىنىپ قالغان . مانا بۇ ئاللاھنىڭ ئۇنىڭغا بولغان ياخشى كۆرۈشى ۋەئۇنىڭ ئورنىنىڭ كاتتىلىقىغا دەلىل .
تۆتىنچى : ناماز ، ئاللاھ ئۇنىڭ بىلەن خاتالىقلارنى ئۆچۈرىدۇ . .
بۇخارىي( 528) ، مۇسلىم( 667) ئەبۇ ھۇرەيرىدىن نەقىل قىلدىكى ، ئاللاھ ئەلچىسى ( ئاللاھنىڭ تەرىپلىشى ۋە ئامانلىق ئۇنىڭغا بولسۇن ) مۇنداق دىگەن – بەكرىنىڭ ھەدىيسىدە ، ئۇ ئاللاھ ئەلچىسىنىڭ مۇنداق دىگەنلىكىنى ئاڭلىغان : ئويلاپ باقتىڭلارمۇ ؟ سىلەرنىڭ بىرىڭلارنىڭ ئىشىكىدە بىر دەريا بولسا ھەمدە ئۇ ئۇنىڭدا ھەر كۈنى بەش قىتىم يۇيۇنسا ، ئۇنىڭدا بىرەر كىرنىڭ ئىزى قالامدۇ ؟ ئۇلار : " ئۇنىڭدا ھىچقانداق كىر ئىزى قالمايدۇ ." دىدى . ئۇ : ئەنە ئۇ كۈندىلىك بەش نامازغا ئوخشايدۇ ، ئۇ ئارقىلىق ئاللاھ گۇناھلارنى ئۆچۈرىدۇ .
بەشىنچى : ناماز بولسا دىننىڭ يوقۇلىدىغان ئەڭ ئاخىرقى قىسمى ، ھە مدە ناۋادا ئۇ يوقالسا دىننىڭ ھەممىسى يوقىلىدۇ .
نەقىل قىلىندىكى ،جابىر بىن ئابدۇللاھ مۇنداق دىگەن :" ئاللاھ ئەلچىسى ( ئاللاھنىڭ تەرىپلىشى ۋە ئامانلىق ئۇنىڭغا بولسۇن) مۇنداق دىگەن : كىشى بىلەن شېرىك ۋە كاپىرلىقنىڭ ئارىسى بولسا ئۇنىڭ نامازنى تاشلىشى . [ مۇسلىم نەقىل قىلغان ، 82 ]
شۇڭلاشقا مۇسۇلمان نامازنى ۋاقتىدا ئادا قىلىشنى داۋاملاشتۇرۇشى ، ئۇنىڭغا ھورۇنلۇق قىلماسلىقى ۋە سەل قارىماسلىقى لازىم . ئاللاھ مۇنداق دىگەن :
ناماز ئوقۇغۇچىلارغا ۋاي ! . ئۇلار نامازلىرغا سەۋەنلىك قىلىدۇ ( ۋاقتىدىن كېچىكتۈرۈپ ئوقۇيدۇ ) » [ مائۇن( قولقا) : 4-5 ]
ھەمدە ئاللاھ نامازلىرىنى يوقىتىۋەتكۈچىلەرنى مۇنداق دەپ ئاگاھلاندۇرىدۇ :
ﺋﯘﻻﺭ ﻛﻪﺗﻜﻪﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ (ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ) ﺋﻮﺭﻧﯩﻨﻰ ﺑﺎﺳﻘﺎﻥ ﺋﻮﺭﯗﻧﺒﺎﺳﺎﺭﻻﺭ ﻧﺎﻣﺎﺯﻧﻰ ﺗﻪﺭﻙ ﺋﻪﺗﺘﻰ، ﻧﻪﭘﺴﻰ ﺧﺎﻫﯩﺸﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﺋﻪﮔﻪﺷﺘﻰ، ﺋﯘﻻﺭ (ﻗﯩﻴﺎﻣﻪﺗﺘﻪ) ﮔﯘﻣﺮﺍﻫﻠﯩﻘﻨﯩﯔ ﺟﺎﺯﺍﺳﯩﻨﻰ ﺗﺎﺭﺗﯩﺪﯗ.
[ مەريەم: 59 ]
ئالتىنچى : ناماز بەندە قىيامەت كۈنى سوراققا تارتىلىدىغان بىرىنچى نەرسە :
نەقىل قىلىندىكى ئەبۇ ھۇرەيرە مۇنداق دىگەن : " مەن ئاللاھ ئەلچىسىنىڭ ( ئاللاھنىڭ تەرىپلىشى ۋە ئامانلىق ئۇنىڭغا بولسۇن) مۇنداق دىگەنلىكىنى ئاڭلىدىم : « بەندە قىيامەت كۈنى سوراققا تارتىلىدىغان بىرىنچى ئىش ئۇنىڭ نامىزى بولىدۇ . ئەگەر ئۇ ياخشى بولسا ئۇنداقتا ئۇ راۋاج تاپىدۇ ۋە ئۇتۇق قازىنىدۇ ، بىراق ئۇ ناچار بولسا ، ئۇنداقتا ئۇ ۋەيران بولىدۇ ۋە زىيان تارتىدۇ . ئەگەر ئۇ پەرىز نامىزىنى كەم قىلغان بولسا ، ئۇلۇغ پەرۋەردىگار : قاراڭلار ، بەندەمنىڭ نەپلى نامىزى بارمۇ-يوق ؟ پەرىزدىن كەم بولۇپ قالغانلىرى ئۇنىڭ بىلەن تولۇقلىنىدۇ . دەيدۇ .ئاندىن باشقا ئىش-ئەمەللىرىمۇ مۇشۇ تەرىقىدە بولىدۇ .» [ نەسائىي(465) ، تىرمىزىي ( 413)نەقىل قىلغان . ئەلبانىي سەھىيھ جامىئېدا سەھىيھ دەپ تۈرگە ئايرىغان ، 2573 ]
ئاللاھتىن بىزنىڭ ئۇنى ئەسلەپ تۇرىشىمىزغا ، ئۇنىڭغا تەشەككۈر ئېيتىشىمىزغا ۋە ئۇنىڭغا ياخشى ئىبادەت قىلىشىمىزغا ياردەم قىلىشىنى سورايمىز .
مەنبەلەر : كتاب الصلاة للدكتور الطيار ص 16 ، وتوضيح الأحكام للبسام 1/371 ، وتاريخ مشروعية الصلاة للبلوشي ص 31 .