جۈمە 7 جىمادۇل ئەۋۋەل 1446 - 8 نويابىر 2024
Uygur

بىر ئايال يېڭىدىن مۇسۇلمان بولغان بولۇپ، كاپىر ئانىسى مېلىنىڭ ھەممىسىنى ئۇ ئايالغا ۋەسىيەت قىلغان، ئانىنىڭ يەنە باشقا ۋارىسلىرىمۇ بار، مۇسۇلمان قىزى ئومۇمى مالنىڭ ئۈچتىن بىرنىلا ئالامدۇ؟.

سۇئال

   يېڭىدىن مۇسۇلمان بولغان ئايالنىڭ مۇسۇلمان بولمىغان كاپىر ئانىسى ۋاپات بولدى، كاپىر ئايال مۇسۇلمان بولغان قىزىغا ئېشىنىپ ئۇ ھەمشىرىسىگە ياخشى مۇئامىلە قىلىدۇ دەپ مېلىنىڭ ھەممىسىنى مۇسۇلمان بولغان قىزىغا ۋەسىيەت قىلدى، ۋاپات بولغان ئايالنىڭ ئېرى، ئىككى قىزى ۋە بىر قېرىندىشى بار، كانادانىڭ قانۇنىدا ئەر-ئايال ئىككىسىنىڭ بىرى ۋاپات بولسا، مالنىڭ ھەممىسى ھايات قالغان بىرىگە قالىدۇ، لېكىن يازما ۋەسىيەت بولۇپ قالسا، ئىش ئۇنداق بولمايدۇ، مۇسۇلمان بولغان قىزچاق ۋەسىيەتكە ئاساسەن ئومۇمى مالنىڭ ئۈچتىن بىرىنى ئېلىپ قالغانلىرىنى ۋارىسلارغا تەقسىم قىلىپ بېرەمدۇ؟، نېمە قىلىشى كېرەك؟. ئاللاھ سىلەرگە ياخشى مۇكاپات ئاتا قىلسۇن.

بارلىق گۈزەل مەدھىيىلەر ئالەملەرنىڭ رەببى بولغان ئاللاھقا خاستۇر، پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا، ساھابىلىرىغا ۋە قىيامەتكىچە ئۇلارغا ئەگەشكەن كىشىلەرگە ئاللاھنىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

   بىرىنچى: كاپىرنىڭ مۇسۇلمانغا ۋەسىيەت قىلىشى.

   مۇسۇلمان كاپىرنىڭ ۋەسىيىتىنى قوبۇل قىلسا، ئۆزىگە ۋەسىيەت قىلغان نەرسىسىنى ئالسا بولىدۇ.

   ئىبنى قۇدامە رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "مۇسۇلماننىڭ كېلىشىم ئاستىدىكى زىممىيغا قىلغان ۋەسيتىى ۋە زىممىينىڭ مۇسۇلمانغا قىلغان ۋەسىيىتى توغرا بولىدۇ، مۇسۇلماننىڭ زىممىيغا قىلغان ۋەسىيتىنىڭ توغرا بولىدىغانلىقى توغرىسىدا شۇرەيھ، شەئبىي، سەۋرىي، شاپىئىي، ئىسھاق ۋە ھەنەپى مەزھەپ ئالىملىرىدىن رىۋايەت قىلىنغان بولۇپ، ئۇلاردىن باشقىلارنىڭ بۇ مەسىلىدە ئىختىلاپ قىلغانلىقىنى بىلمەيمىز، مۇھەممەد بىن ھەنەپىيە، ئەتا ئىبنى ئەبۇ رەباھ ۋە قەتادە قاتارلىقلار ئاللاھ تائالانىڭ: إِلَّا أَن تَفْعَلُوا إِلَىٰ أَوْلِيَائِكُم مَّعْرُوفًا ۚ كَانَ ذَٰلِكَ فِي الْكِتَابِ مَسْطُورًا تەرجىمىسى: «لېكىن (مۆمىنلەردىن ۋە مۇھاجىرلاردىن بولغان) دوستلىرىڭلارغا ۋەسىيەت قىلساڭلار دۇرۇس بولىدۇ» [سۈرە ئەھزاپ 6-ئايەت]. بۇ ئايىتىنى مۇسۇلماننىڭ يەھۇدىي ۋە ناساراغا ۋەسىيەت قىلىشى دەپ قارىغان.

    سەئىد مۇنداق دەيدۇ:  بىزگە سۇپيان ئەييۇپتىن ئۇ ئىكرەمەدىن مۇنداق ھەدىس سۆزلەپ بەردى: پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ ئايالى سەپيە بىنتى ھۇيەي ئۆيىنى مۇئاۋىيىگە يۇزمىڭ دىرھەمگە ساتتى، ئۇنىڭ يەھۇدىي قېرىندىشى بولۇپ، ئۇنىڭغا مۇسۇلمان بولساڭ مىراس ئالىسەن دېدى، قېرىندىشى مۇسۇلمان بولغىلى ئۇنىمىدى، شۇنىڭ بىلەن قېرىندىشىغا مېلىنىڭ ئۈچتىن بىرىنى ۋەسىيەت قىلدى، چۈنكى ئۇ كىشىگە سوغات دۇرۇس بولاتتى، شۇڭا مۇسۇلمانغا ئوخشاش ۋەسىيەتمۇ دۇرۇس بولىدۇ. مۇسۇلماننىڭ زىممىيغا قىلغان ۋەسىيىتى دۇرۇس بولىدىكەن، زىممىيىنىڭ مۇسۇلمانغا ۋە زىممىينىڭ زىممىيغا قىلغان ۋەسىيىتى ئەلۋەتتە دۇرۇس بولىدۇ.

   بۇنىڭدىمۇ مۇسۇلماننىڭ مۇسۇلمانغا ۋەسىيەت قىلىسا دۇرۇس بولىدىغان مىقداردىكى نەرسە دۇرۇس بولىدۇ، ئۆزىنىڭ ۋارىسلىرىغا ياكى يات ئادەمگە مېلىنىڭ ئۈچتىن بىرىدىن كۆپرەكىنى ۋەسىيەت قىلغان بولسا، بۇمۇ مۇسۇلمانغا ئوخشاش ۋارىسلارنىڭ ئىزىن بېرىشىگە توختىلىدۇ". ["ئەلمۇغنى"6-توم 121-بەت].

    ئىككىنچى: كاپىرنىڭ مۇسۇلمانغا مېلىنىڭ ئۈچتىن بىرىدىن كۆپرەكىنى ۋەسىيەت قىلىشى.

   ئەگەر ۋەسىيەت قالدۇرغان مىراسنىڭ ئۈچتىن بىرى ياكى ئۇنىڭدىن ئازراق قىسمىدا بولسا، ۋەسىيەت توغرا بولىدۇ ۋە ئىجرا قىلىنىدۇ.

    ئەگەر مىراسنىڭ ئۈچتىن بىرىدىن زىيادە بولۇپ قالسا، ئۈچتىن بىرىدىن ئارتۇقى ۋارىسلارنىڭ ئىجازىتىگە توختىلىدۇ.

   شۇنىڭغا ئاساسەن: بۇ مۇسۇلمان ھەمشىرىمىز ۋارىسلارغا ئەھۋالنى ئېيتىدۇ، ئۇلار ئۈچتىن بىرىدىن زىيادىسىنى ئېلىشقا رۇخسەت قىلسا ئالىدۇ، ئەگەر رۇخسەت قىلمىسا، ۋەسىيەتنىڭ تەقەززاسى بويۇنچە مالنىڭ ھەممىسىنى ئالىدۇ، مالنى شەرىئەتكە زىت بولغان قانۇننىڭ بىر تەرەپ قىلىشىغا قويۇپ قويمايدۇ، ئاندىن ئۆزىنىڭ ۋەسىيەتتىن بولغان ھەققىنى تولۇق ئالىدۇ، يەنى ئۈچتىن بىرىنى ئالىدۇ، قالغانلىرىنى شەرئى تەقسىمات بويۇنچە ۋارىسلىرىغا بېرىدۇ، شەرىئەتكە زىت بولغان قانۇنغا ئەمەل قىلمايدۇ.

    ھەممىدىن توغرىنى ئاللاھ تائالا ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى