بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھقا خاستۇر. پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئۇنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى ۋە ساھابىلىرىغا ئاللاھ تائالانىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.
كۆپچىلىك ئۆلىمالارنىڭ قارىشىدا ۋىتىر نامىزى ئالاھىدە تەكىتلەنگەن سۈننەتتۇر. پىقھى ئۆلىمالارنىڭ بەزىسى ۋىتىر نامىزىنى ۋاجىپ دېگەن.
ۋىتىر نامىزىنىڭ سۈننەت ئىكەنلىكىنى بىلدۈرىدىغان ھەدىسلەردىن: تەلھە ئىبنى ئۇبەيدۇللاھ رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: بىر ئادەم پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ قېشىغا كېلىپ مۇنداق دېدى: ئاللاھ تائالانىڭ نامازدىن ماڭا نېمىلەرنى پەرز قىلغانلىقىنى ئېيتىپ بەرسىلە؟دېدى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: بەش ۋاقىت ناماز، لېكىن ئۇنىڭغا قوشۇپ نەپلە ناماز ئوقۇساڭ بولىدۇ دېدى. مۇسلىمنىڭ رىۋايىتىدە: بىر كېچە-كۈندۈزدە بەش ۋاقىت ناماز دېدى، ھىلىقى كىشى: ئۇنىڭدىن باشقا نامازمۇ ئوقۇيمەنمۇ؟دېگەندە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: ياق، لېكىن نەپلە نامازلارنى ئوقۇساڭ بولىدۇ دېدى. [بۇخارى رىۋايىتى1891-ھەدىس. مۇسلىم رىۋايىتى11-ھەدىس].
ئىمام نەۋەۋىي رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "ۋىتىر نامىزى ۋاجىپ ئەمەس".
ئىبنى ھەجەر رەھىمەھۇللاھ پەتھۇلبارىدا مۇنداق دەيدۇ: "ھەدىستە: بىر كېچە-كۈندۈزدە بەش ۋاقىت نامازدىن باشقا ناماز ۋاجىپ بولمايدۇ دېيىلگەن، بۇ ۋىتىر بىلەن بامداتنىڭ ئىككى رەكەت سۈننىتىنى ۋاجىپ دېگەن كىشىلەرنىڭ قارىشىسىدۇر".
شۇنداقتىمۇ ۋىتىر نامىزى ئالاھىدە تەكىتلەنگەن سۈننەت بولۇپ، نۇرغۇن ھەدىسلەردە پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ۋىتىر نامىزى ئوقۇشقا بۇيرىغان.
ئەبۇ سەئىد ئەلخۇدرى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنغان ھەدىستە، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: تاڭ يورۇشتىن ئىلگىرى ۋىتىر نامىزى ئوقۇڭلار. [مۇسلىم رىۋايىتى754-ھەدىس].
ئەلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ مۇنداق دېگەنلىكى رىۋايەت قىلىنىدۇ، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: ئى قۇرئان ئەھلى! ۋىتىر نامىزى ئوقۇڭلار، ئاللاھ تائالا يېگانىدۇر، تاقنى ياخشى كۆرىدۇ. [ئەبۇ داۋۇد رىۋايىتى1416-ھەدىس. بۇ ھەدىسنى شەيخ ئەلبانى رەھىمەھۇللاھ ئەبۇ داۋۇدنىڭ سەھىھ ھەدىسلەر توپلىمىدا كەلتۈرگەن].
شۇنىڭ ئۈچۈن سەپەردە بولسۇن ياكى سەپەر قىلمىغان ۋاقىتلاردا بولسۇن، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام قىلغانغا ئوخشاش ۋىتىر نامىزىنى تولۇق ئادا قىلىش كېرەك. ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ مۇنداق دېگەنلىكى رىۋايەت قىلىنىدۇ: پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام سەپەرگە چېققاندا، كېچىلىك نامىزىنى ئۇلۇغى قايسى تەرەپكە يۈزلەنمىسۇن ئۇلاغدا ئولتۇرۇپ ئىشارەت بىلەن ئوقۇيتتى، ۋىتىر نامىزىنىمۇ ئۇلاغدا كېتىۋېتىپ ئوقۇيتتى، پەقەت پەرز نامازلارنى يەرگە چۈشۈپ ئوقۇيتتى. [بۇخارى رىۋايىتى1000-ھەدىس. مۇسلىم رىۋايىتى700-ھەدىس].
ئىبنى قۇدامە رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "ۋىتىر نامىزى ۋاجىپ ئەمەس، ئىمام مالىك ۋە ئىمام شاپىئى رەھىمەھۇللاھلارمۇ شۇنداق دېگەن. ئىمام ئەبۇ ھەنىپە رەھىمەھۇللاھ: ۋىتىر نامىزىنى ۋاجىپ دېگەن. ئىمام ئەھمەد رەھىمەھۇللاھ: ۋىتىر نامىزىنى تەرك قىلغان ئادەم ياخشى ئادەم ئەمەس، ئۇ كىشىنىڭ گۇۋاھلىقى قوبۇل قىلىنمايدۇ دېگەن. ۋىتىر نامىزى ئوقۇشقا بۇيرىغانلىق توغرىسىدا ھەدىس بايان قىلىنغانلىقى ئۈچۈن تەكىتلەشنى يۇقىرى چەككە كۆتۈرگەن ۋە ئۇنىڭغا رىغبەتلەندۈرگەن. ["ئەلمۇغنى"1-توم 827-بەت].
دائىمى كومىتېتى ئۆلىمالىرىدىن: "ۋىتىر نامىزى ئوقۇش ۋاجىپمۇ؟ ئۇنى بىر كۈن ئوقۇپ، يەنە بىر كۈن ئوقۇمىغان كىشى جازالىنامدۇ؟ دەپ سورالغاندا، ئۇلار جاۋاپ بېرىپ مۇنداق دەيدۇ: ۋىتىر نامىزى تەكىتلەنگەن سۈننەت، مۆمىن كىشىنىڭ ئۇنى تولۇق ئادا قىلىشى تەلەپ قېلىنىدۇ، بىر كۈن ئوقۇپ يەنە بىر ئوقۇماي تەرك قىلغان كىشى جازالانمايدۇ لېكىن ۋىتىر نامىزىنى تولۇق ئوقۇشقا، ۋىتىر نامىزىنى ئوقۇيالماي قالغان كۈنىدە كۈندۈزدە ئۇنىڭغا قېتىپ جۈپ (تۆت رەكەت ياكى ئالتە رەكەت دېگەندەك) ناماز ئوقۇش تەۋسىيە قېلىنىدۇ، چۈنكى پەيغەمبەرئەلەيھىسسالاممۇ شۇنداق قىلغان. ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا ھەدىس بايان قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنى ئۇيقۇ ياكى كېسەللىك كېچىلىك نامىزىدىن مەشغۇل قىلىپ قويسا، كۈندۈزدە ئون ئىككى رەكەت ناماز ئوقۇيتتى. [بۇ ھەدىسنى مۇسلىم رىۋايەت قىلغان].
پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام كۆپ ۋاقىتلاردا كېچىدە ئون بىر رەكەت ناماز ئوقۇيتتى، ھەر ئىككى رەكەتتە بىر قېتىمدىن سالام بىرەتتى، بىر رەكەت ۋىتىر ئوقۇيتتى، ئۇيقۇ ياكى كېسەللىك كېچىلىك نامىزى ئوقۇشتىن مەشغۇل قىلىپ قويسا، ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا ھەدىستە بايان قىلنغادەك كۈندۈزدە ئون ئىككى رەكەت ناماز ئوقۇيتتى، مۇشۇنىڭغا ئاساسەن مۆمىن كىشى كېچىدە بەش رەكەتتىن ناماز ئوقۇپ ئادەتلەنگەن بولسا، مەلۇم بىر كېچىدە ئۇخلاپ قالغان ياكى بىرەر ئىشقا مەشغۇل بولۇپ كېچىلىك نامازنى ئوقۇيالمىغان بولسا، كۈندۈزدە ھەر ئىككى رەكەتتە سالام بېرىپ ئالتە رەكەت ناماز ئوقۇش يولغا قويۇلغان، شۇنىڭدەك ئۇ كىشىنىڭ ئادىتى كېچىدە ئۈچ رەكەتتىن ناماز ئوقۇش بولسا، كۈندۈزدە ئىككى قېتىم سالام بېرىش بىلەن تۆت رەكەت ناماز ئوقۇيدۇ، ئەگەر كېچىدە يەتتە رەكەت ناماز ئوقۇپ ئادەتلەنگەن بولسا، كۈندۈزدە سەككىز رەكەت ناماز ئوقۇيدۇ". ["دائىمى كومىتېتى پەتىۋاسى"7-توم 172-بەت].