بارلىق گۈزەل مەدھىيلەر ئالەملەرنىڭ رەببى بولغان ئاللاھقا خاستۇر، پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا، ساھابىلىرىغا ۋە قىيامەتكىچە ئۇلارغا ئەگەشكەن كىشىلەرگە ئاللاھنىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.
بىرىنچى: قۇرئان ئوقۇغان ۋە ئۇنىڭ ھۆكۈملىرىگە ئەمەل قىلغان كىشىنىڭ ئاتا-ئانىسىنىڭ بېشىغا قىيامەت كۈنىدە ئېسل تاج كەيدۈرىلىدۇ دەپ قۇرئان ئوقۇغان ئۇنىڭغا ئەمەل قىلغاننىڭ پەزىلىتى توغرىسىدىكى ھەدىس يۇقىرىدا 201387- نومۇرلۇق سوئالنىڭ جاۋابىدا بايان قىلىندى.
ئىككىنچى: ئىلگىرى 169485- نومۇرلۇق سوئالنىڭ جاۋابىدىكى ھەدىستە بايان قىلىنغان پەزىلەتنىڭ قۇرئان ئوقۇغۇچىغا ئەمەس پەقەت قۇرئان ياد قىلغۇچىغا خاس بولىدىغانلىقى بايان قىلىنغان.
قۇرئاننى ياد قىلىپ كېيىن بەزى سۈرىلەرنى ئۇنتۇپ قالغان كىشىنىڭ ئاتا-ئانىسىنىڭ بېشىغىمۇ تاج كەيدۈرىلەمدۇ؟.
بۇ مەسىلىدە ئېنىق دەلىل بارلىقىنى بىلمەيمىز، لېكىن ساۋاپ ۋە جازا توغرىسىدىكى شەرئى قائىدە: بۇ شەكىلدىكى قارى ئۈچۈن ئىككى تۈرلۈك ھالەت بولىدىغانلىقىغا ئىشارەت قىلىدۇ:
بىرىنچى ھالەت: قۇرئاننى ياد قىلىپ ئۇنتۇلۇپ قىلىش سەل قاراش بىلەن بولمىغان بولسا، ئۇ كىشى شۈنچە تەكرار قىلسىمۇ ياشىنىپ قالغانلىق ياكى باشقا بىر سەۋەپ بىلەن ئۇنتۇلۇپ قالغان بولسا ئۇ كىشىگە قۇرئاننى ياد قىلىپ ئۇنتۇلۇپ قالمىغان كىشىگە ئوخشاش ئەجىر-ساۋاپنىڭ بولىشى ئۈمىد قىلىنىدۇ، چۈنكى ئۇ كىشى مۇشۇ پەزىلەتكە ئېرىشىش ئۈچۈن پۈتۈن كۈچى بىلەن تىرىشچانلىق قىلدى، ئۇنتۇلۇپ قىلىشى قەستەنلىكتىن بولمىدى. بۇ توغرىدا ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: إِنَّ الَّذِينَ آمَنُوا وَعَمِلُوا الصَّالِحَاتِ إِنَّا لَا نُضِيعُ أَجْرَ مَنْ أَحْسَنَ عَمَلًا تەرجىمىسى: «ئىمان ئېيتقان ۋە ياخشى ئەمەللەرنى قىلغانلارغا كېلىدىغان بولساق، بىز ئۇلارنىڭ قىلغان ياخشى ئەمەللىرىنىڭ ساۋابىنى ھەقىقەتەن يوققا چىقىرىۋەتمەيمىز» [سۈرە كەھپ 30-ئايەت].
ئەمما ئۇنتۇلۇپ قىلىشنىڭ سەۋەبى ياد قىلىشتىن ھورۇنلۇق قىلىش، تەكرار قىلىشقا سەل قاراش، پەرۋا قىلماسلىق، ئوقۇپ تۇرماسلىق قاتارلىقلاردىن بولغان بولسا، بۇ تۈر ئۇ كىشىنىڭ قىلغان ئەمىلىنى بىكار قىلىۋېتىدۇ، بۇ قىلىپ بولغان ئىشتىن يېنىۋېلىشتۇر، بۇنداق كىشى تولۇق قارىنىڭ ئېرىشىدىغان پەزىلەتنى يوقۇتۇپ قويدى، چۈنكى قۇرئان ياد قىلىشقا رىغبەتلەندۈرۈش بولسا قۇرئاننى كۆپ ئوقۇپ تۇرۇشتىن ئىبارەتتۇر، قۇرئان ياد قىلىشقا تىلاۋەت ۋە ئەمەل بىرگە بولىدۇ، بىر قېتىم ياد قىلىپ تەكرارلىماي تاشلاپ قويۇش بۇنىڭ قاتارىغا كىرمەيدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن ھەدىستە تەكرارنى تەرك قىلماسلىق ۋە ئەمەل قىلىش شەرت قىلىندى.
سەھەل ئىبنى مۇئاز جۇھەنىي رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ ئاتىسىدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «قۇرئاننى ئوقۇپ ئۇنىڭدىكى ھۆكۈملەرگە ئەمەل قىلغان كىشىنىڭ ئاتا-ئانىسىنىڭ بېىشغا قىيامەت كۈنىدە قۇياش نۇرىدىن نۇرلۇق بولغان تاج كەيدۈرىلىدۇ». [ئەبۇ داۋۇد رىۋايىتى 1453-ھەدىس].
ھەممىدىن توغرىنى ئاللاھ تائالا ياخشى بىلگۈچىدۇر.