پەيشەنبە 18 رامىزان 1445 - 28 مارت 2024
Uygur

روزىنى بۇزىدىغان قان مىقدارىنىڭ بىكىتىلىشى توغرىسىدا

سۇئال

ئىنسان جىسمىدىن قانچىلىك مىقداردا قان چىقسا روزا بۇزۇلىدۇ؟، مەن سىرتقى تومۇر ئىششىش كېسىلى بولۇپ قالدىم، بۇ ئىش ئۇزۇن ۋاقىتتىن بىرى تەرتىپسىز داۋاملىشىۋاتىدۇ، بەزى ۋاقىتتا يىرىم ئىستاكان مىقداردا كېلىپ قالىدۇ. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھقا خاستۇر. پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئۇنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى ۋە ساھابىلىرىغا ئاللاھ تائالانىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

    ئاللاھ تائالادىن سىزگە تىز ۋاقىتتا شىپالىق ئاتا قىلىشنى سورايمىز.

    ئۇ، قان كېسەللىك سەۋەبىدىن چىققانلىقى ئۈچۈن سىزنىڭ تۇتقان روزىڭىز توغرا بولىدۇ، ھەتتا قان كۆپ چىقىپ كەتسىمۇ ئۇ سىزنىڭ ئىختىيارلىقىڭىزسىز چىققانلىقى ئۈچۈن بۇنىڭ روزىغا تەسىرى بولمايدۇ.

    روزىنى بۇزۇۋېتىدىغان قان توغرىسىدىكى بەلگىلىمە تۆۋەندىكىچە بولىدۇ:

    ئىنساندىن چىققان قان ئىككى تۈرلۈك ھالەتتە بولىدۇ:

    بىرىنچى: ئىنساننىڭ ئۆز ئىختىيارلىقى ۋە ھەرىكىتى سەۋەبىدىن چىقىدىغان قان بولۇپ، بۇنىڭ تەپسىلاتى مۇنداق:

   1-ھىجامە: قان ئېلىپ داۋالاش ئارقىلىق چىققان بولسا، بۇ قان روزىنى بۇزىدۇ، چۈنكى بۇ توغرىدا پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: قان ئالغۇچى ۋە ئالدۇرغۇچى روزىسىنى بۇزدى، دېگەن.

   2-ھىجامە: قان ئىلىپ داۋالاش يولىغا ئاساسەن بولماستىن بەلكى قاننى تەكشۈرۈش يولىغا ئاساسەن بولسا، بۇ ۋاقىتتا ئىنسان بەدىنىگە تەسىر كۆرسەتكۈدەك دەرىجىدە (قان ياردەم قىلغانغا ئوخشاش)كۆپ بولۇپ كەتسە بۇنىڭ بىلەن روزا بۇزۇلىدۇ، ئەمما ئىنسان بەدىنىگە تەسىر كۆرسەتمەيدىغان تەكشۈرۈش ئۈچۈن ئاز مىقداردا ئالغان بولسا بۇنىڭ روزىغا تەسىرى بولمايدۇ.

    ئىككىنچى: ئىنساننىڭ ئىختىيارلىقىسىز چىققان بولسا، بەدىنىنىڭ مەلۇم جايلىرى جاراھەتلىنىش ياكى بۇرنى قاناش ياكى مەلۇم ھادىسە سەۋەبىدىن چىققان بولسا گەرچە كۆپ بولسىمۇ بۇنىڭ روزىغا تەسىرى بولمايدۇ.

   بۇ شەيخ ئىبنى ئۇسەيمىين رەھىمەھۇللاھنىڭ پەتىۋالىرىدىن ئېلىندى. "ئىسلام پەتىۋالىرى" 2-توم 132-بەتكە قارالسۇن.

   لېكىن ئىنساننىڭ ئىختىيارلىقىسىز چىققان قان كۆپ بولۇپ ئۇ كىشىنى روزىنى داۋاملاشتۇرۇشتىن ئاجىزلاشتۇرىۋېتىدىغان بولسا، ئۇ ھالەتتە شۇ كۈندىكى روزىسىنى بۇزۇپ ئورنىغا باشقا بىر كۈنى قازاسىنى قىلىدۇ.

ئاللاھ تائالا ھەممىدىن ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى