بارلىق گۈزەل مەدھىيىلەر ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھ تائالاغا خاستۇر.
تۆرەلمىگە جان بىرىلگەن ياكى بىرىلمىگەن بولسۇن ئۇنى چۈشۈرۈۋېتىش ئوخشاشلا ھارامدۇر. تۆرەلمىگە جان بېرىلگەندىن كىيىن ئۇنى چۈشۈرىۋېتىشنىڭ ھاراملىق دەرىجىسى تېخىمۇ ئېغىر بولۇپ،ئەر ئايالىنى تۆرەلمىنى چۈشۈرىۋېتىشقا بۇيرىسا، ئايالنىڭ بۇ ئىشتا ئېرىگە ئىتائەت قىلىشى جايىز بولمايدۇ.
پەزىلەتلىك شەيخ مۇھەممەد ئىبنى ئىبراھىم رەھىمەھۇللاھ بۇ ھەقتە مۇنداق دەيدۇ: "تۆرەلمىنىڭ قوساقتا ئۆلۈپ قالغانلىقىنى تەكىتلىمەي تۇرۇپ، ئۇنى چۈشۈرىۋېتىشكە ھەرىكەت قىلىش جايىز ئەمەس. ئەگەر ئۇنىڭ ئۆلۈپ قالغانلىقى ئېنىقلانسا چۈشۈرۈۋېتىش كېرەك." [شەيخ ئىبنى ئىبراھىم پەتىۋالار توپلىمى 11-توم 151-بەت].
پەزىلەتلىك شەيخ سالىھ ئەلپەۋزان بۇ ھەقتە مۇنداق دەيدۇ:
بىرىنچى: تۆرەلمىنى چۈشۈرۈۋېتىش دۇرۇس ئەمەس. مادامىكى تۆرەلمە بارلىقى ئېنىقلانغاندىن كىيىن، ئۇنى مۇھاپىزەت قىلىش ۋاجىپ بولىدۇ. ئانىنىڭ تۆرەلمىگە زىيان ـ زەخمەت يەتكۈزۈشى، شۇنداقلا ھەرقانداق ئىش ئارقىلىق ئۇنىڭغا قىيىنچىلىق تۇغدۇرۇشى ھارامدۇر. چۈنكى ئۇ تۆرەلمە ئاللاھ تائالانىڭ ئۇ ئايالنىڭ رەھمىدە قويغان ئامانىتىدۇر. مەزكۇر تۆرەلمىنىڭ ئانىسى ئۈستىدە ھەق-ھوقۇقلىرى بار بولۇپ، ئۇنىڭ تۆرەلمىگە يامانلىق قىلىش، زىيان يەتكۈزۈش ياكى ئۇنىڭغا ئەھمىيەت بەرمەسلىك قاتارلىق ئىشلارنىڭ ھەممىسى جايىز ئەمەس. شەرئى دەلىللەر ھامىلىنى چۈشۈرۈۋېتىشنىڭھاراملىقىغا دالالەت قىلىدۇ. شۇنداقلا بىر ئايالنىڭ ئوپېراتسىيە قىلمىسا نورمال تۇغالـماسلىقى، ئۇنىڭ تۆرەلمىنى چۈشۈرۈۋېتىشنى جايىز قىلالـمايدۇ. كۆپلىگەن ئاياللار ئوپېراتسىيە قىلىش ئارقىلىق تۇغىدۇ،بۇ ئىش تۆرەلمىنى چۈشۈرىۋېتىشقا سەۋەپ بولالمايدۇ.
ئىككىنچى: ئەگەر تۆرەلمىگە جان كىرگۇزۇلۇپ، قوساقتا مىدىرلىغاندىن كېيىن چۈشۈرىۋېتىپ ئۆلگەن بولسا، ئۇ ئايال بىر جاننى ئۆلتۈرگەن بولىدۇ، ئۇ ئايالغا كاپارەت بېرىشۋاجىپ بولىدۇ. ئۇنىڭ كاپارىتى بولسا: قۇل ئازات قىلىشتۇر، ئەگەر قۇل ئازات قىلىشقا قادىر بولالمىسا، ئاللاھقا تەۋبە قىلىش يۈزىسىدىن ئارقىمۇ-ئارقا ئۈزۈلدۈرمەي ئىككى ئاي روزا تۇتۇشى ۋاجىپ بولىدۇ. يۇقىرىدىكىھۆكۈم ئەگەر ھامىلىگە تۆت ئاي توشقان بولسا، (ئۇ چاغدا جان ئاتا قىلىنىپ بولىدىغان بولغانلىقى ئۈچۈن) سۆزلەپ ئۆتكىنىمىزدەك ئۇ ئايالغا كاپارەت ۋاجىپ بولىدۇ. تۆرەلمىنى چۈشۈرۈۋېتىش سەل قاراشقا بولـمايدىغان ئېغىر جىنايەتتۇر .
ئەگەر ئۇ ئايال كېسەللىك سەۋەبىدىن ھامىلدارلىقنى كۆتۈرەلـمەيدىغان ئايال بولسا، ئۇ چاغدا ئۇنىڭ سالامەتلىكى ۋە كۈچ-قۇۋۋىتى ئەسلىگە كەلگەنگە قەدەر، ھامىلدار بولـماستىن بۇرۇن، ھامىلە قىلىشنى ۋاقىتلىق چەكلەيدىغان دورىلارنى قوللىنىپ تۇرۇشى لازىم بولىدۇ. [ئەلمۇنتەقا 5-توم 301-302-بەتلەردىن قىسقارتىپ ئىلىندى].
شەيخۇل ئىسلام ئىبنى تەيمىيە رەھىمەھۇللاھدىن، بىر كىشى ئايالىغا: قورساقتىكى تۆرەلمىنى چۈشۈرىۋېتىڭ، گۇناھى ماڭا بولسۇن دېسە، ئۇ ئايال ئېرىنىڭ گېپىگە كىرىپ شۇنداق قىلسا، ئۇنىڭ جازاسى ئۈچۈن مەزكۇر ئەر-ئايالغا قانداق كاپارەت كېلىدىغانلىقى توغرىسىدا سورالغاندا، شەيخۇل ئىسلام جاۋاپ بېرىپ مۇنداق دەيدۇ: ئەگەر ئۇ ئايال ئاشۇنداق قىلسا، ئۇ ئەر-ئايالنىڭ ئۈستىگە بىر مۆمىن قۇل ئازات قىلىشۋاجىپ بولىدۇ. ئەگەر قۇل ئازات قىلىشقا قادىر بولالمىسا، ئارقىمۇ-ئارقا ئىككى ئاي ئۈزۈلدۈرمەي روزا تۇتۇش بىلەن بىرگە، ئۇھامىلىنى چۈشۈرۈۋېتىشكە ئالاقىسى بولمىغان ۋارىسلىرىغا قۇل ياكى دېدەكنىڭ قىممىتىنى(يەنى 213 گىرام ئالتۇن تۆلەم بېرىشىۋاجىپ بولىدۇ). لېكىن دادا تۆرەلمىنى ئۆلتۈرۈشكە بۇيرۇغانلىقى ئۈچۈن، "غۇررەت" يەنى مەزكۇر تۆلەمدىن ئېلىشقاھەقلىق ئەمەس. شەيخۇل ئىسلامنىڭ "قۇل ياكى دېدەك غۇررىتى" دېگىنى تۆرەلـمىنىڭ دىيىتى بۇلۇپ، ئۇ بىر قۇل ياكى بىر دېدەكنىڭ باھاسىنىڭ مىقدارىدۇر. غۇررەتنىڭ مىقدارىنى ئۆلىمالار: تۆرەلـمىنىڭ ئانىسىنىڭ دىيىتىنىڭ ئوندىن بىرى دەپ مۆلچەرلەيدۇ.
ھامىلىنى چۈشۈرۈۋېتىشنىڭھۆكمى توغرىسىدا تېخىمۇ كۆپ مەلۇماتقا ئىگە بولۇش ئۈچۈن 13317-ۋە 42321- 12733-نومۇرلۇق سوئاللارنىڭ جاۋابىغا مۇراجىئەت قىلىڭ.
تۆرەلمىنىڭ ئىككىنجى ئېيىدا، يەنى تۆرەلمىگە جان ئاتا قىلىنىشتىن بۇرۇن، تۆرەلمىنى چۈشۈرۈشكە تىرىشىپ، ئەمما تۆرەلمە چۈشۈرۈلمىگەن مەسىلىگە كەلسەك، بۇنىڭغا ھېچقانداق كاپارەت كەلـمەيدۇ. پەقەت بۇ ھارام قىلمىش ئۈچۈن ئاللاھقا تەۋبە قىلىش ۋاجىپ بولىدۇ.
ئاللاھ تائالا ھەممىدىن ياخشى بىلگۈچىدۇر.