جۈمە 19 رامىزان 1445 - 29 مارت 2024
Uygur

يەھۇدى ۋە خىرىستىئان ئاللاھ تائالانىڭ بىرلىكىگە ئىشىنىدىيۇ، لېكىن قۇرئان كەرىم بىلەن ھۆكۈم قىلمايدۇ

سۇئال

ئاللاھ تائالانىڭ بىرلىكىگە ئىشىنىدىغان، ئاللاھ تائالاغا ھېچ نەرسىنى شېرىك كەلتۈرمەيدىغان، ئاللاھ تائالا تەرىپىدىن ئەۋەتىلگەن بارلىق پەيغەمبەرلەرگە ئىشىنىدىغان يەھۇدىي ياكى خىرىستىئان بولۇپ، قۇرئان كەرىمنىڭ ئاللاھ تائالا تەرىپىدىن نازىل قىلىنغان كىتاب ئىكەنلىكىگە ئىشىنىدىيۇ، ئەمما قۇرئان كەرىم بىلەن ھۆكۈم قىلىشنى خالىمايدۇ، لېكىن ئەسلى تەۋرات بىلەن ھۆكۈم قىلىشنى توغرا دەپ قارىسا بۇ مۇسۇلمان ھېسابلىنامدۇ؟، بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل مەدھىيلەر ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھ تائالاغا خاستۇر، پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا،ئائىلە-تاۋابىئاتلىرى ۋە ساھابى كىراملارغا ئاللاھنىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

بىز بۇ سوئالنى ئۇستازىمىز شەيخ ئابدۇراھمان باراك جانابلىرىغا يوللىغان ئىدۇق، شەيخ جاۋاپ بېرىپ مۇنداق دەيدۇ: بارلىق گۈزەل مەدھىيلەر ئاللاھ تائالا خاستۇر. ئىماننىڭ ئەسلى ئاساسلىرى: ئاللاھ تائالا تەرىپىدىن نازىل قىلىنغان بارلىق كىتابلارغا ۋە ئاللاھ تائالا تەرىپىدىن ئەۋەتىلگەن بارلىق پەيغەمبەرلەرگە ئىشىنىشتۇر.

مۇشۇ ئاساسنىڭ جۈملىسىدىن بارلىق ساماۋى كىتابلارنىڭ شەرەپلىكراقى بولغان قۇرئان كەرىم ۋە بارلىق پەيغەمبەرلەرنىڭ ئەۋزىلى، پەيغەمبەرلەرنىڭ تۈگەنچىسى، ئاللاھ تائالا پەيغەمبەر قىلىپ ئەۋەتكەندىن تارتىپ تا قىيامەتكىچە بولغان بارلىق كىشىلەرگە پەيغەمبەر قىلىپ ئەۋەتىلگەن پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا ئىشىنىشتۇر، شۇنىڭ ئۈچۈن ھەر قايسى مىللەتلەردىن بولغان ھەر بىر ئىنسانغا پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامغا ئىشىنىش، ئۇنىڭ شەرىئىتىگە ئەگىشىش ۋە ئۇنىڭ قانۇنى بىلەن ھۆكۈم قىلىشى زۆرۈر بولىدۇ، ھەر قانداق بىر ئىنسان ئۆزىنى پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامغا ۋە قۇرئان كەرىمگە ئىشىنىدىغان مۇسۇلمان دەپ قارايدىكەن، ئەمما قۇرئان كەرىمنىڭ ھۆكمى بىلەن ھۆكۈم قىلمايدىكەن، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئىلىپ كەلگەن پىرىنسىپلارغا تولۇق ئەگەشمەيدىكەن، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام خەۋەر بەرگەن بارلىق خەۋەرلەرگە ئىشەنمەيدىكەن ئۇ ئادەم مۆمىن-مۇسۇلمان ھېسابلانمايدۇ، ئەگەر شۇ ھالەتتە ئۆلۈپ كەتسە، ئۇ دوزاخ ئەھلىدىن بولىدۇ. ھەتتا ئۇ ئادەم ئاللاھ تائالانى بىر، ئۇنىڭ ھېچ قانداق شېرىكى يوق دەپ ئىشىنىپ، ئاللاھ تائالا تەرىپىدىن ئەۋەتىلگەن بارلىق پەيغەمبەرلەرگىمۇ ئىشىنىپ ئۆزىنى مۇسۇلمان دەپ دەۋا قىلسىمۇ مۇسۇلمان ھېسابلانمايدۇ. چۈنكى پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامغا ۋە قۇرئان كەرىمگە ئىشەنگەن كىشى قۇرئاننىڭ بۇيرىقىغا بويسۇنىشى، كۆرسەتمىسىگە ئەگىشىشى ۋە قۇرئان بىلەن ھۆكۈم قىلىشى كېرەك، پەقەت ئاغزاكى تەستىقلاش بىلەن مۇسۇلمان ھېسابلانمايدۇ. ئىلگىرىكى مۇشرىكلارنىڭ كۆپچىلىكى چىن قەلبىدىن پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامغا ئىشىنىتتى، بەلكى پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ تاغىسى ئەبۇ تالىب قەلبى ۋە تىلى بىلەن ئىشىنەتتى، ئەمما ئۇلار پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ كۆرسەتمىسىگە ئەگەشمىگەنلىكى ئۈچۈن ئۇلارنىڭ ئاغزاكى ئىشىنىشى ئۇلارغا مەنپەئەت قىلمىدى. شۇنىڭدەك يەھۇدىي، خىرىستىئانلارمۇ ئۆزلىرىنىڭ ئەۋلادلىرىنى تونىغاندەك بەلكى ئۇنىڭدىنمۇ بەكرەك پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنى سۈپەتلىرى بىلەن تونىيتتى. ئۇلارنىڭ بەزىلىرى ئۆزلىرىنىڭ پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامغا ئىشىنىدىغانلىقىنى ئاشكارا قىلغان، ئەمما ئۇلارنىڭ بىلىپ تۇرۇپ ئەگەشمەسلىكى ئۇلارغا مەنپەئەت بەرمىدى، شۇنىڭ بىلەن ئۇلار كاپىر بولدى، ئاللاھ تائالا ئۇلارنىڭ جانلىرى ۋە ماللىرىنى ھالال قىلدى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئۇلارغا قارشى ئۇرۇش قىلدى، ئاللاھ تائالا ئۇلارنىڭ ئۈستىدىن غەلبە ئاتا قىلىدى، ئۆزىنىڭ دىنىنى بارلىق دىنلاردىن ئۈستۈن قىلدى. بۇ توغرىدا ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:هُوَ الَّذِي أَرْسَلَ رَسُولَهُ بِالْهُدَىٰ وَدِينِ الْحَقِّ لِيُظْهِرَهُ عَلَى الدِّينِ كُلِّهِ وَلَوْ كَرِهَ الْمُشْرِكُونَتەرجىىمىسى: ئاللاھ ھەق دىن ئىسلامنى بارلىق دىنلاردىن ئۈستۈن قىلىش ئۈچۈن، ئۆزىنىڭ پەيغەمبىرىنى (يەنى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنى تولۇق) ھىدايەت ۋە ھەق دىن بىلەن ئەۋەتتى، مۇشرىكلار ئۇنىڭ (ئۈستۈن بولۇشىنى) يامان كۆرگەن تەقدىردىمۇ . [سۈرە تەۋبە 33-ئايەت].

يەھۇدى بولسۇن ياكى خىرىستىئان بولسۇن ئۇلارنىڭ ھەر بىرى ئاللاھ تائالا تەرىپىدىن پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا نازىل قىلىنغان ئىسلام دىنىغا كېرىشى كېرەك، چۈنكى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ئەلچىلىكى ئىلگىرىكى دىنلارنىڭ ھەممىسىنى ئەمەلدىن قالدۇرىدىغان ئاخىرىقى پەيغەمبەرلىكتۇر. بۇ توغرىدا ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: وَمَن يَبْتَغِ غَيْرَ الْإِسْلَامِ دِينًا فَلَن يُقْبَلَ مِنْهُ وَهُوَ فِي الْآخِرَةِ مِنَ الْخَاسِرِينَتەرجىمىسى: كىمكى ئىسلام (دىنىدىن) غەيرىي دىننى تىلەيدىكەن، ھەرگىز ئۇ (يەنى ئۇنىڭ دىنى) قوبۇل قىلىنمايدۇ، ئۇ ئاخىرەتتە زىيان تارتقۇچىدۇر. سۈرە ئال-ئىمران 85-ئايەت].

سەھىھ ھەدىستە پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ جىنى قولىدا بولغان زات بىلەن قەسەمكى، مۇشۇ ئۈممەتتە يەھۇدىي بولسۇن، خىرىستىئان بولسۇن مەن پەيغەمبەر قىلىپ ئەۋەتىلگەن دىنغا ئىشەنمەي ئۆلۈپ كىتىدىكەن ئۇ دوزاخ ئەھلىدىن بولىدۇ. [مۇسلىم رىۋايىتى 218-ئايەت].

شۇنىڭ ئۈچۈن ھەرقانداق يەھۇدى ۋە خىرىستىئان بولسۇن قۇرئان كەرىمنىڭ ھۆكمىنى لازىم تۇتمايدىكەن، ئىسلام شەرىئىتىگە ئىشەنمەيدىكەن ئۇلارنىڭ دىنى دىن ھېسابلانمايدۇ، قۇرئان كەرىم بولسا ئىلگىرىكى ساماۋى كىتابلارنى ئەمەلدىن قالدۇرغۇچى ۋە ھەممىگە ھۆكۈمرانلىق قىلغۇچىدۇر، ئىنجىل، تەۋرات قاتارلىق كىتابلارغا كۆپ ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈلگەنلىكى ئۈچۈن مەزكۇر كىتابلارنىڭ ھۆكمى ئەمەلدىن قالدۇرۇلغان.

ئاللاھ تائالا ھەممىدىن ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە: شەيخ ئابدۇراھمان ئەل باراك