يەكشەنبە 21 جىمادۇسسانى 1446 - 22 دىكابىر 2024
Uygur

پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ ئاياللىرى توغرىسىدا

سۇئال

پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ قانچە ئايالى بار، ئۇلارنىڭ ئىسىملىرى نېمە؟ بۇ تېما توغرىسىدا ئارىلىشىپ كېتىش بەك كۆپ بولغانلىقى ئۈچۈن جاۋابنى ئېنىق قىلىپ، ھەدىسنىڭ نومۇرىنى ۋە كىتابنىڭ ئىسمىنى، بەت نومۇرىنى تولۇق بايان قىلىپ بېرىشىڭلارنى ئۈمىت قىلىمەن؟.

قىسقىچە جاۋاپ

پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ ئاياللىرىنىڭ ئىسمى تۆۋەندىكىچە:

1-خەدىچە بىنتى خۇۋەيلىد.

2 -سەۋدە بىنتى زەمئە.

3- ئائىشە بىنتى ئەبۇ بەكىر سىددىق.

4-ھەپسە بىنتى ئۆمەر.

5-زەينەپ بىنتى خۇزەيمە.

6-ئۇممۇ سەلەمە بىنتى ئەبى ئۇمەييە.

7-جۇۋەيرە بىنتى ھارىس.

8-زەينەپ بىنتى جەھش.

9-ئۇممۇ ھەبىيبە بىنتى ئەبى سۇپيان.

10-مەيمۇنە بىنتى ھارىس.

11-سەپىيە بىنتى ھۇيەي ئىبنى ئەختەب.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل مەدھىيىلەر ئالەملەرنىڭ رەببى بولغان ئاللاھقا خاستۇر، پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا، ساھابىلىرىغا ۋە قىيامەتكىچە ياخشىلىقتا ئۇلارغا ئەگەشكەنلەرگە ئاللاھنىڭ رەھمىتى، سالامى ۋە بەرىكىتى بولسۇن.

پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام تۆۋەندىكى ئاياللار بىلەن توي قىلغان:

1-خەدىچە بىنتى خۇۋەيلىد رەزىيەللاھۇ ئەنھا.

بۇ پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ تۇنجى ئايالى بولۇپ، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام يىگىرمە بەش ياشتا خەدىچە ئانىمىز بىلەن توي قىلغان، خەدىچە ئانىمىز ۋاپات بولغانغا قەدەر باشقا ھېچ بىر ئايال بىلەن توي قىلمىغان. پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ ئىبراھىمدىن باشقا پەرزەنتلىرىنىڭ ھەممىسى خەدىچە ئانىمىزدىن دۇنياغا كەلگەن.

ئىمام بۇخارى سەھىھ كىتابىدا: “پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ خەدىچە رەزىيەللاھۇ ئەنھا بىلەن توي قىلىشى ۋە ئۇنىڭ پەزىلەتلىرى” دەپ بىر باپ كەلتۈرۈپ، ئۇنىڭ ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھادىن بايان قىلىنغان بۇ ھەدىسنى كەلتۈرگەن: «مەن پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ ئاياللىرىنىڭ ھېچ بىرىنى خەدىچە رەزىيەللاھۇ ئەنھانى كۈنلىگەندەك كۈنلەپ باقمىدى، گەرچە ئۇ  پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مېنى نىكاھىغا ئېلىشتىن بۇرۇن ۋاپات بولغان بولسىمۇ، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ ئۇنى بەك ئەسلىگەنلىكى ئۈچۈن شۇنداق بولدى». [ بۇخارى رىۋايىتى3815 -ھەدىس].

2-سەۋدە بىنتى زەمئە رەزىيەللاھۇ ئەنھا.  رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمگە پەيغەمبەرلىك كىلىپ 10 -يىلى خەدىچە رەزىيەللاھۇ ئەنھا ۋاپات بولغاندىن كېيىن نىكاھىغا ئالغان. [ئىبنى سەئەد “تەبەقات” ناملىق ئەسىرى 8 -توم 52-53 -بەتتە ۋاقىدىنىڭ يولىدىن كەلتۈرگەن. ئىبنى كەسىر “بىدايە ۋە نىھايە”  3 -توم 149 -بەتتە كەلتۈرگەن. ]

3-ئائىشە بىنتى ئەبۇ بەكرى سىددىق رەزىيەللاھۇ ئەنھا. رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئائىشە ئانىمىزغا پەيغەمبەرلىكنىڭ 10 -يىلى شەۋۋال ئېيىدا نىكاھ ئەقدىسى قىلغان. [بۇنى ئىبنى سەئەد “تەبەقات” 8 -توم 58-59 -بەتتە كەلتۈرگەن].

بۇ توغرىدا ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا مۇنداق دەيدۇ: «مېنى پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مەن ئالتە ياشقا كىرگەندە نىكاھىغا ئالدى، توققۇز ياشقا كىرگەندە بىر ياستۇققا باش قويدۇ». [بۇخارى رىۋايىتى 3894 -ھەدىس. مۇسلىم رىۋايىتى 1422-ھەدىس].

بۇخارىنىڭ رىۋايىتىدە 5077-ھەدىستە: «پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام نىكاھىغا مەندىن باشقا قىز ئالمىغان» دەپ كەلگەن.

4-ھەپسە بىنتى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھا. ئابدۇللاھ ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ بايان قىلغان ھەدىستە: ئۆمەر ئىبنى خەتتاپ رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ھەپسە رەزىيەللاھۇ ئەنھا ئېرى خۇنەيس ئىبنى ھۇزاپىدىن تۇل قالغاندا (يەنى ئېرى ۋاپات بولۇپ كەتكەن)، ئۇ كىشى پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ ساھابىلىرىدىن بەدىر ئۇرۇشىغا ھازىر بولغان كىشى ئېدى، مەدىنىدە ۋاپات بولغان.

ئۆمەر ئىبنى خەتتاپ رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ : «مەن ئوسمان ئىبنى ئەپۋان رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ بىلەن ئۇچرىشىپ ئۇنىڭغا ھەپسە بىلەن توي قىلىش تەكلىپىنى بەردىم ۋە خالىساڭ ئۆمەرنىڭ قىزى ھەپسەنى ساڭا نىكاھلاپ قوياي دېدىم، ئوسمان : مەن ئىشلىرىمغا قاراپ ئۇچۇر بېرەي دېدى.  بىر قانچە كۈندىن كېيىن:  مەن بۇ  كۈنلەردە توي قىلماي تۇراي دېگەن قارارغا كەلدىم دېدى.  ئۆمەر ئىبنى خەتتاپ رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ:  مەن ئەبۇ بەكرى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ بىلەن ئۇچرىشىپ ئۇنىڭغا:  ھەپسە بىلەن توي قىلىش تەكلىپىنى بەردىم ۋە خالىساڭ ئۆمەرنىڭ قىزى ھەپسەنى ساڭا نىكاھلاپ قوياي دېدىم، ئەبۇ بەكرى لام-جىم دېمىدى ۋە ھېچ بىر جاۋاپ قايتۇرمىدى، كۆڭلۈمدە ئوسمانغا خاپا بولغاندەك، ئۇنىڭغىمۇ خاپا بولدۇم، بىر قانچە كۈن تۇردۇم، ئاندىن پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ھەپسە بىلەن توي قىلىش تەكلىپىنى قىلدى ۋە مەن ئۇنى پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامغا نىكاھلاپ قويدۇم، ئۇنىڭدىن كېيىن ئەبۇ بەكرى مەن بىلەن كۆرۈشۈپ:  سەن ئۆتكەندە ھەپسە بىلەن توي قىلىش تەكلىپىنى ئېيتقان ئىدىڭ، مەن ساڭا جاۋاپ بەرمىگەندە سەن بەلكىم مەندىن خاپا بولدۇڭ؟ دېدى، مەن :  شۇنداق دېدىم، ئەبۇ بەكرى: مەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ھەپسەنىڭ گېپىنى قىلغانلىقىنى بىلگەنلىكىم ئۈچۈن ساڭا جاۋاپ بەرمىگەن ئېدىم، شۇنىڭ بىلەن پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ سىرىنى ئاشكارىلىمىدىم، ئەگەر پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام سۆز قىلمىغان بولسا ئېدى، مەن ئەلۋەتتە بۇنى قوبۇل قىلاتتىم دېدى». [ بۇخارى رىۋايىتى 4005 -ھەدىس].

5-زەينەپ بىنتى خۇزەيمە رەزىيەللاھۇ ئەنھا.  پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئۇنىڭ بىلەن ھىجرەت قىلىپ ئوتتۇز بىر ئايدىن كېيىن رامىزاندا توي قىلغان. [ ئىبنى سەئەدنىڭ” تەبەقات”  8 -توم 115 -بەت].

6-ئۇممۇ سەلەمە بىنتى ئەبى ئۇمەييە رەزىيەللاھۇ ئەنھا.  ئۇممۇ سەلىمە رەزىيەللاھۇ ئەنھا مۇنداق دەيدۇ: مەن پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى ئاڭلىغان: «ھەر قانداق بىر كىشىگە مۇسىبەت يەتكەندە، بىز ئاللاھ ئۈچۈن، ئاللاھنىڭ تەرىپىگە قايتىمىز، ئى ئاللاھ!  مېنىڭ بۇ مۇسىبىتىمگە ماڭا ئەجىر بەرگىن، ماڭا ئۇنىڭدىن ياخشىراق بىر ئىشنى ئورۇن باسار قىلىپ بەرگىن دېسە، ئاللاھ تائالا ئۇ كىشىنىڭ بۇ مۇسىيبىتىگە ئەجىر-ساۋاپ بېرىدۇ، ئۇ كىشىگە مۇسىبەت يەتكەن نەرسىدىن ياخشىراق نەرسىنى ئىز باسار قىلىپ بېرىدۇ، مەن يولدىشىم ئەبۇ سەلىمە ۋاپات بولغاندا پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام بۇيرىغان بۇ سۆزلەرنى دېدىم. ئاللاھ تائالا ماڭا ئەبۇ سەلىمەدىن ياخشى بولغان پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنى ئىز باسار قىلىپ بەردى». [مۇسلىم رىۋايىتى 918-ھەدىس].

يەنە بىر رىۋايەتتە: «ئەبۇ سەلەمە ۋاپات بولغاندا مەن كۆڭلۈمدە:  پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ھەمراھى بولغان ئەبۇ سەلەمەدىن ياخشىراق كىم بولا؟دەپ ئويلاپ، ئاندىن كەسكىنلىك بىلەن ئاللاھقا دۇئا ئىلتىجا قىلىپ بۇ دۇئانى قىلدىم، ئاندىن پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام بىلەن توي قىلدىم».

7-جۇۋەيرە بىنتى ھارىس رەزىيەللاھۇ ئەنھا.  جۇۋەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھا بەنى مۇستەلەق غازىتىدا مۇسۇلمانلارغا ئەسىرگە چۈشكەن، ئۇ ئانىمىز پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ يېنىغا كېلىپ ئۆزىنىڭ قۇللۇقتىن ئازاد بولىشى ئۈچۈن قىلىشقان توختامىغا ياردەم بېرىشنى تەلەپ قىلغان، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئۇنىڭغا:  قۇللۇقتىن ئازاد قىلىپ، قەرزنى تۆلەش ۋە توي قىلىش تەكلىپىنى قويغان، ئۇنى قوبۇل قىلغان، شۇنىڭ بىلەن پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئۇ ئانىمىزنىڭ تويلۇق مېھرىنى ئازاد قىلىش ھەققى قىلىپ توي قىلغان. ساھابىلار بۇ خەۋەرنى بىلگەن ۋە ئاڭلىغاندىن كېيىن پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ قۇدا بولغانلىقىنى ئېھتىرام قېلىپ ھەممىسى قوللىرىدىكى ئەسىرلەرنى ئازاد قىلىۋەتكەن، ئۆز قەۋمى-يۇرتلۇقلىرىغا بۇ ئانىمىزدىنمۇ بەرىكەتلىك بولغان بىر ئايال بولمىدى”.      [ئىبنى ئىسھاق ھەسەن ئىسناد بىلەن رىۋايەت قىلغان.  سىيرەتى ئىبنى ھىشام 3 -توم 408-409 -بەتلەر].

8-زەينەپ بىنتى جەھش رەزىيەللاھۇ ئەنھا.  بۇ ئانىمىز توغرىسىدا ئاللاھ تائالا بۇ ئايەتنى نازىل قىلغان: ﴿فَلَمَّا قَضَى زَيْدٌ مِنْهَا وَطَرًا زَوَّجْنَاكَهَا لِكَيْ لا يَكُونَ عَلَى الْمُؤْمِنِينَ حَرَجٌ فِي أَزْوَاجِ أَدْعِيَائِهِمْ إِذَا قَضَوْا مِنْهُنَّ وَطَرًا﴾‏ تەرجىمىسى: «ئۆز ۋاقتىدا سەن، ئاللاھ نېمەت بەرگەن، سەنمۇ ئىنئام قىلغان كىشىگە: خوتۇنۇڭنى نىكاھىڭدا تۇتقىن، ئاللاھدىن قورققىن! دېدىڭ، ئاللاھ ئاشكارىلىماقچى بولغان نەرسىنى كۆڭلۈڭدە يوشۇردۇڭ، كىشىلەرنىڭ تەنە قىلىشىدىن قورقتۇڭ، ئاللاھدىن قورقۇشۇڭ ئەڭ ھەقلىق ئىدى. مۆمىنلەرگە ئۇلارنىڭ بالا قىلىۋالغان ئوغۇللىرىنىڭ قويۇپ بەرگەن خوتۇنلىرىنى نىكاھلاپ ئالسا گۇناھ بولماسلىقى ئۈچۈن، زەيد ئۇنى (يەنى زەينەبنى) قويۇۋەتكەندىن كېيىن ساڭا نىكاھلاپ بەردۇق، ئاللاھنىڭ (سېنىڭ زەينەبنى ئېلىشىڭ توغرىسىدىكى) ئەمرى چوقۇم ئورۇنلىنىدۇ». [سۈرە ئەھزاپ 37 -ئايەت].

بۇنىڭ بىلەن زەينەپ رەزىيەللاھۇ ئەنھا پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ باشقا ئاياللىرىغا پەخىر قىلىپ مۇنداق دەيتتى: «سىلەرنىڭ تويۇڭلارنى ۋە نىكاھىڭلارنى ئائىلەڭدىكىلەر قىلغان بولسا، مېنىڭ نىكاھىمنى ئاللاھ تائالا يەتتە قات ئاسماننىڭ ئۈستىدە قىلغان».[ بۇخارى رىۋايىتى 7420 -ھەدىس].

9- ئۇممۇ ھەبىيبە بىنتى ئەبى سۇپيان رەزىيەللاھۇ ئەنھا.  ئۇرۋە ئۇممۇ ھەبىبە رەزىيەللاھۇ ئەنھادىن بايان قىلغان ھەدىستە: «ئۇممۇ ھەبىبە ئۇبەيدۇللاھ ئىبنى جەھشنىڭ ئايالى بولۇپ، ئۇ كىشى ھەبەشىستان زېمىنىدا ۋاپات بولغان، شۇنىڭ بىلەن ئۇممۇ ھەبىبەنى ھەبەشىستان پادىشاھى نەجاشى پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامغا نىكاھلاپ قويغان، تويلۇق مېھرى ئۈچۈن تۆت مىڭ دىرھەم بەرگەن، ئاندىن ئۇنى شۇرەھبىل ئىبنى ھەسەنەگە قېتىپ ھەبەشىستاندىن پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ يېنىغا مەدىنىگە ئەۋەتكەن».  [ئەبۇ داۋۇد رىۋايىتى 2107 -ھەدىس. ئەلبانى سەھىھ دېگەن. ]

10-مەيمۇنە بىنتى ھارىس رەزىيەللاھۇ ئەنھا.  ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلغان ھەدىستە: «پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مەيمۇنە رەزىيەللاھۇ ئەنھا بىلەن ئېھراملىق ھالەتتە توي قىلغان». [بۇخارى رىۋايىتى 1837 -ھەدىس. مۇسلىم رىۋايىتى1410-ھەدىس].

ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ ئېھراملىق ھالەتتە توي قىلدى دېگەن سۆزى خاتا بولۇپ، توغرىسى: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ھۇدەيبىيەنىڭ قازا ئۆمرىسىنى قىلىپ بولۇپ ئېھرامدىن چىققاندىن كېيىن توي قىلغان. [ “زادىل مىئاد”  1 -توم 113 -بەت .  “پەتھۇل بارى” 5114 – نومۇرلۇق ھەدىسكە قارالسۇن].

11-سەپىيە بىنتى ھۇيەي ئىبنى ئەختەب رەزىيەللاھۇ ئەنھا. «پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام خەيبەر غازىتىدىن كېيىن ئۇنى ئازاد قىلىپ ئۇنىڭ بىلەن توي قىلغا». [بۇخارى رىۋايىتى371-ھەدىس].

“يۇقىرىدا بايان قىلىنغانلىرى پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ بىر ياستۇققا باش قويۇپ بىرگە ياشىغان ئاياللىرى، ئۇلاردىن ئىككىسى: خەدىچە ئانىمىز ۋە زەينەپ بىنتى خۇزەيمە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇلار پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ھايات ۋاقتىدا ۋاپات بولغان. ئالىملارنىڭ ئىتتىپاقى بىلەن پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام دۇنيادىن كەتكەندە توققۇز ئايالى  ھاياتتا ئېدى”. [ “زادىل مىئاد”  1 -توم 105-114 -بەتلەرگە قارالسۇن].

بەزىلەر: رەيھانەتە بىنتى ئەمىر نەزەرىيەنى ياكى قۇرەزىيەنىمۇ پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ ئايالى، ئۇ بەنى قۇرەيزە غازىتىدا ئەسىرگە چۈشكەن بولۇپ، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئۇنى ئۆزىگە تاللاپ ئازاد قىلىپ توي قىلغان ئاندىن تالاق قىلىۋەتكەن ئاندىن يېنىشىۋالغان دەيدۇ. [“تەبەقات”  8 -توم 130 -بەتتە ئىبنى سەئەد ۋاقىدىدىن رىۋايەت قىلغان].

بەزىلەر:  ئۇنىڭ ئىسمى ئامىنە بولۇپ پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئۇنىڭ دېدەك بولغانلىقى ئۈچۈن ئۇنىڭغا يېقىنچىلىق قىلغان دەيدۇ.  ئىبنى قەييىم “زادىل مىئادتا” بۇ قاراشنى كۈچلەندۈرىدۇ.

ھەممىدىن توغرىنى ئاللاھ تائالا ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى